تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

قەۋزىيەت – ئىچى قېتىش

(قەبزىلئەمئا)

ئىچى قېتىش مەخسۇس بىر كېسەللىك بولماستىن ، بەلكى سەۋەبى مۇرەككەب بولغان بىر خىل ئالامەتتىن ئىبارەت. بۇنىڭدا ئارقا تەرەت ئاز ، قۇرۇق ۋە قاتتىق كېلىدۇ ياكى نەچچە كۈندە بىر قېتىم كېلىدۇ. ئۇ ئىككى خىل بولۇپ ، بىرى ئادەتتىكى تۇيۇقسىز ئىچى قېتىش، يەنە بىرى ئادەتلەنگەن ئىچى قېتىش.

قەۋزىيەت ئۈچەينىڭ مەلۇم قىسمىنىڭ ھەرىكىتىدە سۇستلۇق پەيدا بولۇش ، ئۈچەينىڭ چىقىرىش ھەرىكىتى ئاجىزلىشىش ، ئۈچەيلەردىكى جازىبە (غىزا جەۋھەرلىرىنى شۈمۈرۈپ قانغا ئەۋەتكۈچى) كۈچىنىڭ خىزمىتى ئارتىپ كېتىش ، ئۈچەيدىكى ھۆللۈك ئازىيىش ، جىگەردىكى سەپرا ماددىسى ئازىيىش ، ئۈچەي سىپازمىلىنىش ، ئۈچەي پالەچلىنىش، تەستە سىڭىدىغان تاماقلارنى كۆپ يېيىش ، ھورۇنلۇق ، جىسمانىي ھەرىكەتنى كۆپ قىلماسلىق ، بەدەن چېنىقتۇرماسلىق، ئاچچىق ، چۈچۈمەل نەرسىلەرنى كۆپ يېيىش ، قېنىق دەملەنگەن چاينى كۆپ ئىچىش ئۇنىڭدىن باشقا ئاشقازان كېسەللىكلىرى ، بۇۋاسىر كېسىلى ، سەمرىپ كېتىش، نېرۋا خارەكتىرلىق بالىياتقۇ كېسىلى ، تەرەتنى ئۆز ۋاقتىدا قىلماي يىغىپ يۈرۈش ، ۋە سۇنى كەم ئىچىش قاترلىقلار تۈپەيلىدىن كىلىپ چىقىدۇ .

بەزىدە كەمەر ۋە بەلباغلارنى چىڭ باغلاپ يۈرۈشنى قەۋزىيەتكە سەۋەب بولۇپ قالىدۇ.

ئەقلىي ئەمگەك قىلغۇچىلاردا باشقىلارغا قارىغاندا كۆپرەك ئۇچرايدۇ.

كېسەللىك ئالامەتلىرى :

چوڭ تەرەت ئۇزۇن مۇددەتتە بىر قېتىم كىلىدۇ ياكى نەچچە كۈندە بىر قېتىم قاتتىق ، سېسىق پۇراقلىق ، قارامتۇل قۇرۇق تەرەت كېلىدۇ . بەزىدە چوڭ تەرەت قاتتىق بولغاچقا مەقئەت يوللىرىنى زەخمىلەندۈرۈپ قان ئارىلاش كېلىدۇ . گەندە ئۈچەيدە ئۇزۇن مۇددەت توختاپ قالغاچقا سېسىق يەل پەيدا قىلىپ قورساقنى كۆپتۈرىدۇ. ئاشقازان ، ئۈچەي ، جىگەر ۋە لەبلەبە(ئاشقازان ئاستى بېزى) ئۆز خىزمىتىنى ياخشى قىلالمايدۇ. نەتىجىدە ئادەمنىڭ تەبىئىتى (ئۇمۇمىي مىزاجى) سۇستلىشىدۇ. ئشىتىھا بۇزۇلىدۇ.تاماق يېگۈسى كەلمەيدۇ ، گەندە بەدەنگە زىيانلىق تەسىر كۆرسىتىپ كۆپىنچە ھاللاردا باش ئاغرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

قان غالىپ كەلگەن ، تومۇرى قاتقان كىشىلەردىكى قەۋزىيەت تەرەت ۋاقتىدىكى ئىنجىقلاش ، كۈچىنىش تۈپەيلىدىن خەتەرلىك ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

قەۋزىيەت بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن :

1.ھەر كۈنى ئوخشاش ۋاقىتتا چوڭ تەرەت قىلىشقا ئادەتلىنىش كېرەك . بۇ ئارقىلىق بەدەن مۇشۇنىڭغا كۆنىدۇ ۋە بۇ ساقلىقنى ساقلاشقا پايدىلىق.

