مانا مال كەلدى، HP Stream
[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى، تاغدىن-باغدىن ]مانا ھازىرلا تاپشۇرۇپ ئالدىم، ھازىرچە رەسىملەردىن ھوزۇرلانغاچ تۇرۇڭلار.
بىرىنچى تەسىراتىم: ھەقىقەتەن قالتىس.
مانا ھازىر ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى قاچىلاۋاتىمەن، ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى ۋە كوررېكتورىنى قاچىلاۋاتىمەن.
سۈرئىتى ھەقىقەتەن تېز،ئېكران ئېنىقلىقىمۇ بەك ياخشى، ناۋادا 9 سۇڭ ياكى 10 سۇڭ بولسا كېلەڭسىز بولۇپ قالاركەن دېدىم ئۆزەمچە.
===================
ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار دۇكىنىغا بۇ مال ئۆز باھاسى بويىچە تىزىلدى، 3 تىللىق لۇغەت ئالغانلارغا ئۆز باھاسىدا ئېلىپ بېرىمىز.
===================================
(1) خۇيپۇ (Stream 7) تاختا كومپيۇتېر
باھاسى: 669 يۈەن
(2) ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008 (3 تىللىق)
باھاسى: 90 يۈەن
(3) يەتكۈزۈش ۋە مۇلازىمەت
باھاسى: 21 يۈەن
====================================
جەمئىي 780 يۈەن ئەۋەتسەڭلار، بىز سىلەرگە ۋاكالىتەن ئېلىپ ئەۋەتىپ بېرىمىز. مال يەتكۈزۈش ۋاقتى ئادەتتە 5 كۈندىن 7 كۈنگىچە ئۈرۈمچىگە كېلىدۇ.
ئۈرۈمچىدىكىلەر ئۇيغۇرسوفت سېتىش بۆلۈمىدىن ئېلىۋالساڭلار بولىدۇ، باشقا جايدىكىلەرگە تېز يوللانمىدىن ئەۋەتىپ بېرىمىز. پېچەتنى سۆكمەيمىز.
مىكروسوفت تور دۇكىنىدىن ئۆزۈڭلار بىۋاسىتە ئالالىساڭلار تېخىمۇ ياخشى، لېكىن ئالالمايدىغانلار بولسا بىز ئۆز باھاسى بىلەن ياردەملىشىپ بېرىمىز.
ئۈندىدار دۇكاننىڭ ئادرېسى: dukan.uighursoft.com
ئەمما بۇ ئىشلەپچىقىرىش تىپىدىكى كومپيۇتېر ئەمەس، گەرچە Photoshop, Word, Excel ۋە ئۇيغۇرسوفت لۇغەتلىرىنى ئىشلەتكىلى بولسىمۇ، ئېكرانى سەل كىچىك. ئەمما ئىچىگە نەرسىلەرنى قاچىلاپ قويۇپ، توردا خەۋەر كۆرىدىغان، ناخشا-مۇزىكا ئاڭلايدىغان، مەندەك كۈندە Email نى تەكشۈرىدىغانلار كۆپرەك ئىشلىتىدىغان كومپيۇتېردۇر.
ئۆيۈڭلاردا ئۈستەل كومپيۇتېرى، سومكاڭلاردا خاتىرە كومپيۇتېرىڭلار بارلار يەنە بۇنىڭغا قانائەت تاپماي، 3 ياكى 4 كومپيۇتېرلىق بولسام بولاتتى، زادى ئالمىسام بولمايتتى دېسەڭلار، بىز ۋاكالىتەن ئەكەلتۈرۈپ بېرەيلى.
مانا ھازىر تىركەش ئىسىملىك بىرەيلەن بىزنىڭ تۇنجى خېرىدارىمىزغا ئايلاندى.
===============
=============
ماڭا قايلاپ قالماي، ئېۋۇ كومپيۇتېرغا ئوبدان قالاڭلا،
مال
========
- يازما كۆرۈلۈشى: 12,929 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2015-يىلى 02-ئاينىڭ 3-كۈنى am 10:46
- ئالدىنقى يازما :ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار دۇكىنى تىجارەت باشلىدى (تىجارەت قىزىپ كەتتى!)
- كېيىنكى يازما :WordPress نىڭ 4.1 (ئۇيغۇرچە) نەشرى ئېلان قىلىندى
ۋىندوۋس 8دە س دىسكا بەك تىز توشۇپ قىلىپ تازا وبدان ىشلىتەلمىدىم ياردەم قىلغان بولسدڭلار دىگەن تورداشقا ماۋۇ ئۇسۇلنىس پ بىقىڭ ،قاتتىق دىسكىنى توڭلۇتۇش،سىز كوپيۇتىرنى ئەڭ ياخشى ھالەتكە ئەكىلىپ ،يۇيدىغان يومشاق دىتاللارنى يۇيىۋىتىپ 冰冻精灵دىگەن دىتال بىلەن.cدىسكىنى توڭلىتىپ مەخپى نۇمۇر سىلىۋىتىڭ،شۇنىڭ بىلەن بۇ دىسكىغا بىرەر ھۆججەت كۆچۈرگىلى ياكى ئۆچۈرگىلى بولمايدۇ ،مەسلەن سىز بۈگۈن كومپىيۇتىردا تورغا چىجىپ ئەخلەت يىغىلدى دەيلى ،سىز ،مەن دىگەندەك قىلسىڭىز كومپىيۇتىرنى بىر قىتىم قايتا قوزغاتسىڭىزلا كومپىيۇتىرنىڭ cدىسكىسى مۇزلاشتىن ئاۋالقى ھالەتكە كىلىدۇ
ۋىندوۋس 8دە س دىسكا بەك تىز توشۇپ قىلىپ تازا وبدان ىشلىتەلمىدىم ياردەم قىلغان بولسدڭلار
مانا بۈگۈن تاپشۇرۇپ ئالدىم
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم مەنمۇ سىزنىڭكىگە ئوخشاشتىن بىرنى ئالاي دەپ سىزنىڭ مۇلازىمەت نۇمۇرىڭىزغا تىلفۇن قىلىپ پەقەت ئالاممىدىم ۋۇفاجىتوڭ لا دەيدۇ قانداق قىلسام بولدۇ سىزدىن سىتىۋالغۇم باتى
سېستىمىنى زاۋۇت ئەسلىگە قايتۇر سىڭىزلا كۇپايە
سېستىمىدىن چاتاق چىقسا ئۆزىمىز قايتا قاچىلاپ ئىشلىتىش ئىمكانىيىتى بارمىدۇ؟
ئالىم مۇئەللىم ياخشىمۇسز!
