دۇنيادىكى تىللار
[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]ھازىر دۇنيادا ئىشلىتىلىۋاتقان تىل: 6912
يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان تىل: 516
ئانا تىل سۆزلەشكۈچىلىرى ئەڭ كۆپ تىل: خەنزۇ تىلى
ئانا تىل بولمىغان سۆزلەشكۈچىلىرى ئەڭ كۆپ تىل: ئىنگلىز تىلى بولۇپ، تەخمىنەن 250 مىليوندىن 350 مىليونغىچە سۆزلەشكۈچىلىرى بار.
كۆپ تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەت: پاپۇئا يېڭى گىۋىنىيە (820 خىلدا سۆزلىشىدۇ)
مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 100 مىڭ يىلدىن بۇيان پەيدا بولغان تىل
يېزىقى شەكىللەنگەن تىل: سۇمارىيان ياكى مىسسىرلىقلار تىلى (مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 3200)
يېزىقى شەكىللەنگەن بۇيان ھازىرغىچە مەۋجۈت بولغان تىل: خەنزۇ ياكى گىرىك يېزىقى (مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 1500)
سۆز-ئىبارە ئەڭ كۆپ تىل: ئىنگلىز تىلى بولۇپ، تەخمىنەن 250 مىڭ تۈپ سۆز بار.
سۆز-ئىبارە ئەڭ ئاز تىل: تاكى تىلى بەزىدە سرانان تىلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، تەخمىنەن 340 تۈپ سۆز بولۇپ، ئىنگلىز تىلى ئاساسىدا سۆزلىشىدۇ، نوپۇسى 120 مىڭ بولۇپ، جەنۇبىي ئامېرىكىدا.
ھەرپلىرى ئەڭ كۆپ تىل: قىمېر تىلى بولۇپ، ئۇنىڭدا 74 ھەرپ بار، كامبودىژانىڭ ھۆكۈمەت يېزىقى، 12 مىليون سۆزلەشكۈچىلىرى بار.
ھەرپلىرى ئەڭ ئاز تىل: روتوكاس يېزىقى بولۇپ، ئېلىپبەسىدە 12 ھەرپ بار، شەرقىي پاپۇئادا تەخمىنەن 4300 سۆزلەشكۈچىلىرى بار.
تاۋۇش ئەڭ ئاز تىل: روتاكاس تىلىدا 11 تاۋۇش بار.
تاۋۇش ئەڭ كۆپ تىل: !Xóõ تىلىدا 112 تاۋۇش بار بولۇپ، ئافىرىقدا 4200 سۆزلەشكۈچىسى بار.
سوزۇق تاۋۇش ئەڭ ئاز تىل: روتوكاس يېزىقى، 6 سوزۇق تاۋۇش
سوزۇق تاۋۇش ئەڭ كۆپ تىل: Ubyx يېزىقى، 81 سوزۇق تاۋۇش
ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان تىل: ئىنگلىز تىلى
قائىدىسىز پېئىل يوق تىل: ئېسپېرانتو
ئوسكار مۇكاپاتىغا ئەڭ كۆپ ئېرىشكەن تىل: ئىتالىيە تىلىدا ئىشلەنگەن كىنولار
ئەڭ كۆپ تەرجىمە قىلىنغان ھۆججەت: ئىنسان ھوقۇقى خىتابنامىسى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن 1948-يىلى يېزىلغان بولۇپ، 321 تىل ۋە دىيالېكتلارغا تەرجىمە قىلىنغان.
دۇنيادىكى تىللاردا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلگەن ئۈزۈك تاۋۇش ھەرپلىرى: p، t، k، m، n
ئىنگلىز تىلىدىكى ئەڭ ئۇزۇن سۆز: 45 ھەرپ.
pneumonoultramicroscopicsilicovolcanoconiosis
تەرجىمىدە پايدىلانغان مەنبە:
http://www.vistawide.com/languages/language_statistics.htm
ئۇيغۇر تىلىدىكى ئەڭ ئۇزۇن سۆز قايسى؟
مېنىڭ كۆزىتىشىمىچە مەن بايقىغان ئەڭ ئۇزۇن سۆز – ئىتتىپاقسىزلاشتۇرالايدىغانلىقىڭلاردىنمۇ (جەمئىي 38 ھەرپ) بولۇپ، بۇنى مەن 2001-يىلى 7-ئايدا بايقىغان ئىدىم.
- يازما كۆرۈلۈشى: 11,005 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2011-يىلى 07-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 16:12
- ئالدىنقى يازما :ئىسمى جىسمىغا لايىق ئەليۇلئەلا-پەخرىيە ئەشرەپ
- كېيىنكى يازما :ئۇيغۇر تىلىنى داڭلىغان نەچچىنچى ئەخمەق؟
ئىتتىپاقسىزلاشتۇرالمايدىغانلىقىلىرىڭىزلاردىنمىكىنتاڭەي؟ (53) بۇ قاملاشتىمۇ ؟
بۇمۇ بولىدىكەن، رەھمەت!
