مەن كىم

بلوگ ۋەبلوگ ئاپتۇرى ھەققىدە:

بلوگنىڭ باش ئاپتۇرى ۋەتەن 2002-يىلى مەلۇم ئالى مەكتەپنىڭ سىياسى مائارىپ كەسپىنى تاماملاپ، غۇلجا ناھىيىسىنىڭ مەلۇم يېزىسىدىكى مەكتەپكە ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىگە تەقسىم قىلىنغاندىن بىرى، ئىزچىل شۇ يەردە ئىشلەپ كەلمەكتە. ۋەتەنجان ئەسلى ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىگە ئانچە قىزىقمايتى، ئەركىن كەسىپلەرنى قىلىشنى بەكمۇ خالايتى، لېكىن بۇ مەسئۇلىيەتكە باغلانغاندىن بىرى ئىزچىل ياخشى ئوقۇتقۇچى بولۇش ھەققىدە ئىزدىنىپ كەلمەكتە.ۋەتەنجان 2006 -يىلى يەنە ئائىلىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالدى، ھازىرئۇنىڭ ئايقۇت ۋە ئايچىن ئاتلىق بىرجۈپ قىزلىرى بار، دېمەك ئۇ يەنە بىر ياخشى دادا بولۇش ئۈچۈنمۇتىرىشماقتا... ۋەتەنجان بۈگۈنگە قەدەر گەرچە چوڭ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلمىگەن بولسىمۇ، ئىدىيە-ئەخلاق، تارىخ پەنلىرى بويىچە ناھىيە، ئوبلاست ۋە ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك «ئوقۇتۇش ماھىرى»شەرىپىگە، دەرس دېتالى ئىشلەش تۈرى بويىچە ئاپتۇنۇم رايۇن ۋە مەملىكەت بويىچە 1-دەرىجىلەرگە ئېرىشتى. ئۇندىن باشقا بىرپارچە تەتقىقات ماقالىسى ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە 2-دەرىجىگە، بىرپارچىسى ئىلى ئوبلاستى بويىچە ئوقۇتۇش تەتقىقاتى ماقالىلىرىنى باھالاشتا 2-دەرىجىگە ئېرىشتى. ۋەتەنجان 2000-يىللىرىدىن باشلاپ توردۇنياسى بىلەن ھەپىلەشكەن بولۇپ، 2005-يىللىرىدىن باشلاپ دىيارىم،شەبنەم مۇنبەرلىرىدە «خەنجەربەگ»،«ئاتا» تەخەللۇسلىرىدا يازمىلىرىنى ئېلان قىلغان.2007-يىلى 2009-يىللىرى ئىلگىرى -كېيىن بولۇپ «روجەك»،«قاراق» ناملىرىدا مەرىپەت تارقىتىشنى ئاساسى نىشان قىلغان مۇنبەرلەرنى قۇرغان. مەزكۇر «ۋەتەن بلوگى» 2011-يىلى 1-ئايدا رەسمىي ئېلان قىلىندى،ئاساسەن ئائىلە-نىكاھ، پەرزەنت تەربىيىسى ،مائارىپ مۇھاكىمىلىرى قاتارلىقلار ھەققىدىكى ئىجادىي ۋە تەرجىمە ماقالىلەر ئېلان قىلىنىدۇ. تورداشلارنىڭ مەزكۇر بلوگقادائىم قەدەم تەشرىپ قىلىشنى ۋە ئورتاق مەسىلىلەر ھەققىدە «ۋەتەن» بىلەن كۆپرەك پىكىرئالماشتۇرۇپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئاپتۇربىلەن ئالاقىلىشش

كىيۇ-كىيۇ:1428585420
ئېلخەت پوچتىسى:wetenblog@gmail.com
ئوقۇرمەنلەركىيۇ-كىيۇ توپى:123150124

بلوگىنىڭ باشقا ئاپتۇرلىرى

  1. قوبۇل قىلىنىدۇ

ئاخىرقى يېڭىلانغان ۋاقتى : 2011-يىلى 7-ماي