سودىدا سودىنىڭ گىپى بولۇش، تىجارەتنى تىجارەتتەك قىلىش كېرەك
جېجىياڭ سودىگەرلىرىنى غەلبىگە باشلىغان 22 تۈرلۈك سودا قائىدىسى
يىگىرمىنچى باب
سودىدا سودىنىڭ گىپى بولۇش، تىجارەتنى تىجارەتتەك قىلىش كېرەك
* باج ئوغرىلاپ، باج يوشۇرۇشقا بولمايدۇ، بىراق باجدىن مۇۋاپىق پاناھلىنىشنى
ئۆگىنىۋېلىش كېرەك
ئىلگىرى بەزىلەر: «ئادەم ئىككى ئىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا ئامالسىز، بىرىنچىسى ئۆلۈم، يەنە بىرى بولسا باج تۆلەش.» دىگەن. باج تىجەش كىرىمنى ئاشۇرۇش بولۇپ، ھەرگىزمۇ باج ئوغرىلاش، باج يوشۇرۇشقا كىرمەيدۇ.
كارخانا تەرەققىياتىدىكى باج ئىشلىرىغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.ئازراقلا بىخەستەلىك قىلىنسا ئېھتىمال سىزنىڭ كارخانىڭىز قايتا چىقىش يولى تاپالماسلىقى مۇمكىن، دۆلەت ئىچى – سىرتىدا بۇ خىلدىكى نەس بېسىشقا ئائىت مىساللار ناھايىتى كۆپ. جېجىياڭ سودىگەرلىرى ئىزچىل تىجارەت قىلىشتا باج ئوغرىلاش، باج يوشۇرۇش قىلمىشلىرىدىن ساقلىنىشنى، بىراق مۇۋاپىق بولغان باجدىن پاناھلىنىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.
2007 – يىلى جېجىياڭ سودىگەرلىرى «بايلىق ماشىنىسى» رۈيئەنگە كەلگەندە، ۋېنجۇ رۈيئەن خەلق باشقۇرۇشىدىكى كارخانىچىلار ئۇيۇشمىسى 300 گە يېقىن كارخانىنى بۇ قېتىمقى تەربىيلەشكە قاتنىشىشقا ئورۇنلاشتۇردى. باج ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى ۋاڭ دۇچىياڭ پروفېسسسور نەق مەيداندىكى كارخانىچىلار ۋە مالىيە خادىملىرىغا بىر مەيدان سەرخىل نۇتۇق سۆزلىدى.
ئۇ:«مۇۋاپىق باجدىن پاناھلىنىشنى چوقۇم باج ئوغرىلاش، باج يوشۇرۇش قىلمىشلىرىدىن ئايرىش كېرەك، چوقۇم قانۇنلۇق يولدا مېڭىش كېرەك.» دىدى. ۋاڭ پروفېسسور ئۆزىنىڭ كۆپ يىللىق باج ئىشلىرى ئوقۇتۇشى ۋە باج مەسلىھەتچىلىكى تەجىرىبىسىگە تايىنىپ،نۇتۇق باشلانغان ھامان مەيداندىكى بارلىق كارخانىچىلار ۋە مالىيە خادىملىرىدىن بۇ مەسىلىنى سورىدى. ئۇ دۆلەتنىڭ نەچچە يىلدىن بۇيانقى باج تۈزۈلمىسىنىڭ ئۆزگىرىش ھادىسىسىدىن قول سېلىپ، تەدىرىجىي ھالدا ماكرولۇق ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىپ، ھەرقايسى تۈرلەر بۇيىچە نۇتۇقىنى باشلىدى.
