تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

ئارستوتىل(ئەرەستۇ) مىلادىدىن ئاۋالقى 384-يىلى تۇغۇلۇپ 322-يىلى ۋاپات بولغان قەدىمقى يۇنان ئالىمى، ئۇ شەرق ئەللىرىدە ‹‹تۇنجى مۇئەللىم››،‹‹ئىلىم ئاتىسى›› دەپ ئاتىلىدۇ.
ئون نەسىھەت دېگەن بۇ مەشھۇر ئەسىرى شاگرتى ئىسكەندەر زۇلقەرنەينگە قىلغان پەندى نەسىھەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
بۇ ئەسەر لاتىنچىدىن ئەرەپچىگە ئاندىن پارىسچىغا تەرجىمە قىلىنغان. تۆۋەندە بېرىلىدىغىنى مەھمۇد ھەسەنى پارىسچىدىن ئۆزبەكچىگە تەرجىمە قىلىنغان نۇسخىسىدىن ئىبارەت بولۇپ نېمىشقىدۇر توققۇزىنچى ۋە ئونىنچى نەسىھەتلەر تەرجىمە قىلىنمىغان .

ئون نەسىھەت
(ئەرەستۇ ھەكىمنىڭ شاگىرتى ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىنگە قىلغان نەسىھىتى)

ئاڭلا ئەي ئىدراكلىق ئەقىل نايىبى،
گۇناھتىن قورققۇچى ساۋاب ساھىبى.
بىر ئادەم بار ئىدى قەدىم زاماندا،
ئۇنىڭ بىرلەن ياشايتتى خەلق ئاماندا.
بىراۋغا يەتكەندە بىر زىيان-زەخمەت،
زەخمەتكى ،داۋاسى يوق بولسا ھەر ۋەقت.
ئۇ كىشى تاپاتتى دائىم ئىلاجىن،
تەكشۈرۈپ كۆرۈپلا كىسەل مىجەزىن.
بارچەھېكىملەردىن ئۇستىراق ئىدى،
نامى ئەرەستۇ قەلبى ئاق ئىدى.
بىر كۈن ئاڭا دېدى سۇلتان ئىسكەندەر،
ئەي داۋا مەخزەنى،ئەي ساھىب ھۈنەر.
مەنمۇ تەلىمىڭگە مايىل ئىرۇرمەن،
ئەقلۇ ئىدراكىڭغە قايىل ئىرۇرمەن.
مەن ئۈچۈن تۈزۈپ بەر بىر كىتاب بۇئان،
تاكى جېنىم ئالسۇن راھەت ھەر زامان.
ئەرەستۇ دېدى:ئەي ئۇلۇغ پادىشاھ،
ئەي ئىلاھ سايىسى ، ئەي ئالەمپاناھ،
ساڭا ئون نەسىھەت ئەيلەيىن بۇ كەچ،
زادى بىرەرسىنى ئۇنۇتمىغىن ھېچ:
دائىم ھەمدەم بولۇر ساڭا ئامانلىق،
پەلەكتىن كۆرمەيسەن زەررە يامانلىق.
ھەر ۋاقىتتا بۇ پەندىم يولدىشىڭ ئىرۇر،
رەنجۇ – غەم يۈز بەرسە قولدىشىڭ ئىرۇر.
ئالتۇن سۈيى بىلەن بۇ پەندىم مۇدام،
يازغىنۇ ئەمەل قىل ھەر سۈبھى ،ھەر شام.

بىرىنچى نەسىھەت

بىرىنچى بۇدۇركىم،مەيدەڭدە تائام،
تا ھەزىم بولماستىن ھەممىسى تامام.
ئۈستىلەپ ھېچنەرسە يېمە زىياندۇر،
رەنجۇ -غەم يۈز بېرەر ئازارى جاندۇر.
تامىقىڭ بولسا گەر يەڭگىلۇ لەتىف،
مىجەزىڭ بولماغاي ھېچقاچان زەئىف.

ئىككىنچى نەسىھەت

ئىككىنچى بۇدۇركىم،خام بولسا يېمىش،
ئۇندىن زىيان تاپار ھەم مەيدە ھەم چىش.
ئۆزۈڭنى تۇت يېمە، ئەمەستۇر جائىز،
ھەزىم ئۈچۈن ئاخىر مەيدەڭدۇر ئاجىز.
شۇنىڭدىن پەيدا بولار تەندە تەشۋىشىڭ،
ئاغرىتىپ جان ئالار ھەم ئاغرىق چىشىڭ.

ئۈچىنچى نەسىھەت

ئۈچىنچى بۇدۇركىم ھەر خىل دورىغا،
ئىنتىلمىگىن ھەم سەۋر قىل بارىغا.
كىسەلدىن قورقمىغىن غەم يېمە پەقەت،
بەدىنىڭ دورىغا قىلمىسۇن ئادەت.
ئادەت بولسا ئەگەر بۇ يامان ئىللەت،
ئىللەتلا ئەمەسكى بەلكى زور زىللەت.

تۆتىنچى نەسىھەت

تۆتىنچى ساقلىغىن بەدەندە قانىڭ،
چۈنكى قان بەدەندە ئېرۇر پاسىبانىڭ .
ھاياتنىڭ ئاساسى بارلىقىدۇر قان،
بىھۇدە چىقارما تەندىن ھېچقاچان.
بەدەندە بولمىسا قان كەبى دوستۇڭ،
سارغىيىپ سولغۇسى ناتىۋان پوستۇڭ.

بەشىنچى نەسىھەت

بەشىنچى پەندىمنى ئېيتاي مەن ساڭا،
دىققەت قىل،قۇلاق سال،ئەي ئاقىل ماڭا.
بەلغەم پەيدا بولسا چىقارغىن ئەلۋەت،
قەي قىلغىن،غەيرەت قىل،پايدىدۇر ئەبەد.
ئەگەر بەلغەم تەندە ئەيلىسە ۋەتەن،
ئۇنى كۈچەيتۈرمە،ئۇ خەۋپلىك دۈشمەن .
بەلغەمكىم بەدەندە ئىمارەت قىلۇر،
تېنىڭنى يىمىرۇر ھەم ۋەيران قىلۇر.

ئالتىنچى نەسىھەت

ئالتىنچى تەرىتىڭ كەلگىنى زامان،
قايتۇرما، كېسەللىك قىلغۇسى ئايان.
كىمكى پىشەبىنى تۇتۇپتۇ ئازراق،
بۆرەك كېسىلىگە قويۇپتۇ توزاق.
بۆرەكتە گەر پەيدا بولسا بىرەر تاش،
بۇندىنمۇ ئېغىر ئىللەت كۆرمىگەن ھېچ باش.

يەتتىنچى نەسىھەت

يەتتىنچى پەندىمگە ئەمدى قۇلاق سال،
دىل بىلەن ئاڭلىغىن، ياخشى يادلاپ ئال.
ھاجەتكە بارغاندا تاھارەت ئەيلە،
ۋە بۇنى سەن دائىما ئادەت ئەيلە.
كۆڭۈللۈك بولسا گەر سەن ئۈچۈن ئادەت،
كۆڭلۈك روشەن بولۇر .دىل تاپار راھەت.

سەككىزىنچى نەسىھەت

سەككىزىنچى بۇدۇر ماڭا دىققەت قىل،
ھاممامغا بېرىشنى دائىم ئادەت قىل.
ئىسسىق سۇدا يۇيۇن تا باشتىن ئاياغ،
خوپ تەرلە تا تېنىڭ بولغۇچە يۇمشاق.
مۇلايىم بولغاچ ئول ھاممامدا بەدەن،
ئاقىۋەت كۈچ بىلەن تولغۇسىدۇر تەن.
تەن بىلەن دەردلىرىڭ ئادا بولغۇسى،
ساقلىقىڭ بىر ئۆمۈر بەرپا بولغۇسى .

..
.

.
.
.
.
.
.

سەن ھەر كۈن ئوقۇساڭ ‹‹ئون نەسىھەت››نى،
قولدىن بەرمىگەيسەن ھېچۋاقت سىھھەتنى.
ياخشىلار يىپقا دۇر تىزىپ كېتىپتۇ،
‹‹ساق بول›› دەپ قولۇڭغا بېرىپ كېتىپتۇ.



سەھىپە : نەزەرىيەلەر

قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....