تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

جىگەر ئىنسان بەدىنىدىكى مۇھىم رەئىس ئەزا بولۇپ ، يىمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ پۈتۈن بەدەنگە ئۇزۇقلۇق قىلىپ يەتكۈزۈپ بېرىدۇ ۋە ئۇنى ئۆستۈرىدۇ، تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. شۇنىڭدەك جىگەر يەنە قاننىڭ ئامبىرى ھېسابلىنىدۇ . تۆرت خىلىت (جان، سەپرا، بەلغەم ، سەۋدا) دەسلەپتە جىگەردە ھاسىل بولىدۇ، بولۇپمۇ سەپرا خىلىتى كۆكرەك جىگەردە ھاسىل بولىدۇ. تۆۋەندە جىگەرنىڭ ئورنى ۋە تۈزۈلۈشى شۇنىڭدەك ئۇنىڭ خىزمىتىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز؛

جىگەرنىڭ ئورنى

جىگەر قورساق بوشلۇقىنىڭ ئوڭ تەرەپ تۆۋەنكى قوۋۇرغا ئاستىغا جايلاشقان بولۇپ ، جىگەرنىڭ يۇقىرقى چېگرىسى يۇقىرىدىن سانىغاندا بەش قۇۋۇرغا ئاستىغا، تۆۋەنكى قىسمى ئوڭ تەرەپ بۆرەك پەردىسىگە ، سول تەرەپ ئاشقازان ئۈستىگە تېگىپ تۇرىدۇ. جىگەرنىڭ كىچىك بۆلىكى بولسا ئاشقازانغا تېگىپ تۇرىدۇ. رەڭگى قارامتۇل قىزىل، جىگەرنىڭ ئۇزۇنلۇقى 20-25 سانتىمىتىرغىچە ۋە كەڭلىكىمۇ 20-25 سانتىمىتىرغىچە بولىدۇ. ئېغىرلىقى تەخمىنەن بىر كىلو 200گرامدىن بىر كلو 600گرامغىچە بولۇپ ، ئۇمۇمىي بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ تەخمىنەن %1.5 نى ئىگەللەيدۇ. ئۆت بولسا جىگەرنىڭ ئاستىدا بولىدۇ.

جىگەرنىڭ تۈزۈلۈشى

جىگەر بولسا گۆشتىن تۈزۈلگەن يۇمشاق ماددىلىق بىر ئەزادۇر. بەزى ھۆكۈمالار ئۇنى بەدەندىكى بەزلەر قاتارىدىنمۇ سانايدۇ. جىگەرنىڭ ئىچكى قىسمى ماددا ، ئارتىرىيە(قىزىل قان تۇمۇر)، ۋېنا(كۆك قان تۇمۇر) ۋە جىگەرنى تۇتۇپ تۇرىدىغان تورسىمان پەردىلەردىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئۈستىدىن كۆكرەك پەردىسىگە ، سول تەرەپتىن ئاشقازان قورساق پەردىسىگە بېكىپ تۇرىدۇ.

جىگەرنىڭ بەدەندىكى رولى

جىگەرنىڭ ئىچكى تەرىپىدىن كەلگەن تۇمۇرلار ماسارىقا(ئەڭ چوڭ تۇمۇر)دىن سۇيۇقلۇقنى تارتىپ ، بۇنىڭدىن ماددىلارنى ھاسىل قىلىدۇ. جىگەردىكى تۇمۇرلار بىر قانچە خىل بولىدۇ. جىگەردىن چىققان بىر تۇمۇر بولۇپ ، بۇ تۇمۇر قاندىن سۇنى ئايرىيدۇ. بۇ سۇنىڭ جىگەرگە بېرىپ قېلىشىنى توسىدۇ. يەنە بىر تۇمۇر بولۇپ بۆرەكتىن قاننى تارتىپ سۇنى قالدۇرىدۇ. جىگەردە سۇيۇق ماددا ھاسىل بولغاندا پەيدا بولغان كۆپۈك قىسمى سەپرا دېيىلىدۇ. بۇ ئۆتكە بارىدىغان يول بىلەن ئۆتكە كېتىدۇ. سۈزۈك قىسمى جىگەر(قاپقا كۆك قان تۇمۇر)دىن چىقىپ كاۋاك ۋىنالار ئارقىلىق يۈرەككە بارىدۇ.تەبىئىي پىشقان بەلغەم خىلىتىنى ئۆپكە ۋە يۇلۇنغا يوللايدۇ. تېگىدە قالغان قاننىڭ لېيىنى سەۋدا خىلىتى تالغا بارىدىغان تۇمۇر ئارقىلىق تالغا يوللايدۇ.(مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن) پۈتۈن بەدەننىڭ ئۇزۇقلۇققا بولغان ئېھتىياجىنى قامدايدۇ. جىگەر سەپرانى ئۆتكە ئەۋەتمەي قانغا كېتىپ قالسا ، بەدەندە قىزىل قاپارتما پەيدا قىلىدۇ ھەم جىگەردە قىزىش پەيدا قىلىدۇ. سەۋدانى تالغا ئەۋەتمىسە جىگەردە ئىششىق پەيدا بولىدۇ(يەنى سەرتان ، مالىخولىيا، جوزام قاتارلىق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ)ھەم قارا بەھەق پەيدا قىلىدۇ. بەلغەم ئكپكە ، مېڭە يۇلۇنغا بارماي ، بەدەنگە تاراپ كەتسە ھەرخىل بەز ئۆسمىلىرى، ئاقكىسەل پەيدا قىلىدۇ.

جىگەر – جىگەر ۋېنا تۇمۇرىنىڭ ۋاقىتلىق تۇسۇلۇشى تۈپەيلىدىن قاننى يۈرەككە يوللىيالمىسا يۈرەككە قان يېتىشمەسلىكتىن بولىدىغان يۈرەك تىقىلمىسىنى پەيدا قىلىدۇ.

يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا جىگەر تۆت خىل ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان بولىدۇ. يەنى:

بىرىنچىسى: ماددا ھاسىل قىلىش ۋەزىپىسى،

ئىككىنچىسى: ماددا ئالمىشىشنى تەڭشەش ۋەزىپىسى،

ئۈچىنچىسى: زەھەر قايتۇرۇش ، زەھەرسىزلەندۈرۈش ۋەزىپىسى،

تۆرتىنچىسى: بەدەننىڭ ئېھتىياجىدىن ۋاقىتلىق ئاشقان قاننى ساقلىغۇچى ئامبارلىق ۋەزىپىسى.

پايدىلانغان مەنبە:

ئۇيغۇر تېبابەت قامۇسى

جىگەر كېسەللىكلىرىنى ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش



قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....