ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  مەملىكەت

جوڭگۇنىڭ ھەربىي ئىشلار راسخوتىنىڭ ئېشىشى دۇنيا بۇيىچە 2- ئورۇندا تۇرىدىكەن

ۋاقتى : 2015-03-09  مەنبەسى : chinanews.com  يوللىغۇچى : ئەمەتجان  

armyofc.gif

ئانا تۇپراق تورى تەرجىمىسى: رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ئۇچۇر مۇلازىمەت جەمئىيىتىنىڭ مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىسى جەھەتتىكى يۇقىرى دەرىجىلىك مۇلاھىزىچىسى  Craig Caffrey نىڭ قارىشىچە، جۇڭگونىڭ ھەربىي ئىشلار جەھەتتىكى راسخوتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى رۇسىيەدىن قالسىلا 2- ئورۇندا تۇرىدىكەن، ئەمما جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئۇمۇمىسىغا سېلىشتۇرغاندا، جۇڭگونىڭ ھەربىي ئاشلار راسخوتى بەك كۆپ ھېسابلانمايدىكەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى بويىڭ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى جۇڭگونىڭ دۆلەت مۇداپىئە راسخوتى %10 ئەتراپىدا ئاشىدۇ، بىز دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە قوشۇننى زامانىۋىلاشتۇرىمىز دەيدىكەنمىز، چوقۇم بەلگىلىك دەرىجىدىكى ھەربىي ئىشلار راسخوتىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.
2014- يىلى جۇڭگونىڭ ھەربىي ئىشلار راسخوتىنى ئېشىشى %12.2 بولۇپ، ئۇمۇمىسى 132 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. 2013- يىلى %10.7 ئاشقان، 2012- يىلى ۋە 2011- يىلى ئايرىم ھالدا %11.2 ۋە %12.7 ئاشقان.
Craig Caffrey مۇنداق دېگەن: گەرچە جۇڭگو جاكارلىغان ھەربىي ئىشلار راسخوتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئۆتكەن يىللارغا قارىغاندا ئاستىلىغان بولسىمۇ، ئەمما ھەربىي ئىشلار راسخوتى يىلسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ. 2015- يىلىدىكى ھەربىي راسخوتى كۆپەيگەن 20 دۆلەتنىڭ ئىچىدە، جۇڭگونىڭ ھەربىي ئىشلار راسخوتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى پەقەت رۇسىيەنىڭ ئارقىسىدىلا تۇرىدۇ. 2015- يىلىدىكى ھەربىي راسخوت 2008 – يىلىدىكىدىن بىر ھەسسە قاتلاندى.
ئۇ تۇلۇقلاپ مۇنداق دېدى: گەرچە جۇڭگونىڭ ھەربىي راسخوتى يىلسېرى ئېشىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى كۆلىمى ۋە دۇنيادىكى ئورنىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا يەنىلا تۆۋەن ھېسابلىنىدۇ، ئومۇمىي جەھەتتىن جۇڭگونىڭ ھەربىي ئىشلار راسخوتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بىلەن ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئۆز- ئارا ماس كېلىدۇ.

ئېلان ئورنى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2015 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备13003402号-1

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا