تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

بۇ كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك ئاچچىق قۇستىنىڭ يىلتىزى بولۇپ، تەمى ئاچچىق كېلىدۇ.
خېمىيەلىك تەركىبى: ئاچچىق قۇستە تەركىبىدە 0.3-3% گىچە ئۇچۇچان ماي بار. يەنە stigmasterol ، betulin، saussurine، قۇستە ئىشقارى، رېزىنا قاتارلىقلار بار.
فارماكولوگىيەلىك تەسىرى:
1. تارتىشىشنى قايتۇرۇش ۋە قان بېسىمىنى چۈشۈرۈش تەسىرى : قۇستە ئالكولوئىدى كانايچە ۋە كىچىك ئۈچەي سىلىق مۇسكۇلىنىڭ تارىيىشىغا قارىتا كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە سىپازما قايتۇرۇش تەسىرىگە ئىگە . قۇستە يېغىدىن ئايرىپ ئېلىنغان مەلۇم تەركىبلەر سىلىق مۇسكۇلنىڭ تارتىشىشىنى بوشاشتۇرىدۇ، كانالچىلارنى كېڭەيتىدۇ ۋە قان بېسىمىنى چۈشۈرىدۇ.
2. باكتىرىيەگە قارشى تەسىرى: ئاچچىق قۇستە قايناتمىسى تەجرىبە نەيچىسىدە a تىپلىق پاراتىف تاياقچە باكتىرىيەسىنى يەڭگىل دەرىجىدە تۇرمۇزلاش تەسىرى بار. تولغاق تاياقچە باكتىرىيىسى، يېشىل رەڭ تاياقچە باكتىرىيىسى، ئۈزۈمسىمان شارچە باكتىرىيىسى، زەنجىرسىمان تاياقچە باكتىرىيەلىرىنى تۇرمۇزلاش تەسىرى يوق. بەزى كېسەل پەيدا قىلغۇچى زەمبۇرۇغلارنى تۇرمۇزلايدۇ.
تەبىئىتى: ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
خۇسۇسىيىتى: پەي-مۇسكۇللارنى چىڭىتىش. تېرىنى قۇۋۋەتلەش، قاننى جانلاندۇرۇش،ئەزالارنى قىزىتىش، رەئىس ئەزا(يۈرەك،مېڭە،جىگەر)لارنى كۈچەيتىش، ئاشقازان ، بۆرەك ۋە باھنى قۇۋۋەتلەش، ئارتۇق ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، ھۆل سوغۇق ۋە غەيرى تەبىئى بەلغەم خىلىتىنى تەڭشەش، يەل تارقىتىش، قان تازىلاش،توسالغۇلارنى ئېچىش، مەددە قۇرتنى ئۆلتۈرۈش، چىرىشكە قارشى تۇرۇش، ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىقلار .
ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر: پالەچ ، لەقۋا، پەي-بۇغۇملار ئاغرىقى، تارتىشىپ قېلىش، ئۇنتۇغاقلىق، قۇلاق ئاغرىقى، سوغۇقتىن بولغان يۆتەل، زىققە، داغ،سەپكۈن، تەمرەتكە، سۈيدۈك ۋە ھەيز تۇتۇلۇش، ئۈچەي قۇرتى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
1- قۇستىدىن مۇۋاپىق ئېلىپ، يامغۇر سۈيىگە چىلاپ، شۇ سۇنى بۇرۇنغا تېمىتىپ بەرسە ، كونا باش ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ.
2-قۇستىنى مەلھەم قىلىپ باشقا چاپسا ئۇنۇتقاقلىقنى يوقىتىدۇ.
3-قۇستىنى زەيتۇن يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ چېپىپ بەرسە پالەچ ۋە ئەزالار بوشىشىپ قېلىشقا پايدا قىلىدۇ.
4- قۇستىدىن ياغ تەييارلاپ قۇلاققا تېمىتسا سوغۇقتىن بولغان قۇلاق تۇسالغۇلىرىنى ئاچىدۇ.
5- قۇستىنى يۇمشاق سوقۇپ،ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ يالاپ بەرسە سوغۇقتىن بولغان كۆكرەك شىلىمشىق خىلىتلىرىنى پارچىلايدۇ ۋە تازىلايدۇ، بېقىن ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
6- قۇستىنى يۇمشاق سوقۇپ، ھەسەل سۈيى بىلەن ئىچىپ بەرسە بەلغەم ۋە ئارتۇق ھۆللۈكلەرنى يوقىتىدۇ، يەللەرنى تارقىتىدۇ. ئاشقازان، جىگەر، بۆرەك ۋە دوۋساقنى قۇۋۋەتلەيدۇ. جىگەر-تالنىڭ توسالغۇلىرىنى ئاچىدۇ. تالنىڭ ئىششىقلىرىنى قايتۇرىدۇ، يەرقان ۋە بالىياتقۇ ئاغرىقى ئۈچۈن مەنپەئەت قىلىدۇ.
7-قۇستىنى سۇغۇق سۇ بىلەن ئىچسە ئۈچەي قۇرتلىرىنى چۈشۈرىدۇ، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋان قىلىدۇ.
8-بىر يېرىم گرام قۇستە تالقىنىنى ھەسەل بىلەن ئىچسە باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ، قۇستىنى خېمىر قىلىپ چاپسىمۇ ياكى يېغىدا مايلىسىمۇ ئوخشاش تەسىر قىلىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: 2.5-4.5گرامغىچە.
زىيانلىق تەسىرى: دوۋساق ۋە ئۆپكىگە زىيان قىلىدۇ.
تۈزەتكۈچىسى: رۇمبەدىيان، گۈلقەنت.



سەھىپە : خام دورىلار

قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....