ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  مەملىكەت

قوراللىق تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسىدىكى جىنايەتچى قورالنى تاشلاپ تەسلىم بولدى

ۋاقتى : 2015-03-11  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق  

20150311073856366.jpg

جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 11-مارت خەۋىرى: 3-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى 10 دىن 07 مىنۇت ئۆتكەندە، ليۇئەن شەھىرى توقۇمۇچىلىق زاۋۇتى چوڭ كۆۋرۈكى ئەتراپىدا قوراللىق تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى. جىنايەت گۇماندارى قېچىش جەريانىدا ساقچىغا قارىتىپ ئوق ئېتىپ، يولدىن ئۆتۈۋاتقان ئىككى ئوتتۇرا ياشلىق ئايالنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. نۆۋەتتە يارىدارلا دوختۇرخانىدا قۇتقۇزىلىۋاتقان بولۇپ، يارا ئەھۋالى تۇراقلاشقان.
ئىگىلىنىشىچە، ۋەقە ليۇئەن شەھىرى گاۋچېڭ يولى چوڭ كۆۋرىكىدە يۈز بەرگەن بولۇپ، شۇ ۋاقىتتا ساقچى ئاپتوموبىلى بىر كۈلرەڭ مىنىبۇسنى قوغلىغان؛ جىنايەتچى ساقچىلار تەرىپىدىن توختىتىلغاندىن كېيىن، جىنايەت گۇماندارى ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپ بىر ئۈچ چاقلىق ۋېلسىپىتنى گۆرۆگە ئېلىۋالغان، ۋېلىسىپىت مىنگەن ئايال يارىلانغان، جىنايەت گۇماندارى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قېچىپ كەتكەن.
قورال تۇتۇپ باشقىلارنى تۇتقۇن قىلغان جىنايەت گۇماندارى ليۇئەن شەھىرى گاۋچېڭ يولى كۆۋرۈكىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى بىر تورخانىغا كىرىۋالغان. قوراللىق ساقچى، ئالاھىدە ساقچى، قاتناش ساقچىسى، جىنايى ئىشلار ساقچىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى يېتىپ كېلىپ، ئەتراپنى قورشىغان. مەرگەنلەر تورخانىنىڭ ئەتراپىدىكى ئېگىز بىنالارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
ليۇئەن ساقچىلىرىنىڭ بېيجىڭ ۋاقتى 18 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندىكى ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، سەككىز سائەتلىك تىركىشىشتىن كېيىن، قوراللىق تۇتقۇن قىلش ۋەقەسىدىكى تۇ فامىلىلىك (屠某) جىنايەت گۇماندارى ساقچىلار ۋە ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلەرنىڭ نەسىھەت قىلىشى نەتىجىسىدە ئاكتىپلىق بىلەن تۇتقۇن قىلىنغۇچىنى قويۇپ بېرىپ، قورالنى تاشلاپ تەسلىم بولۇپ، تورخانىدىن مېڭىپ چىققان، ئۇنىڭدىن كېيىن ليۇئەن ساقچىلىرى ئۇنى تېز سۈرئەتتە كونترول قىلغان. شۇنىڭ بىلەن 3.11 قوراللىق تۇتقۇن قىلىش دېلوسى مۇۋەپپەقىيەتلىك بىر تەرەپ قىلىنغان.
تەرجىمىدە: ھاجىم
 

ئېلان ئورنى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2015 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备13003402号-1

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا