WordPress 3.8 ئۇيغۇرچە نەشرى تارقىتىلدى
[ IT خەۋەرلىرى ]WordPress 3.8 ئۇيغۇرچە نەشرى چۈشۈرۈشكە تەييارلاندى، ياكى سىز WordPress باشقۇرۇش تاختىسىدىن يېڭىلىۋالسىڭىز بولىدۇ. مۇزىكانت چارلى.پاركېر (Charlie Parker) نى خاتىرىلەش ئۈچۈن بۇ نەشرىنىڭ نامىنى «Parker» دەپ ئاتىدۇق. ھازىرغا قەدەر ئەڭ ئېسىل بىر قېتىملىق يېڭىلىنىش ئىكەن دېيىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.
2013-يىلى WordPress ئۈچۈن مول ھوسۇللۇق يىل بولدى دېيىشكە بولىدۇ، چۈنكى بۇ بىر يىل ئىچىدە 3.6، 3.7 ۋە 3.8 نەشرى تارقىتىلدى. بۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە نەشرىمۇ ئىنگلىزچە نەشرى بىلەن تەڭ دېگۈدەك تەييار بولغان بولسىمۇ، ئەمما ھەرخىل سەۋەبلەردىن 3.6 ۋە 3.7 نىڭ ئۇيغۇرچە نەشرى تارقىتىلمىدى. كەڭ ئىشلەتكۈچىلەردىن سەمىمىي كەچۈرۈم سورايمىز.
ئەمدى گېپىمىزگە كەلسەك بۇلارنىڭ ئىچىدە 3.8 نەشرىدە ئۆزگىرىش زور بولۇپ، WordPress 3.8 ئىنگلىزچە نەشرى 2013-يىلى 12-دېكابىردا تارقىتىلدى. ئۇيغۇرچە نەشرىمۇ بىر كۈن كېيىن (يەنى بۈگۈن) تارقىتىلدى. كەڭ تورداشلارنىڭ سىناپ ئىشلىتىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
WordPress 3.8 نەشرىدىكى بارلىق ئۆزگەرتىشلەرنى بۇ يەردىن كۆرەلەيسىز. http://codex.wordpress.org/Version_3.8
WordPress 3.8 نەشرىدىكى يارقىن نۇقتىلار:
1. يېڭى، زامانىۋى باشقۇرۇش لايىھەسى
2. يېڭى سۈكۈتتىكى باشتېما
3. ئىجادىيەتچىلەر ئۈچۈن
(1) سىرتقى ئامبارلار يېڭىلاندى
(2) RTL (ئوڭدىن-سولغا يېزىش)نى تېخىمۇ ياخشى قوللايدۇ
يېڭىلىقلار
باشقۇرۇش تاختىسى
كۆرۈنۈش
باشتېما
كىچىك قوراللار
زىيارەت قىلىنىشچانلىقى
كۆپ خىل تور بېكەت
تەپسىلاتىنى ئىنگلىزچە تور بېكىتىدىن كۆرۈۋالسىڭىز بولىدۇ.
ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدىكى ئۆزگىرىشلەر:
ھەممىمىزگە مەلۇم WordPress نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى ياپونىيەدىكى دوكتور ھىدايەت ئىزچىللىقنى ساقلىغان ئاساستا ناھايىتى سۈپەتلىك تاماملاپ كېلىۋاتقان ئىدى. ئۆتكەن يىلى Windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى رەسمىي ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، مېنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇرسوفت يەرلىكلەشتۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكى خادىملار تېخىمۇ كۆپ ئېسىل يۇمشاق دېتاللارنى ئورگان تەرەپ ئارقىلىق تەرجىمە قىلىش ئارزۇيىمىز تېخىمۇ كۈچەيدى. شۇ سەۋەبتىن ئالىم ئەھەت بىلوگىدىكى ( پەخىرلىك WordPress بىلەن تەييارلانغان) ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنماي قالغان مەزمۇنلىرىنى تەرجىمە قىلدۇق. ئۇزۇنغا قالماي WordPress نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىڭ ئاپتورى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۆز ئارزۇيۇمنى دېدىم، دوكتور ھىدايەت ناھايىتى خۇشاللىق بىلەن بۇ ۋەزىپىلەرنى بىزگە تاپشۇردى. بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرجىمە خىزمىتىگىمۇ بىزنىڭ مەسئۇل بولسا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئورگان تورىدىن مەخسۇس ھوقۇقلارنى ئېلىپ بەردى. بىز بۇنىڭدىن ئىنتايىن ھاياجانلاندۇق، شۇنداقلا ئىلگىرىكى تەرجىمىگە Microsoft نىڭ تەرجىمە ئۇسلۇبى ۋە ئاتالغۇلىرىنى ئىشلىتىپ، قايتا قاراپ چىقتۇق. شۇنداقتىمۇ خاتالىقلارنىڭ يۈز بېرىشى مۇقەررەر. بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەل بولۇشى ئۈچۈن كۆپچىلىكنىڭ داۋاملىق تەكلىپ-پىكىر بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، شۇنداقلا WordPress ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىڭ بۈگۈنكى كۈنگە كېلىشى ئۈچۈن ھارماي-تالماي خالىس تۆھپە قوشقان دوكتور ھىدايەتكە چوڭقۇر مىننەتدارلىقىمىزنى ۋە تەشەككۈرىمىزنى بىلدۈرىمىز.
بۇ نەشرىدىمۇ ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ئېسىش، EOT تونۇتۇش ۋە خەت نۇسخىسىنى ئۇيغۇرچىغا تەڭشەش ئىشلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. بۇ ئارقىلىق تور بېكەتنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتىنى تېزلەشتۈرۈش ۋە ئۇيغۇرچە تەرجىمىنى ۋاقتىدا تارقىتىشقا بەلگىلىك دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلىندى. ئىشلەتكۈچىلەر خالىسا بۇرۇنقى نەشرىدىكى ug_CN.php ھۆججىتى ۋە تەڭشەلگەن CSS ھۆججەتلىرىدىن پايدىلىنىپ ئۆزلىرى تەڭشىۋالسا ياكى تەڭشەپ بەرگۈچىلەرگە ھاۋالە قىلسا بولىدۇ. مۇشۇ سەۋەبتىن ئىشلەتكۈچىلەرگە قولايسىزلىق كەلتۈرگەنلىكىمىزدىن كەچۈرۈم سورايمىز. شۇنداقلا تورداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى، كەمچىلىكلىرىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز.
بۇندىن باشقا تىلغا ئېلىنمىغان يېڭىلىقلار، ئۆزگەرتىشلەر ۋە بايقالمىغان خاتالىقلار توغرىسىدا تورداشلىرىمىز بۇرۇنقىدەكلا ئۆز پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ. مۇۋاپىق ۋە ئورۇنلۇق تەكلىپ-پىكىرلەر دەرھال قوبۇل قىلىنىدۇ.
ھەممەيلەننىڭ WordPress ھاياتىنىڭ خۇشاللىق ئىچىدە داۋاملىشىشىغا تىلەكداشمىز.
2013-يىل 14-دېكابىر
- يازما كۆرۈلۈشى: 14,617 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2013-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 20:26
- ئالدىنقى يازما :phpBB نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىغا تەكلىپ-پىكىر بېرىڭ
- كېيىنكى يازما :ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008 (ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسى سىناق) ئېلان قىلىندى
مۇبارەك بولسۇن ئالىم مۇئەللىم
http://theme.crumina.net/onetouch/
http://www.itkes.com/
http://ejrim.net/blog/
http://www.bluthemes.com/themes/?theme=bliss
http://themes.umbrella.al/?theme=nemo
http://www.frontopen.com/
http://fatesinger.com/page/2
ماۋۇ ئۇسلۇبلارنىڭ بىرەرسى ياراپ قالسا تەييارلاپ بېرەيلىمۇ يا!؟ كۆپىنچىسى كۆچمە ئۈسكىنىلەرگە ئاپتوماتىك ماسلىشىدىكەن. ئەلۋەتتە خالىغانچە ئۆزگەرتىۋالغىلى بولىدۇ…
ۋانتوچ بەك مۇرەككەپكەن، چۈنكى بۇ بلوگقا كىرىدىغانلارغا مەزمۇن ئىزدەش، كۆرۈش جەھەتلەردە قولايسىزلىقلار بوپ قالغۇدەك.
