WordPress 3.8 ئۇيغۇرچە نەشرى تارقىتىلدى | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى  >  يازما كۆرۈش

WordPress 3.8 ئۇيغۇرچە نەشرى تارقىتىلدى

[ IT خەۋەرلىرى ]

WordPress 3.8 ئۇيغۇرچە نەشرى چۈشۈرۈشكە تەييارلاندى، ياكى سىز WordPress باشقۇرۇش تاختىسىدىن يېڭىلىۋالسىڭىز بولىدۇ. مۇزىكانت چارلى.پاركېر (Charlie Parker) نى خاتىرىلەش ئۈچۈن بۇ نەشرىنىڭ نامىنى «Parker» دەپ ئاتىدۇق. ھازىرغا قەدەر ئەڭ ئېسىل بىر قېتىملىق يېڭىلىنىش ئىكەن دېيىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.

2013-يىلى WordPress ئۈچۈن مول ھوسۇللۇق يىل بولدى دېيىشكە بولىدۇ، چۈنكى بۇ بىر يىل ئىچىدە 3.6، 3.7 ۋە 3.8 نەشرى تارقىتىلدى. بۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە نەشرىمۇ ئىنگلىزچە نەشرى بىلەن تەڭ دېگۈدەك تەييار بولغان بولسىمۇ، ئەمما ھەرخىل سەۋەبلەردىن 3.6 ۋە 3.7 نىڭ ئۇيغۇرچە نەشرى تارقىتىلمىدى. كەڭ ئىشلەتكۈچىلەردىن سەمىمىي كەچۈرۈم سورايمىز.

ئەمدى گېپىمىزگە كەلسەك بۇلارنىڭ ئىچىدە 3.8 نەشرىدە ئۆزگىرىش زور بولۇپ، WordPress 3.8 ئىنگلىزچە نەشرى 2013-يىلى 12-دېكابىردا تارقىتىلدى. ئۇيغۇرچە نەشرىمۇ بىر كۈن كېيىن (يەنى بۈگۈن) تارقىتىلدى. كەڭ تورداشلارنىڭ سىناپ ئىشلىتىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

WordPress 3.8 نەشرىدىكى بارلىق ئۆزگەرتىشلەرنى بۇ يەردىن كۆرەلەيسىز. http://codex.wordpress.org/Version_3.8

WordPress 3.8 نەشرىدىكى يارقىن نۇقتىلار:
1. يېڭى، زامانىۋى باشقۇرۇش لايىھەسى
2. يېڭى سۈكۈتتىكى باشتېما
3. ئىجادىيەتچىلەر ئۈچۈن
(1) سىرتقى ئامبارلار يېڭىلاندى
(2) RTL (ئوڭدىن-سولغا يېزىش)نى تېخىمۇ ياخشى قوللايدۇ

يېڭىلىقلار
باشقۇرۇش تاختىسى
كۆرۈنۈش
باشتېما
كىچىك قوراللار
زىيارەت قىلىنىشچانلىقى
كۆپ خىل تور بېكەت

تەپسىلاتىنى ئىنگلىزچە تور بېكىتىدىن كۆرۈۋالسىڭىز بولىدۇ.

ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدىكى ئۆزگىرىشلەر:
ھەممىمىزگە مەلۇم WordPress نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى ياپونىيەدىكى دوكتور ھىدايەت ئىزچىللىقنى ساقلىغان ئاساستا ناھايىتى سۈپەتلىك تاماملاپ كېلىۋاتقان ئىدى. ئۆتكەن يىلى Windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى رەسمىي ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، مېنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇرسوفت يەرلىكلەشتۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكى خادىملار تېخىمۇ كۆپ ئېسىل يۇمشاق دېتاللارنى ئورگان تەرەپ ئارقىلىق تەرجىمە قىلىش ئارزۇيىمىز تېخىمۇ كۈچەيدى. شۇ سەۋەبتىن ئالىم ئەھەت بىلوگىدىكى ( پەخىرلىك WordPress بىلەن تەييارلانغان) ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنماي قالغان مەزمۇنلىرىنى تەرجىمە قىلدۇق. ئۇزۇنغا قالماي WordPress نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىڭ ئاپتورى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۆز ئارزۇيۇمنى دېدىم، دوكتور ھىدايەت ناھايىتى خۇشاللىق بىلەن بۇ ۋەزىپىلەرنى بىزگە تاپشۇردى. بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرجىمە خىزمىتىگىمۇ بىزنىڭ مەسئۇل بولسا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئورگان تورىدىن مەخسۇس ھوقۇقلارنى ئېلىپ بەردى. بىز بۇنىڭدىن ئىنتايىن ھاياجانلاندۇق، شۇنداقلا ئىلگىرىكى تەرجىمىگە Microsoft نىڭ تەرجىمە ئۇسلۇبى ۋە ئاتالغۇلىرىنى ئىشلىتىپ، قايتا قاراپ چىقتۇق. شۇنداقتىمۇ خاتالىقلارنىڭ يۈز بېرىشى مۇقەررەر. بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەل بولۇشى ئۈچۈن كۆپچىلىكنىڭ داۋاملىق تەكلىپ-پىكىر بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، شۇنداقلا WordPress ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىڭ بۈگۈنكى كۈنگە كېلىشى ئۈچۈن ھارماي-تالماي خالىس تۆھپە قوشقان دوكتور ھىدايەتكە چوڭقۇر مىننەتدارلىقىمىزنى ۋە تەشەككۈرىمىزنى بىلدۈرىمىز.

بۇ نەشرىدىمۇ ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ئېسىش، EOT تونۇتۇش ۋە خەت نۇسخىسىنى ئۇيغۇرچىغا تەڭشەش ئىشلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. بۇ ئارقىلىق تور بېكەتنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتىنى تېزلەشتۈرۈش ۋە ئۇيغۇرچە تەرجىمىنى ۋاقتىدا تارقىتىشقا بەلگىلىك دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلىندى. ئىشلەتكۈچىلەر خالىسا بۇرۇنقى نەشرىدىكى ug_CN.php ھۆججىتى ۋە تەڭشەلگەن CSS ھۆججەتلىرىدىن پايدىلىنىپ ئۆزلىرى تەڭشىۋالسا ياكى تەڭشەپ بەرگۈچىلەرگە ھاۋالە قىلسا بولىدۇ. مۇشۇ سەۋەبتىن ئىشلەتكۈچىلەرگە قولايسىزلىق كەلتۈرگەنلىكىمىزدىن كەچۈرۈم سورايمىز. شۇنداقلا تورداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى، كەمچىلىكلىرىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز.

بۇندىن باشقا تىلغا ئېلىنمىغان يېڭىلىقلار، ئۆزگەرتىشلەر ۋە بايقالمىغان خاتالىقلار توغرىسىدا تورداشلىرىمىز بۇرۇنقىدەكلا ئۆز پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ. مۇۋاپىق ۋە ئورۇنلۇق تەكلىپ-پىكىرلەر دەرھال قوبۇل قىلىنىدۇ.

ھەممەيلەننىڭ WordPress ھاياتىنىڭ خۇشاللىق ئىچىدە داۋاملىشىشىغا تىلەكداشمىز.

2013-يىل 14-دېكابىر

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
80 پارچە باھا يېزىلدى
  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم ! ئالىم مۇئەللىم ، مەن بىلوگ ئېچىش كويىدا wordpress نى ئايلىنىپ يۈرگىلى خېلى زامان بولغان ، لېكىن مۇرادى ئەمەلگە ئاشماي كېلىۋاتقان بىر ھاجەتمەن . شۇڭا wordpress كە دائىر بۇ تېمىڭىزنى كۆرۈپ ، بۇ جەھەتتىكى ئوي ، پىلانلىرىڭىزنىڭ تەپسىلاتىدىن خەۋەردار بولۇش ئىستىكىدە بۇ ئىنكاسنى يازدىم . دىققىتىڭىزدە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن .

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 15:34
  • مەن بۈگۈن http://www.alshir.com نى يېڭىلىۋالدىم
    ئارقا بەتتە WP-beFont قىستۇرمىسى نورمال ئىشلىدى

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 20:49
  • چۈشۈرۈش ئادىرسى قاچان تەمىنلىنىدۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى am 08:55
  • مۇبارەك بولسۇن ئالىم مۇئەللىم

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 19:08
  • مۇئەللىم ،سىلى قالدۇرغان ئۇلىنىش wp- login.php?checkemail=registered ئارقىلىق تىزىملاتقىلى بولمىدى،چىققان ئۇچۇر پارول ئەۋەتىش مەغلۇپ بولدى ،،،،سىلى رەنجىمەي بىر قاراپ باققان بولسىلا ،تىزىملىتىپ بولوپلا visual stadio 2012 دىكى كۆزنەك سەككىز دىكى ماسلاشماسلىق ۋە خاتالىق ئۇچۇرلىرىنى ئۈزەمنىڭ بىلىش دائىرىسىدە يوللاپ بەرگەن بولسام،ئاۋارە قىلىدىم..

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى pm 16:47
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم ، مەن بۇ نەشرىنى قاچىلىغانتىم ، باشقۇرۇش تاختىسدا ئۇيغۇرچە خەتلەر نورمال ، چىرايلىق كۆرۈندى ، لېكىن ،ئالدى بەتتە خەتلەر ئۇنداق نورمال ئەمەس . ئايرىم – ئايرىم ھالدا ھەرخىل تور كۆرگۈچلەردە سىناپ باقتىم . بىراق يەنىلا ئۇيغۇرچە خەت نورمال ئەمەس …. قانداق قىلسام ئالدى بەتتە ئۇيغۇرچە خەتنى نورمال كۆرۈنۈدىغان قىلالايمەن ؟!

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 20:30
  • ئالىم مۇئەللىم ئۆتكەندە مەن ما
    http://www.uighursoft.org/
    توربەت توغرسىدا بىر ئىنكاس يازغان ئىدىم،بۈگۈن ئىنگىلىسچە چۈشەندۇرلىشىنى تەپسىلى كۆرۇپ باقاي دەپ قارىسام ئىككى ئۈچ يەردە خاتالىق باردەك قىلىدۇ(ئەيىپكە بۇيرىماسسز):
    1. تۆتىنجى ئابزاسنىڭ ئاخىرقى جۈملىسى being دەپ باشلاپسىز،جۈملىنىڭ ئىگىسى سىز، ئاخىرغا كەلگەندە خىزمەت داشلارنى who دېگەن سۆز بىلەن ئۇللىماي ئوتترغا پەش قويۇپ they دېگەن سۆز بىلەن باشلاپ جۈملىنىڭ ئىگىسىنى «ئۇلارغا» يۆتكەپ قويۇپسىز، ئاندىن يەنە مۇشۇ جۈملىدا the good potential دەپ يزىپسىز،the نى ئەڭ يۇقۇرى دەرىجىنىڭ ئالدىغا قوشۇمىز،بۇ يەرگە قوشۇمچە قوشمىساقمۇ بولىدۇ.
    2. ئەڭ ئاخىرقى ئابزاسنىڭ ئەڭ ئاخىرقى جۈملىسى. if you interested in دەپ يىزىپسىز، if you are interested in دەپ يازامىز. يەنە willing to assists بولاپ قاپتۇ،بۇ سۆزگە ئۇچىنچى شەخىس قوشۇمچىسى قوشۇلمايدۇ،يەنى assist دەپ يازىمىز.يەنە expand you products بولۇپ قاپتۇ، ئەسلى your بولىشى كىرەكقۇ.
    ئەگەردە مەن خاتا ئويلاپ قالغان بولسام كەچۈرۋىتەسىز،قول سۇنسا يەڭ ئىچىدە دەپتىكەن. ئەگەردە ئاشۇ جۈملىلەر راستىنلا خاتا بولۇپ قالسا چەتئەللىكلەر مازاق قىلمىسۇن دەپ ئەسكەرتىپ قويدۇم

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 23:28
  • مۇنبەرنىڭ خەت نۇسخسى باشقىچە سىلىقلىشىپ، بەكلا كۆركەم بولۇپ كېتىپتىغۇ. شۇنداق يېقىشلىكەن!

