ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  مەملىكەت

تېنىچ ئوكياندا يېڭى بىر ئارال پەيدا بولدى

ۋاقتى : 2015-03-13  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئەمەتجان  

huosan2.gif

 ئانا تۇپراق تورى تەرجىمىسى: قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز قىياپىتىنىڭ ئۆزگىرىشى ئادەتتە ئاز دېگەن نەچچە مىليون يىللارنى باشتىن كەچۈرىدۇ، بىر ئارالنىڭ شەكىللىنىشىگىمۇ ناھايىتى كۆپ ۋاقىت كېتىدۇ. ئەمما ئۆتكەنكى قىسقىغىنە ئۈچ ئاي ئىچىدە، تېنىچ ئوكياندىكى ئارال دۆلەت تونگانىڭ ئەتراپىدىكى دېڭىز يۈزىدە يېڭى بىر ئارال پەيدا بولۇپ شەكللەنگەن، كەڭ تەبىئەتنىڭ ئاجايىپ قۇدرىتى دۇنيانى يەنە بىر قېتىم ھەيران قالدۇردى.

huosan3.gif

بۇ يىل بىرىنچى ئايدا، ئارال دۆلەت تونگانىڭ ئەتراپىدىكى دېڭىز ئاستىدىكى يانار قاتتىق پارتىلاپ، ماگمىلار شىددەت بىلەن ئېتىلىپ چىققان، ئەسلىدە ناھايىتى ئاددى بىر يەر قەۋىتى ھەرىكىتى دەپ قارالغان بۇ ھادىسىدە تېنىچ ئوكياندا بىر ئارال شەكىللەنگەن. بۇ جەريانلارنى ئىككى ئادەم خاتىرىلىۋالغان.

پۈتۈن ئارال يانار تاغ داشقىلىدىن تەركىب تاپقان، ئۇ يانار تاغ تاشلىرى كۆيۈپ بولغاندىن كېيىن ھاسىل بولغان، ئەسلىدە سۇيۇق ھالەتتىكى ماگمىلار دېڭىز سۈيى بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن قېتىشىپ دۆۋىلىنىپ، بۇ ئارالنى شەكىللەندۈرگەن، دەل مۇشۇنداق شەكىللەنگەن بولغاچقا، ئارالدا نۇرغۇن كىچىك كۆللەر بار ئىكەن.

بۇ ئارالنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 1.8 كىلومىتىر، كەڭلىكى تەخمىنەن 1.5 كىلومىتىر بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 100 مىتىر ئەتراپىدا كېلىدىكەن.

ئەمما ئادەمنى ئەندىشىگە سالىدىغان ئىش شۇكى، بۇ ئارال تېخى پۈتۈنلەي شەكىللىنىپ بولۇنمىغاچقا، يەر يۈزى تېمپىراتۇرىسى ناھايىتى يۇقۇرى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەر قاتلىمى ناھايىتى يۇمشاق بولغاچقا، دېققەت قىلمىسىلا پېتىپ قېلىپ چىقالماسلىقى مۇمكىن. بۇ ئارالنى بايقىغۇچىمۇ ساياھەتچىلەرنى ئارالغا چىقماسلىققا ئاگاھلاندۇرغان.

huosan1.gif

ئالىملار مۇنداق دېيىشتى: گەرچە بۇ رايۇننىڭ دېڭىز ئاستىدىكى يانار تاغ پائالىيەتلىرى كۆپ كۆرىلىدىغان بولسىمۇ، ئەمما دېڭىز ئاستىدىن 4500 مىتىر چۇڭقۇرلۇقتىكى يانار تاغنىڭ قىسقىغىنە نەچچە ئاي ئىچىدە بۇنچە چوڭ ئارالنى شەكىللەندۈرۈشى ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ، تەبىئەتنىڭ زور كۈچىنى ھەقىقەتەن تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ.

گەرچە بۇ مەنزىرىنى شەكىللەندۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئەتراپتا بۇرۇن بار بولغان ئاراللار تالاپەتكە ئۇچرىغان، يانار تاغ كۈللىرى ئىككى كىچىك ئارالدىكى ئۆسۈملۈكلەرنى كۆمۈۋەتكەن.

 

ئېلان ئورنى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2015 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备13003402号-1

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا