ئىقتىسادچانلىق – سودىدىكى ئەڭگۈشتەر
جېجىياڭ سودىگەرلىرىنى غەلبىگە باشلىغان 22 تۈرلۈك سودا قائىدىسى
يىگىرمە ئىككىنچى باب
ئىقتىسادچانلىق – سودىدىكى ئەڭگۈشتەر، بىر تىيىن پۇلمۇ ئورۇنلۇق
خەجلىنىشى كېرەك
* ئىقتىسادچانلىق – جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ تۆۋەن تەننەرخ بىلەن بازارنى
قولغا كەلتۈرۈشىدىكى «ئۆتكۈر قورال»
ئىقتىسادشۇناسلىقتا مەڭگۈ ۋاقتى ئۆتمەيدىغان < كىرىمنى ئاشۇرۇپ، چىقىمنى تېجەش> تىن ئىبارەت بىر قائىدە بار. باشقىلار ئېھتىمال بۇ ھازىرقى ئىقتىسادىي پىرىنسىپقا ماس كەلمەيدۇ دەپ ئويلىشى مۇمكىن، بىراق جېجىياڭ سودىگەرلىرى ئىزچىل باشقىلار ۋاقتى ئۆتتى دەپ قارايدىغان تېجەش روھىنى تىجارەتنى راۋاج تاپتۇرۇشتىكى ئەڭگۈشتەر قىلىپ كەلمەكتە. ئۇلار تىجارەت قىلغاندا ھېسابنى چوڭ قىلىدۇ، بىراق ھېساباتنىڭ تەپسىلىي بولۇشىغا ۋە كىچىك ھېساباتلارغا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلىدۇ.
مىلياردتىن ئارتۇق مەبلىغى بار جېجىياڭلىق بىر سودىگەر ئىشخانىدىكى خىزمەتچىلەرگە: «ئون دانە سۈپۈرگە سېتىۋالغاندىمۇ توپ تارقىتىش ئورۇنلىرىغا بارماپسىلەر، چوڭ ئىسراپچىلىق بوپتۇ.» دىگەن. جېجىياڭ سودىگەرلىرى ھەربىر كىچىك چىقىمغىمۇ ناھايىتى سەزگۈر،ھېسابلىق بولغاچقا، ئۇلار كەسكىن بازار رىقابىتىدە ئەڭ ئاز دەسمىي بىلەن بازارنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ بازاردىكى خوجايىنلىق ئورنىنى مۇستەھكەملىگەن.
جاڭخۇا - جېجىياڭ سودا دۇنياسىدا ناھايىتى داڭقى بار سودىگەر. ئۇنىڭ داڭقىنى چىقارغىنى ئۇنىڭ تىجارەتتىكى ئىپى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇنىڭ تۇرمۇش ۋە خىزمەتتىكى تىجەش روھىدۇر.
جاڭخۇانىڭ ئىشخانىسىدىكى كومپيۇتېر خىزمەتتىكى زۆرۈر لازىمەتلىك بولغاندىن تاشقىرى، باشقا ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ ھەممىسى خىزمەتداشلىرى ئىلگىرى ئىشلەتكەن كونا بۇيۇملار. خىزمەتدىشى ئۆي كۆچىدىغان ۋاقىتتا ئۇنىڭغا بىر كونا كىرئالغۇ بەرگەن .بىراق ئۇ قىشتا ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ چوڭراق نەرسىلەرنى يۇيغاندىن باشقا، ياز پەسلىدە ئىزچىل قولدا كىر يۇيىدۇ. ئۇنىڭ شىركىتىدىكى خىزمەتچىلەر ھەممىسى ئۇنىڭ بىر ئادىتىنى بىلىدۇ، يەنى ھەر قېتىم شىركەتتە يىغىن ئېچىلىپ بولغاندىن كىيىن، بارلىق توك مەنبەسىنى ئېتىۋېتىپ، ھەممىنىىڭ ئاخىرىدا يىغىن مەيدانىدىن ئايرىلىدۇ. جاڭخۇا چۈشەندۈرۈپ:«بۇ پەقەت بىر ئادەت. بۇ ھەرگىز كىچىككىنە توك پۇلىنى تېجەش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى بايلىقتىن پايدىلىنىش كېرەك، ھەرگىز ئۇنى قالايمىقان ئىشلەتمەسلىك كېرەك.» دىگەن.