ماڭا يارىغىنى http://www.bluthemes.com/themes/?theme=bliss مۇشۇ بولدى. ھې ھې ھې
ۋوي مۇئەللىم بۇ بىلوگىڭز نىمىگە ئوخشاپ قالدى،كۆزەمگە ئىمىر چىمىر بىر نىمىلە كۆرنۇپ كەتتى، ئاۋۇ ئوڭ تەرەپتىكى قارا رەڭچۇ تىخى ،پەقەت ياقمىدى ماڭا، تونۇمىغىلى تاس قاپتىمەن،
wordpress3.8 مۇ چىقىپتۇ مانا ،خاپا بولماي،باشقا ئۇسلۇپ ئىشلىتپ باقىسڭز بولاپتىكەن.
مەن ھازىر سىناق قىلىۋاتقان ئىدىم، لېكىن بۇ ھەممە ئۈسكۈنىدە نورمال كۆرۈنىدىكەن، شۇڭا ياقتۇرۇپ قالغان ئىدىم، ئالىم مۇئەللىم ۋوي قاچان تېلېفون نۇسخىسى چىقىدۇ دېگەن تۈگىسۇن دېمەكچى ئىدىم
مەنمۇ شۇنداق قارىدىم. بۇ ئۇسلۇپ پەقەت ماس كەلمەپتۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇرۇنقى ئۇسلۇپمۇ چىرايلىق ئەمەستى. شۇنداق پىچەت ئۇسلۇپلا با، شۇلارنى ئىشلەتسىمۇ بولىتى. بەك سېتكە ما ئۇسلۇپ!!!
ئۇنداقتا ئۇسلۇب تەۋسىيە قىلسىڭىز ياخشى بولار ئىدى، بىرەرسىنى كۆرۈپ باققىلى بولارمۇ؟
http://www.prower.cn/ ماۋۇ ئۇسلۇب ماسلىشىشچانكەن. ئۆزلەشتۈرۈپ قويغان، ئاز-تولا ئۆزگەرتىپ. بەكلا كىچىك، يېنىك ئۇسلۇبكەن بۇ…
بلوگىڭىزنىمۇ ئۆزگەرتىپ پۈتۈنلەي يېڭىچە قىياپەتكە كىرگۈزۈىپسىز . ئەمدى مەنمۇ بىرەر ئىشقا تۇتۇش قىلسام بولغۇدەك
ئېنگىلىزچە 3.8 تارقىتىلغان ھامان يىڭىلاپ، بۇرۇنقى ئۇيغۇرچە تىل بولىقى بىلەن ئىشلەتكەن ئىدىم. مانا ئەمدى ئورگان بەتتىن بىۋاستە يىڭىلىۋادىم. قارىغاندا ئەمدى ۋوردپرەسنىڭ ماسلىشىشچان ئۇسلۇبلىرى(responsive) ئۇسلۇبلىرى بازار تاپىدىغاندەك قىلىدۇ.
تەييار eot نى ئۇلاپ، تەھرىرىگۈچكە ئۇيغۇرچىنى چىرايلىق كىرگۈزگىلى بولىدىغان قىلىۋالدىم ھەم… بۇ نەشىرىنىڭ سىغىمى بۇرۇنقىدىن بىر ھەسسە ئاشقاننى ھىسابقا ئالمىغاندا راسلا ياقتۇردۇم!
ئالىم مۇئەللىم
Google Fonts قا Alkatip UI خەت نۇسخىسىنى قوشۇۋىتىڭە ئۇنداق قىلماي
بۇمۇ ئەھمىيىتى زور ئىش ئىدى
WordPress خەت بېسىش 打字
ئۇيغۇرچە 汉语 English
Alkatip UI نىڭ ئۈنۈمىنى سىناپ باقاي
مۇبارەك بولسۇن! ھارمىغايسىلەر! يېڭى نەشرىنى ئېلان قىلىپ بولۇپلا بۇ تور خاتىرىڭىزنىمۇ يېڭىلاشقا ئۈلگۈرۈپسىز. 3.8 نەشرىدە يېڭىلىقلار خېلىلا كۆپتەك قىلىدۇ.
