تۈركىيەدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان پارتىيەنىڭ قانۇن تۇرغۇزۇش كومېتىتى يېقىندا: « تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ يېڭى ئاساسىي قانۇن توغرىسىدىكى مۇھاكىمىسى قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ قالدى » دېدى. بۇ دۆلەت بۇ قېتىم ئارمىيە دائىرىلىرى تۈزۈپ چىققان يېڭى قانۇنغا تۈزۈتۈش كىرگۈزۈپ، دېموكراتىك قىممەت قارىشىنى ئاساسىي قانۇننىڭ قوغدىشىغا ئېرىشتۈرمەكچى بولغان ئىدى.
خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، تۈركىيە ئارمىيىسىنىڭ 1980-يىلىدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشى مۇۋەپپىقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن، ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزگەن. تۈركىيە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى: «گەرچە ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش زۇڭتۇڭ ئەردوغاننىڭ بۇ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدە تاماملاشقا ۋەدە بەرگەن ئىشى بولسىمۇ، بىراق 2015-يىلىدىكى زۇڭتۇڭ سايلىمىدىن ئىلگىرى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ بولالمايدىغان ئوخشايدۇ» دېدى.
بەزى تەھلىلچىلەر مۇنداق دېيىشتى :« ئەردوغان ئۇدا 11 يىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزدى، ئۇ ئەمدى زۇڭتۇڭ سايلىمى يېتىپ كېلىشىدىن ئىلگىرى، ئامېرىكىچە زۇڭتۇڭ تۈزۈمىنى كىرگۈزمەكچى بولىۋاتىدۇ». ئېيتىشلارغا قارىغاندا، جەمئىي 550 ئورۇنغا ئىگە بولغان تۈركىيە پارلامېنتىدىكى بىر نەچچە پارتىيە 2011-يىلىدىن باشلاپلا، ئارمىيە دائىرىلىرى تۈزىتىش كىرگۈزگەن ئاساسىي قانۇننىڭ مەزمۇنىغا قايتىدىن تۈزىتىش كىرگۈزمەكچى بولغان، لېكىن ئىشلار كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان. مۇتەخەسسىسلەر :«ھازىر سايلام يېقىنلىشىپ قالغاندا، ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش تېخىمۇ تەس بولىدۇ» دېيىشكەن.