كارخانىلارنىڭ باج قانۇنىنىڭ تەپسىلاتىنى ئەستايىدىل تەھلىل قىلىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەر بىر تىجارەت ۋە مەبلەغ سېلىش ھالقىسىدا باجدىن مۇۋاپىق پاناھلىنىشنىڭ ئۇسۇللىرىنىڭ بارلىقىنى، مەسىلەن: پايچەك پايدىسىنى ئايرىغاندا نەق پۇل پايچەك نىسبىتى ئارقىلىق ئەمەس بەلكى پايچەك پايدا نىسبىتى ئارقىلىق باجدىن پاناھلىنىشنى، كارخانىنىڭ مەبلەغ سالغۇچىلىرى مەبلەغ سالغاندا ئانا – بالا شىركەتنىڭ مۇناسىۋىتى ئارقىلىق باجدىن پاناھلانسا بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
نەچچە يىلدىن بۇيانقى ماكرولۇق مۇھىتنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن، كارخانىنىڭ سىرتقا قارىتا تەرەققىي قىلىشىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلىۋاتقان كارخانىچىلار مالىيە – باج ئىشلىرى قاتارلىق مۇھىم ئىچكى ئىشلارنىڭ باشقۇرۇلۇشىغا نىسبەتەن ئاسانلا بىخەستەلىك قىلىدۇ. ھالبۇكى، سىرتقى مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە نىسبەتەن ناھايىتى سەزگۈر بولغان جېجىياڭ سودىگەرلىرىدە ئاللىقاچان «تاغ يامغۇرى بوراندىن شەپە بىرەر» دىگەندەك بىشارەتلەرگە ئىگە بولدى. كارخانىنىڭ مالىيە – باج ئىشلىرى تەدىرىجىي ھالدا نۇرغۇنلىغان كارخانىلار ئۆگىنىشكە تېگىشلىك قىزىق نۇقتا بولۇپ قالدى.
ۋېنجۇلۇق بىر كارخانىچى ئىلگىرى: «بىر ئەقىللىق ئادەم كەلگۈسىدىكى ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە بولغان ۋاقىتنى پەرەز قىلالايدۇ، بىراق ئۇنىڭ كەلگۈسىدىكى 50 – 30 يىلنى كۆرەلىشى ناتايىن. شۇنىڭ ئۈچۈن سۇغۇرتا بىر خىل يىراق مەزگىللىك ئورۇنلاشتۇرۇش. مىراس بېجىنىڭ يىغىلىشىمۇ پەقەتلا ۋاقىت مەسىلىسى، خالاس. باشقىلارنىڭ نەزىرىدە مەن ناھايىتى باي، بايلىقىم كۆپ. ئەمەلىيەتتە ھەقىقىي تۈردە ماڭا مەنسۇب بولغان پۇلۇمغا ئۆزۈم ۋە ئائىلەمدىكىلەر ئۈچۈن سۇغۇرتا سېتىۋالدىم.» دىگەن. جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ بىز ئۆرنەك ئالىدىغان ئەقىل – پاراسىتى يەنە كۆپ.
شۇنىڭ ئۈچۈن كارخانىنىڭ تىجارىتى جەريانىدا تاپشۇرۇشقا تىگىشلىك باجنى چوقۇم تاپشۇرۇش، بىراق مۇۋاپىق پاناھلىنىشقا بولىدىغان باجدىن چوقۇم پاناھلىنىش كېرەك. باج ئوغرىلىماسلىق، باج يوشۇرماسلىق بىر كارخانىچىنىڭ قىلىشقا تىگىشلىك ئىشى، باجدىن مۇۋاپىق پاناھلىنىش بولسا بىر ئەقىللىق سودىگەر ئۆگىنىپ قويۇشقا تىگىشلىك ئىش.
***مۇۋاپىق پايدا بوشلۇقىنى قوغلىشىش لازىم
سودا قىلىش پۇل تېپىش ئۈچۈندۇر، بۇنى ئەيىبلىگىلى بولمايدۇ. رىقابەتچىلىرى بىلەن ئېلىشىۋاتقان ۋاقىتتا: ئالىدىغان مۇۋاپىق مەنپەئەت بولسا ئارقىغا سۆرىمەستىن چوقۇم ئېرىشىش كېرەك. پەقەت شۇنداق قىلغاندىلا سودىنى ئاندىن ياخشى قىلغىلى بولىدۇ. جېجىياڭلىق سودىگەرلەر تىجارەتتە قارام كۈچنى ناھايىتى ئاز ئىشلىتىدۇ، بىراق مۇۋاپىق پايدا بوشلۇقىنى قوغلىشىدۇ.
جېڭ جىيەنخەي - جېجىياڭ ۋېنجۇدىكى بىر ئۆي – مۈلۈك سودىگىرى. ئۇ ئىلگىرى: «مېنىڭ شەخسى تەرەققىياتىم ۋە كارخانىنىڭ تەرەققىياتى ئۆز – ئارا بىرلەشكەن، يوللۇق بولمىغان ۋاستىلەر ئارقىلىق ئېرىشكەن پايدا جەزمەن يوللۇق بولمىغان ئۇسۇللار ئارقىلىق يوقىلىپ كېتىدۇ. بۇ ئاددى ھالدىكى پايدا مەسىلىسى بولۇپلا قالماستىن،بەلكى كارخانىنىڭ ئىناۋىتى ۋە بازاردىكى تەسىرى مەسىلىسى» دىگەن.
