تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، مەسلىھەتبېتى بەك ئۇزۇراپ كەتكەچكە شۇيەرگە چۈشكەنسوئاللارغا ئايرىم تېما سۈپىتىدە جاۋاببېرىپ مېڭىشنى لايىق كۆردۈم، بەلكىم شۇ تورداش سورىغان ئەھۋال باشقا تورداشلاردىمۇ بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر ئايرىم تېماسۈپىتىدە جاۋاب بېرىشىمنى خالىمايدىغانلا كىچىككىنە ئەسكەرتىش بەرسەڭلار شۇ مەسلىھەت بېتىنىڭ ئاخىرىغا يوللاپ قويىمەن. تۈنۈگۈن تۆت سوئال چۈشكەن ئىكەن تەرتىپ بويىچە جاۋابىنى بىرىپ ئۆتىمەن.

مەرداننىڭ سوئالى:

ياخشىمۇسىزدوختۇر،مەن بۇرۇن ئانانىزىم بىلەن شۇغۇللانغان ھازىر پاك پاكىز قول ئۈزدۈم ھاراقنىمۇپاكىز تاشلىۋەتتىم ،جىنسىي مۇناسىۋەتتە مەغلۇپ بولغان تارىخىم بار،لېكىن كېيىن ياخشىلىنىپ كەتكەن،جىنسىي ئىقتىدارىممۇ كۈچلۈك ئىدى،بىراق يېقىندا ئۈزەمدە جىنسىي ئاجىزلىق باردەك ھىس قىلدىم،زەكەر ناھايىتى تىز قاتىدۇ،لېكەن تىزلا بوشاپ كېتىدۇ،بىر ھەپتىنىڭ ئىچىدە جىنسىي ئىقتىدارىم بىر قانچەخىل بەزىدە كۈچلۈك ،بەزىدە ئاجىز،تېخى نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا شۇنداق ئوڭۇشلۇق جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغان،لېكىن تۇيۇقسىزلا ئاجىزلاپ قاپتىمەن،خىيالىمدا مۇشۇلا ئىش،جىنسىي مۇناسىۋەتنى شۇنداق ئوڭۇشلۇق قىلىپ بولغاندىن كېيىنمۇ يەنە ئۈزەمگە ئىشەنمەي غەم قايغۇدا يۈرىدىغان بوپ قالدىم،ئەتىگەندىن كەچكىچە مۇشۇ ئىش خىيالىمدىن چىقمايدۇ،يەنە ئىچىم شۇنداق تىتىلدايدىغان بوپ قالدى ئىش خوشياقمايدۇ،ھەر قېتىم ئوڭۇشلۇق ئىشنى پۈتتۈرۈپ بولغاندىن كېيىنمۇ يەنە مۇشۇ غەم قايغۇدىن قۇتۇلالمەيمەن،مۇشۇنداق غەم قايغۇدا بوپ قېلىشىم جىنسىي ئىقتىدارىمغا ئاجىزلىق يەتكۈزگەنمىدۇدەپ ئويلايدىغان بوپ قالدىم،مۇشۇ غەم قايغۇدىن قۇتۇلۇشنىڭ ئامالى بارمىدۇ،جىنسىي ئاجىزلىققا گىرىپتار بولغانلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق غەم قايغۇدا يۈرەمدىغاندۇ،مېنىڭ بۇئاجىزلىقىم ئانانىزىمنىڭ تەسىرىدىنمۇ ياكى غەم قايغۇغا مۇناسىۋەتلىكمىدۇ؟بىر مەسلىھەت بېرىپ باققان بولسىڭىز
_________

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،ھاراقنى ۋە ئانانىزىمنى تاشلىغىنىڭىز بەك ياخشى ئىش بوپتۇ. ئەمدى سىزدىكى ئەھۋاللارغا كەلسەك بۇ ئاساسلىقى ئىككى تەرەپ يەنى جىگەر ۋە مېڭە خىزمىتى ئاجىزلاپ قالغانلىقى ۋە قوشۇمچە بۆرەك خىزمىتىگە نۇقسان يەتكەنلىكىدىن بولۇشى مۇمكىن . سىزگە تەۋسىيەرىم ھەر قېتىملىق جىنسى مۇناسىۋەت ئارىلىقى سەل ئۇزاقراق بولسۇن،مۇناسىۋەت جەريانىدا دېلىغۇل بولۇشنى تاشلاپ ئىرادىنى ھەمرا قىلىڭ،بۇنى چۇقۇم قىلالايسىز.مۇناسىۋەتتىن كېيىنلابىر پىيالە ئىسسىق ھەسەل سۈيى ئىچىشنى ئىزچىل داۋام قىلىڭ. سوغۇق سۇ ئىچمەڭ. داۋائىلمىشكى ۋە ئەۋرىشىم شەربىتى دىگەن ئىككى خىل دورىغا مەنى تۇتقۇچى بىرەر دورىنى يانداپ بىرەر ئاي ئىستىمال قىلىڭ،مۇناسىۋەتلىك دورىلارنى قاراب. تاماقنى قۇۋۋەتلىك يەڭ،مۇۋاپىق بەدەن چېنىقتۇرۇڭ،سەھەرنىڭ ساپ ھاۋاسىدا يېرىم سائەت ئايلانسىڭىزمۇ غەم قايغۇنى پەسەيتىپ بېرىدۇ.بولسا ساپ ئىپاردىن بىر گرامنى يېنىڭىزداساقلاپ دائىم پۇراپ بىرىڭ . بىكار يۈرمەڭ.زېھنىڭىزنى كەسپىڭىزگە بېغىشلاڭ.سالامەتلىك يار بولسۇن.



سەھىپە : ئۇنىۋېرسال

قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....