تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

ھازىر بىر خىل مۇرەككەپ ماي ئىشلەۋاتقان،بىر نەچچە مەسىلە توغرىسىدا ياردەمگە مۇھتاج بولۇپ قالدىم .
تېبابىتىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى ماي ياسالما تۈرىدە ماي ياسالماقچى بولغان دورا قۇرۇق بولسا شۇ دورىنى چالىراق سوقۇپ، سۇغا بىر كىچە كۈندۈز چىلاپ ئۈچنىڭ بىرى قالغۇچە قاينىتىپ ،دورا تىرىپىنى سۈزۈپ تاشلاپ، دورا سۈيىنىڭ ئۈستىگە مۇۋاپىق مىقداردا ماي قۇيۇپ سۈيى تۈگەپ مېيى قالغۇچە قاينىتىپ تەييارلىنىدۇ. ھازىر ئويلاۋاتقىنىم مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن مېيى ياسالماقچى بولغان دورىنىڭ تەركىبلىرىنى تۇلۇق ئاجرىتىپ مايغا ئۆزلەشتۈرگىلى بولامدۇ ياكى ھازىرقى دورىگەرلىك تەتقىقاتىدا ئۈنۈمى ياخشى ۋە قولايلىق بولغان بىرەر ئۇسۇللار بارمۇ ؟ بۇ بىرسى ، يەنە بىرسى ئايلانما ئېقىم دېگەن نىمە؟ تەپچىتىش ئۇسۇلى دېگەن نىمە؟ يەنى بىر خىل دورا ياسالمىسىدا مۇنداق كەلگەن : يۇقىرىقى دورىلارنى يىرىك تالقانلاپ ،سۇيۇق ئېكىستىراكىت بىلەن ئېكىستراكىتلارنى تەييارلاشتىكى تەپچىتىش ئۇسۇلى بويىچە 60% لىك ئېتىل ئىسپىرىتنى ئېرىتكۈچى قىلىپ ، 48 سائەت چىلاپ قويغاندىن كېيىن تەپچىتىپ، *** چىلىك تەپچىتىلگەن سۇيۇقلۇق يىغىۋېلىنىدۇ، دورا تىرىپىغا 60%لىك ئېتىل ئىسپىرت قۇيۇپ ، ئايلانما ئېقىمدا تۆرت سائەت چەككىلەپ ،سۈزۈپ ، سۈزۈلگەن سۇيۇقلۇق بىلەن يۇقىرىقى تەپچىتىلگەن سۇيۇقلۇقنى بىرلەشتۈرۈپ 2% لىك لاۋروكاپرام قوشۇپ ، تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ 24سائەت تىنچ تۇرغۇزۇپ ،سۈزۈپ،سۈزۈلگەن سۇيۇقلۇقنىڭ ئۇمۇمى مىقدارى **** مىللىلىتىر بولغىچە 60% لىك ئېتىل ئىسپىرتنى قوشۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇلىدۇ دېيىلگەن. بۇ ياسالما تەرتىپىنى ئىزاھلاپ بەرسەڭلار…..
ئاخىردىكى مەسىلە تەييار بولغان ماينى تۇرپاننىڭ ئاپتىپىدا ئىككى ھەپتىلەر تۇرغۇزىدىغان ئىش بار ئىدى،ماينى قۇملۇققا ئاپىرىپ ساقلاپ ياتقىلى بولماس، تۇرپاندا مۇشۇ ئىشىمىزغا ياردەم بولغۇدەك قايسىڭلار بار ؟



قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....