
ئالتە دۆلەت ب د ت دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى دائىملىق 5 دۆلەت بىلەن گېرمانىيەنى كۆرسىتىدۇ.
تەيۋەن مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا دۆلەت مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى خارف (Marie Harf ) بايانات ئېلان قىلىپ، دۆلەت كاتىپى كېررىي ياۋروپا ئىتتىپاقى دىپلوماتىيە سىياسىتى يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلى ئاشتون ۋە يىغىنغا قاتناشقان سۆھبەت ئۆمىكىدىن مەسلىھەت سورىغانلىقىنى، 11-ئاينىڭ 23-كۈنى جەنۋەگە بارىدىغانلىقىنى، ئىختىلاپنى ئازايتىشقا داۋاملىق ياردەملىشىپ، كېلىشىمگە يېقىنلىشىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
خارف 11-ئاينىڭ 23-كۈنى ئەتىگەندە مۇخبىرلار يىغىنىدا سۆز قىلىپ، گەرچە دۆلەت كاتىپى يىغىنغا ماڭغان بولسىمۇ، بۇئارقىلىق يىغىننىڭ نەتىجىسىنى پەرەز قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى، سۆھبەتنىڭ يەنىلا ئۆتكۈزۈلىۋاتقانلىقىنى، مۇھاكىمە قىلىدىغان مەسىلىلەرنىڭ يەنە بارلىقىنى، سۆھبەت كوللېكتىپىنىڭ تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.