2. تاماقنىڭ مىقدارى ۋە سۈپىتىگە دىققەت قىلىش بىلەن بىرگە خالىغان ۋاقىتتا تاماقلانماي ، بەلكى بەلگىلىك ۋاقىتتا تاماقلىنىشقا ئادەتلىنىش ، ئەڭ ياخشىسى كۈندە ئۈچ ۋاق تاماق يېيىش ، مىقدارى بەك ئاز ياكى بەك كۆپ ياكى ھەمىشە بىر خىللا بولۇپ قالماسلىقى ، ھەر كۈنى يېتەرلىك مىقداردا سۇيۇقلۇق ئىچىپ تۇرۇش ، يېمەك –ئىچمەكلەردە ھايۋانىي ۋە نەباتىي (ئۈسۈملۈك) غىزالار مەسىلەن: ئۇن ، گۈرۈچ ، گۆش ، ياغ ۋە ھەر خىل ئوتياش، مېۋە – چىۋە ، تۇز ۋە باشقىلار يېتەرلىك مىقداردا بولۇشى لازىم. ياغسىز ، كۆكتاتسىز تاماقلار ئاسانلا قەۋزىيەت قىلىپ قويىدۇ . ھەر خىل كۆكتات، ممېۋە – چىۋىلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ يېيىش ساقلىقنى ساقلاش ۋە قەۋزىيەت بولماسلىقنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى.

3. تەنھەرىكەت قىلىش ، مەسىلەن : يۈگۈرۈش ، توپ ئويناش، سەيلە قىلىش ۋە باشقىلارنىڭ قەۋزىيەتنى يوق قىلىشغا نىسبەتەن پايدىسى بار.

4. تاماكا چېكىش مېڭە-ئەسەب ۋە ئاشقازان ، ئۈچەي خىزمىتىگە يامان تەسىر كۆرسىتىدۇ، قەۋزىيەتكە سەۋەبچى بولىدۇ . شۇڭا تاماكا چەكمەسلىك كىرەك.

قەۋزىيەتنى داۋالاش ئۈچۈن :

1. تۇتۇش ( مالىش قىلىش) ؛ دائىملىق قەۋزىيەتتە قورساقنى ئۇۋۇلاپ تۇتۇپ بېرىش ئۇسۇلى ئاددىي ۋە ئۈنۈملۈك داۋا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . بۇ مۇنداق ئېلىپ بېرىلىدۇ : تاماق يەپ 3-4 سائەتتىن كېيىن ئوڭ چات ئۈستىدىن باشلاپ ئۈستى تەرەپكە سىيرىپ تۇتۇلىدۇ . ئاندىن كېيىن كىندىك ئۈستىدىن ، قۇۋۇرغىلار ئاستىدىن ئوڭدىن سول تەرەپكە قاراپ سىيرىپ تۇتۇلىدۇ. بۇ ئۇسۇلنى ئۈچەيلەرنىڭ جايلىشىش ئورنىغا ماسلاشتۇرۇپ ئېلىپ بېرىش لازىم.

دورىلاردىن: ئادەتتىكى قەۋزىيەتنى داۋالاش ئۈچۈن ؛ 36 گرام ئاپتابى گۈلقەنتنى ھەر ئاخشىمى يەپ يېتىشنى داۋاملاشتۇرۇش لازىم.

بىنەپشىدىن 7گرام، ئاقلانغان چۈچۈكبۇيىدىن 7گرام ، ئۇرۇقى ئېلىنغان قارا ئۈزۈمدىن 9 دانە، ئەنجۈردىن بەش دانە، خىياشەنبەر پولۇسىدىن 36گرام بادام يېغىدىن 12مىللىلىتېر ئېلىپ دەملەپ ، قاينىتىپ ، سۈزۈپ ، بادام يېغى ئارىلاشتۇرۇپ . ئەتىگەندە ئىچىلىدۇ.

30 مىللىلىتېر ئىنەكپىتى يېغىغا 450 مىللىلىتېر كالا سۈتى 36گرام تەرەنجىبىن ئارىلاشتۇرۇپ بىر قېتىمدىلا ئىچىلىدۇ.

قۇرسى مۇلەييىندىن بەش دانە ئېلىپ ياتار ۋاقتىدا 250 مىللىلىتېركالا سۈتىدە ئىرىتىپ ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىلىدۇ. بۇ ھەپتىدە ئىككى قېتىم ئېلىپ ئېلىپ بېرىلىدۇ.

يېتىشتىن ئىلگىرى 50 مىللىلىتىر ھەسەلنى بىر پىيالە قايناق سۇدا ئىرىتىپ ئىچسە بولىدۇ.

دائىملىق (ئادەتلەنگەن) قەۋزىيەتنى داۋالاشتا تۆۋەندىكىچە دورىلار ئىشلىتىلىدۇ:

بادام مېغىزىنى يۇمشاق سوقۇپ چاي سۈتلەپ ئىچىلىدۇ.

30 گرام بادام مېغىزىنى سوقۇپ ھەر ئاخشىمى قىزىق سۈتكە ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىلىدۇ.

ياخشى تەييارلانغان ھېلىلە مۇرابباسىدىن 10 مىللىلىتېر ئېلىپ ياتار ۋاقتىدا سۇ ياكى سۈت بىلەن ئىچىلىدۇ.