ئۇنىڭچە يوللۇق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئېرىشكەن كىرىم ھەرگىز كېمەيمەيدۇ، ئۇ بىر خىل يىراق مەزگىللىك ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈم.
ئۇ: «بىز مۇۋاپىق بولغان تۈر ۋە بازار ئېچىش ئارقىلىق رىقابەت كۈچىمىزنى ئاشۇرىمىز، يامان غەرەزدە <ئۆي سودىسى قىلىدىغان > سودىگەرلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ مۇۋاپىق بولۇشىمىز كېرەك. چۈنكى بىزنىڭ قوغلىشىدىغىنىمىز بولسا ئەڭ زور بولغان، ئوزۇن مەزگىللىك پايدا. ئۇنداقتا ئەڭ چوڭ كىرىم نەدىن كېلىدۇ؟ ئۇ چوقۇم مۇۋاپىقلاشقان ئاساستىن كېلىدۇ» دىگەن.
ھازىرغا قەدەر يەتتە – سەككىز يىل ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى. بىراق ئۇ بازارغا سالغان ئولتۇراق مەھەللىلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىش سۈپىتى ئوزۇنغىچە ئىزچىل يېڭىلانغاچقا، ھەمىشە بىرخىل جانلىنىش مەنزىرىسى بارلىققا كەلدى. مەھەللىلەرگە 1:1 نىسبەت بۇيىچە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ماشىنا ئىسكىلات ئەسلىھەلىرى ۋە ئازادە – بىخەتەر بولغان مەھەللە مەنزىرىسى ئۆي سېتىۋالغۇچىلارنى جەلپ قىىدىغان بىر ئامىل بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا،يەنە شىڭجىياڭ شەھەر گۈللۈك ئولتۇراق رايونىدىكى ئۆيلەرنىڭ قىممىتى بارغانسىرى ئېشىپ، كونا ئولتۇراقلاشقۇچىلارنىڭ قايتا ئۆي سېتىۋېلىش نىسبىتى %50 گە يەتكەن.مۇۋاپىق پايدا ئېلىش كارخانا ۋە ئىستىمالچىلارغا قوش ئۈنۈم ياراتقان.
داڭلىق سودىگەر خۇ شۆشى ئىلگىرى: «سودا قىلىشتا چوقۇم ئۆزىنىڭ قائىدىسى بۇيىچە مۇۋاپىق پايدىنى قوغلىشىش كېرەك، بۇنداقتا ئاندىن تېخىمۇ ئوزۇن مەزگىل تەرەققىي قىلغىلى بولىدۇ. سودىنىڭ ئۆزىگە خاس قائىدىسى بار، سودا قىلىدىغان كىشىلەر چوقۇم بۇ قائىدىلەرگە ئەمەل قىلىشى كېرەك. بۇ قائىدىلەر يول قويغان دائىرە ئىچىدە،مۇۋاپىق پايدا تېپىشنى ئۆگىنىش كېرەك. ھەر ئىشنىڭ ئۆزىگە يارىشا قائىدىسى بارلىقىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ.» دىگەن.
سودىگەرلەر ئاچكۆزلۈك قىلىشقا، ناتوغرا ئۇسۇللار بىلەن ئېلىشقا تىگىشلىك بولمىغان پايدىغا ئېرىشىشكە بولمايدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يوللۇق پايدىغا ئېرىشىشنى كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ. ئېرىشىشكە تىگىشلىك بولغاننى چوقۇم ئېلىش كېرەك، بولمىسا سودىنى داۋاملىق قىلىشقا ئامالسىز قالىمىز.
ھەربىر كارخانا ئەڭ چوڭ پايدىنى قوغلىشىدۇ، جېجىياڭ سودىگەرلىرىگە ئوخشاش پايدىنى ئەڭ چوڭ ئېلىشنى قوغلىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، «مۇۋاپىق بولۇش >> ئارقىلىق بۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، شۇنداق بولغاندا،پايدا قوغلىشىش تېخىمۇ مەنىلىك بولىدۇ.
ۋاڭ كۇەنچېڭ - نىڭبولۇق سودىگەر. ئىلگىرى نىڭبو يوڭفېڭ چوشقىچىلىقىدا شاگىرىت بولغان،كىيىن جاڭشا كوچىسى يۈەنجى سەرراپخانىسىدا مال تارقىتىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ ئادەمگەرچىلىكى كۈچلۈك، تىجارەت قىلغاندا مۇۋاپىق پايدىنى قوغلاشقاچقا كىشىلەرنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان.
بۇرۇن ۋاڭ كۇەنچېڭ نىڭبونىڭ نىڭيەنتوۋدا باشقىلار بىلەن شىرىكلىشىپ ئۇن تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ ئوزۇن ئۆتمەي، ئۇنىڭ تارماق دۇكانلىرى نۇرغۇنلىغان جايلارغا تارقالغان.
كىيىن ئۇ شاڭخەيگە بېرىپ شاڭخەي ئوقەتچىلىك دۇنياسىدا داڭقى بار لى كاڭنىيەن بىلەن ھەمكارلىشىپ جۇڭگو سائەتچىلىك زاۋۇتىنى قۇرغان ھەمدە زاۋۇتنىڭ باش دىرېكتورلۇقىنى ئۈستىگە ئالغان. «سەنۋۇ» ماركىلىق مەسھۇلاتلارنى بازارغا سېلىپ، سۈپىتىگە قاتتىق كاپالەتلىك قىلىپ، مۇۋاپىق رىقابەتلەشكەچكە، داڭقى دۆلەت سىرتىغىمۇ تارقالغان.
سودا دۇنياسىدا مۇنداق بىر جۈملە گەپ بار: «كارخانا تىجارىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش –قازانماسلىقىدىكى بىرىنچى ئامىل ئادەم، ئىككىنچىسى سۈپەت، ئۈچىنچىسى بولسا مۇۋاپىقلاشقان تىجارەت ۋە باشقۇرۇش.»
خۇددى جېجىياڭ سودىگەرلىرى ئېيىتقاندەك، مۇۋاپىق پايدا يارىتىش ئىگىلىك تىكلەشنىڭ ئاساسى، ھەمدە ئادەم بولۇشنىڭمۇ ئاساسى. سەمىمىي بولماسلىق ۋە «بىردەملىك پايدىنى قوغلىشىش» قا قەتئىي بولمايدۇ، چوقۇم «ئوزۇن مەزگىللىك پايدا» يارىتىشنى ئۆگىنىش كېرەك.
** سودىغا ھېسىياتنى ئارلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ، دوست بىلەن پۇلنىڭ
ئوتتۇرىسىدا چېگرا بولۇشى كېرەك
<سودىدا سۇرۇنىدا سودىنىڭلا گېپى بولۇش >-بولسا تىجارەتتىكى ماياك. تېپىشقا تىگىشلىك بولغان پۇلنى تېپىش، قىلىشقا تىگىشلىك بولغان ئىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قىلىش كېرەك. جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ قارىشىچە، ھېسىيات بىلەن سودا ئىككىسى ئايرىم ئىككى ئىش، ھەرگىزمۇ«ھېسىيات >>قا تايىنىپ <<ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا بولمايدىغان» ئىشنى قىلىشقا بولمايدۇ.
جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ قارىشىچە، بازار ئەمەلىيەتچىل بولىدۇ، ھېسىياتقا تايىنىپ ئىش قىلىپ كىيىن باش ئاغرىقى بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. خاڭجۇدىكى بىر سەزگۈر كارخانىچى ئىلگىرى مۇنداق دىگەن: قۇرۇق خىيالغا بېرىلگەن، ھېسىياتچان، ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ئامراق،تاشقى مىجەز كىشىلەرنىڭ ناھايىتى خۇشال يۈرىشى تەبئىي، بىراق ئۇ بىر مەبلەغ سالغۇچى بولۇشقا ھەرگىز ماس كەلمەيدۇ. بىر مۇۋەپپەقىيەت قازانغان مەبلەغ سالغۇچى ئۆزىنىڭ ھېسىياتى ۋە خام خىيالىنى قايرىپ قويۇپ تۇرۇپ سودا قىلالايدۇ.
جاڭشى مالىيە – ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتىتى بوغالتىرلىق فاكولىتىتىنى پۈتتۈرگەن ۋاڭ ۋېنجىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ئىشلەشكە بۆلۈنگەن. ئۇ جايدا ئۇ شامىن ئۇنىۋېرسىتىتى بوغالتىرلىق فاكولىتىتىنى پۈتتۈرۈپ ئۆزى بىلەن بىر بۆلۈمگە بۆلۈنگەن، ئۆزىدىن ئىككى ياش چوڭ سۇ چىچىياڭ بىلەن تونۇشىدۇ. ئىككەيلەن سىرتتىن بېيجىڭغا بۆلۈنۈپ كەلگەچكە، ناھايىتى چىقىشىپ قالىدۇ.
