
شۇ جاي ۋاقتى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى، سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بىلەن قوزغىلاڭچى قوراللىق خادىملار دەمەشىقنىڭ شەرقىدىكى قوزغىلاڭچىلار كونترول قىلىپ تۇرغان رايوندا شىددەتلىك توقۇنۇشقان، 70 نەچچە ئادەم قازا قىلغان، ئاز دېگەندە 26 نەپىرى ئەركىن سۇرىيە ئارمىيىسىدىن، 18 نەپىرى ھۆكۈمەت ئارمىيىسىدىن ئىكەن.
باشقا خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، 5 مۇخبىر توقۇنۇشقا قازا قىلغان.

باش شتابى ئەنگلىيەدىكى سۇرىيە ئىنسانىي ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى دېيىشىچە، 11-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىلاڭچىلار كونتروللىقىدىكى رايونغا قارىتىلغان.
بومبا ھەلىب شەھىرىنىڭ تارىق ئەل-باب رايونىدىكى بىر سودا سارىيىغا چۈشۈپ، 14 ئادەم پارتلاپ قازا قىلغان. باشقا 15 ئادەم ئەل-باب بازىرىغا يېقىن جايدا يۈز بەرگەن ھاۋا ھۇجۇمىدا يۈز بەرگەن.
توردا ئېلان قىلىنغان فىلىمگە ئاساسلانغاندا، كىشىلەر ئۆرۈلۈپ چۈشكەن قۇرۇلۇشنى كولاۋاتقان بولۇپ، نەق مەيداندىن قويۇق ئىس كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان.

«ئوغرىلانغان كېلەچەك-سۇرىيە ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئۆلۈم-يېتىم ئەھۋالى» ناملىق دوكلاتنى ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقات ئەترىتى تاماملىغان بولۇپ، 11-ئاينىڭ 23-كۈنى دۆلەت مەبلىغىدىكى BBC تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.
دوكلاتتا 2011-يىلى 3-ئاينىڭ بېىشىدىن 2018-يىلى 8-ئايغىچە بولغان توقۇنۇشتىكى ئىستاتىستىكا ئۇچۇرى خاتىرلەنگەن.
دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، كۆپ قىسىم بالىلار ئۆزىنىڭ مەھەللىسىدە ھاۋا بومباردىمانى ياكى زەمبىرەك ئوقىدا پارتلاپ قازا قىلغان.
17 ياش ياكى 17 ياشتىن تۆۋەن بالىلاردىن جەمئىي 11420 بالا قازا قىلغان، 389 نەپىرى مەرگەننىڭ ئوقىدا ئۆلگەن.
دوكلاتتا دېيىلىشىچە، 764 نەپەر بالا سوتلانمايلا ئۆلۈم جازاسى دەرھال ئىجرا قىلىنغان، بوۋاقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 100 دىن ئارتۇق بالا قىيناپ ئۆلتۈرۈلگەن.