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 16:16
  • تورداشلار بىر سوئال بار ئىدى ، ئۇيغۇرتىلىنىڭ سىستىما كودى قانچە؟ مەسلەن خەنزۇچىنىڭ 2052، يۇمتالنى يەرلۈكلەشتۈرۈلگەندە لازىم بوپ قالدى

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى am 10:41
  • ئالىم ئەھەت ئاكا سىلە بىزنىڭ ئىنكاسقا جاۋاپ يازسىلىرى بىز يازغان ئىلخەتكە ئۈچۈر بارمايدىكەن . مۇشۇنداق ئىشلارنى بىر ئوڭشاپ يەنە ئۇسلۇبنىمۇ بىر پىچەترەك قىلىپ . يەنە بىرسى مۇشۇ ئىنكاس رايونىغا ئىنكاس يازىدىغانلار ھەقىقەتەن جىق . بىلوگلار ئارىسىدا سىلنىڭ بىلوگقا ھەقىقەتەن جىق ئىنكاس يىزىلىدۇ . شۇڭا بۇ بىر ياخشى ئىش . ئەگەردە ئۇيغۇرچە ئىملا تۇزىگۈچنى مۇشۇ ئىنكاس رايونىنى تەشكۈرۈپ باھا يوللاشنى چەكسە ئىتىلىپ چىقىدىغان رامكا ئىچىدە ئۆزىنى ئىملاسى خاتا سۆزلەر قىزىل رەڭدىمۇ شۇنداق بويۇلۇپ كۆرۈنسە ئاندىن شۇ خەتنى چىكىپ توغرىلايدىغان سۆزنى چەكسە توغرىلانسا ئاندىن يوللاشنى باسىدىغان ياكى ھورۇنلۇق قىلىپ يوللاۋىرەي دەپ ئۇزۇنراق كونۇپكا ئاندىن ئاستىدا ئىملا تۈزەش مىنىڭ مەسئۇلىيىتىم كەتتى ئەمسە دىگەندەك ھاردۇق چىقارغۇدەك كونۇپكا قىتىپ مانداق لايىھەلىسەك ئىملاغا دىققەت قىلىدىغانلار ئاز تولا چىقامىكى دەيمەن مىنىڭچە . ئاددىسى مەن ئاستىدا چىكىتى بار ې نى پەقەت ئىشلەتمەيمەن . شۇ ئۇسۇل بولسا قانداق يەرگە ئىشلىتىدۇ بارا بارا بىلىۋالاتتىم ….بۇ بىر سەمىمى پىكرىم ئەمدى .

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 23:13
  • لازىم تورداشلار http://ug.wordpress.org/ جايدىن چۈشۈرۈپ ئىشلىتىڭلار

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى am 09:48
  • مەن بىر بىلوگ ئاچماقچى ماڭا بەك ياردىمى بولغۇدەك . رەھمەت جاپاكەشلەر

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 22:25
  • مەن يانفۇندا تۇرغا چىقىۋاتىمەن.بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ بەك خۇش بولدۇم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 20:25
  • لىكىن زە بۇ ئۇسلۇبنى بىر كۈرۈپ باقمىسىڭىز بولمايدۇ ئالىم ئاكا
    http://smthemes.com/metroblog/

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 19:50
  • ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىڭ ئورگان تورىغا يوللانغىنى سەل بىنورمالكەن، تولۇق ئەمەس ئوخشايدۇ. يا يېڭىلانمايدىكەن، يا بوشلۇققا يۈكلەپ قايتىدىن قاچىلىغىلى بولمايدىكەن. ساندان، ئىشلەتكۈچى نامى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تولدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، كېيىنكى باسقۇچقا پەقەت ئۆتكىلى ئۇنىمايدىكەن، يا ھېچقانداق ئەسكەرتىش ئۇچۇرى چىقارمايدىكەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 18:48