
خەۋەردە دېيىلىشىچە، يەنە نەچچە ئايدىن كېيىن ئىراقتا سايلام بولىدۇ، ئەمما ئۆتكەن بىر ھەپتە ئىچىدىلا تەخمىنەن 200 ئادەم زوراۋانلىق ۋەقەسىدە ئۆلگەن. بۇنىڭ تەسىرىدە، باغداد قوراللىقلارغا قارشى تۇرۇشتا خەلقئارا جەمئىيەتتىن ياردەم تەلەپ قىلغان.
ئىراق ئەمەلدارىنىڭ دېيىشىچە، قوشنا دۆلەت سۇرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇش ئەل قائىد تەشكىلاتىنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈشىگە ھەمدە قوراللىقلارنىڭ ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىشىغا تېخىمۇ كۆپ بوشلۇق يارىتىپ بەرگەن.
24-نويابىر، ئىراقنىڭ شىمالدىكى شەھەر موسۇلدىكى بىر تېلۋېزىيە ئىستانسسىنىڭ مۇخبىرى ئەلا ئەدۋار ھۇجۇمغا ئۇچىراپ قازا قىلغان. ساقچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئېتىشىش ئەدۋار تۇرۋاتقان جايغا يېقىن يەردە يۈز بەرگەن..