A-A+

دۇنيانىڭ ئۆزى بىر سەھنە

2015-يىل 13-سېنتەبىر تەرجىمە كىتابلىرىمىز باھا يوقكەن زىيارەت: 409 قېتىم

ۋېنجو سودىگەرلىرىنىڭ ئۆزگىچە تەپەككۈرى

 6 - باب 10 - پارگىراف 

w0200707133487108540484

بېيىش تەپەككۇرى:

   نامراتلار: بىر قۇدۇق سۇ بىر قىسىم كىشىلەرگىلا يېتىدۇ، مىنى سىرتلارغا چىقىپ تىجارەت قىل دېسە مىنىڭ ئارزۇيۇمغا مۇخالىپ كېلىدۇ. پۇلنى كۆپ تاپقىلى بولسىمۇ، بىراق يۇرتتىن چىقىپ كېتىش ئادەمگە تەس كېلىدۇ.

   ۋېنجۇلۇقلار: مۇھەببەت يۇرت ئايرىمايدۇ، مەيلى نەگىلا بارايلى، پۇل تاپقىلى بولسا ئىككىنچى يۇرتىمىز قاتارىدا كۆرىمىز. ھاياتلىقتا نەدە پۇل بولسا شۇ يەرگە بارىمىز، دۇنيانىڭ ئۆزى بىر سەھنە.


  «ۋېنجۇ سودا گېزىتى» دە ئىلگىرى  بىر قېتىملىق خۇلاسە يىغىنىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى مۇنداق خەۋەر قىلىنغان :

   ئىنتايىن چوڭ بىر يىغىن زالىدا يىغىن ئېچىلىۋاتاتتى. تيەنجىن ۋەكىلى ئاۋال سۆز قىلدى، ئارقىدىنلا گۇاڭدۇڭ ۋەكىلى سۆز قىلىدى، ئارقىدىن ئىچكى موڭغۇل ۋەكىلىگە سۆزلەش نۆۋىتى كەلگەن ئىدى ، بۇ ۋەكىل سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن، يۈننەندىن كەلگەن ۋەكىل سۆزلەشنى تەلەپ قىلدى...

   بۇ ھەرگىزمۇ مەملىكەت خاراكتېرلىك يىغىن ئەمەس، بەلكى مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ۋېنجۇلۇق سودىگەرلەرنىڭ يىللىق خۇلاسە يىغىنى ئىدى.

   ۋېنجۇدا مۇنداق بىر گەپ بار: «ۋېنجۇدا ئورتاق تەلەپپۇزدا سۆزلەيمىز، چەتئەللەردە ۋېنجۇ تەلەپپۇزىدا سۆزلەيمىز.» بۇ ھەرگىزمۇ مۇنداقلا دەپ قويغان گەپ ئەمەس، ۋېنجۇلۇق يازغۇچى يې يۇڭلى ئىلگىرى بۇ توغرىسىدا مۇنداق يازغان:

   «مەن نيويورك دۇنيا سودا مەركىزىنىڭ خارابىسى ئالدىغا كەلگەندە، ئۇ جايدا بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ سۈرەتلىرىنىڭ لىق ئېسىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم، ئۇ جايغا يېڭى گۈللەر تىزىلىپ كەتكەن بولۇپ شام يېقىلغان ئىدى، چېلىنىۋاتقان نەيدىن لەرزان ئاۋاز ئاڭلىناتتى. يىراق بولمىغان بىر جايدا بىر جۇڭگولۇق قىز دۇنيا سودا مەركىزىنىڭ  ۋەيران بولۇشتىن بۇرۇنقى سۈرىتىنى سېتىۋاتاتتى، يەنە دۇنيا سودا مەركىزى خاتىرىلەنگەن ھەرخىل خاتىرە بۇيۇملار بولۇپ، سودىسى ياخشى ئىدى. مەن سۈرەتلەرنى تاللاۋاتقاندا ۋېنجۇ تەلەپپۇزىدا ئۇنىڭغا گەپ قىلدىم، ئۇ قىز ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن ئەھۋاللاشتى.»

   «بۇ دەل سودا پۇرسىتىنى تۇتۇشقا ماھىر ۋېنجۇ سودىگەرلىرىنىڭ ئوبرازى. قىزچاق ماڭا ئۇ سېتىۋاتقان نەرسىلەرنىڭ ۋېنجۇدا ياسالغانلىقىنى، ئاندىن ئەڭ تېز سۈرئەتتە نيويوركقا كەلتۈرۈلگەنلىكىنىئېيتتى...»

