تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

بۇ كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك جۇۋىنەنىڭ قۇرۇتۇلغان ئۇرۇقى بولۇپ،نانىخا دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

بۇ ئۆتكۈر پۇرايدىغان ئۇرۇق بولۇپ،پەرقلەندۈرۈشتە كەرەپشە ئۇرۇقى بىلەن پەرقلەندۈرۈش كېرەك،شەكلى پۇرىقى ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ جۇۋىنەنىڭ رەڭگى سارغۇچراق،كەرەپشە ئۇرۇقىنىڭ قارامتۇلراق ۋە جۇغى سەل كىچىكرەك كېلىدۇ.
تەبىئىتى ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
بۇ دورىنىڭ تەسىرى ۋە ئاساسى داۋالايدىغىنى: ھۆللۈكلەرنى قۇرۇتۇش،سوغۇق يەلنى تارقىتىش،ئىشتىھانى ئېچىش،تاش چۈشۈرۈش،تېرە كىسەللىكلىرىنى داۋالاش رولى بار بولۇپ، سوغۇقتىن بولغان پالەچ،پەي-مۇسكۇللار بوشاپ كېتىش، ئاشقازان سوغۇقتىن ئاغرىش، كۆپ ھېق تۇتۇش، كۆڭلى ئېلىشىپ،تاماق يىگۈسى كەلمەسلىك، سۈيدۈكى راۋان بولماسلىق،تاش پەيدا بولۇش، تىرە قىچىشىش، بەرەس، ھۆل تەمرەتكە قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ. ھەر قېتىملىق ئىستىمال مىقدارى 3-5گرامغىچە بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ. بۇ دورىنى ئىسسىقتىن بولغان باش ئاغرىقىغا بېرىشكە بولمايدۇ.

جۇۋىنە نامى بىلەن ئاتالغان رېتسىپلار

جۇۋىنە تالقىنى
نۇسخىسى: جۇۋىنە 50گرام، كەرەپشە ئۇرۇقى 50گرام، قارا شىكەر 100گرام، ئىككى خىل ئۇرۇقنى ئۆلچەم بويىچە ئېلىپ، پاكىز تاسقاپ،كۆرسەتمىدىكى شىكەر بىلەن يۇمشاق سوقۇپ تالقان قىلىنىدۇ.
بۇ تالقاننىڭ تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق بولۇپ، يەل ھەيدەپ،تاماق سىڭدۈرىدۇ،ھەزىمگە ياردەم بېرىدۇ ۋە ياللۇغ قايتۇرىدىغان بولۇپ، سوغۇقتىن بولغان ھەر خىل ھەزىم ئەزا كېسەللىكلىرى يەنى ئاشقازان سۇۋۇپ كېتىش، ئاشقازان تۆۋەنلەش، قورساق كۆپۈش، ئاشقازان ئاغرىش،كۆڭلى ئېلىشىش ۋە قۇسۇش، كۆز تورلىشىش قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ، ھەر قېتىمدا 7گرامدىن كۈندە ئىككى قېتىم كاپ ئىتىپ بىرىدۇ.

ئەرقى جۇۋىنە
بۇ جۇۋىنىنىڭ ھورلاندۇرۇپ يىغىۋېلىنغان سۇيۇقلۇقى بولۇپ، بىر ھەسسە جۇۋىنىگە يەتتە ھەسسە سۇ قويۇپ،بەش ھەسسە دورا سۈيى يىغىۋېلىنسا بولىدۇ.
بۇ سۇيۇقلۇقنىڭ تەبىئىتىمۇ ئىسسىق بولۇپ، بەددەننى قۇرۇتۇش،يەللەرنى تارقىتىش،چوڭ-كىچىك تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش تەسىرى بار.
ئاساسلىقى پالەچ، پۇت-قوللار تىترەش،پەيلەر بوشاپ كېتىش،ئاشقازان ئىسىلىش، كۆز ۋە قۇلاق ئاغرىقى، قان سۇۋۇپ كېتىش،سۈيدۈك تۇتۇلۇش ۋە باشقا تېرە كىسەللىكلىرىگە قوشۇمچە ئىشلىتىلىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا نانىخا جەۋھىرى ،سۈيدۈك تۇتقۇچى مەجۈن، مەجۈنى نانىخا دىگەن دورىلىرىمۇ مەشھۇر بولۇپ،ئۇنىڭ تەييار ياسالمىلىرى بولغاچقا بۇ يەردە تۇنۇشتۇرمىدۇق.



سەھىپە : خام دورىلار

قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....