تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

بەشىنچى باب قۇۋۋەتلەر ھەققىدە
بۇ باب ئۈچ پەسىلگە بۆلۈنىدۇ.
جانلىقلارنىڭ قۇۋۋەتلىرى ۋە ھەرىكەتلىرى بار بولۇپ،قۇۋۋەت بىلەن ھەرىكەتنى بىر-بىرىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك دەپ چۈشىنىش كېرەك، چۈنكى ھەرىكەت قۇۋۋەتتىن كېلىپ چىقىدۇ. ئەزالارنىڭ ھەرىكىتى ئۈچ خىل بولىدۇ. قۇۋۋەتلەرمۇ تەبىئى قۇۋۋەت، ھايۋانى(ھاياتلىق) قۇۋۋەت ۋە نەپسانى قۇۋۋەتتىن ئىبارەت ئۈچ خىل بولىدۇ. ھەر قايسى قۇۋۋەتلەرنىڭ ئورنى بىر ئەزاغا خاس بولۇپ، قۇۋۋەت ۋەھەرىكەت شۇ ئەزادىن پەيدا بولىدۇ. بۇ ئەزالار رەئىس ئەزا دېيىلىدۇ.

1- پەسىل تەبىئى قۇۋۋەت

تەبىئى قۇۋۋەت ئىككى خىل بولىدۇ. بىرىنچىسى غىزادىن پەيدا بولىدىغان قۇۋۋەت بولۇپ ، بەدەن ئۇنىڭ بىلەن ئۇزۇقلىنىپ، بەدەن ھەرىكىتى مۇشۇ قۇۋۋەتتىن پەيدا بولىدۇ. بۇ قۇۋۋەتنىڭ ئورنى جىگەردىدۇر.
ئىككىنچىسى مەنى سۇيۇقلۇقىدىن ئاساسى ئۇرۇقنى ئاجرىتىپ ئالىدىغان قۇۋۋەت بولۇپ ئورنى ئۇرۇق بېزىدە بولىدۇ. ھەر ئىككى خىل قۇۋۋەتنىڭ تۇمۇرلىرىنىڭ يىلتىزى جىگەردىن ئۈنۈپ چىقىدۇ ھەمدە بۇ ئىككى قۇۋۋەت :تارتىش قۇۋۋىتى،تۇتۇش قۇۋۋىتى،ھەزىم قىلىش قۇۋۋىتى،ھەيدىگۈچى قۇۋۋەت، ئۆستۈرگۈچى قۇۋۋەت،ئوزۇقلاندۇرغۇچى قۇۋۋەتتىن ئىبارەت بىر قانچە خىل بولىدۇ، بۇ قۇۋۋەتلەرنىڭ بەزىسى تارتقۇچى قۇۋۋەت،بەزىسى تارتىلغۇچى قۇۋۋەت بولىدۇ.

ھەزىم قىلىش قۇۋۋىتىنىڭ خىزمىتي بىر قانچە خىل بولۇپ ، بەزىدە تۇتۇش قۇۋۋىتىدىكى (ساقلانغان)نەرسىنى ھەزىم قىلىدۇ،بەزىدە ئارتۇق ماددىلارنى پىشۇرۇپ ئۇزۇقلۇققا ئايلاندۇرىدۇ،بەزىدە ئارتۇق ماددىلارنى بەدەن سىرتىغاچىقىشقا لايىقلاشتۇرىدۇ، ھەممە قۇۋۋەتلەرنىڭ ئاشقازانغا بارىدىغان يولى بار بولۇپ، ھەر ئەزا ئۆز نېسىۋىسىنى تارتىپ ئالىدۇ ۋە ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىش كۈچى(قۇۋۋىتى)يېيىلگەن غىزالارنى كەيلۇس(غىزانىڭ بوتقىسىمان ھالىتى)قا ئايلاندۇرىدۇ.
جىگەر شۇ كەيلۇسنى قانغا ئايلاندۇرۇپ ، بارلىق ئەزالارغا ئەۋەتىدۇ، ئەزالار ئۆزىگە كېرەكلىك قاننى ئېلىپ قالىدۇ، تۇتۇش قۇۋۋىتى ئۇنى توختىتىپ تۇرىدۇ،ھەزىم قىلىش قۇۋۋىتى ئۇنى كەيمۇس(غىزانىڭ كەيلۇستىن كېيىنكى پىشقان شىرىسىمان سۇيۇقلۇق ھالىتى)قا ئايلاندۇرىدۇ،ئۇزۇقلاندۇرۇش قۇۋۋىتى ئۇ(كەيمۇس)نى بەدەن رەڭگىگە كىرگۈزىدۇ، ئۆستۈرگۈچى قۇۋۋەت ئۇنى قۇبۇل قىلىپ شۇ ئەزاغا يەتكۈزىدۇ.

