تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

بۇ بىر كۆپ كۆرۈلىدىغان ۋە داۋالاش ئەمەلىيىتىمىزدە ۋە بلوگدا كۆپ دۇچ كېلىدىغان تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ ، بۇكېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبلىرى ۋە ئالامەتلىرىنى بۇرۇنقى تېمىمىزدا تەپسىلىيرەك قىلىپ بايان قىلغان ئىدۇق، ئەمدى بۇ يازمىدا مەخسۇس داۋالاش ئۇسۇللىرىنى يازىمىز.
ئەسكەرتىش: بۇ كېسەللىككە قارىتا ھەر قايسى تېۋىپلارنىڭ چۈشەنچىلىرى،داۋالاش ئۇسۇللىرى ۋە ئىشلىتىدىغان دورىلىرى ھەر خىل بولۇشى مۇمكىن،بۇ يازما ئورنىمىزنىڭ داۋالاش ئۇسۇللىرى ۋە ئىشلىتىدىغان دورىلىرى ئاساسىدا تەييارلاندى. شۇڭا ئوقۇرمەن بۇ يازمىنى مۇتلەق داۋالاش ئۇسۇلى مۇشۇ دەپ قارىۋالماسلىقى، ئەگەر ئۆزى بىرەر تېۋىپقا كېسەل كۆرسەتسە شۇ تېۋىپقا ماسلىشىپ بېرىشى كېرەك.

جىنسى ئاجىزلىقنىڭ سەۋەبلىرىنى ?p=330 بۇ تېمىدىن كۆرەلەيسىز.
داۋالاش:
1- مىزاج بۇزۇلۇشتىن بولغان ئاجىزلىقنى داۋالاش:
(1)ھۆل سوغۇقتىن جىنسى ئاجىزلىق كېلىپ چىققان بولسا مادەتۇلھايات،ھەببى ئازاراقى،جاۋارىش زەرئۇنى قاتارلىق قۇرۇق ئىسسىق تەبىئەتلىك دورىلارنى ئاساس قىلىش،مەنى سۇيۇلۇپ كەتكەن بولسا مۇغەللىز قوشۇپ بېرىش، مەنى تىز كېتىش ئەھۋالى بولسا ھەببى زەپىران ئىشلىتىش، مەنى ئازلىق بولسا لوبوبى كەبىر بېرىش كېرەك. دارچىن، خولىنجان،قەلەمپۇر،ئاقىرقەرھا قاتارلىقلاردىن چايلىق تەييارلاپ بېرىش كېرەك.
ھۆل سوغۇق نەرسىلەردىن پەرھىز بۇيرۇش كېرەك.

(2) بەلغەم خىلىتى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا بەلغەمنىڭ مۇنزىچىنى بېرىش،ئارقىسىدىن ئايارەج لوغانزىيا بىلەن سۈرگە بېرىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا داۋالاش ئۇسۇللىرى يۇقارقىدەك بولىدۇ.

(3) قان ئازلىقتىن كېلىپ چىققان بولسا جاۋارىش خۇبسىلھەدىد،ئامىلە نۇشدارى،داۋائىلمىشكى، ئەۋرىشىم شەربىتى،ئانار شەربىتى قاتارلىق دورىلارنى ئاساس،لوبوبى كەبىر ،جاۋارىش زەرئۇنى،مەجۈنى سۆلەپ،ھەببى زەپىراننى قوشۇمچە قىلىپ ئىشلىىش كېرەك. غىزاسىغا كاۋاپ،شورپا،تۇخۇم سېرىقىنى شىكەر بىلەن بىرىشنى ئۇزۇن داۋام قىلىش ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.

(4)سەپرا خىلىتىدىن كېلىپ چىققىنىغا داۋائى تەرەنجىبىن، ئانار شەربىتى، شەربىتى پەنجىنۇش، ھەببى ئىمساك قاتارلىقلارنى ئاساس قىلىپ دورا بېرىش كېرەك، قۇرۇق ئىسسىق غىزا ۋە دورىلارنى ئىمكان بار بەرمەسلىك كېرەك.

(5) سەۋدا خىلىتىدىن كېلىپ چىققان ئاجىزلىققا ئەۋرىشىم شەربىتى، ئامىلە نۇشدارى،ئىتتىرىپىل ئۈستىقۇددۇس،مەجۈنى نۇجاھ،لوبوبى سەغىر،لوبوبى كەبىر، مەجۈنى سۆلەپ، مەجۈنى مەسىھا قاتارلىق دورىلار بېرىلىدۇ. غىزاسىغا شورپا، تۇخۇم سېرىقى بۇيرۇلىدۇ،جىنسى مۇناسىۋەتنى ئازراق ئۆتكۈزۈشكە بۇيرۇلىدۇ.



