ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

مىسىر تۈركىيەنىڭ ئەلچىسىنى قوغلىۋەتكەنلىكىنى جاكارلىدى

ۋاقتى : 2013-11-24  مەنبەسى : ئوكيان تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم

    شىنخۇا تورىنىڭ 23-نويابر خەۋىرى: مىسىر 11-ئاينىڭ 23-كۈنى تۈركىيەنىڭ مىسىردا تۇرۇشلۇق ئەلچىسىنى قوغلىۋەتكەنلىكىنى ھەمدە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ دەرىجىسىنى تۆۋەنلەتكەنلىكىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى 23-نويابر ئۆچ ئېلىش تەدبىرى قوللىنىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
    تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى بايانات ئېلان قىلىپ، مىسىرنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسىنىڭ قارشى ئېلىنمايدىغان ئادەم ئىكەنلىكىنى ھەمدە تۈركىيە-مىسىر دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتىنى ۋەكىل دەرىجىسىگە تۆۋەنلەتكەنلىكىنى جاكارلىغان. باياناتتا:«بىز نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتىن ئازابلىنىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز. ئەمما ۋەقەنىڭ مەسئۇلىيىتىنى 'سىياسىي ئۆزگىرىش' ئارقىلىق تەختكە چىققان مىسىر ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك» دېگەن.
    تۈركىيە پرېزىدېنتى ئابدۇللاھ گۈل:«ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ نورمال يولغا قايتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. تۈركىيە ھۆكۈمىتى مىسىرنىڭ نۆۋەتتىكى ۋاقىتلىق بولۇشىنى، دېموكراتىيەنىڭ تېزراق ئەسلىگە كېلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ» دېگەن.
    تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەردوغاننىڭ مىسىرغا ئالاقىدار سۆزلىرىگە نارازى بولغانلىقتىن، مىسىر دائىرلىرى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى ئىككى دۆلەت دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتىنى ۋەكىل دەرىجىسىگە تۆۋەنلەتكەنلىكىنى، تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كېلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ھەمدە تۈركىيەنىڭ مىسىردا تۇرۇشلۇق ئەلچىسىنىڭ مىسىردىن كېتىشىنى تەلەپ قىلغان. مىسىرنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشنىڭ ئەلچىسى قاھىرەگە قايتىپ كەلگەن.
    ئەردوغان 11-ئاينىڭ 21-كۈنى روسىيەدە زىيارەتتە بولۇشتىن ئىلگىرى، مورسىنىڭ سوتتىكى مەيدانىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مىسىر دىپلوماتىيە مىنىستىرى بادر ئابدۇلئەتىي 11-ئاينىڭ 23-كۈنى بىلدۈرۈشىچە، ئەردوغاننىڭ مىسىر ئىچكى ئىشلىرى ھەققىدە قىلغان سۆزلىرى ھەقىقەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىكەن، مىسىر خەلقىنىڭ رايىغا خىرس قىلغانلىق، مىسىرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق ئىكەن.

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا