تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

مۇكەممەل بىر رېتسىپ قانداق تۈزۈلىدۇ؟

مۇكەممەل بىر رېتسىپ ئاساسىي دورا، قوشۇمچە دورا، تۈزەتكۈچى دورا ۋە تەڭشىگۈچى دورا قاتارلىق بىر قانچە ئامىلدىن تەركىب تاپىدۇ.

ئاساسىي دورا : بۇ ئۆزىنىڭ خاس ۋە ئالاھىدە خۇسۇسىيىتى ئارقىلىق شۇ رېتسىپنىڭ ئاساسىي ئۈنۈمىنى بەلگىلەيدىغان ۋە بىر قىسىم رېتسىپلارنىڭ نامىنى ئاتاشتا قوللىنىلىدىغان دورىلاردۇر، بۇ دورىنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى بولسا رېتسىپ تەركىبىدىكى سانى ئاز، مىقدارى كۆپ، تەسىرى خاسلىققا ئىگە بولۇشتىن ئىبارەت.

قوشۇمچە دورا بۇ ئاساسىي دورىغا ياندىشىپ رېتسىپ ئۈنۈمدارلىقىنى كۈچەيتىش رولىنى ئوينايدىغان دورىدۇر. ئۇنىڭ رېتسىپ ئالاھىدىلىك بولسا ، مىقدارى ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ بەلگىلىنىش، دورىلىق تەسىرى ئاساسىي دورىدىن تۆۋەنرەك ، مۇتلەق سەۋەبكە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بارىدىغان دورا دەپ قاراشقا بولماسلىقىدىن ئىبارەت. ئۇ ئاساسىي دورىغا ياندىشىپ ئالامەت خارەكتىرلىك داۋالاش رولىنى ئوينايدۇ.

تۈزەتكۈچى دورا: بۇ رېتسىپ تەركىبىدىكى ئاساسى ۋە قوشۇمچە دورىنىڭ ئورگانىزىمغا بولغان زىيانلىق تەسىرىنى تۈزىتىدىغان ياكى تۆۋەنلىتىدىغان دورىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇر تېبابىتى رېتسىپ قۇرۇلمىسىدا كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ. بۇ دورىنىڭ رېتسىپ قۇرۇلمىسىدىكى ئالاھىدىلىكى شۇكى ، ئاساسىي ۋە قوشۇمچە دورا بىلەن بىر – بىرىنى كۈچەيتىش رولىمۇ ۋە قارىمۇ-قارشى رولىمۇ بولۇشى مۇمكىن. بۇ دورىنىڭ رېتسىپ تەركىبىدىكى سانى ئاز ، مىقدارى شۇ ئەھۋالغا ئاساسەن بېكىتىلىدۇ. مۇرەككەپ پىششىق دورىنىڭ ھەممىسىدى بولمىسا بولمايدىغان مۇھىم دورا تۈرىدۇر. لېكىن يەككە ۋە ئاددىي رېتسىپلارنىڭ قاراتمىلىقى كۈچلۈك بولغاچقا ، بۇ خىل رېتسىپلاردا بولۇشىمۇ ھەم بولماسلىقىمۇ مۇمكىن.

تەڭشىگۈچى دورا : بۇ رېتسىپ تەركىبىگە چۈشكەن بارلىق دورىلارنىڭ ئۆز ئارا مۇناسىۋىتىنى ھەم تەم-پۇرىقىنى ، ئىستىمالغا لايىقلىشىش ئەھۋالىنى بەلگىلەيدىغان دورا بولۇپ، ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆپ ئىشلىتىدىغان تەڭشىگۈچى دورىلار ھەسەل، شېكەر ، ھەر خىل ئۈزۈم ، ئۈجمە شىرىلىرى، ۋاسالغۇ، تەرەنجىبىن، قايماق، ناۋات، ۋە باشقا بىر قىسىم ئۆسۈملۈك ۋە مەدەن جىنسلىق دورىلاردىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلارنىڭ چىرىشكە قارشى تۇرۇش، دورىلارنىڭ سۈپىتىنى ساقلاش، تەمىنى ياخشىلاش، دورىنىڭ تەسىرى ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇش، ئەكس تەسىرىنى تۆۋەنلىتىش رولى بار. ئۇلارنىڭ رېتسىپتىكى ئالاھىدىلىكى بولسا ياسالما شەكلىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ رېتسىپنىڭ ياسالما شەكلى ۋە كېسەللىك ئەھۋالى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ بەلگىلىنىدۇ.

مىسال ئۈچۈن خېمىرى گاۋزىۋاننىڭ رېتسىپ تەركىبىگە قاراپ باقايلى؛

تەركىبى

تازىلانغان ئامىلە 20 گرام، پىلە تالقىنى يەنى ئەۋرىشىم، گاۋزىۋان، بىدىمىشكى، بادىرەنجىبۇيا، ئۈستىقۇددۇس، بالەنگۇ 40 گرامدىن، ئەبنەر بەش گرام، زەپەر 2 گرام ، ئالما شەربىتى 300گرام ، ناۋات 750 گرام؛

ياسىلىشى: قائىدە بويىچە خېمىر تەييارلىنىدۇ.

خۇسۇسىيىتى: مېڭە ۋە يۈرەكنى كۈچلەندۈرۈش، نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش، غەيرىي تەبىئىي سەۋدا خىلىتىنى تەڭشەش؛

ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر نېرۋا ئاجىزلىقى، يۈرەك ئاجىزلىقى ، يۈرەك رېتىمسىزلىقى ياخشى ئۇخلىيالماسلىق قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

رېتسىپ ئانالىزى: يۇقىرىقى رېتسىپ تەركىبىدىكى گاۋزىۋان ، بادىرەنجىبۇيا ، ئۇستىقۇددۇس ، ئەنبەر ئاساسىي دورا بولۇپ، بەدەندىكى غەيرىي تەبىئىي سەۋدا ماددىلىرىنى تەڭشەپ، مېڭە قان – تومۇرلىرىنىڭ توسالغۇلىرىنى ئېچىپ ، قان ئايلىنىشىنى ياخشىلاپ، قۇۋۋىتى نەپسانىينىڭ مەركىزى بولغان مېڭە توقۇلمىلىرىنىڭ ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىنىشىنى كۈچەيتىپ ، نېرۋىنى قۇۋۋەتلەيدۇ.

پىلە تالقىنى ، بېدىمىشكى، زەپەر ، بالەنگۇ، ئالما شەربىتى قوشۇمچە دورا بولۇپ ، يۈرەك مۇسكۇللىرىنىڭ قىسقىرىش ، كېڭىيىش ھەرىكىتىنى كۈچەيتىپ، قان تومۇرلارنىڭ توسالغۇلىرىنى ئېچىپ، ئۇلارنى كېڭەيتىپ، ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ مېڭە توقۇلمىلىرىغا يەتكۈزۈلىشىنى تېزلىتىدۇ ھەمدە مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدۇ.

تازىلانغان ئامىلە تۈزەتكۈچى دورا بولۇپ ، ئاساسىي دورا ۋە قوشۇمچە دورىنىڭ ئاشقازانغا بولغان زىيانلىق تەسىرىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ.

ناۋات تەڭشىگۈچى دورا بولۇپ ، رېتسىپ تەركىبىدىكى دورىلارنىڭ كەيپىياتى ۋە تەمىنى تەڭشەيدۇ.

بۇ دورا يەنە غەيرى تەبىئىي سەۋدا خىلىتلىرىنى پىشۇرۇش ئۈچۈنمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

ئۇيغۇر تېبابىتى رېتسىپلار ئىلمى.



قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....