تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى


بۆرەك ئاغرىقى
بۆرەك ئاغرىقى يەلدىن ياكى بۆرەكنىڭ زەئىپلىكىدىن ياكى بۆرەك ياللۇغى، بۆرەك تېشى ۋە ياكى بۆرەك يارىسىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

داۋالاش:قايسى سەۋەبتىن بولسا ، ئاۋال سەۋەبىنى يوقىتىش كېرەك.
بۆرەك ئاغرىقىنىڭ ھەر قايسى تۈرلىرىدە بابۇنە، سېرىقچىچەك، ئاقلەيلى ئۇرۇقى، كاللەكسەي يۇپۇرمىقى قاتارلىقلارنىڭ قاينىتىلمىسىدا بىمارنى ئولتۇرغۇزۇش ناھايىتى مەنپەئەتلىكتۇر.

بۆرەككە يەل كېلىۋېلىش
بۇ كېسەلدە قۇيۇق خىلىتلاردىن ھاسىل بولغان قۇيۇق يەل بۆرەك تۇقۇلمىلىرى ئارىسىغا يىغىلىپ قالغان بولىدۇ.
كېسەللىك ئالامىتى: بەلدە ئېغىرلىقسىز ئاغرىش ۋە تارتىشىش سېزىمى بولىدۇ. بۆرەك تېشىغا دائىر ئالامەتلەر كۆرۈلمەيدۇ. قورساق ئاچقاندا ئاغرىق يېنىكلەيدۇ.
داۋالاش: زىرە، سېرىقچىچەك، سۇزاپ ئۇرۇقى، بابۇنە قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، سوقۇپ، بۆرەك ساھەسىگە زىمات قىلىنىدۇ.
شەربىتى بۇزۇرى ئىچۈرۈلىدۇ. يەل تارقاتقۇچى بېرىلىدۇ، يەنى : بەدىيان، سۇزاپ ، قىزىلگۈل، رۇمبەدىيان، بەدىيان يىلتىزى، بىخ كەبىر قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، ئون ھەسسە سۇغا چىلاپ، يېرىمى قالغۇچە قاينىتىپ، سۈيىگە شىكەر ياكى قەنت قۇشۇپ شەربەت تەييارلاپ، ھەسەل سۈيى بىلەن بىرگە ئىچىشكە بېرىلىدۇ. يەنە يەل تارقىتىش مەقسىتىدە تۇز ۋە كېپەكنى قىزىتىپ لاتىغا ئوراپ بەل ساھەسىگە ئىسسىق ئۆتكۈزۈلىدۇ. ھەزىمنى ياخشىلاش چارىلىرى قوللىنىلىدۇ.



قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....