
شىنخۇا تورى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى ئانا تۇپراق تورى تەرجىمىسى :
2015-يىلى 3-ئاينىڭ15-كۈنى تېلگراممىسى ، شۈ سەي خوۋ دوۋساق راكىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا بېرىپ قالغانلىقتىن بەدىنىدە ئۆزگىرىش بولغان ۋە ئەزالىرى زەئىپلىشىپ كەتكەن بولۇپ ، دوختۇرخانىدا داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان . ھەربىي تەپتىش مەھكىمىسى ئەرز قىلماسلىقنى قارار قىلغان ، بىراق پارا ئېلىشقا چېتىشلىق گۇمانى بولغاچقا قانۇن بويىچە بىرتەرەپ قىلىنىدىكەن .

شۈ سەيخوۋ ، ئەر ، خەنزۇ ، 1943-يىلى لياۋنىڭ ۋافاڭدىيەندە تۇغۇلغان ، 1971-يىلى 4-ئايدا
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن ، 1963-يىلى 8 -ئايدا ھەربىي سەپكە كىرگەن ، خاربىن ھەربىي قۇرۇلۇش ئىنستىتۇتىنىڭ ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى فاكۇلتىتىنى پۈتتۈرگەن ، ئالى مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە . گېنىراللىق ھەربىي ئۇنۋانى ئالغان 2014-يىلى 3 -ئاينىڭ 15 -كۈنى ، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان دېگەن گۇمان بىلەن تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلغان . 2014 -يىلى 6 -ئاينىڭ 14 -كۈنى مەركىزى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدا شۈ سەيخوۋنى پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىشنى قارار قىلغان ، ھەمدە پارا ئېلىشقا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللىرىنى يۇقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ھوقۇق بەرگەن ھەربىي ئىشلار تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇلغان 2014 -يىلى10-ئاينىڭ 27 -كۈنى ھەربىي ئىشلار تەپتىش مەھكىمىسى شۈ سەيخوۋنى ئەيىبلىگەن . ھەمدە 2013 -يىلى 2 -ئايدا شۈ سەيخوۋغا دوۋساق راكى دەپ دىياگنوز قويۇلغانلىقى ، كۆپ مەزگىل داۋالاش قوبۇل قىلغانلىقى تەڭلا خەۋەر قىلىنغان .

2012-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى ، يولداش خۇجىنتاۋ
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى ،
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كوممۇتېتى كېڭەيتىلگەن يىغىنىغا قاتناشقان كونا يېڭى باشلىقلار بىلەن چۈشكەن ئوپچى رەسىم . ئالدىنقى رەت ئوڭدىن 5 -كىشى شۈسەيخوۋ .
2010-يىلى 3-ئاينىڭ 3 -كۈنى چۈشتىن كېيىن ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 11 -نۆۋەتلىك 3 -ئومۇمىي يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا چاقىرىلدى . بوشىلەي ، شۈسەيخوۋ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى .

2010-يىلى 3- ئاينىڭ 3- كۈنى چۈشتىن كېيىن ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 11 -نۆۋەتلىك 3 -ئومۇمىي يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا چاقىرىلدى . بوشىلەي ، شۈسەيخوۋ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى . 2012 -يىلى 3 -ئاينىڭ5 -كۈنى ، 11 -نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 -ئومۇمىي يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى ، رەسىمدىكىسى بوشىلەي ، شۈسەيخوۋ .
2012-يىلى 3-ئاينىڭ13- كۈنى سەھەر ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 11- نۆۋەتلىك5 -ئومۇمىي يىغىنىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى . رەسىمدىكىسى بوشىلەي ، شۈسەيخوۋ .
2003-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى ،
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزى شۇجىچۇڭنىڭ ۋاقىتلىق شۇجىسى ،
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ،
جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى سىياسىي بۆلۈمنىڭ مۇدىرى شۈسەيخوۋ باشچىلىقىدىكى
جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ھەربىي كوللېكتىپى چاۋشيەننى زىيارەت قىلغان ھەمدە كىم جۇڭئىل بىلەن كۆرۈشكەن .