تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

كېكىرىش —— ئاشقازاندىكى يەل ئېغىز ئارقىلىق چىققاندىكى ھالەت، ئەسنەش ——ئادەم ئىختىيارسىز ئېغىزنى ئېچىشقا مەجبۇر بولغان ھالەت، كېرىلىش ——ئادەم پۈتۈن بەدىنىنى سوزۇشقا مەجبۇر بولغان ھالەت بولۇپ، بۇ ئۈچ كېسەلنىڭ سەۋەبى بەدەندە نورمالسىز گازلارنىڭ كۆپ ھاسىل بولۇشى، ئاشقازان ۋە بەدەندە يەلنىڭ كۆپ تۇغۇلغانلىقىدىن بولىدۇ.
داۋالاشتا ئومۇمى بەدەننى تەنقىيە قىلىش، يەنى مىزاجغا مۇناسىپ سۈرگىلەرنى ياكى قۇستۇرغۇچىلارنى بېرىش، بەدىياننى يۇمشاق ئىزىپ گۈلقەنگە قوشۇپ بېرىش، مەستىكىنى ھەسەل ياكى گۈلقەنگە قوشۇپ بىرىش پايدىلىق .
زىرە ،بەدىيان،جۇۋىنە ،پىننە،يالپۇز قاتارلىقلاردىن قايسىسى بولسا يۇمشاق سوقۇپ ئىستىمال قىلىش كىرەك
جاۋارىش كۇمۇنى، ھەببى تەنىكار،پىننە ياكى يالپۇز گۈلقەنتى،نانىخا جەۋھىرى قاتارلىقلارمۇ پايدا قىلىدۇ



سەھىپە : ئۇنىۋېرسال

قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....