تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

مەجۈنى ئىمساك
تەركىبى: پارپا، مۇرمەككى، دارچىن ،زەپەر، بەسباسە، جۇزبۇۋا، بادام مېغىزى، سۆئلەپ مىسرى، ئاق بەھمەن، قىزىل بەھمەن، ئاقىرقەرھا ھىندى، چايان 3گرامدىن، رىگماھى، زەنجىۋىل، سەمغى ئەرەبى، شاقاقۇل مىسرى ،قەلەمپۇر، قارىمۇچ، پەنىرمايە 9گرامدىن، كۇچۇلا ، پولات كۇشتىسى 6گرامدىن، ئەنبەر، ئىپار 1.5گرامدىن، ھەسەل 360گرام.
ياسال ئۇسۇلى: زەپەر، ئىپار، ئەنبەرنى ئايرىم سالايە قىلىمىز، چاياننى كۆيدۈرىمىز، قالغان دورىلارنى يۇمشاق سوققاندىن كېيىن تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز. ھەسەلنى قىزىتىپ كۆپۈكىنى ئالغاندىن كېيىن زەپەر، ئەنبەر، ئىپار ۋە چايان تالقانلىرى، ئارقىسىدىن باشقا دورا تالقانلىرى سېلىنىدۇ ۋە تەكشى ئارىلاشتۇرۇلىدۇ.
تەبىئىتى: قۇرۇق ئىسسىق
تەسىرى: بۆرەك، باھ، بەدەننى قۇۋۋەتلەش، ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، بەدەننى قىزىتىش ۋە مەنى تۇتۇش تەسىرى بار.
ئىشلىتىلىشى: جىنسى ئەزانىڭ زەئىپلىرى، سوغۇقتىن بولغان مەنى تۇتالماسلىق، مەنىڭ بۇرۇن كىتىش، جىنسى ئاجىزلىق ۋە بۆرەك سۇۋۇپ كېتىش، مەزى بېزى ياللۇغى ۋە بەدەن ئاجىزلىقلىرىنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىستىمال مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم 3-5 گرامغىچە تاماقتىن كېيىن ئىستىمال قىلىدۇ.

ھەببى ئىمساك

تەركىبى: نەشە يېغى 120 گرام، كۇچۇلا 90 گرام، ئاقىرقەرھا ھىندى، سىماب 30 گرامدىن، خەشخەش ئۇرۇقى، قەلەمپۇر، جۇيۇز، بەسباسە، مەستىكى رۇمى، زەنجىۋىل، دارچىن، نارمىشكى، پىلپىل، پەرەنجىمىشكى، دارچىن،سۆئلەپ مىسرى، پارپا، سوقمۇنىيا 15گرامدىن، قارىمۇچ، مومىيا 12گرامدىن، ئوغرىتىكەن، كاۋاۋىچىن، گاۋزىۋان، سەئدى كۇفى، سەمغى ئەرەبى، سۇپارى، ئانارگۈلى 6گرامدىن، ئالتۇن ۋەرەق، كۈمۈش ۋەرەق 10 دانىدىن.

قائىدە بويىچە تەييارلاپ ، قايناق سۇ بىلەن يۇغۇرۇپ، نۇقۇت چوڭلۇقىدا كۇمىلاچ قىلىدۇ.

تەبىئىتى: قۇرۇق ئىسسىق
تەسىرى: ئۇمۇمى بەدەننى قۇۋۋەتلەش، مەنى تۇتۇش، ئاغرىق پەسەيتىش، مەست قىلىش تەسىرى بار.
ئىشلىتىلىشى: جىنسى ئاجىزلىق، مەنى تۇتالماسلىق، مەنى سۇيۇلۇپ كېتىش، بەل ئاغرىش، ئۇيقۇسىزلىق، ئاق خۇن كۆپ كىلىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
كۈنىگە بىر قېتىم بىردىن ئۈچ دانىگىچە ئىستىمال قىلىدۇ.



قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....