تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

ئۆز خەۋىرىمىز: مىللى تېبابەتنىڭ سەركىسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتى بۇ يىل ئىيۇننىڭ ئوتتۇرىلىرىدا جۇاڭزۇ،يىزۇ، دەيزۇ تېبابەتلىرى بىلەن بىللە ، دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددى مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىدىن ئۇرۇن ئالدى. ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ 1- ئىيۇلدىن باشلاپ دورا ماتىرىياللىرىنىڭ ئۆلچىمى ۋە سۈمۈرمە، كاپسۇل ئىشلەپچىقىرىش ئۆلچىمى بارلىققا كېلىپ ، كۆپ يىللاردىن بۇيانقى قانۇنىي ئاساسىي بولماسلىقتەك تارىخقا خاتىمە بېرىلدى. 12- بەش يىللىق يىرىك پىلان ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ يۈكسىلىشىدە مۇھىم ھالقىغا ئايلاندى.

جۇڭگودا ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ راۋاجلىنىشى مۇھىم ئۇرۇندا تۇرماقتا. مۇخبىرىمىز ئۇزاق مۇددەت تەكشۈرۈپ ، زىيارەت قىلىپ ئۇيغۇر تېبابىتىگە مۇناسىۋەتلىك يۈرۈشلۈك خەۋەرلەرنى ئۇقۇرمەنلەرنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندى. شۇنداقلا ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ ئەمەلىيىتى، ۋارىسلىق قىلىنىش جەريانى، ماركىتىڭى(تىجارىتى) يېڭىلىق يارىتىشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ ، 2500يىلدىن كۆپرەك تارىخقا ئىگە ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ زامانىۋىلىشىش يولىنى زور كۈچ بىلەن نامايان قىلدى ھەمدە ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ بۈگۈنكى قىممىتى ، قانداق قىلغاندا زامانىۋى ئىلىم-پەن ۋاستىلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتەلەيدۇ؟ قانداق قىلغاندا تېخىمۇ راۋاجلىنالايدۇ؟ دېگەندەك مەسىلىلەرگە دەسلەپكى قەدەمدە جاۋاب بەردى.

ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ شىپالىق رولىغا بولغان ھەيرانلىق

بەش ياشلىق لې لېنىڭ ئاق كېسەل بولۇپ قالغىنىغا يېرىم يىلدىن ئاشقان ئىدى. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنى داۋالىتىمىز دەپ ئاپارمىغان يېرى قالماي ، ئاخىرىدا تەلەي سىناپ ئىستىكىدە ئاپتۇنوم رايۇنلۇق ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ كەلدى. بىر يېرىم ئايلىق داۋالىنىش جەريانىدا لې لېنىڭ پېشانىسىدىكى ئاق كېسەل ئورنىنىڭ دائىرىسى خېلىلا كىچىكلىدى. لې لې ھەر كۈنى دورا سۈرتۈپ ئاپتاپقا قاقلىناتتى . ئۇ دورا ئىچىشكە قارىغاندا ، ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ بۇ ئالاھىدە داۋالىشىغا قىزىقىپ قالغان ئىدى. داۋالاش مەركىزىنىڭ مۇدىرى تۇرسۇن غۇپۇر مۇنداق دېدى: ‹‹ ئاق كېسەلنى ئۇيغۇر تېبابىتى بويىچە داۋالاش ئۇسۇلى غەرپچە داۋالاش ۋە جۇڭيىچە داۋالاشلارغا ئوخشىمايدۇ. ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئۇنۋىرسال داۋالاش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. ئۇيغۇر تېبابىتىدە بەدەن سۇيۇقلۇقىنىڭ بىنورماللىشىشىدىن كېلىپ چىققان بەدەن سۇيۇقلۇقىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىنىشى كېسەللىك پەيدا بولۇشىنىڭ ئاساسى دېيىلىدۇ. ئاق كېسەل خۇددى ئەخلەتكە توشۇپ كەتكەن ئۆيگە ئوخشايدۇ . دەسلەپتە بەدەندىكى ئەخلەتلەرنى بىر يەرگە يىغىپ ، ئاندىن بۇ ئەخلەتلەرنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋەتكەندىلا ، ئاندىن ئادەم بەدىنىنىڭ ئېمۇنىت كۈچى ئاشىدۇ››.

تۇرسۇن غۇپۇر دۆلەتلىك جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرى ئىدارىسىنىڭ 10- بەش يىللىق يىرىك پىلانىدىكى نۇقتىلىق مەخسۇس تۈر- ئۇيغۇر تېبابىتى ئارقىلىق ئاق كېسەلنىڭ داۋالاش تۈرىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ، كىلىنكىلىك ئەمەلىيەت ئارقىلىق ئاق كېسەلنى داۋالاپ ساقايتىش نىسبىتىنى %11 گە يەتكۈزگەن، لېكىن دۆلىتىمىزنىڭ ئاق كسەلنى داۋالاپ ساقايتىش ئوتتۇرىچە سەۋىيەسى %5 ئىكەن .

لې لېنىڭ ئاتىسى ياڭ مىڭ مۇنداق دېدى: ‹‹ بىز گەنسۇدىن كەلدۇق، ئىلگىرى نۇرغۇن جايلارغا بېرىپ قىزىمنىڭ كېسىلىنى داۋالاتقان بولساقمۇ قىلچە ئۈنۈمى بولمىغان ، ئاخىرى بۇ يەرنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ تەلەي سىناپ بېقىش ئىستىكىدە كەلگەن ئىدۇق. ئويلىمىغان يەردىن ھەقىقەتەن ئۈنۈمى بولدى. بىز ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ بۇنچىلى كارامىتى بارلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىمىز››.

بۇ دوختۇرخانىدىكى بىر دوختۇر مۇنداق دېدى: ‹‹ دوختۇرخانىمىزدا ياڭ مىڭغا ئوخشاش تەلەي سىناپ كېلىدىغانلار جىق، ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ تېرە كىسىلىگىلا ئەمەس ، سۆڭەك كېسىلى، يۈرەك-قان تومۇر كېسىلى، بوغۇم كېسىلى، ئاياللار كېسەللىكى ، مەقئەت-ئۈچەي كېسەللىكى قاتارلىقلاردا ئۆزگىچىلىككە ئىگە داۋالاش ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكلىرى بار›› .

بۇ دوختۇرخانىنىڭ باشلىقى ئىسراپىل ئەبەي مۇنداق دېدى: ‹‹ ھازىرقى ۋاقىت ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ راۋاجلىنىشىدىكى ئالتۇن دەۋر، ئۇيغۇر تېبابىتى چوقۇم بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، زامانىۋىلىشىش ، ئۆلچەملىشىش ، قېلىپلىشىش يولىغا مېڭىشى كېرەك. بۇنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ مۇھىمى ئۆزىنىڭ ماركىسىنى يارىتىشى كېرەك››.

ۋارىسلىق قىلىشتا مەكتەپتە مۇنتىزىم ئوقۇغاندىن باشقا،

ئۇستاز تۇتۇپ ئۆگىنىش كېرەك

نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ ۋارىسلارنى يېتىشتۈرۈش ئۇسۇلى ئاساسلىقى شاگىرت تەربىيىلەش ، ئاتا مىراس قالدۇرۇشتىن ئىبارەت ئىدى، ھازىر بۇ خىل ۋارىسلىق ئۇسۇلىدا ئۆزگىرىش بولدى.

ئىگىلىنىشىچە ، شىنجاڭ تېببىي ئۇنۋېرسىتىتى ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ تۇلۇق كۇرس كەسپىنى ئاچقاندىن بۇيان، بۇ كەسپتە ئوقۇشقا تىزىملىتىدىغانلار كۆپەيگەن. بۇ مەكتەپ ھازىرغىچە بەش قاراردا 280 گە يېقىن ئوقۇغۇچىنى قوبۇل قىلغان . ھەر يىلى باشقا كەسپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇيغۇر تېبابىتى كەسپىنى ئۆگىنىشكە ئالمىشىشنى تەلەپ قىلىدىغان بولغان .

