تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

ئەگەر جىگەر ئەھۋالى بۇزۇلۇپ، جىگەردە ئاجىزلىق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىسە، ئالدى بىلەن ئىستىسقانىڭ مۇقەددىمىسى بولغان بىر ئەھۋال كۆرۈلىدۇ، بۇ ئەھۋال سۇئۇلقۇنىيە دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ مىزاج بۇزۇلۇشقا قارىتىلغان خاس ئىسىمدۇر. بۇنىڭدا ئالدى بىلەن ئۇمۇمىي بەدەن ۋە چىراينىڭ رەڭگى ئاق سېرىققا ئۆزگىرىدۇ، قاپاق، يۈز ، تۆت مۈچىسىدە كۆپجۈش يۈش بولىدۇ. بەزىدە ئۇمۇمىي بەدەن خېمىردەك بوليپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەزىم بۇزۇلىدۇ، بەزىدە ئىشتىھا كۈچىيىپ كېتىدۇ. چوڭ تەرەتنىڭ توختاپ قېلىشى ۋە كېلىشى تەرتىپسىز بولىدۇ،شۇنداقلا ئۇيقۇ ئەھۋالىمۇ تەرتىپسىز بولىدۇ. بەزىدە ھوشسىزلىنىدۇ. سۈيدۈك ۋە تەر ئاز ، يەل كۆپ بولىدۇ. قورساق پەردىلىرى قاتتىق كۆپىدۇ. بەزىدە ئۇرۇقدانمۇ كۆپىدۇ. ئەگەر بۇلاردا يارا يۈز بەرسە ، مىزاج بۇزۇلغانلىقتىن يارىنىڭ پۈتۈشى تەس بولىدۇ ۋە چىش مىلىكىدە ئۆرلىگەن بۇزۇق بۇخارات سەۋەبىدىن ھارارەت ۋە قىچىشىش بولىدۇ. ئۇمۇمىي بەدەن بوشاپ ، ھۇرۇن بولۇپ كېتىدۇ. بەزىدە ئۆپكىگە سۇ يىغىلىپ قالغانلىقتىن سۇئۇلقۇنىيەگە ئوخشاش بىر ھالەت يۈز بېرىدۇ. بۇ خىل كىشىنىڭ چىرايى ۋە بارلىق ئالامەتلىرىدە ئىستىسقا بىمارىنىڭ چىرايىغا ئوخشاش ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.

داۋالاش:

سۇئۇلقۇنىيە كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلارنى داۋالاشتا بەدىنىدە ئوخشاشمىغان سەپرا خىلىتىنىڭ بار- يوقلۇقىغا قاراش كېرەك . ئەگەر سەپرا خىلىتلىرى بولسا ئايارەج پەيقىراغا ئوخشاش سۈرگە دورىلىرى بېرىلىدۇ. چۈنكى ئايارەج پەيقىرا بەدەننىڭ تەبىئىي ھۆللۈكلىرىنى چىقىرىۋەتمەستىن ، ئېشىندى ماددىلارنى سۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنى بىلىش لازىمكى، ئەگەر ئۇلارنىڭ بەدىنىدىكى خىلىتلارنىڭ چاپلاشقاق، قۇيۇق خىلىت ئىكەنلىكى بىلىنسە، شەھمەنزەل چۈشكەن ئايارەج بىلەن ۋە سەبرە ، شەھمەنزەل، بىستىپايەج، غارىقۇن، سوقمۇنىيا قاتارلىقلار چۈشكەن دورىلار بىلەن سۈرگۈزۈلىدۇ. بۇ دورىلار خىلىتلارنىڭ قۇيۇق ياكى سۇيۇقلۇقى ، بەدەن قۇۋۋىتىنىڭ ئاجىز ياكى كۈچلۈكلۈكىگە قاراپ تەڭشەپ بېرىلىدۇ. بەزىدە باشقا دورىلار ماددىلارنى تازىلاش، چاپلاشقاق ئېشىندىلارنى چىقىرىشتا مەنپەئەت قىلمىسا ، خەربەققە ئوخشاش دورىلارنى ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولىمىز. ئەمما بىمارغا يېنىك دەرىجىدىكى سۈرگىلەرنى بېراقلا ئىچكۈزمەستىن ، ئاز-ئازدىن، پات-پات ئىچۈرۈش كېرەك. ھەر قاچان ماددا يىغىلىۋالغانلىقى گۇمان قىلىنسا ، قايتا تازىلاش ئېلىپ بېرىش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە سۈرگىلەر ئارقىلىق ئاشقازان ۋە ئىچكى ئەزالارغا بىئاراملىق يىتىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئۇدخامغا ئوخشاش خۇشپۇراق دورىلار بىلەن خۇش پۇراقلاشتۇرۇش لازىم. ئەگەر قۇۋۋەت كۈچۈك بولسا، بۇ ھەقتە كۆپ ئويلىنىپ ئولتۇرماستىن يېتەرلىك مىقداردا سۈرگە ئىشلىتىش ، ئۇمۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا ئارتۇق خىلىتلارنى چەكلەش ئۈچۈن تەدبىر قوللىنىش لازىم. بۇ تەدبىر ئارقىمۇئارقا ، يېنىك دەرىجىدىكى سۈرگە بېرىش بىلەن بولىدۇ. بۇنىڭدا ئىمكان قەدەر قان ئالماسلىق لازىم. ئەگەر بەدەندە قان خىلىتى تۇشۇپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن قان ئالماي ئامال بولمىسا ، ئېھتىياتچانلىق بىلەن ھەر ئۈچ-تۆت كۈندە بىر قېتىم قان ئېلىنىدۇ.

