تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

ياغسىزلاندۇرۇلغان كالا سۈتى . ياغسىزلاندۇرۇلغان كالا سۈتى – كالتىسىي ۋە ۋىتامىن Dنىڭ كېلىش مەنبەسى ، بۇ ئىككى خىل ماددىنىڭ ئورگانىك بىرلىشىشى بىلەن قان بېسىمى %3 تىن %10 كىچە تۆۋەنلەيدۇ ، بۇ نىسبەتەن ئانچە يۇقىرى بولمىسىمۇ ، ئۇ يۈرەك قان تومۇرى كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتىنى %15 تۆۋەنلىتىدۇ . شۇڭا ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا ، ياغسىز لاندۇرۇلغان كالا سۈتى قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدىغان كۆڭۈللۈك يېمەكلىكتۇر .

پالەك ، يېڭى ئۈزۈلگەن ئاپتاپپەرەس ئۇرۇقى ، پۇرچاق تۈرلىرى كۆپچىلىك بۇ يېمەكلىكلەرنى بىلسىمۇ ، ئۇنىڭ قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن . ئەمەلىيەتتە پالەك ، يېڭىدىن ئۈزۈلگەن ئاپتاپپەرەس ئۇرۇقى ، پۇرچاق تۈرلىرى ، مەسىلەن : قارا پۇرچاق ، ئاق قاقىلە ، ماش ، لىما پۇرچىقى ، سەي پۇرچىقى قاتارلىقلاردا ماگىنىي بولۇپ ، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدىغان ۋە قان بېسىمىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلايدىغان مۇھىم ماددىدۇر . بۇ يېمەكلىكلەردە يەنە كالىي كۆپ بولۇپ ، ئوخشاشلا قان بېسىمىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىگە تاقابىل تۇرىدۇ .

پۇچۇلانغان تاتلىق ياڭيۇ ، بانان ۋە ماش ، بۇ يېمەكلىكلەرنىڭ قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىشى ئۇنىڭدا كالىي بولغانلىقىدىندۇر . كالىي بىلەن ناترىي قان بېسىمىنىڭ يۇقىرى – تۆۋەن بولۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئېلېمېنت بولغاچقا ، قاندا كالىي ئازلىسا ، ناترىي كۆپىيىپ كېتىپ ، قان بېسىمىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ . كالىي يېتەرلىك ئىستېمال قىلىنسا ، قاندىكى زىيادە ناترىي چىقىرىۋېتىلىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىللە ، كالىي مول يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغاندا ، تەندىكى مىنېرال ماددىلار تەڭشىلىدۇ ھەم قان بېسىمى تۆۋەنلەيدۇ . ئەلۋەتتە ھەممە ئىشنىڭ چېكى بولىدۇ . كالىي مول يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغاندا مىقدارىغا دىققەت قىلىش كېرەك . ئۇ كۆپ ئىستېمال قىلىنسا ، قان بېسىمى نورمال بولماسلىققا سەۋەب بولىدۇ .

قارا شاكىلات قان بېسىمى يۇقىرىلار كۈندە 30 كالورىيە ئىسسىقلىق مىقدارىدىكى قارا شاكىلات (تەخمىنەن 14 گرام ) ئىستېمال قىلىپ تۇرسا ، ئۇنىڭ قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىشكە ياردىمى بولىدۇ ، شۇنداقلا باشقىچە ئاقىۋەت پەيدا بولمايدۇ .



قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....