كىچىك ھەلىلىنى سوقۇپ تالقانلاپ ئالتە گرام بادام يېغى ياكى كالا يېغىدا ياغلاپ ئۇخلاش ئالدىدا 12گرام ئېلىپ ئىستىمال قىلىنىدۇ.

چوڭ ھېلىيلىنى تالقانلاپ 12گرام ئېلىپ ئىچىلىدۇ.

10گرام سانا يوپۇرمىقىنى ساپال قاچىدا قورۇپ ، بىر ئاز سارغايغاندا ئېلىپ سوقۇپ بىر ئىككى قوشۇق ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ كۈندە بىر قېتىم ياتار ۋاقتىدا ئىستىمال قىلىنىدۇ.

مۇرەككەپ دورىلاردىن:

ھەببى سەبرى ، ھەببى مۇقەل ،ھەببى قەبزى كۇشا، ھەببى رۇسۇپ مۇلەييىن ، شەربىتى مۇلەييىن ، سۇپۇپى مۇلەييىن ، مەجۈنى سانا ، ھەببى تاباشىر مۇلەييىن ، ھەببى مۇخرىج ، ھەببى تەنكار قاتارلىقلار ئىشلىتىلىدۇ.

قەۋزىيەتنى داۋالاشتىكى خەلق ئىچى رېتسىپلىرى؛

كۈندە بىر ئىستاكان قېتىق ئىچىپ بەرسە ھەزىم قىلىشنى كۈچەيتىدۇ ، ئۈچەينى راۋانلاشتۇرىدۇ. بۇ ياشانغانلاردىكى قەۋزىيەتكە مۇۋاپىق كېلىدىغان ، ساغلاملىقنى ئاشۇرغۇچى ئىچىملىكتۇر.

تاتلىق ياڭيۇدىن 250گرام ئېلىپ ، مايدا پىشۇرۇپ ئىككىگە بۆلۈپ بىر كۈندە ئىستىمال قىلسا سوزۇلما خارەكتىرلىك قەۋزىيەتكە مەنپەئەت قىلىدۇ.

كۈدە يىلتىزى بىلەن يوپۇرمىقىنى يانجىپ ، بىر ئىستاكان سۈيىنى ئىلمان قايناقسۇ بىلەن ئىچسە سۇزۇلما خارەكتىرلىك قەۋزىيەتكە مەنپەئەت قىلىدۇ.

سۈتتىن 250 گرام ، ھەسەلدىن 100گرام ، پىياز شىرىسىدىن ئازراق ئېلىپ سۇس ئوتتا قاينىتىپ ، كۈندە سەھەردە ئاچ قورساققا ئىچىپ بەرسە ئادەتلىنىش خارەكتىرلىك قەۋزىيەتكە مەنپەئەت قىلىدۇ.

ھەر كۈنى بىر قانچە تامچە ئاچچىقسۇ تېمىتىلغان قايناقسۇ ئىچىپ بەرسە قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

تۇرۇپ ئۇرۇقىنى قورۇپ سارغايتىپ يۇمشاق سوقۇپ ، لازىم بولغاندا ئۇخلاشتىن ئىلگىرى 5-20گرامغىچە ئېلىپ ھەسەل ياكى ئاق شىكەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىلمان قايناقسۇ بىلەن ئىچىلىدۇ.

چوڭ چىلاندىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ قاسقاندا دۈملەپ پىشۇرۇپ ، پوستىنى سويۇۋېتىپ ئىزىپ چىلان قىيمىسى تەييارلاپ ئۇنىڭدىن كېيىن كۈنجۈتتىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ قورۇپ ئېزىپ چىلان قىيمىسى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ھەر قېتىمدا ئىككى قۇشۇقتىن ، كۈندە 3-4 قېتىم يىگۈزۈلىدۇ.



2 پارچە ئىنكاس بار .

  1. 4tadu مۇنداق يازغان:

    قەۋزىيەت چايلىقى: سانا 15گرام، بىنەپشە 5گرام، قىزىلگۈل 5گرام، زاراڭزا چىچىكى 5گرام يالپۇز 10گرام،بۇلارنى مۇۋاپىق مىقداردا دەملەپ ئىچىپ بەرسە بولىدۇ، بۇ رېتسىپنى يەنە ئادەت نورمالسىزلىقىغىمۇ ئىشلىتىشكە بولىدۇ، بۇنىڭدا رېتسىپ تەركىبىدىكى زاراڭزا چېچىكى 30گرامغا تەڭشەلسە بولىدۇ .

  2. 4tadu مۇنداق يازغان:

    بەزى دورىلار: ھەببى قوقىيا، ھەببى شەبيار،ھەببى ئەپتىمۇن،ھەببى تەنكار،ئايارەج پەيقىرا، لوغانزىيا ،ئىتتىرىپىل سانا دېگەندەك دورىلارنى قەۋزىيەتكە قارىتا ئىشلىتىشكە بولىۋېرىدۇ.

قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....