شىنجاڭ تېببىي ئۇنۋېرسىتىتى ئۇيغۇر تېبابىتى كەسپىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل كشى تۇنۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:‹‹ گەرچە تۇنجى تۈركۈمدىكى ئوقۇغۇچىلار تېخى مەكتەپ پۈتتۈرمىگەن بولسىمۇ ، لېكىن ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىكى بىر قسىىم ئۇيغۇر تېبابىتى دوختۇرخانىلىرى خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن ، ھازىردىن باشلاپ مەكتىپىمىزگە كېلىپ ئالاقىلىشىپ ، ئوقۇغۇچىلارغا مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىنكى ئىستىقبالىنىڭ پارلاپ بولۇشىغا ئاساس يارىتىشقا باشلىدى››.

ھازىر ئۇيغۇر تېبابىتى كەسپىدىكى تېخنىكلار 4000 دىن ئاشىدۇ، بۇ ئۇيغۇر تېبابىتىدىكى يۇقىرى قاتلامدىكى ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەشنى ئاساسىي شارائىت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ئۇيغۇر تېبابىتىدىكى پىشقەدەم تىۋىپ تۇرسۇن غۇپۇرنىڭ نەزىرىدە ھازىر شىنجاڭ تېببىي ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ تۇنجى قارارلىق ئۇيغۇر تېبابىتى كەسپىدە ئوقۇۋاتقان ئوغلى ۋە ئۇنىڭ باشقا ساۋاقداشلىرى ھازىرچە يەنىلا شاگىرت ھېسابلىنىدىكەن . مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن ، ئۇلار پىشقەدەم دوختۇرلارغا شاگىرتلىققا كىرىپ ، رەسمىي ئەمەلىيەت بىلەن ئۇچرىشىپ ، پىشقەدەملەردىن ئۆگەنگەندىن كېيىنلا ، ئاندىن ھەقىقىي بىلىمنى، ماھارەتنى ئىگىلىيەلەيدىكەن.

تۇرسۇن غۇپۇرنىڭ بۇ كۆز قارىشى باشقا نۇرغۇن ئۇيغۇر تېبابىتى دوختۇرلىرىنىڭ كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدىكەن، ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ ئەمەلىيەتچانلىقى، تەجرىبە توپلاشچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك ، شاگىرت قوبۇل قىلىش ۋە ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ئەندىزىسىنى مەكتەپلەردىكى مۇنتىزىم تەربىيەلىنىش بىلەن بىرلەشتۈرگەندىلا ، ئاندىن ئۇيغۇر تېبابىتىدىكى غوللۇق دوختۇرلارنى تەربىيەلەپ چىققىلى بولىدىكەن.

شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر تېبابىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئاپاراتلارنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا ، ھازىر شىنجاڭدا داڭلىق تېۋىپلاردىن 30 نەچچىسىلا قالغان ، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 70 ياش ئەتراپىدا ئىكەن. ئۇلارنىڭ يېشى چوڭىيىپ قالغانلىقتىن ، كىلىنكىلىق داۋالاشنىڭ بىرىنچى سېپىگە قاتنىشالمايدىكەن، پىشقەدەم تېۋىپلارنىڭ تەجرىبىسىگە ۋارىسلىق قىلىش ، ۋە ئۇنى رەتلەپ چىقىشنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى نۆۋەتتە ئۇيغۇر تېبابىتى دۇچ كېلىۋاتقان بىر چوڭ مەسىلە ھېسابلىنىدىكەن.