يېقىندىن بېرى ئورگان تەرەپ ئېچىشنى تېزلىتىپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا يېڭى نەشرىنى ئېلان قىلىپ تۇرۇۋاتىدۇ. ئالىم مۇئەللىم باشلىق ئۇيغۇرسوفت ئەزىمەتلىرى بولغاچقىلا ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىمۇ ماس قەدەمدە يېڭىلىنىپ- تارقىتىلىپ تۇرۇۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن تولىمۇ خوشالمەن. شۇنداقلا تەرجىمىگە قاتناشقان ھەر بىرەيلەنگە چىن كۆڭلۈمدىن مىننەتدارلىق ۋە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.
ئىلگىرى ئارقا بەتتە تۇرۇپلا ئاپتوماتىك يېڭىلاپ كەلگەن، بۇ قېتىم ئۇنداق قىلغىلى بولمايدىكەن ھە!
بوشلۇق ئادرىسىمنىمۇ بىلمەيمەن دىسە تېخى
ئەمدى بلوگنى قايتا سوقسام بولىدىغان ئوخشايدۇ. ھېلىمۇ يېرىم يىلدىن كۆپرەك ئۈچەككە كىرىپ كەتتىم. بۇ نەشرىدىكى يېڭىلىقلارنى ئاڭلاپ ھاياجىنىمنى باسالمايۋاتىمەن… ھې ھې ھې
قالتىس. ئۇيغۇرسوفتنىڭ يەرلىكلەشتۈرگەن يەنە بىر مەھسۇلاتى سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىپتۇ. يېڭىلاپ چىققاندىن كېيىن تەسىراتلىرىمنى ئورتاقلىشاي.
ئالىم مۇئەللىم :
بىزلەر باش تېما دىگەننى ئۇسلۇب دەپ كۆنۈپ قاپتىكەنمىز. بۇ باش تېما دىگەن گەپ زادى توغرا تەرجىمىمۇ يا ؟
ئۇسلۇب Style
باشتېما themes
يەنە بىر گەپ…ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرۈپ كۆرۈپ باقتىم…نېمىشقا يەنىلا تەرجىمىسى تولۇق ئەمەس؟خەنلەرنىڭ يېزىقىنى سىيماسىنى خېلى كۆپ يەردە كۆرۈپ قالىمەن… مەسىلەن،كومپىيوتېرنى ئۆچۈرگەن،قۇلۇپلىغان،كونترول تاختىسىنىڭ بەزى تەڭشەكلىرىدە،خەرىتىدىكى يەر جاي ناملىرىدا،ھاۋارايىدا،ساغلاملىق كۆرسەتكۈچى،تائاملار..دېگەندەك…
يەنە بىرسى خەۋەرلەر كۆزنىكىدىكى نۇرغۇن خەۋەرلەرنىڭ مەنبەسى خەنزۇچە تور بېكەتلەر ئىكەن… بۇنىڭغا نۇر تورى،ئوكيان خەۋەرلىرى دېگەنلەرنى قوشۇپ قويغىلى بولارمۇ؟
يەنە بىر گەپ…ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرۈپ كۆرۈپ باقتىم…نېمىشقا يەنىلا تەرجىمىسى تولۇق ئەمەس؟خەنلەرنىڭ يېزىقىنى سىيماسىنى خېلى كۆپ يەردە كۆرۈپ قالىمەن… مەسىلەن،كومپىيوتېرنى ئۆچۈرگەن،قۇلۇپلىغان،كونترول تاختىسىنىڭ بەزى تەڭشەكلىرىدە،خەرىتىدىكى يەر جاي ناملىرىدا،ھاۋارايىدا،ساغلاملىق كۆرسەتكۈچى،تائاملار..دېگەندەك…
===============
جاۋابى مانا:
?p=2572
===============
يەنە بىرسى خەۋەرلەر كۆزنىكىدىكى نۇرغۇن خەۋەرلەرنىڭ مەنبەسى خەنزۇچە تور بېكەتلەر ئىكەن… بۇنىڭغا نۇر تورى،ئوكيان خەۋەرلىرى دېگەنلەرنى قوشۇپ قويغىلى بولارمۇ؟
=============
بولىدۇ، سىزدەك، مەندەك سېتىۋالغانلار كۆپەيسە، ئەڭ مۇھىمى ئىشلىتىدىغانلار كۆپەيسە، بۇ ئىشنىڭ مۇمكىنچىلىكى تېزلىشىدۇ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!…ھۆرمەتلىك ئالىم مۇئەللىم…تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ،بىر گەپنى سىزدىن سورىۋالاي… مەن يېقىندا بىر خاتىرە كومپىيوتېر سېتىۋالغان ئىدىم…ئەسلىدىنلا ۋىندوۋس8 سېستىمىلىق كومپىيوتېر ئىكەندۇق…مېنىڭ تەلىپىم بويىچە،8.1گە كۆتۈرۈپ بەردى…ئۆزىلا ئاكتىپلاقلىق ئىكەن…شۇنىڭ بىلەن مەن سېستىمىنى ئەمدى سېتىۋالمىساممۇ بولامدۇ؟
ئەلۋەتتە شۇنداق بولىدۇ، ماركىلىق كومپيۇتېر سېتىۋالسىڭىز، ئادەتتە ئىچىدىن Windows 8 بىللە چىقىدۇ.