2- پەسىل ھاياتلىق قۇۋۋىتى

پۈتۈن ئەزالاردا ھاياتلىق قۇۋۋىتى(بۇ قۇۋۋىتى ھايۋانى دەپ ئاتىلىدىغان قۇۋۋەت بولۇپ،ھاياتلىق قۇۋۋىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ)نىڭ سەۋەبىدىن ھېس(سېزىم) ۋە ھەرىكەت ھەمدە بۇ قۇۋۋەتنىڭ سەۋەبىدىن پۈتۈن بەدەندە بولسا روھ پەيدا بولىدۇ. روھ ۋە ھاياتلىق قۇۋۋىتى قاننىڭ بۇخاراتى(ھورسىمان قىسمى)دىن ۋە خىلىتلارنىڭ ئۇچۇچان قىسمىدىن ھاسىل بولىدۇ،ئەزالار شۇخىلىتلارنىڭ جەۋھىرىدىن پەيدا بولىدۇ. بۇنىڭدىن بىلىش كېرەككى ، ماددىنىڭ ۋە خىلىتلارنىڭ لەتىف(يۇمشاق ۋە يەڭگىل)لىرىدىن جىگەردە قان ؛ قاننىڭ لەتىفلىرىدىن يۈرەكتە روھ پەيدا بولىدۇ. بۇ روھ ئارقىلىق يۈرەكتە دەرھال ھاياتلىق قۇۋۋىتى ھاسىل بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەممە ئەزالار نەپسانى قۇۋۋەتكە لايىق بولىدۇ. ئەگەر بىر ئەزادىن نەپسانى قۇۋۋەت يوقىلىپ ،ھاياتلىق قۇۋۋىتى قېلىپ قالسا ، ئۇ ئەزانى تىرىك دېيىشكە بولىدۇ. شۇنىڭدەك پالەچ ئەزالارنىڭ سەزگۈ ھەرىكىتى يوقالسىمۇ ، لېكىن تىرىك ھالىتىنى ساقلاپ قالىدۇ،چىرىمەيدۇ. ئۆلۈك ئەزالارنىڭ ھاياتلىق قۇۋۋىتى يوقىلىپ كەتكەنلىكتىن تىز چىرىيدۇ. ئەگەر پالەچلەنگەن ئەزادىن پالەچ ئىللەتلىرى يوقالسا ئۇ ئەزادا يەنە سېزىم ۋەھەرىكەت پەيدا بولىدۇ.

