يۈكسەل بلوگىدىكى يازمىلار
زىيارەت: 126 |
باھا:5
ۋاقىت: 16-01-2009
بۇ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتنىڭ ئەڭ يېڭى دوكلاتىدا چىقىرىلغان ئاگاھلاندۇرۇش بولۇپ، ئەگەر ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى تاماكا سېتىشنى ئۈنۈملۈك تېزگىنلەش تەدبىرلىرىنى يولغا قويمايدىغان بولسا ، مۇشۇ ئەسىردە 1 مىليارت ئادەم تاماكا چىكىش تۈپەيلى ھاياتىدىغان ئايرىلىدىكەن.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، تاماكا چېكىش تۈپەيلى تۈرلۈك كېسەللىكلەرگە گىرىپدار بولۇپ ھاياتىدىن ئايىرىلغانلارنىڭ كۆپ قىسىمى تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەللەردە ياشايدىغان بولۇپ، تاماكا چەككۈچلەرنىڭ سانى بۇ ئەللەردە داۋاملىق ئېشىۋېتىپتۇ.
پەن – تەتقىقات خىزمەتلىرىدە تاماكىنىڭ ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق ئىكەنلىكى ، ھەتتا ئۇنىڭ راك كېسىلى ، يۈرەك كېسەلللىكى ۋە باشقا جانئالغۇچ كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدىغانلىقى ئاللىبۇرۇن ئىسپاتلانغان بولسىمۇ ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تاماكا تىجارىتىدىن ئالىدىغان باج كىرىمى ئۇلارنىڭ تاماكا چېكىشىنى چەكلەشكە سەرىپ قىلغان مالىيە چىقىمىنىڭ 500 ھەسسىسىگە باراۋەر كەلمەكتە. داۋامىنى كۆرۈش»
زىيارەت: 40 |
باھا:5
ۋاقىت: 16-01-2009
ﻛﯩﺮﯨﺸﻤﻪ
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﺍ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻨﯩﯔ ﺯﯙﺭﯛﺭﻟﯩﻜﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ
ﮬﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻣﻪﻟﯘﻣﻜﻰ، ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘﭖ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﺷﻠﯩﻖ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯦﺘﻰ، ﻧﻪﺳﯩﻞ – ﻧﻪﺳﻪﺑﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﺭﯗﻕ – ﺟﻪﻣﻪﺗﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ؛ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﭘﻪﺭﻗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺩﯨﻐﺎﻥ ﺟﻪﻣﻪﺗﯩﻲ ﺧﺎﺱ ﻧﺎﻡ.
ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﺋﺎﻏﯘﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻏﯘﻧﻼﺭﻧﻰ ( ﺋﻪﺟﺪﺍﺩ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﯞﻻﺩﻧﻰ ) ﺑﯩﺮ – ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﭼﻪﻣﺒﻪﺭﭼﺎﺱ ﺑﺎﻏﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﯩﯔ ﺋﯜﺯﯛﻟﻤﻪﺱ ﺋﯧﻘﻨﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯜﻙ ﺑﯩﺮ – ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯘﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﺋﯘﺭﯗﻕ – ﺟﻪﻣﻪﺗﻨﻰ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺳﻪﯞﻩﺏ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯩﺴﻠﯩﺴﯩﺰ ﻗﯘﺩﺭﻩﺗﻠﯩﻚ ﻣﻪﻧﯩﯟﯨﻲ ﻳﺎﺩﺭﻭ.
ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺋﻪﭘﺴﯘﺳﻜﻰ، ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﺍ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ، ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﯩﺪﻩﻙ ﻣﻪﻧﯩﯟﯨﻲ ﺋﻪﯞﺯﻩﻟﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺋﯜﺳﺘﯜﻧﻠﯩﻜﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻣﻪﮬﺮﯗﻡ ﻗﯩﻠﯩﭙﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﯩﺘﻦ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺟﺎﮬﺎﻥ ﺳﻪﮬﻨﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﯚﺯ ﺳﺎﻻﮬﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﯞﻩ ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﯩﻤﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﺯﻭﺭ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﻻﺭﻧﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺧﻪﻟﯩﻘﺌﺎﺭﺍ ﺳﻪﮬﻨﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﺴﯩﻢ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﺩﻩﺭﺩﯨﻨﻰ ﻳﻪﺗﻜﯜﭼﻪ ﺗﺎﺭﺗﺘﻰ. ﺷﯘ ﺗﻪﺭﯨﭙﻰ ﺋﯧﻨﯩﻘﻜﻰ، ﺟﺎﮬﺎﻥ ﻗﻪﺩﻩﻣﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻣﺎﺱ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﻪﭖ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻗﻪﯞﯨﻤﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻻﻗﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﻗﻮﻳﯘﻗﻠﯩﺸﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺧﻪﻗﺌﺎﺭﺍ ﺳﻪﮬﻨﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻛﯚﭘﻠﻪﭖ ﻧﺎﻣﺎﻳﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺷﯜﺑﮭﯩﺴﯩﺰﻛﻰ، ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺩﯨﺸﯩﯟﺍﺭﭼﯩﻠﯩﻘﻼﺭ ﺑﯩﺰﺩﯨﻦ ﻧﯧﺮﻯ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ. داۋامىنى كۆرۈش»
زىيارەت: 13 |
باھا:0
ۋاقىت: 10-01-2009
ئۆتمۈشنى ئەسلەپ، كەلگۈسىگە نەزەر تاشلاش ، باسقان ئىزلىرىمىزنى خاتىرلەپ، يېڭى مەنزىللەرنى نىشانلاش ئۈچۈن << يۈكسەل بلوگى >> نىڭ 2008 – يىلىغا قايتا نەزەر سېلىپ، ئۆتكەن بىر يىلدىن قىسقىچە خۇلاسە چىقىرىپ قويۇشنى مۇۋاپىق كۆردۇق. داۋامىنى كۆرۈش»
زىيارەت: 127 |
باھا:0
ۋاقىت: 07-01-2009
<< مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى >> نىڭ مۇئەللىپى Sammuel Huntington ئۆزى ئېيتقان << مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشىدىغان دۇنيا >> بىلەن كېسەللىك سەۋەبىدىن ئەمدىلا خوشلاشقان كۈنلەردە، دۇنيادىكى 5 – چوڭ ھەربىي دۆلەت بولغان ئىسرائىلىيە 60 يىلدىن بېرى قوللىنىپ باقمىغان ئەڭ ۋەھشىيانە ۋاسىتە بىلەن پەلەستىن ئاپتونومىيىسىنىڭ غەزززە ( گازا ) رايونىنى قانغا بويىدى. ھازىرغىچە 600 دىن ئارتۇق كىشى قازا قىلىپ، 2600 دىن ئارتۇق كىشى يارىدار بولدى. ئىسرائىلىيە يالغۇز خاماسنىڭ قۇرال – جابدۇقخانىلىرى ۋە مەسئۇل خادىملىرىغا ھۇجۇم قىلىپلا قالماستىن، نۇرغۇنلىغان بىگۇناھ پەلەستىن پۇقرالىرىنى زور تالاپەتكە دۇچار قىلدى. دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار – زامانىۋىي قۇرال – ياراغ بىلەن ئېلىپ بېرىلغان، ئاددى پۇقرانى ھۇجۇم نىشانى قىلغان، خەلقئارا نىزاملارغا خىلاپ بولغان بۇ ۋەھشىيانە قەتلىئام دۇنيا جامائەتچىلىكىگە نېمىنىڭ ھەقىقى << دۆلەت تېرورىزىمى، State terrorism ، 国家恐怖主义 >> ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ قويدى. داۋامىنى كۆرۈش»
زىيارەت: 402 |
باھا:0
ۋاقىت: 01-01-2009
