بۇ ھەممىگە تۇنۇشلۇق بولغان چوڭ سېرىق ھەرە ياكى سېرىق ھەرىنىڭ ئۇۋىسى بولۇپ ، شەكلى يۇمىلاق، رەڭگى ئاقۇل، كۈلرەك بولىدۇ. ئالدى تەرىپىدە ئالتە بۇرجەكلىك تۆشۈكلەر، كەينى تەرىپىدە بولسا تۇتقۇچى(سېپى) بولىدۇ. مانا مۇشۇ ھەرە كۆنىكى ياكى ھەرە ئۇۋىسى نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.
خېمىيەلىك تەركىبى:
گلۇكوزا، دەرەخ يىلىمى، مېۋە قەنتى، ھەسەل مومى، ھەسەل يىلىمى،بىر قىسىم ئۇچۇچان مايلار،فوسفور ۋە ئارىلاشما ماددىلار بار.
دورىلىق تەسىرى:
زەھەر قايتۇرۇش ، جاراھەتلەرنى پۈتتۈرۈش، ياللۇغ قايتۇرۇش تەسىرى بار.
تەبىئىتى: بىرىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سۇغۇق.
خۇسۇسىيىتى:
يەل تارقىتىش، زەھەر قايتۇرۇش، قۇرتلارنى ئۆلتۈرۈش، ئاغرىق پەسەيتىش، قان تازىلاش، ياللۇغ قايتۇرۇش، باھنى قۇۋۋەتلەش.
ئىشلىتىلىشى:
قورساق ئىسىلىش، دورىلاردىن زەھەرلىنىش، بۇۋاسىر، ھەر خىل جاراھەت، سۈت بېزى ياللۇغى، غەلۋىرەك، جاھىل تەمرەتكە ، تېرە ياللۇغى، چىش ئاغرىقى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
ھەرە كۆنىكىدىن 12گرام، غەز تاپاندىن 35گرام،سىمىز ئوتتىن 25 گرام ئېلىپ قاينىتىپ، سۈيىدە يەرلىك ئورۇننى يۇسا ، بۇۋاسىر ئاغرىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ھەرە كۆنىكى، زەمچە 12گرامدىن، ئەمە يۇپۇرمىقى 20گرام،سەپرا ئوت يىلتىزى پوستىدىن 15گرام ئېلىپ، قائىدە بويىچە قاينىتىپ، سۈيىدە يەرلىك ئورۇننى يۇسا ، جاھىل تەمرەتكە ۋە تېرە ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: 3-6گرام.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: ئاشقازانغا زىيان قىلىدۇ، تۈزەتكۈچىسى: سۈت.
ئورۇنباسارى : ھەسەل.
خام دورىلار ئىلمىدىن