   «مەيلى نيويوركتىكىجۇڭگۇلۇقلار كوچىسىدا بولسۇن، ياكى نيويوركتىكى فاراسىن مېۋە-چېۋە دۇكىنىدا بولسۇن، مەن دائىم تونۇش ئاۋازلارنى ئاڭلاپ تۇرىمەن.»

   «مەن ياۋروپانى ئايلانغاندا نۇرغۇنلىغان جۇڭگوچە تاماقخانىلاردا ۋېنجۇ تەلەپپۇزىدا سۆزلەيدىغانلارنىڭ ئېنگىلىزچە سۆزلەيدىغانلاردىن كۆپ ئىكەنلىكىنى بايقىدىم، چۈنكى ئۇ جايدىكى جۇڭگوچە ئاشخانىلاردا كۆپ قىسىم كىشىلەر ۋېنجۇلۇق ئىدى.»

  كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، دۇنيانىڭ ھەربىر پۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغا پۇل تېپىشنى ياقتۇرىدىغان ۋېنجۇلۇقلار كەڭ تارقالغان. مو يەن مۇنداق دېگەن: «دۇنيادىكى قۇشلار ئۇچۇپ بارالايدىغانلىكى جايلاردا ۋېنجۇلۇقلارنىڭ قەدەم ئىزلىرى بار.»

 بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ۋېنجۇلۇقلار ئېقىپ يۈرۈشكە ئىنتايىن ماھىر بولغاچقا پۈتۈن دۇنياغا تارقالغان. بۇ سەۋەپتىن  ئۇلارنىڭ ھەرقانداق بىر مۇھىتقا ماسلىشىپ ياشاش ئىقتىدارى يۇقۇرى كۆتۈرۈلگەن.

   ئەمەلىيەتتە ۋېنجۇلۇقلار توختىماستىن ئېقىپ يۈرۈپ نۇرغۇنلىغان كىشىلىك مۇناسىۋەت ئامىلىنى جۇغلىغان، ھەرخىل ئۇچۇرلارنى ئىگىلىگەن، بۇ ئۇلارنىڭ غەلبە قىلىشىدىكى سەۋەب. «ئۇلار ئېقىپ يۈرۈش جەريانىدا ھەرخىل كىشىلەر بىلەن بېرىش-كېلىش قىلغاچقا ئوخشىمايدىغان سەرگۈزەشتىلەرگە ئىگە بولىدۇ. ئېھتىمال ئۇلار نۇرغۇن قېتىملاپ كۆچۈشى مۇمكىن، ئەمما بىر قېتىملىق پۇرسەتنى تۇتۇۋالسىلا غەلبە قىلىدۇ.»

  كىشىلەر <<نەدە بازار بولسا شۇ يەردە ۋېنجۇلۇقلار بولىدۇ ؛ نەدە بازار بولمىسا شۇ يەردە يەنە ۋېنجۇلۇقلار بولىدۇ >> دېيىشىدۇ. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن باشلاپ ۋېنجۇلۇقلار سىرتلارغا چىقىپ سودا قىلىشنى باشلىغان، ئۇلارنىڭ قەدەم ئىزلىرى تەرەپ-تەرەپكە تارقالغان.

   بېيجىڭ، شاڭخەي، خاڭجۇ، شىئەن، چېڭدۇ، شىنجاڭ، شىزاڭ... قاتارلىق جايلارنىڭ ھەممىسى ۋېنجۇ سودىگەرلىرى توپلاشقان جايلاردۇر.

   بېيجىڭ ۋېنجۇلۇقلارنىڭ شىمالدىكى بازىسى. بېيجىڭ شەھىرىدە داڭلىق «ۋېنجۇلۇقلار كەنتى» بولۇپ، ئۇلار داجۇڭ ئىبادەتخانىسى، ۋۇداۋكۇ، شاۋو ۋە داجياۋخېڭ قاتارلىق جايلارغا تارقالغان. «101 چاچ ئۆستۈرۈش جەۋھىرى >> ۋە «خۇڭسېداتىڭ» نىڭ ئىجادچىسى جاۋ جاڭگۇاڭ، جوڭگۇدىكى ئەڭ باي ئايال كارخانىچى شۈ شاۋيىڭ قاتارلىقلارنىڭ ھەممسى بېيجىڭدا ياشايدۇ.