كىيىن ئىككەيلەن خىزمەتتىن ئىستىپا بېرىپ، «يوڭيوۋ مالىيە يۇمشاق دېتاللار جەمئىيىتى» نى قۇرىدۇ. ۋاڭ ۋېنجىڭ: «مەن ۋە سۇ چىچىياڭ ئىككىمىز دەسلەپتە بىر خېرىداردىن ئەللىك مىڭ يۈەن قەرز ئېلىپ، بىر «چاڭچېڭ» كومپيۇتېرى سېتىۋالدۇق. كۈندۈزلىرى چىقىپ يۇمشاق دېتاللارنى ساتاتتۇق ياكى خېرىدارلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ مۇلازىمەت قىلاتتۇق،كەچتە قايتىپ پروگرامما تۈزەتتۇق.» دىگەن.
ئىككىيلەننىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا يوڭيوۋ ناھايىتى تىز تەرەققىي قىلىدۇ. 1993 – يىلى، شېرىك بولغان بۇ ئىككەيلەن «شىركەت تىجارىتىنى كۆپ خىللاشتۇرۇش» مەسىلىسدە زىددىيەتلىشىپ، شىركەت پالاكەتكە يولۇقىدۇ.
سودا مەيدانلىرىدا دائىم پايدا – مەنپەئەت سەۋەبىدىن شېرىكلەر ئوتتۇرىسىدا ئۆز – ئارا ئايرىلىش كۆرۈلىدۇ، بىراق ئۇلارنىڭ «ئايرىلىشى» ئادەمنىڭ خىيالىغا كىرىپ چىقمايدىغان دەرىجىدە تىنچ بولغان. ئۇلارنىڭ ئايرىلىشىنىڭ بۇنچە تىنچ بولۇشىدا ئۇلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەشنىڭ دەسلىپىدە قوللانغان «ھېسابلىق دوست ئايرىلماس» لىقتەك ئۇسۇلى ناھايىتى ئۈنۈملۈك رول ئوينىغان.
ئۇلار شىركەت قۇرغان ۋاقىتتا، ھەركىمنىڭ پاي نىسبىتىنى بەلگىلىگەن بولۇپ، نىسبىتى ناھايىتى توغرا ئىدى. تېخىمۇ مۇھىمى ئۇلار شىركەت قۇرغان دەسلەپكى ۋاقىتتىلا ھامان بىر كۈنى ھەرقايسىسى ئۆز يولىغا ماڭىدىغانلىقىنى بىلەتتى. پۇل ھەقىقەتەن مۇھىم،بىراق تېخىمۇ مۇھىمى ئىشەنچ؛ دوستلۇق ئورتاق نەتىجە، بىراق مال-مۈلۈك كىمگە تەۋە بولساشۇ ئېلىشى كېرەك.
سودا مەيدانلىرىدا، مۇئەييەن شارائىت ئاستىدا پايدا – مەنپەئەت دوستلۇق قاتارلىق ئامىللاردىن ئۈستۈن تۇرۇپ كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتىگە قوماندانلىق قىلىدۇ. دوستىڭىز ئىلگىرى سىزنىڭ قانچىلىك ئىشەنچ قىلىشىڭىزغا ئېرىشكەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر،ئەمەلىيەت ھامان شۇنداق بولىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن بىز جېجىياڭلىق سودىگەرلەرگە ئوخشاش ئەقلىيلىك بىلەن بۇ مەسىلىگە يۈزلىنىپ، تىجارەت جەريانىدا دوست بىلەن پۇلنىڭ چېگراسىنى ئېنىق ئايرىشىمىز كېرەك.ھەرگىزمۇ تىجارەتتە «قېرىنداشلاردەك ئاپئاق – چاپاق بولۇشۇپ» ئارقىدىن «تەتۈر قارىشىپ دۈشمەنلىشىدىغان» ئەھۋالنىڭ كېلىپ چىقىشىغا يول قويماسلىقىمىز كېرەك.
*********************************
تەرجىمە قىلغۇچى:ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى
تەرجىمان:ئابدۇللا ئۆمەر
تەرجىمە تەھرىرى:رەيھانگۈل نىزام
مەنبە:بېيجىڭ سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋىرستىتى2013-يىلى 6-ئايدا نەشىر قىلغان خەنچە ‹‹ جېجاڭ سودىگەرلىرىنى غەلبىگە باشلىغان 22 تۈرلۈك سودا قائىدىسى››ناملىق كىتاب
2015-يىلى 4-ئاي