<< يۈكسەل بلوگى >> تەشكىللىگەن << ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگ ( 2008 ) >> نى باھالاش پائالىيىتى ئومۇمەن ناھايىتى ئۇتۇقلۇق ۋە ئادىل ئېلىپ بېرىلدى. مەزكۇر باھالاش پائالىيىتىنىڭ ئاممىۋىي ئاساسىمۇ مۆلچەرىمىزدىكىدىن خېلى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كەڭ بولدى. نامزات كۆرسىتىش باسقۇچىدا جەمئىي 24 بلوگ نامزاتلىققا تاللىنىپ ئاۋازغا قويۇلغان بولۇپ، بۇ 24 بلوگ تورداشلارنىڭ بېلەت تاشلاپ ئاۋاز بېرىشىگە قۇيۇلغان ئىدى. نەتىجىدە جەمئىي 1760 پارچە بېلەت تاشلاندى. بىز بۇ بېلەت سانى ۋە نامزات كۆرسىتىلىش قېتىم سانىنى قوشۇپ ستاتىستىكىلاش ئارقىلىق تۆۋەندىكى 10 بلوگنى << ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگ ( 2008 ) بولۇشقا مۇۋاپىق ئىكەن ، دەپ قارىدۇق. داۋامىنى كۆرۈش»
زىيارەت: 194 |
باھا:0
ۋاقىت: 21-12-2008
يۈكسەل بلوگى تەشكىللىگەن << ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگ ( 2008 ) >> نى باھالاش پائالىيىتىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى يەنى كۆرسىتىلگەن نامزات بلوگلارغا بېلەت تاشلاش باسقۇچى پىلان بويىچە بۈگۈن يەنى 12 – ئاينىڭ 20 – كۈنى سائەت 24 تە تولۇق ئاخىرلاشتى . بۇ جەرياندا ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ جەمئىي 1760 پارچە بېلەت تاشلاندى. داۋامىنى كۆرۈش»
زىيارەت: 24 |
باھا:0
ۋاقىت: 06-12-2008
8 – نۆۋەتلىك جۇڭگو تور تاراتقۇلىرى ( 网络媒体 ) ئەنجۈمەنى 12 – ئاينىڭ 5 – كۈنى چۇڭچىڭدا ئېچىلدى. ئەنجۈمەننىڭ ئاساسىي تېمىسى << ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشەنچلىك ئالاقە تورى بەرپا قىلايلى >> دىن ئىبارەت بولۇپ، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى 王晨 يىغىندا مەزكۇر ئاساسى تېما ھەققىدە نوتۇق سۆزلىدى. داۋامىنى كۆرۈش»
زىيارەت: 198 |
باھا:0
ۋاقىت: 01-12-2008
ئۇدا 1 ئايغا سوزۇلغان << 10 چوڭ بلوگ >> قا نامزات كۆرسىتىش پائالىيىتى ئاخىرلىشىپ، 24 بلوگ نامزات قىلىپ بېكىتىلگەن ئىدى. 12 – ئاينىڭ 1 – كۈنى يەنى بۈگۈندىن باشلاپ بۇ 24 بلوگقا بېلەت تاشلاپ ، 10 چوڭ بلوگنى تاللاش پائالىيىتى رەسمىي باشلاندى.
بۇ 24 بلوگنى بېلەت تاشلاش قاتارىغا تىزىشتا بلوگلارنىڭ زىيارەت مىقدارى نەزەرگە ئېلىنىپ، زىيارەت مىقدارى كۆپتىن ئازغا قاراپ تىزىلدى. ئۇيغۇر يېزىقى بويىچە بېلەت تاشلاش پروگىراممىسى تۈزۈش قولىمىزدىن كەلمىگىنى سەۋەبلىك، ئۈچىنچى تەرەپ پروگىرممىسىنى ئىشلىتىپ، ULY ئارقىلىق تۈزۈپ چىقتۇق ( يۈكسەل بلوگ باش بېتى ئوڭ يان بۆلەك يۇقىرىقى قىسىمغا قارالغاي! ) . داۋامىنى كۆرۈش»
زىيارەت: 301 |
باھا:1
ۋاقىت: 24-11-2008
<< ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگ ( 2008 ) >> نى باھالاش پائالىيىتىمىزنىڭ دەسلەپ بېكىتىلگەن پىلانى بويىچە، 21 – نويابىر نامزات بلوگ قوبۇل قىلىش پائالىيىتى تولۇق ئاخىرلاشقان ئىدى. نامزات كۆرسىتىش پائالىيىتى جەريانىدا ھەرقايسى بلوگىرلار ۋە بلوگ زىيارەتچىلىرى بولۇپ جەمئىي 98 ئادەم قېتىم نامزات كۆرسىتىلگەن، جەمئىي 82 بلوگ مەزكۇر << ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگ ( 2008 ) >> نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن. بىز تورداشلارنىڭ كۆرسەتكەن نامزات ئۇچۇرلىرىنى ئەستايىدىل ستاتىستىكا قىلىش ئارقىلىق تۆۋەندىكى 24 بلوگنى << ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگ ( 2008 ) >> نىڭ رەسمىي نامزاتلىقىغا كۆرسەتتۇق ( تورداشلار تەرىپىدىن نامزاتلىققا كۆرسىتىلىش قېتىم سانى بويىچە رەتكە تېزىلدى، زىيارەت قېتىم سانى 24 – نويابىر سائەت 0 گىچە بولغان زىيارەت قېتىم سانىنى كۆرسىتىدۇ. ) : داۋامىنى كۆرۈش»
زىيارەت: 89 |
باھا:0
ۋاقىت: 03-11-2008
شۇنداق قىلىپ 1 ئاي داۋاملاشقان << ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگ ( 2008 ) >> نى باھالاش پائالىيىتىنىڭ بىرىنچى باسقۇچى – نامزات كۆرسىتىش باسقۇچى تولۇق ئاياقلاشتى.
