WordPress 3.8 ئۇيغۇرچە نەشرى تارقىتىلدى | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى  >  يازما كۆرۈش

WordPress 3.8 ئۇيغۇرچە نەشرى تارقىتىلدى

[ IT خەۋەرلىرى ]

WordPress 3.8 ئۇيغۇرچە نەشرى چۈشۈرۈشكە تەييارلاندى، ياكى سىز WordPress باشقۇرۇش تاختىسىدىن يېڭىلىۋالسىڭىز بولىدۇ. مۇزىكانت چارلى.پاركېر (Charlie Parker) نى خاتىرىلەش ئۈچۈن بۇ نەشرىنىڭ نامىنى «Parker» دەپ ئاتىدۇق. ھازىرغا قەدەر ئەڭ ئېسىل بىر قېتىملىق يېڭىلىنىش ئىكەن دېيىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.

2013-يىلى WordPress ئۈچۈن مول ھوسۇللۇق يىل بولدى دېيىشكە بولىدۇ، چۈنكى بۇ بىر يىل ئىچىدە 3.6، 3.7 ۋە 3.8 نەشرى تارقىتىلدى. بۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە نەشرىمۇ ئىنگلىزچە نەشرى بىلەن تەڭ دېگۈدەك تەييار بولغان بولسىمۇ، ئەمما ھەرخىل سەۋەبلەردىن 3.6 ۋە 3.7 نىڭ ئۇيغۇرچە نەشرى تارقىتىلمىدى. كەڭ ئىشلەتكۈچىلەردىن سەمىمىي كەچۈرۈم سورايمىز.

ئەمدى گېپىمىزگە كەلسەك بۇلارنىڭ ئىچىدە 3.8 نەشرىدە ئۆزگىرىش زور بولۇپ، WordPress 3.8 ئىنگلىزچە نەشرى 2013-يىلى 12-دېكابىردا تارقىتىلدى. ئۇيغۇرچە نەشرىمۇ بىر كۈن كېيىن (يەنى بۈگۈن) تارقىتىلدى. كەڭ تورداشلارنىڭ سىناپ ئىشلىتىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

WordPress 3.8 نەشرىدىكى بارلىق ئۆزگەرتىشلەرنى بۇ يەردىن كۆرەلەيسىز. http://codex.wordpress.org/Version_3.8

WordPress 3.8 نەشرىدىكى يارقىن نۇقتىلار:
1. يېڭى، زامانىۋى باشقۇرۇش لايىھەسى
2. يېڭى سۈكۈتتىكى باشتېما
3. ئىجادىيەتچىلەر ئۈچۈن
(1) سىرتقى ئامبارلار يېڭىلاندى
(2) RTL (ئوڭدىن-سولغا يېزىش)نى تېخىمۇ ياخشى قوللايدۇ

يېڭىلىقلار
باشقۇرۇش تاختىسى
كۆرۈنۈش
باشتېما
كىچىك قوراللار
زىيارەت قىلىنىشچانلىقى
كۆپ خىل تور بېكەت

تەپسىلاتىنى ئىنگلىزچە تور بېكىتىدىن كۆرۈۋالسىڭىز بولىدۇ.

ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدىكى ئۆزگىرىشلەر:
ھەممىمىزگە مەلۇم WordPress نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى ياپونىيەدىكى دوكتور ھىدايەت ئىزچىللىقنى ساقلىغان ئاساستا ناھايىتى سۈپەتلىك تاماملاپ كېلىۋاتقان ئىدى. ئۆتكەن يىلى Windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى رەسمىي ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، مېنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇرسوفت يەرلىكلەشتۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكى خادىملار تېخىمۇ كۆپ ئېسىل يۇمشاق دېتاللارنى ئورگان تەرەپ ئارقىلىق تەرجىمە قىلىش ئارزۇيىمىز تېخىمۇ كۈچەيدى. شۇ سەۋەبتىن ئالىم ئەھەت بىلوگىدىكى ( پەخىرلىك WordPress بىلەن تەييارلانغان) ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنماي قالغان مەزمۇنلىرىنى تەرجىمە قىلدۇق. ئۇزۇنغا قالماي WordPress نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىڭ ئاپتورى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۆز ئارزۇيۇمنى دېدىم، دوكتور ھىدايەت ناھايىتى خۇشاللىق بىلەن بۇ ۋەزىپىلەرنى بىزگە تاپشۇردى. بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرجىمە خىزمىتىگىمۇ بىزنىڭ مەسئۇل بولسا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئورگان تورىدىن مەخسۇس ھوقۇقلارنى ئېلىپ بەردى. بىز بۇنىڭدىن ئىنتايىن ھاياجانلاندۇق، شۇنداقلا ئىلگىرىكى تەرجىمىگە Microsoft نىڭ تەرجىمە ئۇسلۇبى ۋە ئاتالغۇلىرىنى ئىشلىتىپ، قايتا قاراپ چىقتۇق. شۇنداقتىمۇ خاتالىقلارنىڭ يۈز بېرىشى مۇقەررەر. بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەل بولۇشى ئۈچۈن كۆپچىلىكنىڭ داۋاملىق تەكلىپ-پىكىر بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، شۇنداقلا WordPress ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىڭ بۈگۈنكى كۈنگە كېلىشى ئۈچۈن ھارماي-تالماي خالىس تۆھپە قوشقان دوكتور ھىدايەتكە چوڭقۇر مىننەتدارلىقىمىزنى ۋە تەشەككۈرىمىزنى بىلدۈرىمىز.

بۇ نەشرىدىمۇ ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ئېسىش، EOT تونۇتۇش ۋە خەت نۇسخىسىنى ئۇيغۇرچىغا تەڭشەش ئىشلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. بۇ ئارقىلىق تور بېكەتنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتىنى تېزلەشتۈرۈش ۋە ئۇيغۇرچە تەرجىمىنى ۋاقتىدا تارقىتىشقا بەلگىلىك دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلىندى. ئىشلەتكۈچىلەر خالىسا بۇرۇنقى نەشرىدىكى ug_CN.php ھۆججىتى ۋە تەڭشەلگەن CSS ھۆججەتلىرىدىن پايدىلىنىپ ئۆزلىرى تەڭشىۋالسا ياكى تەڭشەپ بەرگۈچىلەرگە ھاۋالە قىلسا بولىدۇ. مۇشۇ سەۋەبتىن ئىشلەتكۈچىلەرگە قولايسىزلىق كەلتۈرگەنلىكىمىزدىن كەچۈرۈم سورايمىز. شۇنداقلا تورداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى، كەمچىلىكلىرىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز.

بۇندىن باشقا تىلغا ئېلىنمىغان يېڭىلىقلار، ئۆزگەرتىشلەر ۋە بايقالمىغان خاتالىقلار توغرىسىدا تورداشلىرىمىز بۇرۇنقىدەكلا ئۆز پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ. مۇۋاپىق ۋە ئورۇنلۇق تەكلىپ-پىكىرلەر دەرھال قوبۇل قىلىنىدۇ.

ھەممەيلەننىڭ WordPress ھاياتىنىڭ خۇشاللىق ئىچىدە داۋاملىشىشىغا تىلەكداشمىز.

2013-يىل 14-دېكابىر

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
80 پارچە باھا يېزىلدى
  • ئالىم مۇئەللىم،مەن ئىككى بىلوگدا نەشىر يېڭىلاش مەشغۇلاتى قىلدىم،ھەم ئوخشاشلا مەغلۇپ بولدۇم.شۇنىڭ بىلەن 3.8 نەشىرىنى قايتىدىن قاچىلاپ باقماقچى بولۇپ،يەرلىكتە سىنىدىم(بۇرۇنقى بىلوگۇمنىڭ ساندانىنى زاپاسلىغان بولمىسا،شۇنداقتىمۇ ھە ئىھتىمالغا قارشى يەرلىكتە سىناپ باقماقچى بولدۇم)يەرلىكە سانداننى ئاپتوماتىك قۇرغىلى بولمىدى.شۇنىڭ بىلەن قولدا قۇرۇپ بەردىم.لېكىن يەنىلا خاتالىق چىقتى.خاتالىق ئۇچۇرى تۆۋەندىكى ئىككى ھۆججەتتىمىش:
    wp-includes\functions.php:1848 بىلەنwp-includes\deprecated.php on line 3162مۇشۇ خاتالىق چىقتى.بىزنىڭ توپتىكى باللار دەسلەپ نەشىر كۆتۈرگەندە خاتالىق چىقتى دېسە تازا ئىرەن قىلماپتىكەنمەن.ئەمدى مېنىڭ بېشىمغا كەلگەندە قاراپ تۇرماقتىن باشقا ئامال يوقتەك…
    ھازىر خەنچە نەشىرىنى چۈشۈرۈپ سىناپ باقىمەن،ئەگەر خەنچە نەشىرىدە چاتاق بولمىسا،ھازىرچە خەنچە نەشىرىنى ئىشلىتىپ تۇرايمىكىن.يەنە باشقا مەسىلە بايقالسا داۋاملىق ئىنكاس شەكىلدە قالدۇرۇپ ماڭىمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 14:10
    • بولىدۇ، مەن تەكشۈرۈپ باقاي، مېنىڭ نەشرى ھازىر 3.8 ئىدى