ئىسراپىل ئەبەي مۇنداق دېدى:‹‹ ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن پىشقەدەم ئۇيغۇر تېبابىتى دوختۇرلىرىنىڭ ئازىيىشىغا ئەگىشىپ نۇرغۇن ئۇيغۇر تېبابىتى تېخنىكىسى ۋە مەخپىي رېتسىپلىرىمۇ يوقىلىشقا باشلىدى. بۇنداق بولغاندا بىز ھەر قانچە تىرىشچانلىق كۆرسەتسەكمۇ ، ئۇيغۇر تېبابىتىنى قۇتقۇزغىلى ۋە گۈللەندۈرگىلى بولمايدۇ، پەقەتلا يوقىلىپ كېتىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتالايمىز خالاس›› .

تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا ھازىرغىچە ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت قەدىمىي كىتابتىن 300 پارچىدىن ئارتۇقى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا مىراس قالغان ، بۇنىڭ ئارىسىدىكى ئۈچى جۇڭخوا خەلىق جۇمھۇرىتىنىڭ قىممەتلىك قەدىمىي قامۇسلىرىنىڭ قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن، يەنە نۇرغۇن قەدىمىي رېتسىپلار خەلق ئارىسىدا كەڭ تارقالغان ئىكەن.

ئۇيغۇر تېبابىتى ساھەسىدىكىلەرنىڭ قارىشىچە ، ئەل ئارىسىدا تارقالغان ئۇيغۇر تېبابىتىدىكى مەخپىي رېتسىپلارنى قۇتقۇزۇش خارەكتىرلىك بايقاش ۋە يىغىۋېلىش، مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەرنى تۈزۈپ چىقىش، ئوتتۇرا ياش، ياشلارنى داڭلىق پىشقەدەم ئۇيغۇر تېبابىتى تېۋىپلىرىنى ئۇستاز تۇتۇپ، بىلىم ئۆگىنىشكە ئىلھاملاندۇرۇش جەمئىيەتنىڭ جىددى تەقەززاسى ئىكەن.

ئاپتۇنوم رايۇنلۇق جۇڭيى تېبابىتى- ئۇيغۇر تېبابىتى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى فىڭ دۇڭ مۇنداق دېدى:‹‹ ئاپتۇنوم رايۇنىمىز ‹شىنجاڭدىىكى داڭلىق پىشقەدەم مىللىي تېبابەت دوختۇرلىرىنىڭ تېخنىكا تەتقىقات ئىشخانىسى› قۇرۇپ ، پىشقەدەم، داڭلىق مىللى تېبابەت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ كەسپتىن تەلىم بېرىش، يېتەكلىشىنى زىچ چۆرىدەپ، مىللى تېبابەت كەسپىدىكى يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى شەكىللەندۈرۈشنى پىلانلىدى››.

ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ ئۆلچىمىنى شەكىللەندۈرۈپ

راۋاجلاندۇرۇشتا دادىل بولۇش كېرەك

ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ ئۆزىگە خاس ئۆلچىمى بولۇشى كېرەك، ئۇنداقتا ئۇيغۇر تېبابىتى قانداق قىلغاندا ئۆزىنىڭ ئۆلچىمىنى بەرپا قىلالايدۇ؟

‹‹ ئۇيغۇر تېبابىتىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش تەتقىقاتى ۋە كەسپلەشتۈرۈش ئۈلگىسى›› تۈرى تەتقىقاتىدىكى مۇتەخەسسىس ئىسراپىل ئەبەينىڭ قارىشىچە ، ئۇيغۇر تېبابىتى ئەقىل ئىدراكلىق، ئوچۇق-يۇرۇقلۇق ، دادىللىق تولغان روھىي كەيپىيات بىلەن ئۆزىنى مۇكەممەلشتۈرۈشى كېرەك ئىكەن.