«قارا ئاشلىقنىمۇ تىجەش» جاڭخۇاغا نىسبەتەن كىچىككىنە چىقىمنى تېجەشتىن دىرەك بەرمەيدۇ.ئۇنىڭ قارىشىچە، تەبئىي يىمەكلىك بىلەن ئۇزۇقلىنىش ساغلاملىققا كۈڭۈل بۆلگەنلىك ھېسابلىنىدۇ.
ھەر كۈنى مىنىپ ئىشقا بېرىپ – كېلىدىغان ۋېلسىپىتنى ئۇ ئەڭ ساغلام، ئەڭ قولايلىق قاتناش قورالى سۈپىتىدە كۆرىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، مۇنداق بولغاندا پۇلنى تېجەپلا قالماستىن، يەنە چېنىققىلى بولىدۇ، ماشىنا توسۇلۇپ قېلىشتىن قورقۇشنىڭ ھاجىتى يوق.
ئۇنىڭ قارىشىچە، بىر كلوۋات توك، بىر پارچە قەغەزنىڭمۇ ئېنىق ھېسابى بار. بىراق بەزى ۋاقىتتا ئۇنىڭمۇ پۇلنى چوڭ خەجلەيدىغان يەرلىرى بولىدۇ. ئۇنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئەڭ كۆپ پۇل خەجلەيدىغان ئىشلىرى بولسا سۇ ئۈزۈش ۋە تىياتىر كۆرۈش.
«ساغلاملىقنى پۇلغا سېتىۋالغىلى بولمايدۇ.» ئۇ سۇ ئۈزۈش ئۈچۈن ھەر ئايدا نەچچە يۈز يۈەننى سۇ ئۆزۈش كۆلچىكىگە خەجلىۋىتىدۇ. ھەر قېتىم داڭلىق تىياتىرئۆمەكلىرى خاڭجۇغا كېلىپ ئۇيۇن قويغاندا، پەقەت ئۇنىڭ ۋاقتى بولسىلا كۆرۈش پۇرسىتىنى ئۆتكۈزۋەتمەيدۇ. ئادەتتىكى كىشىلەر بېلەت باھاسىنى قىممەت دەپ قارىسىمۇ، بىراق ئۇ پۇل تۆلىگەندە ئىككىىلىنىپ ئولتۇرمايدۇ.
تېجەشكە تىگىشلىكنى تىجەش، خەجلەشكە تىگىشلىكنى خەجلەش كېرەك. جاڭخۇانىڭ قارىشىچە،تېجەشلىك تۇرمۇش بولسا بىر خىل خاراكتېىرچانلىقى كۈچلۈك تۇرمۇش. كارخانا تىجارىتىدە، ھەر بىر قېتىملىق تېجەش -كېتىدىغان تەنەرخنى تۆۋەنلىتىدۇ، تەننەرخ تۆۋەنلىگەن ئىكەن، پايدىمۇ تەبئىيلا يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.
جېجىياڭلىق داڭلىق سودىگەر باۋيۈگاڭ: «تىجارەتتە بىر تىيىن تېجىلىپ قالسا، ئالىدىغان پايدىمۇ بىر تىيىن يۇقىرىلايدۇ، تېجەش ۋە پايدا ئوڭ تاناسىپلىق مۇناسىۋەتتە. دەسمى %10تۆۋەنلىسە، پايدا %20 يۇقىرىلايدۇ.» دىگەن.
كارخانا تىجارىتىدە بىز چوقۇم جېجىياڭلىق سودىگەرلەرگە ئوخشاش دەسمىنى تېجەشنى ئۆگىنىۋېلىشىمىز، بۇ ئارقىلىق پايدىنى ئەڭ يۇقىرى ھالەتكە يەتكۈزىشىمىز كېرەك.كارخانىغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا، تېجەش پايدا ياراتقانغا باراۋەر. بىر تىيىن تېجەلسە، پايدا بىر تىيىن يۇقىرى ئۆرلەيدۇ. ئىقتىسادچانلىق بىلەن كارخانىدىكى ھەربىر ئادەمنىڭ جانىجان مەنپەئەتى زىچ باغلىنىشلىق. ئىقتىسادچانلىق بىر خىل ئەخلاقىي قاراش ۋە قىممەت قارىشى بولۇپلا قالماستىن، يەنە بىر خىل رىقابەت كۈچى.تېجەشنى بىلىدىغان كارخانا بازاردا پۇت دەسسەپ تۇرالايدۇ، جانلىق ھالىتىننى ساقلىيالايدۇ؛ كارخانا ئۈچۈن تېجەپ بېرەلەيدىغان خىزمەتچى ئۆز خىزمىتىدەئاۋارىچىلىككە ئۇچرىمايدۇ، ئىزچىل ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ.