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 19:26
      • ئەسسالامۇ ئالىم مۇئەللىم ،مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ بىر سۇئال سوراي ،رەنجىمەي جاۋاپ بەرگەن بولسىڭىز،مەن win8.1 نىڭ ئۇيغۇرچە ئارا يۈزىدە visual stadio 2012 نى قاچىلىشىم قاچىلىدىم،ئەمما،قەدەمدە بىر ئەسكەرتمە ئۇچۇر چىقىۋالدى،ئۇچۇر مەزمۇنى بولسا ئاپتۇماتىك تەڭشەمسە دىگەن ئۇچۇركەن،ھەئە دەپ قىلىپ باقتىم ،قولدا تەڭشەش دىگەننىمۇ قىلىپ باقتىم ،ئەمما يەنىلا شۇنداق ئۇچۇر چىقىۋالدى،ھەمدە شۇ ئۇچۇر ھىقىش بىلەنلا تور كۆرگۈچ تاقىلىپ قالدى…بىر قېتىم سىېستىمى ئەسلىگە ياندۇرۇپ باقتىم ھەم visual stadio 2012 نى قايتا قاچىلاپ باقتىم،يەنە ئوڭشالمىدى ،سىلىچە قانداق قىلسام نورمال بۇلار؟

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 20:55
      • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم، مەن سىستىمىنىڭ نەشىرىنى 8.1 گە كۈتۈرگەندىن كىيىن پەقەت ئىشلىتەلمىدىم، بىر ئىش قىلاي دەپ تۇرسام ئۈستەل يۈزى ئاكتىپلىنىپ كىتىدۇ. مەشغۇلات قىلىۋاتقان ئەپ ئاكتىپسىز ھالەتتە، ئىچىم بەك سىقىلىپ كەتتى. ھەنىم بولسا تور ئادىرىسىڭىز خەتكۈچتە بارتى، بولمىسا نىمە كۈننى كۈرەتتىمكىن تاڭ. ماۋۇ ئىنكاسنى نەچچە يېزىپ يازالماي، ئاخىرى تېلېفۇندا يېزىپ، كىسىسپ چاپلاپلا يوللىدىم. لېكىن ئۈستەل كومپىيوتېر نۇرمال. مۇشىنىڭغا بىر جاۋاب بىرىۋەتكەن بولسىڭىز. نەچچە قېتىم قايتا قوزغاتساممۇ ئوڭشالمىدى.

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 20:50
        • ئۈستەل يۈزى ئاكتىپلىنىپ كىتىدۇ. مەشغۇلات قىلىۋاتقان ئەپ ئاكتىپسىز ھالەتتە، ******************لېكىن ئۈستەل كومپىيوتېر نۇرمال.
          =====================
          تازا ياخشى چۈشىنەلمىدىم

          يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 21:53
      • يەنى سىستىمىنى يېڭىلىغاندىن كىيىن، مەن word قا كىرىپ خەت يازسام، تۆت بەش ھەرىپ يېزىلىپلا word ئاكتىپسىزلىنىپ كىتىدۇ، مەن word تا خەت يېزىۋاتقاندىكىن خەت word قا يېزىلسا بۇلاتتىدە، لېكىن ئۇنداق بولمىدى، ئۈستەل يۈزى ئاكتىپلىنىپ كىتىدىكەن. مەن يەنە مۇنداق قىلىپ باقتىم:
        مەن word نى ئېچىپ يېرىم ئىكراندا قىلىپ قويدۇم، ئىكراننىڭ يېرىمىدا ئۈستەل يۈزىدىكى ئەپلەرنى كۆرگىلى بۇلىدۇ. ئاندىن word قا ئۇيغۇرچە تاللاپ كىرگۈزسەم، تۆت بەش ھەرىپ كىگۈزۈلۈپ بولغاندىن كىيىن دوڭ دوڭ قىلىپ خاتالىق ئاۋازىمىكىن ئىشقىلىپ شۇنداق ئاۋاز چىقىدۇ. نەچچە ھەرىپ بېسىپ باقتىم. ئىكراندىكى سىنبەلگە ياكى ئەپنىڭ ئىسمىنىڭ باش ھەرىپى بىلەن مەن باسقان ھەرپ ماس كەلسە ئاۋاز چىقمايدۇ. بولمىسا ئاۋاز چىقىدۇ. word تا «ب» نى بېسىپ تۇرسام. تۇرۇپلا ئۈستەلدىكى «بۇ كومپيوتېر» تاللانغان ھالەتكە ئۈتىدۇ. مەن نەچچە ئەپتە سىناق قىلىپ باقتىم، ھەممىسىدە مۇشۇنداق.

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى am 11:20
    • قايتا چۈشۈرۈپ سىناپ بېقىڭ، مەن بايا قايتا يوللاپ باقتىم. مەن سىناپ باقساقم نورمال

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 19:32
  • 3.8نىڭ ئۇيغۇرچە نەشىرى يەرلىك مۇلازىمېتىر(XAMPP)غا نورمال قاچىلانمىدى.(سىناق قىلىنغان سىستېما:win7, win8, win8.1 )
    مەن جەمئى 4كومپيۇتېرغا سىناق قىلىپ قاچىلاپ باقتىم؛ ھىچقايسىسىغا نورمال قاچىلىيالمىدىم. (ئېنگىلىزچىسى نورمال قاچىلىنىۋاتىدۇ)

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 13:09
    • Wampserver2.4 نى قاچىلاڭ، ۋىندوۋس8.1 سېستېمىدا مەنمۇ نۇرغۇنلىرىنى قاچلاپ، ماسلاشتۇرالماي، مۇشۇنى قاچىلىسام نورمال ئىشلىدى.

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى am 00:15
  • ئۇيغۇرچىسىنى قەيەردىن چۈشىرىمىز ، ئۇيغۇرچىسىنى تاپالمىدىمغۇ ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 12:36
  • باش قۇردىكى بىر ھەرىپ كۆرۈنمەيدىكەن ياكى يېرىم كۆرۈنىدىكەن .

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى am 08:11
  • مۇئەللىمگە تۆۋەندىكى ئىككى ئۇسۇپ يارامدىكىن دەيمەنغۇ!
    http://theme.crumina.net/onetouch/
    http://www.itkes.com/
    ھەممىسى win8 ئۇسلۇبىكەن ئەمەسمۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 23:05
  • رەخمەت ئۇستاز جاپا چەكتىڭىز

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 22:50
  • تىمىغا مۇناسىۋەتسىز بىر سۇئال سۇراي.
    مەن win8.1 نىڭ ئۇيغۇرچە ئارا يۈزىدە visual stadio 2012 نى قاچىلىيالمىدىم، خاتالىق كۈرۈلدى دەپ چىقىۋالدى. خەنزۇچىسىنى چۈشۈرگەنتىم بولمىسا ئۇيغۇرچىسى بولمىغاندىكىن. مۇشۇنى ئوڭشايدىغانغا بىر ئامال قىلساق بۇلاتتى. رەسىمنى قانداق يوللاشنى بىلەلمىدىم بولمىسا رەسىمىنى يوللايتتىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 21:44
    • مەن ئۇنداق ئەھۋالغا يولۇقمىغانغۇ؟ بۇ تىل بولىقى ياكى ئارا يۈزدىكى مەسىلە ئەمەس. يەنە سىناپ بېقىڭ!

