ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

ئامېرىكا جۇڭگونىڭ شەرقىي دېڭىزدا ھاۋا مۇداپىئە رايونى قۇرغانلىقىنى ئەيىبلىدى

ۋاقتى : 2013-11-25  مەنبەسى : ئوكيان تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم

    روسىيە ئاخبارات تورىنىڭ 24-نويابر خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى جون كېررىي ۋە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خاگېل جۇڭگونىڭ شەرقىي جۇڭگو دېڭىزىدا ھاۋا مۇداپىئە رايونى قۇرغانلىقىنى ئەيىبلىگەن.
    كېررىي:«بۇ بىر تەرەپلىمە قارار شەرقىي جۇڭگو دېڭىزىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ئۆزگەرتىشنى مەقسەت قىلغان. بۇ ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان قىلمىش، پەقەتلا رايونلۇق ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىشىشىنى ۋە ۋەقە يۈز بېرىش خەۋپىنى ئاشۇرىدۇ» دېگەن.
    كېررىي ئامېرىكىنىڭ چەكلىمە قوللانمايدىغانلىقىنى ئېيتقان،
    ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى چاك خاگېل:«جۇڭگونىڭ باياناتى قانداقلا قىلسۇن ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر رايوندىكى ھەربىي ھەرىكىتىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ» دېگەن.
    ئامېرىكا ئاۋازى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، جۇڭگو دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى شەرقىي جۇڭگو دېڭىزىدا ھاۋا مۇداپىئە رايونى تەسىس قىلغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، ياپونىيە بېيجىڭغا قاتتىق ئېتىراز بىلدۈرگەن.
    ياپونىيە دىپلوماتىيە ۋازارىتى ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جۇنىچى ئىخارا 11-ئاينىڭ 23-كۈنى تېلېفون ئارقىلىق، جۇڭگونىڭ ياپونىيەدىكى ۋاقىتلىق ۋاكالەتچىسى خەن جىچىياڭغا ئېتىراز بىلدۈرگەن، جۇڭگو جاكارلىغان ھاۋا مۇداپىئە رايونىنى تامامەن قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
    جۇڭگو مۇداپىئە مىنىستىرلىكى 11-ئاينىڭ 11-ئاينىڭ 23-كۈنى تور بېتىدە بايانات ئېلان قىلىپ، يېڭى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، بۇ مۇداپىئە رايونىغا كىرگەن بارلىق ئايروپىلانلارنىڭ چوقۇم جۇڭگونىڭ ئالاقىدار دائىرلىرىگە ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. ئەگەر جۇڭگو دائىرلىرىگە سالاھىيىتىنى ئېيتمىسا ياكى بېيجىڭنىڭ بۇيرۇقىغا بوي سۇنمىسا، جۇڭگو ھەربىي تەدبىر قوللىنىدىكەن. باياناتتا يەنە يۇقىرىقى بەلگىلىمىنىڭ 11-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا