تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

سۈيدۈكلۈكنىڭ ئېچىشىشى

بۇ قارىماققا ئىششىققا ئوخشاپ كېتىدۇ، ئەمما ئىششىق ئەمەس.

سەۋەبى:

1. قىزىل پۇرچاق(لوۋىيا)، ئاق پۇرچاققا ئوخشاش يەل پەيدا قىلىدىغان نەرسىلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلغانلىقتىن بولىدۇ.

2. تاماق ھەزىم قىلىش كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

3. سۈيدۈكلۈكتە ھۆللۈك كۆپىيىپ ، سۈيدۈكلۈكنىڭ ئۇنى پىشۇرۇشىغا كۈچى يەتمىگەنلىكتىن پەيدا بولىدۇ.

ئالامىتى:

سۈيدۈكلۈك تارتىشقاندەك بىلىنىدۇ.سۈيدۈكلۈكتە تاماقلاردىن پەيدا بولغان كۆپۈش، يۆتكىلىش ۋە ئېغىرلاشماسلىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. ئەگەر ھۆللۈكتىن بولغان بولسا ئېغىرلىشىش بىلەن بىللە تارتىلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ، كۆپۈش يۆتكەلمەيدۇ.

داۋاسى:

ئىككى ياكى ئۈچ كۈندىن ئارتۇقراق ۋاقىتقىچە ئەھۋالغا قاراپ ئىسسىق مائۇلئۇسۇلنى يالغۇز ياكى بىر ئاز ئابدىمىلىك يېغى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ بېرىش لازىم. ئاندىن كېيىن ئابدىمىلىك يېغىنى ھەر كۈنى داۋاملىق 6گرامدىن ئىچىش، بان يېغى، زەنبەق يېغىنى ھىڭ، مامسا بىلەن قوشۇپ دوۋسۇنغا سۈركەپ ياغلاش لازىم. سۇزاپ ، پۇدىنە، سېرىغ چىچەك، ئادراسمان ئۇرۇقى، قۇندۇز قەھرىگە ئوخشاش يەلنى يوقاتقۇچى دورىلارنى ئىزىپ، خېمىر قىلىپ دوۋسۇنغا تېڭىش ھەمدە يەلنى قوزغىغۇچى ۋە پەيلەرنى ئاجىزلاشتۇرغۇچى نەرسىلەردىن ساقلىنىش لازىم. زەپەر يېغىنى ئىچىش ۋە دوۋسۇنغا سۈركەپ ياغلاشمۇ مەنپەئەت قىلىدۇ.

سۈيدۈك تەسلىكتە كەلسە قۇغۇننىڭ قۇرۇق شاپىقىنى ئازراق ئېلىپ ، يۇمشاق سوقۇپ قەنت بىلەن ئىچىش ۋە سۈيدۈك ماڭدۇرغۇچى دورىلارنىڭ قاينىتىلغان سۈيى بىلەن يۇيۇنۇش لازىم.

ھۆللۈك بەك غالىپ بولسا ئارقىمۇ – ئارقا قەي قىلىش مەنپەئەت قىلىدۇ.

تەرياق، سەنجىرىنا، مەسرىدىتۇس، ئەنجۈر قاتارلىقلار ھەم مەنپەئەت قىلىدۇ.

تۆت تادۇ ئۇيغۇر تېبابىتى

ئۇيغۇر تېبابەت قامۇسى تۆرتىنچى تومدىن ئېلىندى.



قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....