جېجىياڭ ئواۋكاڭ ئاياغلىرىنى مىسالغا ئالساق، ھەربىر جۈپ ئاياغنىڭ تولۇق پۈتۈپ چىقىشى 50 تىن ئارتۇق ئىش ھالقىسىدىن ئۆتىدۇ، پەقەت ھەربىر ئىش ھالقىسىدا ئىككى تىيىن تېجىلىپ قالسا، بىر جۈپ ئاياغنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىدا بىر يۈەندىن ئارتۇق تېجەپ قالغىلى بولىدۇ، شۇنداق قىلىپ ئوۋكاڭ ھەر يىلى ھېچ كۈچىمەيلا 15 مىليون پايدىغا ئىگەبولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئوۋكاڭ ئىزچىل «ئىقتىسادچىللىق بىلەن ئىشلەپچىقىرىش» نى تەشەببۇس قىلىپ، تەننەرخ جەھەتتىكى ئەۋزەللىككە ئىگە بولغان.
جېجىياڭ تەيجۇدىكى كارخانىچى ۋۇ ئەپەندىم ئىلگىرى: «كارخانا مال يىغقاندا، جەزمەن يۈرگۈزۈشكە بولىدىغان بىر پىلان بولۇشى كېرەك. سېتىۋېلىشقا تىگىشلىكنى چوقۇم سېتىۋېلىش، سېتىۋېلىشقا تىگىشلىك بولمىغاننى قالايمىقان سېتىۋالماسلىق كېرەك. بىرچىقىم تەپسىلاتى جەدۋىلى تۈزۈش بولسا ناھايىتى ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىش ئۇسۇلى .ھەرئايدا سېتىۋالماقچى بولغان كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى سېلىشتۇرۇپ چقسىڭىزلا، سىز قايسىلىرىنى سېتىۋېلىشنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى بايقايسىز. بۇ ئارقىلىق ئۆزىڭىزنى داۋاملىق ئەسكەرتىپ تۇرسىڭىز، سىز چوقۇم تەننەرخنى تېجەپ، ئىقتىسادچىللىق بىلەن چىقىم قىلىش مەخسىتىگە يېتەلەيسىز.» دىگەن.
** تەننەرخنى ھەربىر تىيىنغىچە كونترول قىلالىغاندىلا، پايدىنى ئەڭ يۇقىرى
چەككە يەتكۈزگىلى بولىدۇ
جېجىياڭ جىلى ماشىنىسازلىق شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى لى شۇفۇ ئىلگىرى: «تەننەرخنى تىجەپ چىقىم قىلغاندا، تەننەرخنى ھەربىر تىيىنغىچە كونترول قىلغاندا، مەھسۇلاتنىڭ سېتىلىش باھاسى تۆۋەنلەيدۇ. بۇ بولسا كارخانىنىڭ رىقابەت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان، تىجارەتنى ياخشىلايدىغان ئاچقۇچلۇق يول. پۇلنى كۆپرەك تېپىشنىڭ يولى كۆپ سېتىش ئەمەس، بەلكى باشقۇرۇش ھەققىنى تۆۋەنلىتىش.» دىگەن.
تاۋار تەننەرخىنىڭ يۇقىرى – تۆۋەن بولۇشى كارخانىنىڭ پايدىسىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. جېجىياڭدا مەيلى چوڭ ياكى كىچىك كارخانىلار بولسۇن، تەننەرخنىڭ كونترول قىلىنىشىغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدۇ. جېجىياڭ سودىگەرلىرى تەننەرخنى كونترول قىلىشنى بىر خىل پۇل تېپىش سەنئىتى كۆرىدۇ. قانداق قىلىپ ھەربىر تىيىننىمۇ ئورۇنلۇق خەجلەش، ھەربىر بايلىقنى ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلارغا ئىشلىتىش بولسا ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان تىجارەت ۋاستىسى.
جېجىىياڭ ئۆلكىسى جىنخۇا شەھىرىدە بىر سالياركا ماتور زاۋۇتى بولۇپ، زاۋۇت باشلىقى ۋەزىپىگە تەيىنلەنگىنىگە ئوزۇن بولمىغان يىۋۇلۇق سۈنۋېي دىگەن ئادەم.