نۆۋەتتە بۇ خىل ئۆلچەمگە بولغان ئارزۇ بىر قىسىم ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىنىڭ ئۆزگىچە مەھسۇلاتلىرىدا ئىپادىلىنىشكە باشلىغان. يەلىنى ھەيدەپ، مېڭىنى تىنچلاندۇرۇش، قاننى نورماللاشتۇرۇپ ، مىجەزنى تەڭشەش ، ئاشقازاننى ياخشىلاپ، قان كۆپەيتىش رولىغا ئىگە گۈلقەنتمۇ بۇنىڭ ئارىسىدىكى بىرى بولۇپ، دۆلەت دورا ئىجازەتنامىسى ۋە تاۋار ماركىسى ئېلىشقا ئىلتىماس سۇنۇلۇپ ، كەسپلەشتۈرۈشكە قەدەم ئالغان.

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى ماقالىسى

تۆت تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت تورى يوللىدى.



一پارچە ئىنكاس بار .

  1. 4tadu مۇنداق يازغان:

    ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرىنىڭ زامانىۋىلىشى يولى(داۋامى)

    ئۆز خەۋىرىمىز : دۆلىتىمىز 12- بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرى ۋە زاڭزۇ تېبابىتى دورىلىرىغا نۇقتىلىق ياردەم بېرىلىدۇ. ئاپتونۇم رايۇنىمىزمۇ ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرىنى ئىستىراگىيەلىك بىيو-تىببىي دورىگەرلىك كەسپى سۈپىتىدە نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇش تۈرىگە كىرگۈزدى . ئۇيغۇر تېبابىتى ساھەسىدىكىلەر ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىك كەسپىنىڭ ھازىر ئۇچۇشقا تەييارلىنىۋاتقان ئايروپىلانغا ئوخشايدىغانلىقىنى ، ئەگەر بۇ قېتىمقى ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈش پۇرسىتىنى قولدىن بىرىپ قويسا ، بۇندىن كېيىن بۇنداق ياخشى پۇرسەتنىڭ كەلمەيدىغانلىقىنى تۇنۇپ يەتتى. ‹‹سەكسەن خالتا››دىن مۇنتىزىم بولغان مەخسۇس سېتىش دۇكىنىغىچە ‹‹سالامەت›› زەنجىرسىمان دورىخانىسى بۇلتۇر ئىيۇلدا ئاققۇۋۇقتا قەد كۆتۈردى، بۇ قۇيۇق ئىسلامچە ئۇسلۇپتا بېزەلگەن ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرىنى زەنجىرسىمان سېتىش دۇكىنىدا پەقەت دۆلەتنىڭ ئىجازىتىگە ئېرىشكەن 50 نەچچە خىل ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرى سېتىلىپلا قالماي ، ھەر خىل ۇيغۇرچە ساقلىقنى ساقلاش بۇيۇملىرى ۋە ئۆسۈملۈك دورىلار سېتىلىدۇ. ‹‹سەكسەن خالتا›› خەلق ئارىسىدا كەڭ تارقالغان ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرىنىڭ ئاغزاكى ئاتىلىشى . ئىلگىرى ئۇيغۇر تېبابىتى بويىچە كېسەل داۋالايدىغان تېۋىپلار ئۆسۈملۈك دورىلارنى تۈرگە ئايرىپ، ئوخشىمىغان خالتىلارغا قاچىلىۋېلىپ، ئاغرىقلارغا نەق مەيداندا دورا تەڭشەپ بېرەتتى. شەھىرىمىزنىڭ دۆڭكۆۋرۈك، ‹‹يەنئەن يولى›› ئەتراپىدا ‹‹ سەكسەن خالتا››لار ھازىرمۇ مەۋجۇت. بىر قىسىم ئۇيغۇر تېبابىتىدىن ھېچقانچە خەۋىرى يوق كىشىلەرمۇ بۇ ‹‹تىجارەت›› بىلەن شۇغۇللانماقتا. شىنجاڭ ‹‹سالامەت›› ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرى زەنجىرسىمان چەكلىك شىركىتى تىجارەت بۆلۈمىنىڭ دىرىكتورى گۇشيۇجېن مۇنداق دېدى:‹‹ ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرى بازىرىدا ئۇزۇندىن بۇيان قالايمىقان ، تارقاق بولۇش ئەھۋاللىرى مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. ‹‹سالامەت›› شىركىتىنى قۇرۇشىمىزدىكى مەقسەت قېلىپلاشقان ، مۇقىم بولغان ئۇيغۇر تېبابىتى تىجارەت بازىرىنى بەرپا قىلىشتۇر››. شىنجاڭ ‹‹سالامەت›› زەنجىرسىمان دورىخانىسى شەھىرىمىزدە شۆبە دۇكان ئېچىشنى پىلانلاۋاتىدۇ. گوشيۇجېن مۇنداق دېدى:‹‹ ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىن كەلگەن نۇرغۇن كىشىلەر بىز بىلەن ھەمكارلىشىش توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى. بىزنىڭ مەقسىتىمىز پۈتۈن شىنجاڭنى قاپلىغان سېتىش تورىنى بەرپا قىلىش. بېيجىڭدىكى تىجارەتچىلەرمۇ بىز بىلەن ھەمكارلىشىش ئويىنىڭ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىزمۇ توردا دۇكان ئېچىش ، تەشۋىق قىلىش خىزمەتلىرىنى ئىشلەۋاتىمىز››. تېخىمۇ ياخشى بولغان كەلگۈسى سىياسەتنىڭ قوللىشىغا مۇھتاج ئىستاتىستىكا نەتىجىلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە ، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنىڭ بازاردىكى ئۈلۈشى 10 مىليارد يۈئەندىن ئاشقان. بېراق شىنجاڭدىكى دورىگەرلىك شىركەتلىرىنىڭ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ بازار ئېھتىياجىدا تۇتقان نىسبىتى پەقەت %10 كە يېتىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرى بازىرىنىڭ كەلگۈسى پارلاق بولىدىكەن. دۆلەت ۋە ئاپتونۇم رايۇن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، ئۇيغۇر تېبابىتى دورا ماتىرىياللىرىنىڭ ئۆلچىمىنىڭ مۇكەممەل بولماسلىقى ، كىلىنكىلىق تەجرىبە سېستىمىسىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى، سۈپەت ئۆلچىمى تەتقىقاتىنىڭ بىر قەدەر ئاجىز بولۇشى ، تەجرىبىلىك ئىختىساسلىقلارنىڭ كەمچىل بولۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش چارىسى ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە. دۆلەت يېمەكلىك ۋە دورا نازارەتچىلىك ئىدارىسىنىڭ دورىنى تەستىقلاپ باھالاش مەركىزى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنى يېقىندا تۈر قىلىپ قۇرۇلغان ‹‹ ئاق كېسەل قاتارلىق ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرى ئارقىلىق ، داۋالاش ئەۋزەللىكىگە ئىگە 10 خىل كېسەلنى داۋالايدىغان ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرىنى كىلىنكىدا تەتقىق قىلىپ باھالاش سېستىمىسىنى تەتقىق قىلىش›› خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشقا ئەۋەتتى. يېڭى بىر خىل دورىنى تەتقىق قىلىشتىن تارتىپ، ئۇنى كېڭەيتىپ بازارغا سېلىشقىچە ، بىر خىل ئۇيغۇر تېبابىتى دورىسىنىڭ ئەسلى رېتسىپىدىن تارتىپ، ئۇنىڭدىن دورا تەييارلاپ بازارغا ئېلىپ كىرىشكىچە بولغان ھەر بىر باسقۇچ خادىملارنىڭ قوللىشىغا مۇھتاج بولىدۇ. بولۇپمۇ كېيىن تەرەققى قىلغان ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرىغا نىسبەتەن دۆلەت ئىچىدە مۇكەممەل بولغان تىجارەت مۇلازىمىتى تورى شەكىللەندۈرۈلۈشى كېرەك. مۇقىم دورا مەنبەسىگە ئىگە بولۇش ۋە ئۆزىنىڭ دورا ماتىرىياللىرى بازىسىنى قۇرۇش ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك تەرەققىياتىنى كۈتۈۋېلىشتا ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ساھەسى ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىنىڭ ماركا قىممىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئەڭ ئاۋۋال پەن تېخنىكا تەركىبى يۇقىرى بولغان داڭلىق ماركىلىق ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرىنى تەتقىق قىلىشتەك ئېنىق تونۇشقا ئىگە بولۇشى كېرەك. ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرىنىڭ ماتىرىيال مەنبەسى ناھايىتى مول، ھازىر تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان ئۆسۈملۈك دورا ماتىرىياللىرىدىن 1721 خىلى، ھايۋانات دورا ماتىرىياللىرىدىن 69 ى ، مېنىرال ماددىلاردىن 43 خىلى بار. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرىنىڭ باھاسى ئارقا –ئارقىدىن ئۆستى. ھەتتا بەزى دورىلارنى پۇل بولسىمۇ سېتىۋالالماسلىقتەك ئەھۋال شەكىللەندى. ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبى بولغان دورا ماتىرىياللىرى مەنبەسىنى چۇقۇم قوغداش كېرەك. بولمىسا بۇ ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرىنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى بىر ھوڭ ‹‹بوغما ھالەت›› ى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرى شىركىتىنىڭ باش ئېنجىنىرى ليۇ لاسەي مۇنداق دېدى:‹‹ دورا ماتىرىياللىرىنى سېتىۋېلىشقا ھەددىدىن زىيادە يۆلىنىۋالغاندا ، مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغان ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى چوڭ بولىدۇ. دورا ماتىرىياللىرىنىڭ سۈپىتى ۋە مەنبەسىنىڭ مۇقىم بولۇشى ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرىنىڭ سۈپىتى ۋە شىركەتنىڭ سىجىل تەرەققىياتىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا چوقۇم ئۆزىنىڭ دورا ماتىرىياللىرى بازىسىنى قۇرۇش كېرەك››. ئوخشىتىپ ياساش خەۋپى ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرىدىن كۆپ پايدا ئېلىشنى كۆزلىگەن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى بىر تۈركۈم شىركەتلەر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، دورىلارنى ئوخشىتىپ ياساش بورىنىنى چىقاردى، ھەتتا بىر خىل دورىنى 44 كارخانا ئوخشىتىپ ياسايدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلدى. ئىگىلىنىشىچە 27 خىل ئۇيغۇر تېبابىتى دورىسى ئىلگىرى 130 نەچچە دورا كارخانىلىرى تەرىپىدىن ئوخشىتىپ ياسالغان. ئاپتۇنۇم رايونىمىزدىكى ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرى ئارىسىدا ئەقلى-مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشقا ئىلتىماس قىلىنغان دورىلار پەقەت %20 نى ئىگەللەيدۇ. تەتقىقاتچى جياشاۋگۇڭ مۇنداق قارىدى: ھازىر ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى نۇرغۇن كارخانىلار ئەقلى-مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش ۋە بۇ ساھەنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقىنى تۇنۇپ يەتتى. ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرى دۆلىتىمىزدىكى مىللى تېبابەت دورىلىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن نۇرغۇن دۆلەتلەردىن كەلگەن ‹‹چوقۇنغۇچىلار››(مەستانىلەر)نى جەلپ قىلدى. 2003- يىلى تۇنجى ئېچىلغان خەلقئارالىق ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرى مۇھاكىمە يىغىنىغا 11 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 400 دىن ئارتۇق ۋەكىل قاتناشتى . يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگۇ شىنجاڭنىڭ رۇسىيە، گىرمانىيە، فىرانسىيە، ئىستونىيە، ئۆزبىكىستان، ئىئوردانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىلمىي ئالاقىلىرى بارغانسىرى قۇيۇقلاشماقتا . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، رۇسىيە ، گىرمانىيە، ئىستونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئۇيغۇر تېبابىت دورىلىرى تارماق ئاپاراتلىرى قۇرۇلدى. ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا، مالايشىيا، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتەرنىڭ بازىرىغا كىرىش بىلەن بىللە، چەتئەل كاپىتالىنىمۇ خەلپ قىلماقتا. يېقىنقى نەچچە يىلدىن بۇيان ، چەتئەل كارخانىلىرى شېرىكلىشىش ، مۇستەقىل مەبلەش سېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن جۇڭگو نىڭ جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى ۋە ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرى بازىرىغا سىڭىپ كىردى ھەم كۆپ قىسىم مەھسۇلاتلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ساتتى. بازارغا كىرىش جاسارىتى كەسپ ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىدۇ زىيارەتنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرى كارخانىلىرى تۆۋەندىكىدەك ئوخشاش قاراشنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى: ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرىنىڭ ھەقىقىي كەسىپلىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھۆكۈمەت، تەتقىقات ئورگانلىرى ۋە تېببىي دورا كارخانىلىرى بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك. چەكلىك مەبلەغنى دەل جايىغا ئىشلەتكەندىلا تۆۋەن سەۋىيەگە قارىتا مەبلەغ سېلىشتىن ساقلانغىلى ياكى بۇ خىل ئەھۋالنى تۆۋەنلىتىپ ، بىرىكمە كۈچ ۋە جەڭگىۋارلىقنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ. 10 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرىنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىنجاڭنىڭ ئەنئەنىۋى دورا كەسپى ئۇمۇميۈزلۈك كەينىدە قالدى ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئېھتىياجدىن ئېشىپ كەتتى. بازار ئېچىش يىتەرلىك بولمىدى. ‹‹ شىنجاڭنىڭ 2005- يىلىدىن 2015-يىلىغىچە تېببىي دورىگەرلىك كەسپى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكەت پىروگراممىسى›› دا 10 يىلدا نۇقتىلىق ھالدا بىر تۈركۈم زامانىۋى تېببىي دورا كارخانىلىرىنى يېتىلدۈرۈپ، ئۇلارنى ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ تېببىي دورا ساھەسىدىكى تايانچ كۈچكە ئايلاندۇرۇپ ، يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇيغۇر تېبابەت دورىسى ئىشلەپچىقىرىشنى شىنجاڭنىڭ دورىگەرچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى مۇھىم نۇقتىغا ئايلاندۇرۇش كېرەكلىكى ئېنىق كۆرسىتىلدى. ئۇنداقتا ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرىنىڭ ماركىسىنى قانداق يارىتىش كېرەك؟ جياشاۋگۇڭ بۇ ھەقتە مۇنداق ئىپادە بىلدۈردى: سىچۈەن،گۇيجۇ ،چىڭخەيلەردىكى تېببىي دورا ساھەسىنىڭ تەرەققىيات يولى بىزنىڭ پايدىلىنىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. زاڭزۇ تېبابىتى ۋە مياۋزۇ تېبابىتى دورىگەرلىك تەرەققىياتىنىڭ پەردە ئارقىسىدا ھۆكۈمەتنىڭ بىر تۇتاش پىلانلىشى، زور كۈچ بىلەن ياردەم بېرىشى ۋە كارخانىلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى بايلىق مەنبەسىنىڭ تەرتىپكە سېلىنىشىدىن ئىبارەت زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بار. مۇتەخەسسىسلەر تەكلىپ بېرىپ مۇنداق دېدى:‹‹ ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرى مىللى تېبابەت دورىلىرىنىڭ سەركىسى بولۇشى ئۈچۈن زامانىۋىلاشقان كەسپلەرنى تەرتىپكە سېلىش يولىدا مېڭىشى كېرەك››. ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى ماقالىسى تۆت تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت تورى يوللىدى.

قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....