بىراق ئۇلار ماڭا قاچىلاش نومۇرى،ئاكتىپلاش نومۇرى دېگەنلەرنىڭ بىرىنىمۇ ئېيتىپ بەرمىدى؟ قىزىلبايراق كومپىيوتېر شەھەرچىسى،توشىبانىڭ دۇكىنىدىن ئالغان…سىزدىن سوراپ باقاي دەپ تۆتىنچى قەۋەتكە چىقسام سىز يوق ،بىر قىز باركەن.شۇنىڭ بىلەن كەتتىم.
مەن سېتىش بۆلۈمىگە كۆپ بارمايمەن، يۇمشاق دېتال ئېچىش بۆلۈمىدە خىزمەت قىلىمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۈگۈن دەم ئالغاچ ئۆيدە ئىشلەيدىغان كۈنۈم ئىدى.
يڭى نەشىرگە كۆتۇرۇپ ئۈنىمىنى كۆردۇم ھەقىيقەتەن ياخشى رەتلىك چىقىپتۇ.
ھازىرغا قەدەر ئەڭ ئېسىل بىر قېتىملىق يېڭىلىنىش ئىكەن ھا ھا ھا…………
يۇمشاق دېتال ياسايدىغانلار ھەر قېتىم مۇشۇنداق پو ئاتمىسا، ھاردۇقى چىقمايدۇ، قاراپ تۇرۇڭ ئۇزۇنغا قالماي 3.9، 4.0 مۇ چىقىدۇ.
لېكىن مەيلى ئۈستەل كومپيۇتېرى، تاختا كومپيۇتېر ياكى تېلېفوندا كۆرسىڭىز ئوخشاش چىقىدىكەن، بۇ جەھەتتە ھەقىقەتەن ئىلگىرلەش بولۇپتۇ، ۋاي قاچان تېلېفون نۇسخىسى چىقىدۇ؟ دېگەندەك گەپلەر ئەمدى تارىخ بولۇپ قالغۇدەك. ئەگەر ھەرقانداق ئۈسكۈنىدە ئوخشاش ئۈنۈمدە كۆرۈش ئىمكانىيىتى بولسا، پەسكۇيغا چۈشۈپ قالغان بىلوگ يېزىشمۇ قايتىدىن جانلىنىشى مۇمكىن. ھازىرغا قەدەر ئىنگلىزچە نەشرىنى 1 مىليونغا يېقىن چۈشۈرۈپ بولۇپتۇ.
ئالىم ئەخەت ئاكا چەت ئەللرنىڭ داگلىق تور بىتىگە قانداخ چىقىدۇ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ئۇيغۇر سوفىت شىركىتىدكى ئىزدىنىۋاتقان جاپاكەش ئۇستازلارغا رەھمەت ، رەسىمدىن قارىسام خىلى كۆركەمدەك بىلىندى ،
چۈشۈرۈش ئادرىسى تەمىنلەنمىدىمۇ ياكى مەن كۆرمەي قالدىممۇ يەلىكتە قاچىلاپ كۆرۈپ باقاي دىگەن