تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى


جىنسى ئاجىزلىقنى تېۋىپقا بارمايمۇ ھەل قىلغىلى بولامدۇ؟
جىنسى ئاجىزلىق(يەنى مەنى تىز يۈرۈپ كېتىش ياكى جىنسى ئەزا ياخشى قاتماسلىق) توي قىلغانلاردا ئارىلاپ كۆرۈلۈپ قالىدىغان ئەھۋال بولۇپ، ئەگەر بەك ئېغىر بولمىسا ئۇنى ئادەتتىكى چارىلەر بىلەنمۇ ياخشىلاپ كەتكىلى بولىدۇ، تۆۋەندە شۇنىڭغا ئالاقىدار بىر نەچچىلىگەن پايدىلىق رېتسىپلار سۆزلىنىدۇ، بەزى مۇرەككەپ دورىلار ۋە مىزاجغا مۇناسىۋەتلىك بايانلارنى تادۇ بلوگىنىڭ قارابادىن ۋە نەزەرىيەلەر دېگەن بۆلىكىدىن كۆرۈۋالساڭلار بولىدۇ.
رايونىمىز كىشىلىرى ئاساسەن تۆت مىزاجدا بولىدۇ،ئۇلار سەپرا(قۇرۇق ئىسسىق)،قان(ھۆل ئىسسىق)، بەلغەم(ھۆل سۇغۇق)، سەۋدا(قۇرۇق سۇغۇق)تىن ئىبارەت بولۇپ بۇلارنىڭ تەپسىلاتىنى نەزەرىيەلەردىن كۆرۈڭ.
ئەگەر بىر كىشىدە سەپرادىن جىنسى ئاجىزلىق كۆرۈلسە ۋە ئۇنىڭغا ئانچە ئۇزۇن بولمىغان بولسا ئاچچىق ۋە تاتلىق ئانار سۇلىرىنى ئىچىپ بەرسە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
كۈنىگە بىر پىيالىدىن قېتىق ئىچىپ بەرسىمۇ ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ، ئەگەر ئىمكانىيىتى بولسا پولاتنى قىزىتىپ قېتىققا چۈمۈرۈپ ۋە ئۇنى يەتتە قېتىم تەكرارلاپ، ئاشۇ قېتىقنى ئىچىپ بەرسە بەك ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ، بۇ ئۇسۇل يەنە سەپرادىن بولغان ئىچى سۈرۈشكىمۇ مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئەھۋالى ياخشىلانغاندىن كېيىن قېتىق ئىچىشنى توختاتسا بولىدۇ.
ئەگەر بىر كىشى ھۆل ئىسسىق(قان) سەۋەبىدىن جىنسى ئاجىزلىققا گىرىپتار بولسا ، گۆش قاتارلىق قۇۋۋەتلىك تاماقلارنى ئاز يېيىشى، يۇمغاقسۈت ، سەندەل ، لىمون قاتارلىقلارنى كۆپ ئىستىمال قىلىپ بېرىشى كېرەك.
كەندىر يېغىدا تاماق ئىتىپ يېسىمۇ مەنپەئەت قىلىدۇ.
كەندىر يۇپۇرمىقىدا چاي دەملەپ ئىچىپ بەرسىمۇ پايدىسى كۆرۈنەرلىك.
خەشخەش پوستىدا چاي دەملەپ ئىچىپ بەرسىمۇ ياكى خەشخەش پوستىنى ئۇزۇن قاينىتىپ قۇيۇلغاندا ئېلىپ شۇنىڭدىن بىر ئىككى گرامدىن ئىستىمال قىلسىمۇ مەنپەئەتلىك.
ۋاڭ ئۇرۇقى بىلەن قارىمۇچتىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ ، ۋاڭ ئۇرۇقىنى ئازراق قورۇپ ئاندىن ئىككى خىل دورىنى يۇمشاق سۇقۇپ، سۇ بىلەن نۇقۇت چوڭلۇقىداكۇمۇلاچ قىلىپ، كەچتە بىر دانىدىن ئىككى دانىغىچە ئىستىمال قىلىپ بەرسە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ، بۇ دورىنى سەپرادىن بولغان مەنى بالدۇر كېتىشكىمۇ بولىدۇ.
داۋامى بەلغەمدىن ۋە سەۋدادىن بولغان جىنسى ئاجىزلىق.



قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....