قىززىقتە؟ تۈرلىدۇق دەپلا تۈرلەۋىرىش كېرەكمىكە؟ مەنىسى بولۇش كېرەكتە؟ بولمىسا بىزنىڭ شىۋىدىمۇ تۈرلەپ باقىلى: ئىتتىپاقسىزلاشتۇرالمايدىغانلىقلىرىڭىزلاردىنمىكىنتاڭغۇۋوۇ؟ (ھى ھى ) ئىلى شىۋىسىنى قاتساق 56 ھەرپ بولىدىكە! مارەك بوسۇن مالىم يېڭى دۇكاندىن بىرنى ئېچىۋاپسىز چېيىنى بەرمەمسىز؟
ئىتتىپاقسىزلاشتۇرالمايدىغانلىقىڭلاردىنمىكىنتاڭغۇ؟ (47)
ئىتتىپاقسىزلاشتۇرالمايدىغانلىقىڭىزلاردىنمىكىنتاڭغۇ؟ (49)
ئىتتىپاقسىزلاشتۇرالمايدىغانلىقىلىرىڭلاردىنمىكىنتاڭغۇ؟ (51)
ئىتتىپاقسىزلاشتۇرالمايدىغانلىقىلىرىڭىزلاردىنمىكىنتاڭغۇ؟ (53)
ئىتتىپاقسىزلاشتۇرالمايدىغانلىقىلىرىڭىزلاردىنمىكىنتاڭ؟ (51) -غۇ قوشۇمچىسىنىڭ ئۇلىنىشى قاملاشمىغان.
ئانا تىلدا سۆزلىشەيلى ، ئۇلۇغ ئانا تىلىمىز ئۇيغۇر تىلىمىزنى قوغدايلى !
مانا ھەممىدىن ئۇزىنى، ئازىراق تۇرپان شېۋىسىنى قىتىپ قويساقلا بولىدىكەن.
ئىتتىپاقسىزلاشتۇرالمايدىغانلىقىڭىزلاردىنمىكىنتاڭغۇ (49)
مانا مەن ئەڭ ئۇزىنىنى ياسىۋەتتىم، ئازىراق تۇرپان شېۋىسىنى قۇشۇپ قويساق ئۇنىڭدىمۇ ئۇزۇن بولىدىكەن.
ئىتتىپاقسىزلاشتۇرالايدىغانلىقىڭىزلاردىنمىكىنتاڭغۇ= 49
مەن ئۇيغۇر تىلى گىرامتىكىسىغا بەك چولتا شۇڭا جىم تۇراي.
ئىتتىپاقسىزلاشتۇرالمىغانلىقىڭلاردىنلامىكىنتاڭغۇ.
بۇ 49 ھەرپ ھېسابمۇ؟
ھەرپ جىقتەك قىلغان بىلەن ئېغىزغا يەڭگىل كېلىۋېرىدىكەن. ئاۋۇ ئېنگىلىزچىنى شۇلارنىڭ ئۆزىمۇ ئاران تەلەپپۇز قىلىپ چىقىرامدىكىن دەيمەن. مەنىسى نىمىكەن شۇنىڭ ؟
مەنىسى مۇشۇ ئىكەن
1. 硅酸盐沉着病,矽肺病
سىلىتسىيلىق تۇز كەملىك كېسىلى دەمدۇ؟ ئۆلچەملىك تەرجىمىسىنى مەنمۇ بىلمىدىم،
مىنىڭچە بۇ بىرخىل ئۆپكىگە سىلتىسى ئوكسىد كىرىستالى چۆكمىلىشىش كىسەللىكى…
矽肺病
ئالىم مۇئەللىم يازغان جاۋابىڭىزنىڭ ئۈچىنجى ئابزاس، ئۈچىنجى قۇر،ئوڭدىن بەشىنجى خەت، « بىلەي » ئەمەس « بىلمەي » بۇلىشى كىرەكقۇ دەيمەن. ئالدىڭىزدا ئۇستاتلىق قىلىپ قۇيدۇم.
بىز ئۇيغۇرچىدا سۆز تۈرلەيدىغان بولساق ئىنگىلىزچىدىكى 45 ھەرىپلىك رىكورتنى بۇزۇپ تاشلامدۇق نىمە؟
ئەلۋەتتە، سۆزنىڭ كەينىدە قوشۇمچىلارنىڭ ئۇلىنىشى پەقەت ئۇيغۇر تىلىدا ئەڭ جانلىق ۋە مۇكەممەل، ئىنگلىزلار كېلىش قوشۇمچىسى ۋە شەخس قوشۇمچىلىرىنى سۆزنىڭ ئارقىسىغا قوشالمايدۇ. ئۇلار بۇ جەھەتتە بەك ئاجىز.
