ۋاڭيى تورىنىڭ 10-مارت خەۋىرى: كەلگۈسىدە «چۇڭچىڭ-شىنجاڭ-ياۋروپا» لىنىيەسىدە چۇڭچىڭدىن تۈركىيەگە بىۋاسىتە نۆۋەتچى پويىز قاتنىشى مۇمكىن. يېقىندا ھەمكارلىقنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، قازاقىستان تۆمۈر يول باش شىركىتى ئۆمەك تەشكىللەپ چۇڭچىڭغا كەلدى. چۇڭچىڭ سودا گېزىتى مۇخبىرىنىڭ شەھەرلىك ئىقتىساد ئۇچۇر كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىم ئىككى تەرەپ تۆت جەھەتتىن چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ «چۇڭچىڭ شىنجاڭ ياۋروپا» لىنىيەسىدە ھەمكارلىشىشىدا ئورتاق پىكىرگە كەلدى. بۇ تۆت تەرەپ تىرانسپورت توشۇش ھەققىنى تۆۋەنلىتىش، بىرلىشىپ چۇڭچىڭدىن ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىياغا قاتنايدىغان ئەشيا ئوبوروتى يولىنى ئېچىش، ئىككى تەرەپ بىرلىكتە تىرىشىپ چۇڭچىڭ تۈركىيە نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسىنى ئېچىش، قازاقىستان تۆمۈر يول باش شىركىتى چۇڭچىڭ شەھەرلىك ئەشيا ئوبوروتى مەركىزى بىلەن ھەمكارلىشىپ سىناق نۆۋەتچى پويىزنى يولغا قويۇش، چۇڭچىڭ، شىنجاڭ، ياۋروپا يېڭى لىنىيەسىنى تەتقىق قىلىپ چىقىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. كەسىپ ئەھلىلىرىنىڭ قارىشىچە، چۇڭچىڭ تۈركىيە نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسىدە قاتناش باشلانسىلا، چۇڭچىڭ ئۈچۈن غەربىي ئاسىيا، ئوتتۇرا ئاسىيا سودا يولى ئېچىلىدىكەن.
تەرجىمىدە: ھاجىم