   شاڭخەيدە ۋېنجۇلۇقلار تېخىمۇ كۆپ. نەنجىڭ يولى شاڭخەيلىكلەرنى ئەڭ جەلپ قىلىدىغان تاۋار دۇنياسى، ئەمما بۇ جايدىكى نۇرغۇنلىغان دۇكانلارنىڭ خوجايىنلىرى ۋېنجۇلۇقلار.

   «دۇنيانىڭ ئۆگزىسى» دەپ نام ئالغان شىزاڭمۇ ۋېنجۇلۇقلار قىزىقىدىغان جاي، ئىستاتسىتكىغا ئاساسلانغاندا، شىزاڭغا كىرگەن سودىگەرلەرنىڭ يېرىمغا يېقىنى ۋېنجۇلۇقلار. لاسادا يەنە تىككۈچىلىكنى ئاساس قىلغان «ۋېنجۇلۇقلار كوچىسى» بار.

  ۋېنجۇلۇق ۋاڭ يۇڭيۈ 1989-يىلى ئايالى بىلەن بىرلىكتە سىچۈەن لۇجۇغا بېرىپ ئىگىلىك تىكلىمەكچى بولىدۇ، ئۇلار تۈگمە، سىيرىتما قاتارلىق ۋېنجۇ ماللىرى لىق توشقۇزۇلغان سومكىلىرىنى كۆتۈرۈپ لۇجۇنىڭ يېزا-قىشلاقلىرىنى ئايلىنىپ چىقىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇلار جياڭچېڭدا لۇجۇدىكى ئەڭ چوڭ خۇرۇم ئاياغ پارچە سېتىش سودا مەيدانىنى قۇرۇپ چىقىپ، مەخسۇس ۋېنجۇدا ئىشلەپچىقىرىلغان ھەرخىل خۇرۇم ئاياغلارنى ساتىدۇ.

   2003-يىلى باھار بايرىمىدا، سىچۈەندە تىجارەت قىلىۋاتقان 1000 دىن ئارتۇق تەيۋەنلىك سودىگەر يۇرتىغا قايتىپ چاغان ئۆتكۈزمەكچى بولىدۇ، ئەمما بۇ شەھەردىكى ۋېنجۇلۇقلار چاغاننى شۇ جايدا ئۆتكۈزمەكچى بولىدۇ.

   32 ياشلىق ۋۇ خەينىڭ چېڭدۇدا سودا قىلىۋاتقىنىغا 10 يىل بولغان بولۇپ، ئۇ ياشلار يولىدىكى بىر كىيىم-كېچەك دۇكىنىنىڭ خوجايىنى. ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئايالى ھەر كۈنى قىزغىنلىق بىلەن خېرىدارلارنى كۈتىۋالىدۇ.   مۇخبىر ئۇنىڭدىن نېمىشقا ئۆيىگە قايتمايدىغانلىقىنى سورىغاندا، ۋۇ خەي قىزغىنلىق بىلەن مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ: «يۇرتقا قايتىش؟ چېڭدۇ مېنىڭ يۇرتۇم تۇرسا!»

   ۋۇ خەينىڭ قارىشىچە، نەگە بېرىشتىن قەتئىينەزەر شۇ جاي ئۇنىڭ يۇرتى ئىدى، بۇ ئۇنىڭ ھاياتلىق پەلسەپەسى بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئۇنىڭ تىجارەت دەستۇرى. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ۋېنجۇلۇقلار ھەممە جايغا تارقالغان، مىنىڭ ئىلگىرىكى ساۋاقدىشىم، خوشنىلىرىم ھەممىسى سىرتتا سودا قىلىۋاتىدۇ.»

   ھازىر ۋۇ خەينىڭ ئوغلى چېڭدۇ شەھىرى يەنشىكۇ باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇيدۇ، ئۇنىڭ ئانىسىمۇ ئۇلارنىڭ يېنىغا كەلگەن بولۇپ، چېڭدۇ ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ئائىلىسىگە ئايلانغان، ئۇلار ھەقىقىي تۈردە چېڭدۇدا يىلتىز تارتىپ تىرىشىپ سودا قىلماقتا.

   ياڭ جيېشېڭ ئەسلىدە بىر ۋاكالىتەن دەرس ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچى  ئىدى.