دانا تېۋىپلار ‹‹ تاكى روھ ھەر بىر ئەزانىڭ مىزاجىنى ھاسىل قىلمىغۇچە ،ھېسسى ھەرىكەتكە لايىق بولالمايدۇ›› دەپ كۆرسەتكەن. ئەزالاردا ئاشۇھالەتنى ۋە ئەزانىڭ مىزاجىنى پەيدا قىلماي تۇرۇپ، كۈچلۈك نەپسانى قۇۋۋەت پەيدا بولمايدۇ ۋە قۇۋۋەتلەرنىڭ ھەرىكىتى ئەزادا ئاشكارا بولمايدۇ . شۇنىڭدەك كۆرۈش ،ئاڭلاش،تېتىش،پۇراش سېزىش سېزىم قۇۋۋەتلىرى پەيدا بولمايدۇ. روھى ھايۋانى( قۇۋۋەتلەر ئچكە بۆلۈنگەندەك روھمۇ ئۈچكە بۆلۈنىدۇ)ۋە ھاياتلىق قۇۋۋىتى مېڭىدىن قۇلاق،بۇرۇن ۋە تىلنىڭ تۇمۇرلىرى يەتكۈزۈش بىلەن نەپسانى قۇۋۋەتنىڭ يەتكەنلىرى ھەممە ئەزالاردا پەيدا بولىدۇ. ھاياتلىق قۇۋۋىتى ئۇنىڭدا مەۋجۇت بولمىغۇچە ،روھ ئۆزىنىڭ خاس مىزاجى بىلەن نەپسانى قۇۋۋەتكە لايىق بولمايدۇ.

3- نەپسانى قۇۋۋەت

نەپسانى قۇۋۋەت تاشقى سەزگۈ قۇۋۋەت(كۈچ) ۋە ئىچكى سەزگۈ قۇۋۋەتتىن ئىبارەت ئىككى خىل بولىدۇ.

تاشقى سەزگۈلەر بولسا – كۆرۈش،ئاڭلاش،پۇراش،تېتىش،تۇتۇپ سېزىشتىن ئىبارەت بەش خىل بولىدۇ.
ئىچكى سەزگۈلەرمۇ بەش بولۇپ:-ئورتاق ھېس قىلىش، خىيال قىلىش،تەپەككۇر قىلىش،گۇمان قىلىش،ئەستە ساقلاشتىن ئىبارەت .
(بۇ قۇۋۋەتلەرنىڭ شەرھىسىنى ئەلقانۇن فىتتىب ياكى شەرھى ئەسبابلاردىن كۆرۈش مۇمكىن).