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 22:38
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مۇئەللىم،ئۇيغۇرچە تىل بولىقى چۈشۈرۈش ئادرىسى تەمىنلەنمىدىمۇ ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 12:35
  • ناھايىتى ياخشى بوپتۇ. ھېلىقى «چىرايلىق ئۇسلۇب» نىڭ دەستىدىن ماۋۇ يازمىنى مەنەمدە كۆرۈپتىمەن. بىلوگ، تور بېكەت ساھەسى تېخىمۇ جانلىنىپ كېتىدىغان بولدى. شۇنداقلا بۇ يىل ئۇيغۇرسوفىتنىڭ كۆپچىلىككە سۇنغان ئەمگەك مېۋىلىرىمۇ ئاز ئەمەس، جاپا چەكتىڭلار…

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 12:25
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم،مەن تەدبىركارلاردىن يېڭى نەشىر چىقىپتۇ دەپ ئاڭلاپ،شۇ ھامان قىستۇرمىلارنى تاقىۋىتىپ يېڭىلىغان ئىدىم.چاتاق يېرى 20% بولا بولماي ئالدى كەينى بەتلەر ئاپئاق بولۇۋالدى،يەنە بىر ئېلخەتتە ئىنكاس يازسام،سىلىنىڭ بىلوگ قۇرۇلغاننىڭ ياقى مېنىڭ بىر تالمۇ ئىنكاسىم تەستىقلىنىپ باقمىدى…شۇڭا ئامال يوق باشقا ئېلخەتتە ئىنكاس يىزىۋاتىمەن.مۇشۇنىڭغا بىرەر ئامال بارمىدۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى am 11:21
  • ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەلللىم ! تىمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ بىر سۇئال سۇرىسام ، مىكروسوفت ۋىندوۋس 9 غا تۇتۇش قىلىپ بولدىمۇ ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا تەخمىنەن قاچان ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن ؟ ۋىندوۋس9 غا ئۇيغۇرچە فونت قېتىشنىڭ ئېھتىماللىقى قانچىلىك ؟
    مۇمكىن بولسا ھەممىمىز قولىمىزدىن كىلىدىغانلىكى ئۇسۇل بىلەن تەشۋىق قىلغاچ تۇرساق . شۇنداقلا ۋىندوۋس9 نىڭ 100% ئۇيغۇرچىلىشىشىنى قولغا كەلتۈرسەك دىگەن ئۈمىدتە مەن .

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى am 09:47
    • بەزى ئىشلارنى تور يۈزدە دېسەم بولمايدۇ، ئەمما خەت نۇسخىسى ئۈچۈن 20-30 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى پۇل كېتىدۇ. بۇ ئىشقا يەنە بىر قېتىم كۆچەپ باقارمىز. ئاز دېگەندە 100 ئادەم سېتىۋالسا ياكى 1 مىليون ئادەم قاچىلاپ ئىشلەتسە بۇ تەبئىي بولىدىغان ئىش، بۇ ئىشلارنى يەنىلا بازار بەلگىلەيدۇ

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى am 10:20
  • ئالىم مۇئەللىم، تەھرىرلىگۈچ يونىلىشى ئوڭدىن سولغا چىقىۋېلىپ تەھرىرلەشتە سەل قولايسىزلىق كېلىپ چىقتى. مۇشۇنى سولدىن ئوڭغا قىلىغىلى بولارمۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى am 09:00
  • ئىقتىدارى بەك كۈچلۈك،ئىشلىتىش بەك ئەپلىككەن، ئادەم بولۇشتىن باشقا ئىشلار بەك ئاسان بوپ كىتىۋاتىدۇ جۇما!كىيىن ۋاقىت چىقىرىپ بۇنىمۇ ئويناپ قويسام بولغۇدەك.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى am 05:09
  • سالام ئالىم مۇئەللىم!
    ئىسمىمغا قاراڭ.
    چورت ياقتۇرمىدىم. بۇ قارا ئۇسلۇبنى ئىشلىتىشكە مەن سەللىمازا قارشى!

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 22:47
  • بۇ سىستېمىمۇ ئۇيغۇرچىلىشىپتۇ دە. مۇبارەك بولسۇن ئېسىل ئىش بولۇپتۇ.
    ھازىرقى مۇشۇ ھالىتى مۇشۇ سىستېمىنىڭ ھالىتى شۇمۇ ياكى مېنىڭ كومپيۇتېرىمنىڭ تور كۆرگۈسىدە چاتاق بامۇ؟ خەتلەر بەكلا سوزۇنچاق ھەمدە ماۋۇ بېكەت ئۇسلۇبى قاپقارا تۇرىدا

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 21:31