تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بلوگىمىزنىڭ ئەزىز كۆرۈرمەنلىرى،ھەر قايسىڭلارنىڭ قۇربان ھېيتىغا كېچىكىپ بولسىمۇ مۇبارەك بولسۇن.
كۈنلەردىن بېرى بىر نەچچە سوئال چۈشكەن ئىكەن ،ھېيت سەۋەبى بىلەن جاۋاب يازالمىغان ئىدۇق،ئەمدى بۇ يازما ئارقىلىق جاۋابىنى بىرەي.
——————–

1-سوئال:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم . مەن بۇيىل 31 ياش، ئىگىزلىگىم 1.75، ئېغىرلىقىم 82كىلوگىرام ، توي قىلغىلى 3 يىل بولدى. 6ئاي بولدى جىنسى مۇناسىۋەت قېتىم سانى ئازلاپ كەتتى، مەنى بىرىنچى چىقىدۇ،كىيىنكى قېتىمدىن باشلاپ چىقمايدۇ ،جىنسى ھەۋەسمۇ سۇس .بىرىنچى قېتىملىق مۇناسىۋەت ناھايىتى نورمال، 2-3سائەتتىن كىيىن ئىككىنچى قېتىم زەكەر ناھايىتى تەستە قاتىدۇ ، قېتىشىمۇ تازا چىڭ ئەمەس، ئاندىن مەنى چىقماي تۇرۇپلا بوشاپ كىتىدۇ،ۋۇزۇرلىنىش يوق، تاڭ ئاتاي دىگەندە يەنە نورمال قاتىدۇ،نورمال داۋاملىشىدۇ،مەنى چىققاندەك بۇلىدۇ لىكىن مەنى يوق. نىمە ئۈچۈن مۇشۇنداق بۇلىدۇ ، قانداق دورا قىلسام بۇلىدۇ ، مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز.

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ئېيتقانلىرىڭىزغا ئاساسلانغاندا سىزدە مەنى ئازلىقتىن بولغان جىنسى ئاجىزلىق پەيدا بوپتۇ . جىنسى ھەۋەسنىڭ نورمال بولۇشى ئۈچۈن يىتەرلىك مەنى بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ.
كۈندە ئەتىگىنى تۇخۇم سېرىغى،شىكەر،سۈت،ياڭاق مېغىزى،بادام مېغىزى ،قىزىل ئۈزۈم قاتارلىقلارنى ئۈزمەي بىر ئىككى ئاي ئىستىمال قىلىڭ، ھەر ھەپتىدە ئىككى قېتىم نۇقۇت بىلەن پىشۇرۇلغان كەپتەر شورپىسى ئىچىڭ.
بۇ جەرياندا جىنسى مۇناسىۋەتتىن، سوغاق ئىچىملىك ۋە يىمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتۇڭ، تەييار دورىلاردىن: جاۋارىش زەرئۇنى ،لوبوبى كەبىر،لوبوبى سەغىر ،ھەببى مۇغەللىز،سۇپۇپى كۈنجۈت،ھەببى زەپىران قاتارلىقلارنى ئىستىمال قىلسىڭىز بولىدۇ.

2-سوئال:
ئەسسالام ئەلەيكۇم قەدىرلىك ئۇستازلار مەن بۇ يىل 20ياش.ئاللاھ خالىسا يېقىندا توي قىلماخچى ئىدىم .زەكىرىمدىن تازا رازى ئەمەس مەن. ئادەتتە 4~2سانتا قايىم بولغاندا ئاران 10سانتىلا كىلىدۇ.ئېسىمدە قېلىشىچە مەن ئانانىزىم بىلەن تازا شۇغۇللانمىغان.نىمىشقا شۇنداق بۇلىدۇ. لېكىن قايىم بولىشى ناھايىتى نورمال.لېكىن زەكىرىمنى باشقا نورمال كىشىلەرنىڭكىدەك چوڭايتقۇم بار قانداق قىلسام بۇلار؟

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام: ھازىر سىزدە ھېچقانداق ئاجىزلىق يوق ئىكەن،بۇ جەھەتتە ئۆزىڭىزگە بېسىم قىلىۋالماي خاتىرجەم توي قىلىۋېرىڭ، جىنسى ئەزانىڭ ھازىرقى ھالىتى جىنسى مۇناسىۋەت قىلىشقا تامامەن قادىر بولالايدۇ.

3-سوئال:
مەندە ئغىر دەرىجىدىكى مەزى بىزى كىسلى بار بولۇپ ئانانىزىم بىلەن شۇغۇنلانغان ۋاقتىم بەك ئۇزۇن ھازىر توي قىلدىم لىكىن جنسى تۇرمۇشۇم ياخشى ئەمەس (يەنى ئەڭ گەۋدىلك مەسىلە شۇكى مەنئي سۇيۇقلۇقى بەك تىز چىقىپ كىتىدۇ(1مىنۇتقا بارمايدۇ)،زەكەرنڭ قىتىشى يىتەرلك ئەمەس ،چات ئارلىقم تەرلەيدۇ،سۇيدۈك قىستاپ كىلش ،سۇيدۈك تامچىلاش ،مەنئي سۇيۇقلۇقى ئىنتايىن ئاز كىلش قاتارلقكىسەللكلەر )مەن ھازىر 29ياشقا كىردىم ،تىۋىپ ئەپەندىم ،يۇقرقى كىسەللك ئەھۋالىمغا ئۈنۈملۈك دۇرا ياساپ بەرگەن بولسىلا .

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام: ئەھۋالىڭىزغا قارىتا ئىشلىتىدىغان دورىلارنىڭ تىزىمىنىلا قالدۇراي،ئاۋال ئون كۈن سەۋدانىڭ مۇنزىچى بىلەن ئەۋرىشىم ئىچىملىكى ئىچىڭ ئاندىن:
بىرىنجى باسقۇچ: جاۋارىش زەرئۇنى ساددە،مەجۈنى ئەقرەب،ئەرقى بەدىيان،ھەببى مۇغەللىز؛
ئىككىنچى باسقۇچ: جاۋارىش زەرئۇنى ئەنبىرى كەلان، لوبوبى سەغىر،داۋائىلمىشكى،ھەببى مۇغەللىز؛
ئۈچىنچى باسقۇچ: لوبوبى كەبىر،ھەببى زەپىران،مەلھىمى شىپا،مەجۈنى مەسىھا؛
مۇشۇ يۇقارقى ئۈچ باسقۇچ بويىچە دورا ئىشلىتىڭ.



قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....