بىلىش كېرەككى، بەزى ئەزانىڭ ھەرىكىتى بىر نەچچە قۇۋۋەت بىلەن يەنە بەزى ئەزانىڭ ھەرىكىتى بىرلا قۇۋۋەت بىلەن تامام بولىدۇ. بىر بىرىگە ئوخشايدىغان ئەزالار ھەر قايسىىسى ئۆزىگە لايىق غىزانى سۈمۈرۈۋالىدۇ. مەسىلەن :سۆڭەك قۇرۇق سۇغۇق ئۇزۇقلۇقنى، گۆش ھۆل ئىسسىق ئۇزۇقلۇقنى تارتىدۇ. ئۆت ، بۆرەك ۋە تالنىڭ ھەرىكىتى قاننى ئۆزىگە تارتىش بىلەن تەڭ ئۆزىگە كېرەكلىك ئوزۇقلۇقنى سۈمۈرۈۋالىدۇ. بۇلار شۇ ئەزانىڭ تەبىئى قۇۋۋىتى بىلەن بولىدۇ. ئۇششاق تۇمۇرلارنىڭ، ئۈچەينىڭ، دوۋساقىنڭ ئارتۇق چىقىرىندىلارنى ھەيدەپ چىقىرىش قۇۋۋىتى ئىختىيارى بولىدۇ. ئاشقازان،بالىياتقۇ ،قىزىلئۆڭگەچ ئۆز خىزمىتىنى ئىككى قۇۋۋەت بىلەن تامام قىلىدۇ. ئەمما، ئاشقازاننىڭ خىزمىتى ھېسسى قۇۋۋەت بىلەن بولىدۇ. بۇنىڭ دەلىلى شۇكى، ھەر قانداق غىزا قورساق ئاچ ۋاقىتتا يېيىلسە ،ئاشقازان ئۇنى ئىشتىھا بىلەن تارتىدۇ. توقلۇق ۋاقتىدا يېيىلگەن غىزا ئۇنداق بولمايدۇ، چۈنكى ئاشقازان تولغاندا ھېس ئېغىر بولىدۇ. ئۇنىڭ قايتۇرۇش قۇۋۋىتى ھەرىكەتكە كېلىدۇ. با؛ىياتقۇنىڭ ئەھۋالىمۇ ئاشقازانغا ئوخشاش بولۇپ، ھەر قاچان ئۇنىڭغا ھېس قوشۇلسا تارتىش قۇۋۋىتى ھەرىكەتكە كېلىدۇ. قىزىلئۆڭگەچنىڭ خىزمىتى ئىككى قۇۋۋەت بىلەن بولۇشقا دەلىل شۇكى، ھەر قانداق بىر دورىنىڭ تەمى يامان بولسا، دورىغا خېلىلا ئادەتلەنگەن بىر كىشى خېلى تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ،دورىنى ئۆز ئىختىيارى يېسىمۇ،تارتىش قۇۋۋىتى ئۇنى مۇشەققەتتە تارتىدۇ ۋە بۇ سەۋەبتىن يىرگىنىپ قەي قىلىدۇ. ئىسسىقلىق يېمەكلىكلەر تارتىش قۇۋۋىتىنى كۈچەيتىدۇ،قۇيۇق ماددىلارنى سۇيۇقلاندۇرىدۇ. سۇغۇقلۇق بولسا تۇتۇشقۇۋۋىتىگە ياردەم بېرىدۇ ۋە سۇيۇق ماددىلارنى قۇيۇقلاندۇرۇپ، تۇتۇش قۇۋۋىتى(ئۆلچىمى)غا يەتكەندە توختايدۇ.

بەزى تېۋىپلارنىڭ قارىشىچە ، ئاشقازان ئاشقازان بوشلۇقىدا تۇرىدىغان كەيلۇستىن ئۇزۇقلىنىدۇ. بۇ سۆز ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس. چۈنكى كەيلۇس ئاشقازاندىن جىگەرگە كىرمىگىچە قان بولمايدۇ. ئەگەر خام كەيلۇس ئاشقازانغا ئۇزۇق بولسا ،مىزاج دۇرۇس بولمايدۇ. مىزاج دۇرۇس بولمىسا غىزانى ھەزىم قىلالمايدۇ. ئاشقازاننىڭ تارتىدىغان،توختىتىدىغان،ھەزىم قىلىدىغان ۋە قايتۇرىدىغان قۇۋۋەتلىرىنىڭ ھەر قايسىسى ئىككى خىل بولىدۇ. تارتقۇچى قۇۋۋەت غىزانى ئېغىزدىن قىزىلئۆڭگەچ ۋە ئۇنىڭدىن پۈتۈن ئەزاغا تارتىدۇ،ئاندىن كېيىن بەدەنگە لايىقلىرىنى جىگەرنىڭ شاخچىلىرىدىن تارتىپ باشقا تۇمۇرلارغا يەتكۈزىدۇ. بەزى تېۋىپلارنىڭ سۇيۇق تاماق ئاشقازاندا توختىماي تىز چىقىپ كېتىدۇ دەپ قارىشى خاتادۇر. چۈنكى تۇتۇپ تۇرۇش قۇۋۋىتىنىڭ رولى توختىتىشتۇر. مەيلىى تاماق قۇيۇق بولسۇن ،سۇيۇق بولسۇن ھەزىم قىلىش قۇۋۋىتى ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ ،ئاندىن كېيىن ھەيدەش قۇۋۋىتى ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.

دەستۇرۇلئىلاج ناملىق كىتاب،قۇۋۋەتلەر بايانىدىن ئېلىندى.



سەھىپە : نەزەرىيەلەر

قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....