تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

بۇۋاسىر كۆتەن ئۈچەينىڭ سوڭغا تۇتاشقان ئاخىرقى قىسمىدا پەيدا بولىدىغان كېسەللىك بولۇپ، سوڭنىڭ ئىچكى شىللىك پەردىسىدە پەيدا بولىدىغىنى ئىچكى بۇۋاسىر؛ سىرتقى قىسمىدا پەيدا بولىدىغىنى سىرتقى بۇۋاسىر دەپ ئاتىلىدۇ. كىلاسسىك كىتابلاردا بۇۋاسىر ھەققىدە مۇنداق بايانلار بېرىلگەن: مەقئەتنىڭ ئەتراپىدا مۇنچاق گۆشلەر پەيدا بولىدىغان كېسەللىك بولۇپ، ئەگەر مۇنچاق گۆشلەردىن قان ياكى زەرداپ سۇ كەلسە قانلىق بۇۋاسىر، قان كەلمىسە يەللىك بۇۋاسىر دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بۇۋاسىر مۇنچاق گۆشلىرى قانداق نەرسىگە ئوخشىسا شۇ نەرسىنىڭ نامىغا ئاساسەن بۇۋاسىرغا نام بېرىلىدۇ. مەسىلى: خورما دەرىخىسىمان بولسا نەقلى؛ ئۈزۈمسىمان بولسا ئىننەب ؛ ئەنجۈرسىمان بولسا تىينى؛ سۆگەلسىمان بولسا سەلولى، خورما مېۋىسى شەكلىدە بولسا تەمرى، ئۈجمىسىمان بولسا تۇسى دېگەندەكلەرگە ئوخشاش. بۇ كېسەل قۇيۇلۇپ قالغان بۇزۇق قاندىن بولىدۇ. بۇلاردىن باشقا سەپرا خىلىتىدىنمۇ بولۇشى مۇمكىن. دىمەك بۇۋاسىردا كۆيۈشۈش،ئاغرىش، ئېچىشىش سېزىمىنىڭ بولۇشى سەپرا ئارىلاشقان قاندىن بولغانلىقىنىڭ ئالامىتى، سانجىلىش ئېغىرلىقنىڭ كۆپ بولۇشى ،قادىلىپ ئاغرىش، ئېچىشىش قاتارلىقلارنىڭ ئاز بولۇشى قۇيۇق قان خىلىتىدىن بولغانلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر.

مەجۈنى ئىتتىرىفىل مۇقەل، قۇرسى مۇقەل، ھەببى مۇقەل، بۇۋاسىر مەجۈنى ، ئىتتىرىفىل كەبىر قاتارلىقلار بۇ كېسەلنىڭ مەخسۇس دورىلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ.
بۇۋاسىرغا سىرتتىن ئىشلىتىدىغان بەزى دورىلارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەيلى:
1.قەمبىل 5گرام، گۈل يېغى 50گرام، گۈليېغىنى قىزىتىپ قەمبىلنى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ ۋە كۈندە بىر ۋاق بۇۋاسىر دانچىسىنى مايلاپ بېرىدۇ.

2. تۆگە لوكىسىنىڭ يېغى50گرام، كالايىلىكى 25گرام، كۇچۇلا يېغى ، كىرپە يېغى 15گرامدىن، چايانيېغى 10گرام، ئېيىق يېغى 5گرام،ماي پىنتسىلىن 10گرام، ئاق مۇم 30 گرام، ۋازلىن 100گرام ، مەلھىمى داخىلىيۇن 20 گرام، يەل سىفلىس تالقىنى 15گرام .
تەييارلىنىشى: دورىلارنى مىقدارى بويىچە ئېلىپ،ئىرىتىپ ، ئۈستىگە يەل سىفلىس تالقىنىنى سېلىپ،ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ. كۈندە بىر قېتىم مايلايدۇ.

3. ئۇچقۇن پاقا 2دانە، سۆرۈنجان،چايان 9گرام، دانىكار 6گرام، قۇغۇشۇن ئۇپىسى 8گرام، قوينىڭ بۆرەك يېغى 250گرام، دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ،بۆرەك يېغىنى ئېرىتىپ ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

4.موزا 30گرام، زەرچىۋە ، پىلپىل، 25گرام، زەنجىۋىل، ئاقمۇچ، كۆپۈكى دەريا 20گرام، كاۋاۋىچىن، كىرپە تالقىنى 18گرام، قارىمۇچ، كات ھىندى، ئۇچقۇن پاقا، 15گرامدىن، بۇلارنى يۇمشاق سوقۇپ تەييارلاپ، چايلىق قىلىپ ئىچىدۇ ۋە قاينىتىپ سۈيىدە بۇۋاسىرنى يۇيۇپ بېرىدۇ.



一پارچە ئىنكاس بار .

  1. ۋارىس مۇنداق يازغان:

    پايددىلىنىشقا بولىدىغان ياخشى رېتسىپلاركەن كۆچۈرىۋالدىم تېم ئىگىسىگە كۆپ رەخمەت!

قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....