5 پارچە ئىنكاس بار .

  1. tadu مۇنداق يازغان:

    2-ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكتىن بولغان جىنسى ئاجىزلىقنى داۋالاش:
    بۇ تۈردىكى ئاجىزلىق قان ئازلىقتىن بولغان جىنسى ئاجىزلىق، ھەزىم ئەزالار زەئىپلىشىشىدىن بولغان جىنسى ئاجىزلىققا ئوخشاپ كېتىدۇشۇڭا داۋالاشتىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش داۋالارنى قىلسا بولىدۇ.
    ئاۋال ئاشقازان ، جىگەر ۋە يۈرەك خىزمىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن نارپىننە شەربىتى،،بىھى شەربىتى ،ئامىلە نۇشدارى ،داۋائىلمىشكى دېگەن دورىلارنى بېرىش،ئىشتىھاسى ئېچىلغاندا چالا پىشۇرۇلغان تۇخۇم سېرىقى، كەپتەر،توخۇ شورپىلىرىنى نۇقۇت بىلەن پىشۇرۇپ بېرىش كېرەك. دورىلاردىن مەجۈنى سۆلەپ،لوبوبى كەبىر،داۋائىلمىشكى،مەجۈنى مەسىھا،بادام ھالۋىسى،نۇقۇت ھالۋىسى،سوقماق قاتارلىقلار بېرىلىدۇ. ھەسەلنى دائىم ئىستىمال قىلىشى سۇيۇقئاش،سېرىقئاشقا ئوخشاش سوغۇق ۋە ئوزۇقلۇق قىممىتى تۆۋەن يىمەكلەردىن پەرھىز قىلىشى ،سوغۇق سۇ ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلارنى ئىچمەسلىكى كېرەك.

  2. tadu مۇنداق يازغان:

    3. ئەرلەر جىنسىي ئەزالىرىدىكى ھەر خىل كېسەللىكلەرنىڭ تەسىرىدىن كىلىپ چىقىدۇ .
    مەنىي ئېقىپ كېتىش ، كۆپ ئېھتىلام بولۇش ، زەكەر بوشىشىپ كېتىش ، مەزى بېزى ياللۇغى ، ئۇرۇقدان ياللۇغى ، ، ئۇرۇقدان يىگىلەش قاتارلىق كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن مەنىينىڭ سان ۋە سۈپەتكە لايىق ئىشلەپچىقىرىلماسلىقى ، مەني كۆپ چىقىپ كېتىپ ، جىنسىي ئەزالارنىڭ زىيادە كۈچىنىشى ياكى جىنسىي ئەزانىڭ يىتەرلىك قايىم بولماسلىقى قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ باھ ئاجىزلىقى كېلىپ چىقىدۇ .

    بۇ تۈردىكى جىنسى ئاجىزلىقىنى داۋالاشتا:
    مەنى ئېقىپ كېتىش ياكى كۆپ ئېھتىلام بولۇش ئەھۋالىغا قارىتا مۇغەللىز، مەجۈنى ئاروخورما،مەجۈنى مەرۋايىت، ھەببى تاتۇرە، ھەببى ئېھتىلام ،سۇپۇپى كۈنجۈت،ھەببى ئازاراقى ،قۇرسى سۆلەپ قاتارلىقلارنى بىر ئايدىن ئىككى ئايغىچە بېرىش، تامىقىغا كاللا-پاقالچەك، نۇقۇت قاتارلىقلارنى بۇيرۇش كېرەك.
    زەكەر بوشىشىپ كېتىش ئەھۋالىغا قارىتا ئەگەر بەدەن ۋە شەھۋەت ئاجىزلىقىدىن بولغان بولسا ھەببى زەفىران،لوبوبى كەبىر،قۇرسى سۆلەپ،مۈجۈنى مۇقەۋۋى باھ قاتارلىقلارنى بېرىش، تامىقىغا كاۋاپ،مانتا،تۇخۇم قاتارلىقلارنى بۇيرۇش كېرەك، ئەگەر جىگەر ئاجىزلىقى سەۋەبىدىن بوشىشىپ كەتكەن بولسا ئۇنى شۇ جايىدا كۆرسىتىلگەن ئۇسۇل بىلەن داۋالاش كىرەك.
    مەزى بېزى ۋە ئۇرۇقدان ياللۇغى بولغان بولسا مەجۈنى ئەقرەب، ئەرقى ياللۇغ،جاۋارىش زەرئۇنى ،تىلايى خورما كۈلى ۋە بابۇنە ئاساس قىلىنغان ھورداق قاتارلىقلارنى بىرلەشتۈرۈپ داۋالاش كىرەك.
    ئۇرۇقدان يىگىلەشكە قارىتا مەلھىمى شىپا، مەجۈنى ئاروخورما،سوقماق، ھالۋايى سەۋزە، لوبوبى سەغىر قاتارلىقلار بىرىش كىرەك.