كۆپىنچە بۇۋاسىر ياكى ھەيزنىڭ قېنى توختاپ قالغانلىقتىن ، سۇئۇلقۇنىيە بولغاندا قان ئېلىش زۈرۈر بولىدۇ. ئەڭ مۇھىمى شۇكى ، ئالدى بىلەن ئايارەجگە ئوخشاش قان تازىلىغۇچى دورىلار بىلەن تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن قان ئالماي باشقا ئامال بولمىسا ، ئاز مىقداردا قان ئېلىنىدۇ. سۈرگە ئارقىلىق خىلىتلارنى چىقىرىپ تاشلاپ تازىلاش ئېلىپ بېرىشقا ۋە توسالغۇلارنى ئېچىشقا ، ئاندىن سۈيدۈك ھەيدەپ توسالغۇلارنى ئېچىشقا ئېھتىياجلىق بولغان كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىمۇ يۇقىرىقىلارنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاش. بەدەندىكى سۈرۈپ چىقىرىلغان ھۆللۈكلەر ئۈچۈن يۇمشاتقۇچى ۋە تارقاتقۇچى ھۆقنىلەرنى ئىلىتىشمۇ ئىنتايىن پايدىلىقتۇر . تازىلاش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن ئەڭ ياخشى تەدبىر يەڭگىل دەرىجىدە بەدەن چېنىقتۇرۇش ، سۇنى ئاز ئىچىش، شورلۇق،گۈڭگۈرتلۈك، زەمچىلىك بۇلاقلارغا چۈشۈش ، دەريا ياقىلىرىدا ۋە مۇنچىلاردا تۇرۇش لازىم. ئەمما تاتلىق سۇلۇق مۇنچىلارغا چۈشۈرگۈزۈش ئۇلار ئۈچۈن ئىنتايىن زىيانلىق، بېراق تاتلىق سۇ مۇنچىلىرىنىڭ قۇرۇق ئىسسىق ھاۋاسىدا تەرلىتىش زىيان قىلمايدۇ . ئۇلارنى تاماقتىن ئىلگىرى قەي قىلدۇرۇش ياخشى تەدبىردۇر. دەسلەپتە تۇرۇنجىنى سىركەنجىۋىلگە چىلاپ ئىچكۈزۈپ، ئاخىرىدا خەربەق ئىچكۈزۈپ قەي قىلدۇرۇلىدۇ. ئىمكانقەدەر بەدەن ھۆللۈكىنى قۇرۇتۇش ۋە توسالغۇلارنى ئېچىشقا تەدبىر قوللىنىدۇ. ئۇلارغا ئىشلىتىدىغان زىماد ۋە ئىچىدىغان شەربەتلەرگە ھۆللۈكنى قۇرۇتقۇچى ، توسالغۇلارنى ئاچقۇچى، يۇمشاتقۇچى ، خۇشپۇراقلىق دورىلار ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن: سۇمبۇل ، قېلىن دارچىن، دارچىن قاتارلىقلارغا ئوخشاش. يۇمشاتقۇچى دورىلاردىن ئەفسەنتىن، ھىڭ ئۇرۇقى، غاپەس، چاققاقئوت ئۇرۇقى، كەمافىتۇس، يۇمىلاق زىراۋەندە، ئىشەك مەرىزى ئۇسارىسى، قەنتەرىيۇن، مازارىيۇن يۇپۇرمىقى ، جاۋشىر قاتارلىقلار بار. كاكىنەچنىڭ بۇ ھەقتە خاسىيىتى باردۇر. ئۇلارنىڭ دورىلىرىغا كىبرىت، ئىشەك مەرىزى ئۇسارىسى، مازارىيۇن يىلتىزى ۋە ئۇنىڭ يۇپۇرمىقى، قىزىل توغرىغۇ، گۈلسەۋسەن كۈلى، كۆپۈكى دەريا قاتارلىقلار چۈشىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى مۇنچىغا كىرگەندە ئۇلارنىڭ بەدىنىگە سۈركەشكە بولىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن ئۈزۈم شىرنىسى، شارابى ۋە خەندىقۇن قاتارلىقلار ھەم سۇيۇق رەيھان شەربىتى، گۈلسەۋسەن شەربىتىقاتارلىقلار پايدىلىقتۇر. ناشتىدا ئەپسەنتىن شەربىتى ئىچكۈزۈش ئىنتايىن مەنپەئەت قىلىدۇ. بولۇپمۇ ماددىلارنى تازىلىغاندىن كېيىن مەجۈن دورىلاردىن تەرياق، مەسدۇدىتۇس، داۋائى كۇركۇم، داۋائى لوك، كەلكىلانەج بۇزۇرى قاتارلىقلار مەنپەئەت قىلىدۇ. بەزىدە تۆگە سۈتى ۋە ئۇنىڭ سۈيدۈكلىرى ئىچكۈزۈلىدۇ. بولۇپمۇ بەدىنى كۈچلۈك كىشىلەرگە ۋە سۇئۇلقۇنىيە سوزۇلما بولۇپ ، ئىستىسقاغا ئۆزگىرىشكە يېقىنلاشقان كىشىلەرگە ئىچكۈزۈلىدۇ. بەزىدە 60گرام تۆگە سۈيدۈكىگە ئىككى گرام ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇقراق سىركەنجىۋىل ئارىلاشتۇرۇپ ئىچكۈزۈلىدۇ. ئۆچكە سۈيدۈكىمۇ مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن ئىچكۈزۈلىدۇ. ماددا سۇيۇق سەپراۋى بولغاندا تۆگە سۈيدۈكىگە سېرىق ھېلىلە ئارىلاشتۇرسا ناھايىتى ياخشىدۇر. ئاشقازان ۋە جىگەرگە سۇمبۇل، قېلىن دارچىن قاتارلىقلار بىلەن ئىسسىق ئۆتكۈزۈش پايدىلىق . شۇنداقلا قېلىن دارچىن، سۇمبۇل، گۈلسەۋسەن قاتارلىقلاردىن زىماد تەييارلاپ ئىشلىتىشمۇ پايدىلىقتۇر. بۇ خىل بىمارلارنىڭ قورسىقىغا داۋاملىق توغرىغۇ ، گۈڭگۈرت قاتارلىقلارنى ھەممىگە مەلۇم بولغان ئىسسىق تەبىئەتلىك ياغلار بىلەن سۈركەشمۇ پايدىلىقتۇر. مەلھىمى كەئكىنى بىھى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ زىماد قىلىشمۇ پايدىلىقتۇر. ئەگەر ئۇنىڭ بىلەنمۇ ياخشىلىنىش بولمىسا كالا تېزىكى ، ئۆچكە مايىقى قاتارلىقلار تىلا قىلىنىدۇ.

سۇئۇلقۇنىيە بىمارلىرىنىڭ غىزاسىغا تەبىئەتنى كۈچلەندۈرگۈچى تاتلىق يېمەكلىكلەر بېرىلىدۇ ، مەسىلەن: كەكلىك ۋە پاختەك گۆشى قەلەمپۇر، دارچىن، زەپەر، مەستىكى قاتارلىقلار بىلەن خۇشپۇراق قىلىپ بىرىلىدۇ. مېۋىلەردىن تاتلىق ئانار ۋە ئازراق بىھى ئۇلارغا زىيان قىلمايدۇ. تاماقلىرىغا قىچا ، كۈدە ، سامساق قاتارلىقلارنى بەك كۆپ سېلىۋەتمەستىن ئارىلاشتۇرۇپ بېرىش مۇۋاپىق.

تۆت تادۇ ئۇيغۇر تېبابىتى

تېبابەت قانۇنىدىن ئېلىندى.



قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....