   1980-يىلى ئۇ 300 يۈەن پۇلنى ئېلىپ ساڭنەندىكى بىر زاۋۇتنىڭ كەسپ خادىمى سالاھىيىتىدە شاڭخەيگە يېتىپ كېلىدۇ. ياڭ جيېشېڭ شاڭخەي ساھىلىدە ئۆتكۈزگەن تۇنجى كېچىنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ:  «مەن شاڭخەيدىكى تۇنجى كېچىنى جيابېي رايونىدىكى بىر يەر ئاستى مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزدۈم، بۇ كېچە مېنىڭ ھاياتىمدىكى ئۇيقۇم ئەڭ ناچار كېچە بولغان ئىدى. چۈنكى ئەزەلدىن ھېچقانداق شەھەر مىنى شاڭخەيگە ئوخشاش روھلاندۇرۇپ باقمىغان ئىدى، ئېگىز بىنالار ۋە ئاۋات كوچىلار مىنىڭ تەسەۋۋۇرۇمنى بېيىتىپلا قالماستىن، بۇ شەھەردىكى ئۆزگىچە مەدەنىيەت پۇرىقى ۋە شاڭخەيلىكلەرنىڭ ئۆزگىچە ساپاسى مىنى تېخىمۇ روھلاندۇردى. بۇ كېچە مەن شۇنداق ھېس قىلدىم: شاڭخەي ئاسمىنى كەڭرى جاي، بۇ جايدا چوقۇم چوڭ ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ.»

   بەزىلەر ئىلگىرى ياڭ جيېشېڭنىڭ ئەمدىلا شاڭخەيگە كەلگەن ھالىتىنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ: «يەر ئاستى مېھمانخانىسىدىكى مۇدھىش چىراغ نۇرىدا، ئۇ 300 يۈەن پۇل ئارقىلىق بىر پىلان تۈزۈيدۇ: كۈندىلىك ئىجارە ھەققى 1.4 يۈەن، تۇرمۇش خىراجىتى 1.5 يۈەن، كىرا ھەققى 0.2 يۈەن بولۇپ، شاڭخەيدە تەخمىنەنئىككى يېرىم ئاي ياشىيالايىتتى.»

   «تۇرمۇش دېڭىزىدىكى ساياھەت باشلانغان ئىكەن، چوقۇم قىرغاققا يېتىش كېرەك ئىدى. ئىككىنچى كۈنى سەھەردىن باشلاپ ئۇ شاڭخەيدىكى ئىشلىرىنى باشلايدۇ. ئۇ يەر ئاستى مېھمانخانىسىدىن چىقىپ يىراقتىكى ئېگىز بىنالارغا نەزەر سالغان ھالدا كىشىلىك ھايات پەلسەپىسىنى ئوقۇيدۇ: ئەگەر سىز قىلالايمەن دېسىڭىز چوقۇم قىلالايسىز، ئەگەر قىلالمايمەن دەپ قارىسىڭىز چوقۇم قىلالمايسىز.»

   ھەر كۈنى سەھەردە تېلېۋېزىيە ئىستانىسسىنىڭ خەۋەرلەر پىروگراممىسىنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ كوچا بېشىدىكى گېزىت-ژۇرنال يايمىسىغا بېرىپ ئەستايىدىللىق بىلەن شۇ كۈنلۈك «ئازادلىق گېزىتى»، «ئەدەبىي مەلۇمات» قاتارلىقلارنى كۆرەتتى. شاڭخەيلىكلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن چوقۇم شاڭخەي مەدەنىيىتىگە يېقىنلىشىش كېرەك ئىدى، بۇ ياڭ جيېشېڭنىڭ قارىشى ئىدى.