  3. tadu مۇنداق يازغان:

    4. باشقا كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدۇ
    1)- مىڭە كىسەلىكلىرى سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدۇ.
    بۇ تۈردىكى ئاجىزلىقنى داۋالاش ئۈچۈن، ئەۋرىشىم شەربىتى، مائۇلھەسەل،ئىتتىرىفىل كەبىر، مەجۈنى نۇجاھ،مۇپەررىھى ياقۇت ئىچىملىكى، ئامىلە نۇشدارى، ئەنبەر چۈشكەن داۋائىلمىشكى، لوبوبى كەبىر، ياڭاق مۇرابباسى، مەجۈنى سۆلەپ، ھەببى پولونىيا قاتارلىقلارنى بېرىش كېرەك. چايلىقىغا سۇمبۇل، بادرەنجىبۇيا،گاۋزىۋان،بەدىيان، ئەپتىمۇن،قەلەمپۇر، ئۈستىقۇددۇس،رەيھان قاتارلىقلارنى بېرىش كىرەك. غىزاسىغا قۇۋۋەتلىك تاماقلارنى بېرىش، ئەتىگەنلىك ناشتىدا بادام، ياڭاق ، قىزىل ئۈزۈملەرنى كۆپ يېيىش كىرەك.

  4. tadu مۇنداق يازغان:

    2-يۈرەك كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن چىققان جىنسى ئاجىزلىققا قارىتا :
    سىمىزلىك، قاندىكى ماي تەركىبى يۇقىرىلاشتىن كىلىپ چىققان بولسا ئەپتىمۇن جەەۋھىرى ياكى ئەپتىمۇن شەربىتى، كاسىنە جەۋھىرى، قۇرسى لوغانزىيا قاتارلىقلارنى بىر ئىككى ھەپتە بېرىپ بەدەننى بىرەر قۇر تازىلىغاندىن كېيىن، مۇپەررىھى ياقۇت، داۋائىلمىشكى ئەنبىرى، جەۋھىرى مۇپەررىھى ئەۋرىشىم، قۇرسى خېمىرى مەرۋايىت، ئامىلە نۇشدارى،ئەۋرىشىم شەربىتى قاتارلىقلارنى بىر ئىككى ئاي بېرىش،ئاندىن لوبوبى كەبىر، ھەببى پولونىيا،ھەببى ئىمساك قاتارلىقلارنى بېرىش كىرەك.
    بولسا جىنسى مۇناسىۋەت ۋە يىمەك ئىچمەكتىن پەرھىز تۇتۇش،دورىلارنى ئۇزۇن مەزگىل يېيىش، مەنبەسى ئىنىق بولمىغان ئىمساك تۈرىدىكى دورىلارنى يىمەسلىك كىرەك.
    يۈرەككە قان يېتىشمەسلىك ، يۈرەك رېتىمسىزلىقى،قان تۇمۇر تۇسۇلۇش سەۋەبىدىن بولغان جىنسى ئاجىزلىققا قارىتا ئەبرىشىم شەربىتى، داۋائىلمىشكى ئەنبىرى، مەجۈنى نۇشدارى، لوبوبى كەبىر، مۇرەككەپ ئانار شەربىتى،ھەببى زەپىران قاتارلىقلارنى بېرىش كىرەك.

  5. tadu مۇنداق يازغان:

    3- جىگەر ۋە ئاشقازان كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان جىنسى ئاجىزلىققا قارىتا ئامىلە نۇشدارى، جاۋارىش زەرئۇنى ، داۋائىلمىشكى ،ئەۋرىشىم شەربىتى، ئانار شەربىتى، مۇرەككەپ سەۋزە شەربىتى،لوبوبى كەبىر،سۆئلەپ كۇمۇلىچى قاتارلىق دورىلارنى ئىشلەتسە بولىدۇ.

قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....