سۈنۋېي زاۋۇتقا يېڭى كەلگەندە بۇ جايدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ تەننەرخ قارىشىنىڭ ناھايىتى تۆۋەن ئىكەنلىكىنى كۆرۈپتۇ. خىزمەتچىلەر سايمانلارنى يىغىشتۇرۋاتقاندا، يېرىمى ئىشلىتىلىپ بولۇنغان مىخ قاپلىرىنى خالىغانچە تاشلىۋىتىدىكەن.
بۇنداق ئەھۋالغا قارىتا سۈنۋېي: «ھازىرقى بازار رىقابىتى ناھايىتى كەسكىن، ئەگەر تەننەرخنى كونترول قىلىشقا سەل قارىساق،ئۇنداقتا بىزنىڭ رىقابەتتىكى ئەۋزەللىكىمىز بارغانسىرى كىچىكلەيدۇ.» دەپتۇ.
شۇنداق قىلىپ سۈنۋېي <<مالىيە بۆلۈمى رىئايە قىلىشقا تىگىشلىك ئۈچ نىزام» نىڭ ئىچىگە «كارخانىنىڭ ئومۇمىي تەننەرخىنى تەپسىلىي ھېسابلاش، تەننەرخنى كونترول قىلىشنى ھەربىر بۆلۈملەرگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش» دىگەن نىزامنى قوشۇپتۇ.
كىيىنكى كۈنلەردە ئۇ تەننەرخ باشقۇرۇش چەكلىمە سىزىقى لايىھەلەپتۇ:
بىرىنچى، مەھسۇلات لايىھەلەشنىڭ تەننەرخ چەكلىمە سىزىقى. ئۇ لايىھەلىگۈچىلەردىن ئانچە – مۇنچە ئىقتىساد بىلىملىرىنى ئۆگىنىشنى تەلەپ قىلىپ، تېخنىكا بىلەنلا چەكلىنىپ قالماسلىقنى ئېيتىپتۇ. ھەمدە «بازارخامچوتىدىن ئېشىپ كەتكەن، پايدا ئېلىش مۇمكىنىچلىكى يوق لايىھەلەرنى بىر بېلەتتە رەت قىلىش» نى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ. بۇ بىر قاتار تەدبىرلەر «قۇلاقنى ئېتىۋېلىپ سىرتقا قارىمايدىغان» لايىھەلىگۈچى خادىملارنى بازار ئەھۋالىغا دىققەت قىلىشقامەجبۇر قىپتۇ. سۈنۋېي تېخنىك خادىملارنى لايىھەلەنگەن مەھسۇلاتنىڭ قوشۇمچە قىممىتىنى ئاشۇرۇپ، بازاردىكى پايدىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئېلھاملاندۇرۇپتۇ.نەتىجىدە لايىھە بۆلۈمى ۋە مالىيە بۆلۈمى ئوتتۇرىسىدا بىر خىل ئاكتىپ ھەمكارلىق شەكىللىنىپ ئۈنۈم يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپتۇ.
ئىككىنچى، سېتىۋالغان ماتېرىياللارنىڭ تەننەرخ چەكلىمە سىزىقى. ماتېرىيال تەننەرخى ئومۇمىي تەننەرخنىڭ %75 دىن كۆپرەكنى ئىگەللەيدىغان بولۇپ، شۇ سەۋەبتىن سېتىۋېلىش ھالقىسىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. ئۇمال سېتىۋالغۇچىلاردىن مال سېتىۋالغاندا ئىنچىكىلەپ تاللاشنى، سۈپەتلىك ھەم باھاسى مۇۋاپىق ماللارنى تاللاشنى، ھەر قايسى بۆلۈملەر بىلەن، ھەتتا سىرتقى ئورگانلاربىلەن ئالاقىلىشىپ ماتېرىيال سېتىۋېلىپ، بۇ ئارقىلىق كۆلەملەشكەن ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.
ئۈچىنچى، ئىشلەپچىقىرىش خورىشىنىڭ چەكلىمە سىزىقى. خىزمەتچىلەرنىڭ تەننەرخ قارىشىنى تۇرغۇزۇش ئۈچۈن،مالىيە بۆلۈمى خىزمەت تەرتىپى ۋە تەننەرخ كونترول چەكلىمىسىگە ئائىت قوللانمىدىن بىرنى تۈزگەن. ئېلھاملاندۇرۇش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، خىزمەتچىلەرنىڭ تەننەرخ قارىشى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن، خىزمەتتىكى ئاكتىپلىقىمۇ ناھايىتى يۇقىرى بولغان.