سىز ئىككنجى بەتتىكى ئنكاسىڭىزدا 5مىليۇن مەبلەغنىڭ گېپنى قىپسز،بۇ ھەقىقەتنمۇ جىق سانكەن،ئەمما ماۋۇ بىلگەيتىس دىگەن گۇي ئۆلسەم پۇللۇرۇمنى خەيرى ساخاۋەت ئشلىرغا سەرىپ قىلۋېتمەن دەپتىكەن،شۇنىڭ ئورنىغا مۇشۇنداق ئشتىن بىرنى قىلىپ قويسا بولماسمىدى،بۇمۇ بىر ئنسانلار تەرەققياتىغا پايدىلىك بولغاندىكىن،شۇ مەبلغىنى بىزگە سالسمۇ بوپتىكەن،دەپ باقساق ھى ھى
بۈگۈن مەن سېتۋالغان تاختا كومپىيوتىر ئاخىرى كەلدى، مەن 2-ئاينىڭ 2-كۈنى سىېتۋالغان ئىدىم . قەشقەر مەكىتتىن ،ھازىر سىناۋاتمەن ياماقلىرنى ياماپ بولدۇم ئەمدى باشقا دىتاللارنى قاچلاپ سىناپ باقاي دەيمەن ،شۇنداق كۆركەم ئىكرانىمۇ چوڭكەن. مەن 1149 يۇەنلىكنى سىتۋالغان ئىدىم.
مىكروسوفىت تور دۇكىنىدىن مەنمۇ بىرنى سېتىۋالدىم.
ئەمدى تىل بولىقى قوشۇلۇپكەتسە بىرتو بولاتتى!
تەلقىن تورداش ھازىر ئاچقۇچ نۇمىرى كەتمەيدۇ, سىتستىمىنى ئەسلىگە قايتۇرىدىغان ئىشلارنى ئاشۇ كومىيوتىرنى ئىشلەپ چىقارغان شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ ,سىزگە سېستىما دىسكىسى ئەۋەتىشى مۇمكىن.شۇ ئارقىلىق قايتىدىن قاچىلىسڭىز بۇلىدۇ,مەن دېلنىڭ كومپىيوتىرىنى شۇنداق قىلغان.
ۋاي مەنمۇ لۇمىيا 925 نى يىڭىلىۋالدىم بەك يارىدى ماڭا بوپمۇ ئۇيغۇرچە كونوپكا تختىسى بەك يارىدى بۇ ئىنكاسنى شۇنىڭدا يېزىۋاتىمەن بۇ توغۇرسىدا جاپا تاتقانلاغا رەخمەت ئېيتىمان قىلغان ئىشىڭلا بەركەتلىك بولغاي
مەن يىڭى خاتىرە كومپىيۇتىر ئالغان ئىدىم ، ئاسۇس ماركىلىق ،ئۇنىڭغا ۋىن 8 قاچىلانغانلىق ئىكەن ، ناۋادا سىستىمىدىن بىرە مەسلە چىقىپ قالسا كىيىنچە يىڭىدىن قاچىلىسام ئاچقۇق نۇمرى تەلەپ قىلسا قانداق قىلىمەن ، ئاچقۇچ نۇمرى نەدىن بىلىمەن ياردەم قىلساڭلار رەھمەت
مەن پەقەتلا ئەپ دۇكىنىنى ئاچالمىدىم، hotmailنىمۇ ئاچالمىغاچ ھېساب نۇمۇرۇمنىمۇ ئاكتىپلىيالمىدىم، بۇلۇت بوشلىقىمۇ ئىشلىتەلمىدىم، DNDنىڭ ئىشەنچىلىكلىرىدىن بولسا دەپ بەرسىڭىز بوپتىكەن، ياكى قانداق قىلىشنى
ئالىم مۇئەللىمنىڭ سىر ساقلىشىغا ھەقىقەتەن قول قويدۇم، تاكى wp10نىڭ سىناق نەشىرىنى قاچىلاپ كۆرۈپ باقمىغۇچە ئۇيغۇرچە كونۇپكا تاختىسى قوشۇلغانلىقىنى ئالىم مۇئەللىمدىن باشقا ھېچكىم بىلمىگەن ئىدى.
ھەقىقەتەن ياخشى ئىش بولدى، مۇئەللىم ئەمدى سىرنى ئاشكارىلاپ ئازراق خەۋەر بەرسىڭىز بوپتىكەن. ھازىر كۆپچىلىك ھەمىمىز بىلىپ بولدۇق. wp10دا ئۇيغۇرچىغا مۇناسىۋەتلىك يەنە قانداق يېڭىلىقلار بار؟