  ئارقىدىن ئۇ ئاپتوبۇسقا قىسىلىپ ئولتۇرۇپ ئەڭ شىمالدىكى جابېي رايونىدىن شەھەرنىڭ جەنۇبىدىكى لۇڭخۇاغىچە، فۇدۇڭ سانائەت رايونىدىن تارتىپ خۇشى مەدەنىيەت رايونىغىچە بولغان كارخانىلارنىڭ ھەممىسىگە بارىدۇ. «مەن ھەرگىزمۇ باشقا سېتىش خادىملىرىغا ئوخشاش بىر توپ شاڭخەيلىكلەرنىڭ ئارىسىغا كىرىپ قەلەندەردەك خۇشامەت قىلسام بولمايتى. مەن ھەربىر ئورۇنغا كىرسەم ئاۋال ئۇلارغا ئۆزۈمنىڭ ماركا باسمىچىلىق كەسپىنى چۈشەندۈرمەيتىم ، پەقەت ئۇلار بىلەن شاڭخەينىڭ كۈندىلىك خەۋەرلىرى، يۇرتۇم ۋېنجۇدىكى قىزىقارلىق ئىشلار توغرۇلۇق پاراڭلىشاتتىم. بۇنداقتا مەن زاكاز قوبۇل قىلىپلا قالماستىن، يەنە شاڭخەيلىكلەر بىلەن دوست بولالايىتتىم.»

   ئۇ كەچتە ياتىقىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن خۇددى ئوقۇتقۇچىغا ئوخشاش قەلەم-قەغەز ئېلىپ شۇ كۈنكى كۆرگەن-بىلگەنلىرى ۋە ئويلىغانلىرىنى خاتىرىلەپ قوياتتى، ھەمدە ئىككىنچى كۈنىدىكى سەپىرىگە تەييارلىق قىلاتتى، ئاندىن بىرەر جاينى تېپىپ شاڭخەي تېلېۋېزىيە خەۋەرلىرىنى كۆرەتتى. باشقا جايدىن كەلگەن كىشىلەرگە نىسبەتەن شاڭخەي خۇددى بىر قەدىمىي كىتابقا ئوخشاش چۈشىنىكسىز تۇيغۇ بېرەتتى . ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلەرلا شاڭخەي مەدەنىيىتىگە يېقىنلىشىشنىڭ بۇ كىتابنى چۈشىنىدىغان ئۇدۇل يول ئىكەنلىكىنى بىلەتتى.

   « قىيىن ئىش يوق ئالەمدە، كۆڭۈل قويغان ئادەمگە  دېگەندەك، بىر يېرىم ئايدىن كېيىن، ئۇ زاۋۇت ئۈچۈن بىر يىل ئىشلەپچىقىرىشقا يېتىدىغان زاكاز قوبۇل قىلىپلا قالماستىن، يەنە نەچچە ئون دوست تۇتۇپ، ناھايىتى تېزلا ناتونۇش مۇھىتتىكى سەرسانلىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ. چۈنكى ئۇ ۋاقتتا شاڭخەيلىكلەر ئۇنى ئۆيىگە مېھمانغا چاقىرىدىغان بولغان ئىدى. ئەينى ۋاقتتا سىرتتىن كەلگەن كىشىلەرنى «سەھرالىق» دەيدىغان شاڭخەيلىكلەرگە نىسبەتەن، ياڭ جيېشېڭنىڭ تەلىيى بار ئىدى. ئۇ ھەر قېتىم يەرلىك شاڭخەي تەلەپپۇزى بىلەن «شيې شيې نۇڭ» (رەھمەت سىزگە) دەيتتى.

   دەل بۇ خىل ھەممە جاينى ئۆز ئۆيىدەك كۆرىدىغان روھ بولغاچقا، ياڭ جيېشېڭ شاڭخەيدە ئۆزىنىڭ ئىگىلىكىنى يارىتىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ شاڭخەي جىنلىسى گۇرۇھىنىڭ باش لىدىرى، 10 شىركەتنىڭ بارلىق ياكى كۆپ قىسىم پېيىغا ئىگە بولۇپ، مال-مۈلۈكى 200 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ.  ياڭ جيېشېڭ شۇ سەۋەبتىن «شاڭخەيدىكى ئون مۇنەۋۋەر ياش» نامزات كۆرسىتىش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، ھەمدە ۋېنجۇنىڭ ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشتىن كېيىنكى «ئون ئۈلگىلىك شەخس» بولۇپ باھالانغان.   2003-يىلى ياڭ جيېشېڭ يەنە شاڭخەي جېجياڭ سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ سايلىنىدۇ.

   ۋېنجۇلۇقلار چەتئەللەردىمۇ ناھايىتى راۋان ھالدا تىجارىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

   ئامېرىكا، فىرانسىيە، گوللاندىيە، ئىتالىيە، ئىسپانىيە، كامېرۇن، ھەتتا بىز ئاڭلاپمۇ باقمىغان سۇرىنام ( جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى كىچىك دۆلەت )... قاتارلىق جايلاردىنمۇ ۋېنجۇلۇقلارنىڭ ئىزلىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ.

   پارىژدا بىر «ۋېنجۇلۇقلار كوچىسى» بولۇپ، پۈتۈنلەي ۋېنجۇلۇقلار جايلاشقان، ئۇ يەردىكى كىشىلەر پۈتۈنلەي ۋېنجۇ تەلەپپۇزىدا سۆزلىشىدۇ، ۋېنجۇلۇقلارنىڭ سانى 80 مىڭدىن ئاشىدۇ.

   لوياڭ شەھىرى ۋېنجۇلۇق سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قوشۇمچە كاتىپى خۇاڭ جىنجۈن مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭچە ۋېنجۇلۇقلار (يۇرتنى سۆيىدۇ، ئەمما تۇپراقنى سۆيمەيدۇ)، ۋېنجۇلۇقلار ئەلۋەتتە ۋېنجۇنى ياخشى كۆرىدۇ، بىراق بازارغا تېخىمۇ ئامراق، بازار بولغانلا جايدا ۋېنجۇلۇقلارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ.

ئەينى يىللىرى نەچچە مىڭ ھەتتا نەچچە مىليون ۋېنجۇلۇقلار يۇرتىدىن ئايرىلغان ۋاقتتا ھېچنىمىگەتارتىشمىغان.»

   «سىرتقا چىقىپ ئىشلىگەننىڭ ھېچقانداق زىينى يوق، ۋېنجۇلۇقلار چىقىپ ئىگىلىك تىكلىگەندىن كېيىن ئاخىرىدا مەبلەغ، مەھسۇلات، تۈر، ئەڭ مۇھىمى بازار ۋە ئىقتىساد تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئۇچۇرلارنى يۇرتىغا قايتۇرۇپ ئېلىپ كەلدى، بۇ ۋېنجۇ ۋە ۋېنجۇلۇقلارنىڭ تەرەققىياتىغا نىسبەتەن ناھايىتى پايدىلىق ئىدى.»

   ۋېنجۇ يىگىتلىرى دائىم ئۆيىدە ئولتۇرىۋالسا ئەتراپىدىكى كىشىلەر تەرىپىدىن كېرەكسىز سانىلىدۇ . ۋېنجۇلۇقلار ئەزەلدىن ھەر قانداق جايدا يىلتىز تارتالايدۇ. ۋېنجۇدا مۇنداق گەپ بار: «ئۆلسەكمۇ سىرتلاردا ئۆلۈشىمىز كېرەك.» شۇڭا بازار بولغانلىكى جايلاردا ۋېنجۇلۇقلار بار، ۋېنجۇلۇقلار بارلىكى جايلاردا بازار كېڭىيىدۇ. بىر قېتىم ئىتالىيەلىك بىر ئادەم جۇڭگوغا تۇنجى قېتىم كېلىدۇ، ئۇ جۇڭگو تۇپرىقىغا قەدەم قويغاندىن كېيىن يۇمۇرلۇق قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «گەرچە مەن جۇڭگوغا تۇنجى قېتىم كەلگەن بولساممۇ، بىراق مېنىڭ نۇرغۇنلىغان جۇڭگولۇق دوستلىرىم بار، ياۋروپا، ئامېرىكا قاتارلىق جايلاردىمۇ نۇرغۇن، ئۇلار ھەممىسى ۋېنجۇلۇقلار. ۋېنجۇلۇقلار چەتئەللەرگە چىقسا پاسپورتقىمۇ ئېھتىياجى چۈشمەمدۇ؟» بۇ سۆزلەر تاموژنا خادىملىرىنىمۇ ھاڭ-تاڭ قالدۇرىدۇ.