مەسىلەن ئاۋۇ سۆزنى مەن تۈرلەپ باقسام
ئىتتىپاقسىزلاشتۇرالمايدىغانلىقىڭلاردىنمىكىنتاڭغۇ (47 ھەرپ)،
ئاللىبۇرۇن ئاۋۇ ئىنگلىزچىدىكى 47 ھەرپلىك رېكورتنى بۇزۇپ تاشلىدۇق-دېگەن گەپ.
لېكىن، بۇنى تەشۋىق قىلمىساق، بولۇپمۇ ئىنگلىزچە تەشۋىق قىلمىساق ئاۋۇلار قايىل بولمايدۇ.
چەتئەلدە تىلشۇناسلىقتا ئوقۇۋاتقان ھەر بىلىملىك كىشىلىرىمىز بار، شۇلار بولسىمۇ ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسىنى ئىنگلىز تىلىدا يېزىپ باققان بولسا ئەڭ ياخشى بولار ئىدى. لېكىن، ئۇلار ھازىر مۇنبەرلەردە ئۇيغۇرچە تېما-ئىنكاس يېزىپ، تېخىمۇ مۇھىم ئىشلارنى ئۇنتۇپ قالدىمۇ قانداق؟ نۇرغۇن چەتئەللىكلەر تۈرلىنىش قائىدىسى مول بولغان مۇشۇنداق بىر تىلنىڭ بارلىقىنى بىلمەي ئۆتۈپ كېتىدىغان بولدى-دە؟!
ئاخىرى:
دۇنيادىكى ئەڭ پاساھەتلىك، ئەڭ سۈيۈملۈك ۋە ئەڭ ياخشى تىل- ئۇيغۇر تىلى
يۇقۇرىدا مەن يازغان ئىنكاس گەرچە تىمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ يېزىۋەردىم،توغرا چۈشۇنەرسىز
ئۇيغۇرسوفىتنىڭ 13 يىللىقىنى تەبرىكلەپمۇ ياكى نىمە سەۋەپتىن بىلمىدىم،ئۇيغۇرسوفىت تور بىكىتىنى ئوزگەرتىپسىز،لېكىن قاراپ باقسام تازا جايىدا ئەمەس سىلە ئىشلەتكەن ئۇ توربەت ياساش سۇپىسىدا خىلى كۆپ ئىقتىدار لارنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولاتتى. 13 يىل بولغان ئۇيغۇرسوفىتقا پەقەت ياراشماپتۇ.خاپا بولماي سەل تۈزۈتۈش كىرگۈزگەن بولساڭلار.
ھەققىنى بەرسەك قىلىپ بېرەلەمسىز؟ بىز ھازىر بەكلا ئالدىراش، ئۇنىڭدىنمۇ مۇھىم ئىشلارنى قىلىۋاتقان ئىدۇق
ئىتتىپاقسىزلاشتۇرالايدىغانلىقىڭىزلاردىنمۇ
ئىتتىپاقسىزلاشتۇرالايدىغانلىقىڭلاردىنمۇ
مەن تېخىمۇ ئۇزۇنىنى كەشىپ قىلىۋەتتىم.
ناھايىتى ياخشى، لېكىن يەنىلا ئاۋۇ ئىنكاستىكى مەن قالدۇرغان سۆزدىن سەل قىسقا بولۇپ قاپتۇ،
مېنىڭچە، «ئىتتىپاقسىزلاشتۇرالايدىغانلىقىڭلاردىن»غا «مىكىن» قوشۇمچىسىنى قوششاق تېخىمۇ ئۇزۇن بۇلارمۇ؟
ئىتتىپاقسىزلاشتۇرالايدىغانلىقىڭلاردىنمىكىن = 41
ناھايىتى ياخشى، ئەمما، بۇ ئەمەلىي تېكىستلەردە ئۇچرىغان ھەقىقىي سۆز ئىدى، ناۋادا، ئۇنى داۋاملىق سۈنئىي تۈرلەپ چىقىمىز دېسەك، ئىتتىپاقسىزلاشتۇرالايدىغانلىقىڭلاردىن+مىكىن+تاڭ=ئىتتىپاقسىزلاشتۇرالايدىغانلىقىڭلاردىنمىكىنتاڭ. (44 ھەرپ)
ئۇيغۇر تىلىدا ئەلۋەتتە بۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن سۆز بار. مېنىڭ ئامبىرىمدا 50 مىليونغا تەكرارلانمىغان سۈنئىي تۈرلەنگەن ئۇيغۇرچە سۆز بار، لېكىن، ھەقىقىي ئىشلىتىلىدىغان سۆز تەخمىنەن 300-400 مىڭ ئەتراپىدا(قوشۇمچە ئۇلانغان بارلىق شەكىللەر).
بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئۇزۇن سۆز «ئىتتىپاقسىزلاشتۇرالايدىغانلىقىڭلاردىن» ئىدى