•  جۇڭگودىكى تىللار ئىچىدە ئىشلىتىدىغان ئادەم سانى ئەڭ كۆپ بولغان 100تىل ئىچىدە ئۇيغۇر تىلى 98-ئۇرۇندا تۇرىدىكەن.

    1-ئۇرۇندا: خەنزۇتىلى ئۇمۇمى تىلى بۇلۇپ، 885مىليۇن ئادەم ئىشلىتىدىكەن.

    10-ئۇرۇندا: ۋۇتىلى (چاڭجىياڭنىڭ جەنۇبى ئېقىمىدىكى يەرلىكلەرنىڭ تىلى ) 77مىليۇن 175مىڭ ئادەم ئىشلىتىدىكەن .

    16-ئۇرۇندا گۇاڭدۇڭ تىلى بۇلۇپ، 66مىليۇن ئادەم ئىشلىتىدىكەن.

    21-ئۇرۇندا جەنۇبى فۇجىيەن تىلى بۇلۇپ، 49مىليۇن ئادەم ئىشلىتىدىكەن.

    22-ئۇرۇندا شەنشى تىلى بۇلۇپ،45  مىليۇن ئادەم ئىشلىتىدىكەن.

    بۇ تېما  بارخان بلوگى (http://kpul.blogbus.com) باشقۇرغۇچىسىنىڭ ماقۇللىقىنى ئالغاندىن كېيىن يۆتكەپ كېلىندى. ئىنكاس يازماقچى بولسىڭىز ماقالە ئەسلى مەنبەسىگە يېزىڭ.
    ماقالە ئەسلى مەنبەسى: http://kpul.blogbus.com/logs/31482309.html#cmt

  • مەن مەغلۇپ بولدۇم، مىنىڭ مەغلۇبىيتىم قايسى ۋاقىت، نىمە ئىش، نىمە سەۋەبتىن بولدى؟ خەنزۇ تىلى ئەپەندىم، مىنىڭ ئۆز مەغلۇبىيتىمنى خۇلاسىلىشىمگە يول قويغايسىز، باشقا مەخسىتىممۇ يوق، كونا خاماننى سورۇپمۇ يۈرمەيمەن ، پەقەت ئۆزۈمنىڭ قانداق چېكىنگىنىمنى سۆزلىسەملا بولدى.
    بىزنىڭ تۇنجى قىتىملىق«ئۇچرىشىش» ىمىز قايسى ۋاقىتتىن باشلانغان؟  بۇنىسى ئىنىق ئېسىمدە قالماپتۇ، ئىشقىلىپ ئۇچراشقاندىن تارتىپ تا بۈگۈنگىچە سىز ماڭا ھەرقايسى جەھەتلەردىن ئاز - تولا «ھوجۇم» قىلىپ تۇردىڭىز. بۇ ھۇجۇمىڭىز يىقىنقى نەچچە ئون يىل مابەينىدە ھەسسىلەپ كۈچەيدى، ھەم ئوبدانلا ئۈنۈمى بولدى. مانا ئەمدىلىكتە ئىككىمىزنىڭ ئىناۋىتى ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا ئاساسەن تەڭلەشتى، ھەتتا مەن چىكىنىشكە قاراپ ماڭدىم. سىزنىڭ كۈچلۈك زەربىڭىز ئاسىتىدا مىنىڭ پۈتۈن بەدىنىم جاراھەت بىلەن توشتى.

    بۇ تېما ۋارىس ئۇيغۇر بلوگى (http://dilxatks.blogbus.com) باشقۇرغۇچىسىنىڭ ماقۇللىقىنى ئالغاندىن كېيىن يۆتكەپ كېلىندى. .
    ماقالە ئەسلى مەنبەسى: http://dilxatks.blogbus.com/logs/34370222.html