   بۈگۈنكى كۈندە بارغانسېرى كۆپلىگەن ۋېنجۇ كارخانىلىرى ۋېنجۇدىن چىقىپ جۇڭگو ۋە دۇنيا بازىرىغا يۈزلەنمەكتە. دېلىشى گۇرۇھىمۇ شاڭخەيدە تەرەققىي قىلىشقا باشلىدى، بۇنىڭغا نىسبەتەن دېلىشى گۇرۇھىنىڭ شاڭخەيدىكى مەسئۇلى مۇنداق دەيدۇ: «شاڭخەينى تاللىشىمىز يېڭى باشلىنىشتىن دېرەك بېرىدۇ. شاڭخەي جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ شەھەر، تۇپراق، پورت، ئىختىساسلىقلار، ماركا، يوشۇرۇن بازار، سىياسەت ئەۋزەللىكى قاتارلىق نۇرغۇن ئەۋزەل تەرەپلەر بار، بۇ خىل ئەۋزەللىكلەر زور جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە بولۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇنلىغان كارخانىچىلارنى ماگنېتقا ئوخشاش ئۆزىگە تارتماقتا. ... گۇرۇھىمىزنىڭ شاڭخەينى تاللاپ شاڭخەيگە مەبلەغ سېلىشى بىزنىڭ شاڭخەيدىن ئىبارەت بۇ جايغا بولغان ئەقلىي تەپەككۇرىمىز ۋە گۇرۇھىمىزنىڭ داۋاملىق تەرەققىي قىلىش پوزىتسىيەسىگە تايانغان... شۇنىڭ ئۈچۈن شاڭخەينىڭ ھەرخىل ئەۋزەللىكىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشىمىز، كەسكىن بازار رىقابىتىدە دېلىشى گۇرۇھىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز،شەرقتىكى گۆھەرگە ئايلىنىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىشىمىز كېرەك.»

   2003-يىلى «دۇنيا ۋېنجۇلۇقلار قۇرۇلتىيى» دىكى ئەسر مۇنبىرىدە، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋاڭ چۈنگۇاڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېگەن: «ۋېنجۇلۇقلارنىڭ قەدەم ئىزلىرى جاھانغا تارقالغان، قايسى جايغا بارايلى ئۇلارنى ئۇچرىتالايمىز. ۋېنجۇلۇقلار مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا چېپىپ يۈرسىمۇ يەنىلا ۋېنجۇلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتمايدۇ، ۋېنجۇلۇقلارنىڭ كۈچلۈك قىزغىنلىقىنى بىرگە ئېلىپ ماڭىدۇ.»

   ۋېنجۇ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى چېن خۇڭفېڭ مۇنداق دەيدۇ: «ۋېنجۇلۇقلار ھوقۇق-مەجبۇرىيىتىنى بىرلىكتە ئېلىپ ماڭىدۇ، ئۇلار تىرىشچان، ئەقل-پاراسەتلىك، ئۇنىڭ ئۈستىگە پۇرسەتنى تۇتۇۋېلىشقا ئىنتايىن ماھىر.» چېن خۇڭفېڭنىڭ قارىشىچە، سۇڭ دەۋرىدىن باشلاپ ھازىرغا قەدەر ۋېنجۇلۇقلار ئىزچىل سودا مەدەنىيىتى چەمبىرىكىدە ياشاپ كەلگەن بولۇپ، بۇ خىل مەدەنىيەت چەمبىرى ۋېنجۇلۇقلارنى دۇنيا مىقياسىدا تەرەققىي قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغان.

   «بىز ۋېنجۇنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى ئاساس قىلمايمىز، بىز ۋېنجۇلۇقلارنىڭ ھەر قايسى جايلارغا بېرىپ تەرەققىي قىلىشىنى قوللايمىز.» دېدى چېن فېڭخۇڭ .ئۇ يەنە مۇنداق دېدى : ۋېنجۇ ھۆكۈمىتى ۋېنجۇلۇقلارنىڭ ھەر تەرەپكە بېرىپ تەرەققىي قىلىشىدىكى «ئارقا تېرەك»تۇر.

ۋېنجۇلۇقلارنىڭ بايانى:

   مەن شاڭخەينىڭ ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ ئۆزۈمنىڭ ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنى تەشكىللەيمەن،

ئۆزۈمنى پۈتۈن مەملىكەت، ھەتتا دۇنياغا تونۇتىمەن. ھازىر بۇلارنى قىلمىسام يەنە قاچان قىلىشىم مۇمكىن!

-شاڭخەي كەيچۈەن ئوقەتچىلىك گۇرۇھىنىڭ باش لىدىرى لىن كەيۋېن


مەنبە: 时事出版社   نەشىر قىلغان

<< 温州人想的和你不一样 >>ناملىق كىتاب

2014-يىلى 24-قېتىملىق نەشىرى

 ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى

تەرجىمان : ئابدۇللا ئۆمەر

تەرجىمە تەھرىرى : رەيھانگۈل نىزام

2015-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