تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

توردىشىمىز ئايزۆھرە ئانىسىنىڭ سۇزۇلما يۇتقۇنچاق ياللۇغى ۋە ئېغىز بوشلۇقى ياللۇغىنى بەش يىلدىن بېرى داۋالىتىۋاتقانلىقىنى ، ئەمما تازا ئۈنۈمى بولمايۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، يەرلىكتە مۇشۇنىڭغا ئىشلىتىدىغان دورىلار بار يوقلىقىنى سورىغان ئىكەن.
ئايزۆھرەگە جاۋاب: بۇنىڭغا قارىتا مەجۈنى سەرتان بىلەن مەجۈنى چۆبچىنى ئەلا دېگەن دورا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
يەرلىك داۋالاردىن قىزىل چۆبچىن، كات ھىندى، بىخ مارجان، زەرچىۋە، توم زەنجىۋىل،كاۋاۋىچىن، پىلپىل، كۆپۈكى دەريا قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن 15 گرامدىن ، قىزىل قولتۇق پاقىدىن 15 دانە، ئەك كىچىك ئوق يىلاندىن 15 دانە ياكى رايونىمىزدىن چىققان كۈچلۈك يىلانلاردىن 9 دانە ئېلىپ ، يىلان بىلەن پاقىنى قىزىتىلغان قازاندا سۇس قورۇپ باشقا دورىلار بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ سوقۇلىدۇ ۋە ئۈچ تەركىپكە ئايرىلىدۇ، ئەڭ يىرىك قىسمىنى قاينىتىپ غارغار قىلىدۇ ۋە كۆيدۈرۈپ ئىسىنى نەيچە بىلەن كانايغا يەتكۈزۈپ ئىسلاپ بىرىدۇ، يۇمشاق قىسمىنى 5 گرامدىن 10 گرامغىچە ئىككى ۋاق تاماققا سېلىپ ياكى چاي دەملەپ ئىچىدۇ ، ئەڭ يۇمشاق قىسمىنى نەيچە بىلەن كانايغا پۈۋلەپ بىرىدۇ.
يەنە بىر خىل چارىسى: قىزىل قولتۇق پاقا 100گرام ،پىننە 100گرام، ئادەمگىياھ 70گرام، ئاق يىلان 50گرام، موزا، كەتىرا 30گرامدىن، سېرىق ھېلىلە، كابۇل ھېلىلىسى،قارا ھېلىلە، خەشخەش ئۇرۇقى، كىرپە تىكىنى، بىخ مارجان،ئادراسمان ئۇرۇقى 20گرامدىن، كۇچۇلا كۇشتىسى، ئوق يىلان 15گرامدىن ئېلىپ ، بۇلارنى چالا سوقۇپ ئىككى قات داكا خالتىغا قاچىلاپ 5كلوگرام سۇغا سېلىپ يېرىمى قالغۇچە قاينىتىپ ئاندىن دورا قاچىلانغان خالتىنى چىڭ مۇجۇپ تاشلىۋېتىپ دورا سۈيىگە بىر يىرىم كلوگرام يازغى بۇغداي سېلىپ ، دورا سۈيى بۇغدايغا تامام سۈمۈرۈلۈپ بولغىچە كۆيدۈرۈۋەتمەستىن يەڭگىل قاينىتىلىدۇ ۋە ئۇ بۇغداينى سالقىن يەرگە يېيىپ قۇرۇتۇلۇپ بىر كلوگرام قەنت بىلەن قوشۇپ يۇمشاق تالقانلاپ تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن كۈندە ئۈچ قېتىم تاماقتىن بۇرۇن 10-15گرام دورىنى بىر پىيالە قايناقسۇغا دەملەپ ئېغىز كۆيمىگۈدەك بولغاندا ئىچىش ۋە بۇنى ئىككى ئۈچ ئاي داۋاملاشتۇرۇش كېرەك .
يۇقارقى دورىلار يۇتقۇنچاق ياللۇغىدىن باشقا ،ھەر خىل ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرى ،كاناي ياللۇغى،بۇرۇن ياللۇغى ۋە ھەر خىل سوغۇق يەلدىن بولغان كىسەللىكلەرگە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
يۇقارقى دورىلارنى ئىچىۋاتقاندا قۇۋۋەتلىك ھەسەلدە ھەسەل سۈيى قىلىپ ئىچىپ تۇرۇش كېرەك.
بۇ جەرياندا قورۇلغان ، ئىسلىغان تاماقلاردىن يەللىك نەرسىلەردىن سوغۇق سۇدىن ، كالا گۆشىدىن ۋە سۇغۇق مىۋە چىۋىلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ .



قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....