مەزكۇر پائالىيەت ھەققىدىكى جاكارنامە يۈكسەل بلوگىدىن نەقىل ئېلىنىپ، ئىلگىرى ئاخىرى بولۇپ ئىزدىنىش، شەبنەم، بىلىك، سەلكىن، دىيارىم، خانتەڭرى، چوغلان، ئىنتىل، رېتىم، باس – باس … قاتارلىق بىرقەدەر نوپۇزلۇق چوڭ تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىندى. ھەرقايسى تورلاردىكى كۆرۈلۈش قېتىم سانى ۋە ئىنكاس قوبۇل قىلىش ئەھۋالى مۇنداق بولدى: داۋامىنى كۆرۈش»
زىيارەت: 96 |
باھا:2
ۋاقىت: 21-10-2008
ئۇيغۇرلاردىكى ئېلېكترونلۇق ئۆتۈشمە __ تور تەرەققىياتىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشى بىلەن ، تور ساھەسىدىكى يېڭىلىقلارمۇ ئارىمىزدا تېز ئومۇملىشىۋاتىدۇ. جۈملىدىن بلوگ ( Blog ) دىن ئىبارەت بۇ يېڭى شەيئى ئارىمىزدا قانچىلىك تېز پەيدا بولغان بولسا، شۇنچىلىك تېز تەرەققىي قىلدى. ھەش – پەش دېگۈچە ئۇيغۇر بلوگىر ( Blogger، بلوگ ئىگىسى، بلوگ نەشىر قىلغۇچى، بلوگ يازغۇچى ) لار قوشۇنىمۇ تېز زورايدى. كۆركەم لايىھىلەنگەن، مەزمۇنى رەڭدار، پايدىلىقلىقى يۇقىرى بلوگلار ئارقا – ئارقىدىن بارلىققا كەلدى. بلوگ بىزگە يېڭىچە ياشاش، ئۆگىنىش، خىزمەت قىلىش ئۇسۇلى ئاتا قىلىپ،بلوگ بىزنىڭ ئۆزىمىزنى ئىپادىلەيدىغان، ئۆز – ئارا ئالماشتۇرىدىغان، ھەمكارلىشىدىغان يېڭىچە سورۇنىمىز بولۇپ قالدى. بلوگبارغانسېرى كۆپ كىشىلەرنىڭ قوبۇل قىلىشى ۋە ئالقىشىغا ئېرىشىپ، ھاياتىمىزغا ئۈزلۈكسىز تەسىر كۆرسەتمەكتە. قىسقىسى، بلوگ ھاياتىمىزغا تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ سىڭىپ كىرمەكتە. داۋامىنى كۆرۈش»
زىيارەت: 24 |
باھا:0
ۋاقىت: 15-10-2008
ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﺍ ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻳﯩﻞ ﻣﺎﺑﻪﻳﻨﯩﺪﻩ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﺗﻮﺭ ﯞﻩ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺯﯨﻞ – ﺯﯨﻠﯩﮕﻪ ﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﭘﯩﻜﺮﻯ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﺍ ﺭﻭﻳﺎﭘﻘﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺳﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ، ﺗﻮﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﯞﺭﯛﻛﻠﯜﻙ ﺭﻭﻟﻰ ﯞﻩ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﭘﯩﻜﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺗﯜﺭﺩﻩ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯧﺘﯩﻤﯩﺰ. << ﺳﯜﻥ ﺟﯧﮕﺎﯓ ﯞﻩﻗﻪﺳﻰ >> ﺩﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ، << ﺧﺎﺭﺑﯩﻨﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﯞﻣﺎ ﻣﺎﺭﻛﯩﻠﯩﻖ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺳﻮﻗﯘﯞﯦﺘﯩﺶ ﯞﻩﻗﻪﺳﻰ >> ﮔﯩﭽﻪ، << ﻟﻴﯘ ﻳﻮﯓ ﺋﻪﻧﺰﯨﺴﻰ >> ﺩﯨﻦ ﺗﯧﺨﻰ ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﯨﻼ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺩﯨﻘﻘﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﺯﻏﯩﻐﺎﻥ << ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻳﻮﻟﯟﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺳﯜﺭﯨﺘﻰ >> ﯞﻩﻗﻪﺳﯩﮕﯩﭽﻪ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﻮﺭﺩﺍ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺗﭽﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺗﺎﺷﻼﻧﺪﻯ، ﺗﻮﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻣﯘﮬﺎﻛﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ، ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺩﻩﻝ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ، ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻤﯘ ﮬﻪﻗﻘﺎﻧﯩﻲ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﯗﭖ، ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺗﻨﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﻰ ﺋﺎﺭﺍﻡ ﺗﺎﭘﻘﯘﺩﻩﻙ ﺋﺎﺩﯨﻞ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﻮﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ ﯞﻩ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺵ – ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺗﻮﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺟﺎﻣﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﭘﺘﯩﺸﻠﯩﺸﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﺪﻯ. داۋامىنى كۆرۈش»
زىيارەت: 14 |
باھا:0
ۋاقىت: 06-10-2008
لوس ئانجېلىس ۋاقىت گېزىتى تورى ( LATimes.com ) نىڭ تۈنۈگۈن بەرگەن خەۋىرىگە كۆرە ، يالىڭاچلانما ئۇسۇل ئوينىغۇچىلارنىڭ پەرزەنتلىك بولۇش نىسبىتى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات ۋە كوكاكولا ( Coca-Cola ) نىڭ ئۇرۇق ئۆلتىرىدىغانلىقى ئۈستىدە ئىشلەنگەن تەتقىقات، ياڭيۇ پارچىسىنى يېگەندە << كاس – كاس >> قىلىپ ئاۋاز چىقىرىپ يېگەندە، ياڭيۇنىڭ تېخىمۇ تەملىك بولۇپ كېتىدىغانلىقى ئۈستىدىكى تەتقىقات قاتارلىق غەلىتە تەتقىقات نەتىجىلىرى << شەرەپلىك ھالدا >> 2008 – يىللىق نوبېل ھەزىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. داۋامىنى كۆرۈش»
زىيارەت: 111 |
باھا:0
ۋاقىت: 15-09-2008
ئەنگلىيە << يېڭى ئالىم، newscientist >> تورىنىڭ بەرگەن خەۋىرىگە كۆرە، ئەنگلىيىلىك بىر ئالىمنىڭ بايقىشىچە، بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلسا ئەرلەرنىڭ ئۆمرى تېخىمۇ ئۇزۇن بولىدىكەن. داۋامىنى كۆرۈش»
زىيارەت: 111 |
باھا:0
ۋاقىت: 12-09-2008
بۇندىن 7 يىل مۇقەددەم، يەنى 2001 – يىلى 9 – ئاينىڭ 11 – كۈنى 19 نەپەر تېرورچى ئامېرىكىنىڭ خەلق ئاۋىئاتسىيە ئايرۇپىلانىدىن 4 نى بۇلىغان ۋە ئامېرىكىنىڭ ئوبرازى ھەتتاكى غورۇرى دەپ قارالغان قوشماق بىنا << دۇنيا سودا مەركىزى >> گە 2 ئايرۇپىلاننى سوقۇپ، پۈتكۈل جاھاننى لەرزىگە سالغان << 9.11 >> تېرورلۇق ۋەقەسىنى سادىر قىلغان ئىدى. داۋامىنى كۆرۈش»