مەيكنېش ئىلگىرى جۇڭگو كارخانىلىرىغا باھا بېرىپ: «تەننەرخ ئەۋزەللىكىنىڭ سەردارلىرى ئەكسىچە تەننەرخ باشقۇرۇشنىڭ پەتەكلىرىگە ئايلىنىپ قالغان.» دىگەن.
جېجىياڭ سودىگەرلىرى تەننەرخنى كونترول قىلىشنى پۇل خەجلەش سەنئىتى قاتارىدا كۆرۈپ، پۇل تېجەشتىن پەرقلەندۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، توغرا يۆنىلىش مۇۋەپپەقىيەتنىڭ يېرىمىغا تەڭ بولۇپ، تەننەرخنى كونترول قىلىشمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش. ئەمەلىيەتتە كارخانىنىڭ تەننەرخنى چۈشۈرۈش يولى دەل كارخانىنىڭ رىقابەت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىدىكى ماياك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
شېنجېن شەھەرلىك كارخانا باشقۇرۇش جەمئىيىتى ۋە دۆلەت ئىچى سىرتىدىكى كارخانىچىلارئۇيۇشمىسى ئالاھىدە تەكلىپ قىلغان مەسلىھەت بېرىش مۇتەخەسسىسى، يۇقىرى دەرىجىلىك بوغالتىرچېن گاڭمىڭنىڭ قارىشىچە، باشقۇرغۇچى ۋە خىزمەتچىلەردە ئوزۇن ۋاقىتتىن بېرى شەكىللىنىپ قالغان تار دائىرىلىك تەننەرخ قارىشى سەۋەبلىك، كارخانىلار«ئادەمنى ئاساس قىلىش»نى تولۇق چۈشەنمىگەن، شۇ سەۋەپتىن «تەننەرخ تۇزىقى» غا چۈشۈپ قالغان. بۇ تەننەرخنىڭ كونترولسىز ھالەتتە تۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاخىرىدا كارخانا پايدىسى ۋە ئادەم تەننەرخنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ ھال كارخانا باشقۇرغۇچىلارنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان مەسىلىگە ئايلانغان.
چېنرۇ بولسا جېجىياڭ ئۆلكىسىدىكى «سىرتقاچىقىپ كەتكەن» كارخانىچىلارنىڭ بىرى. تەننەرخنى كونترول قىلىشقا نىسبەتەن، ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس كۆز – قاراشلىرى بار.
ئۇ ئىلگىرى: «ئىقتىسادىي ئەھۋال ياخشى بولمىغاندا، كارخانا دائىم خادىملارنى قىسقارتىش ئارقىلىق تەننەرخنىڭ تېجىلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بەزى كارخانىلار خاتا يولغا كىرىپ قېلىپ، ئىش ھەققى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان خىزمەتچىلەرنى قىسقارتىش ئارقىلىق، ئەڭ تىز سۈرئەتتە تەننەرخنى تېجەش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولىدۇ.ئەمەلىيەتتە ئەگەر بۇنداق ئۇسۇلنى قوللانغاندا، كارخانىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشىلانغاندىن كىيىن، ئىلگىرىكىگە ئوخشاش بولغان خىزمەت ئۈنۈمىگە يىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ بولغان ئەمگەك كۈچى تەننەرخى بەدىلى تۆلەشكە مەجبۇر بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كارخانا ھەقىقەتەن ئادەم قىسقارتىشقا ئېھتىياجلىق بولغاندا، چوقۇم خىزمەتچىلەرنىڭ قىممىتى ۋە خىزمەت كۆرسىتىش نىسبىتىنى كارخانىنىڭ ئوزۇن مەزگىللىك تالانتلىقلارغا بولغان ئېھتىياجى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تۇرۇپ كارخانا خىزمەتچىلىرىگەقارىتا زۆرۈر بولغان قىسقارتىش ئېلىپ بېرىش كېرەك. ئادەم قىسقارتىش ھەرگىزمۇ قىسقامەزگىللىك تەننەرخنى تېجەش ئۈچۈن بولۇپ قالماسلىقى كېرەك، ئوزۇن مەزگىللىك پايدىنى قۇربان قىلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ.» دىگەن.
چېنرۇ: « خادىملارغا يۇقىرى مۇئاش بىرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەمگەك كۈچى تەننەرخىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشنىڭ جەزمەن مۇمكىنچىلىكى بار. گەرچە مۇئاش يۇقىرى كۆتۈرۈلسىمۇ، ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى مۇئاشنىڭ ئۆسۈشىدىن يۇقىرى بولغاندا، ئەمگەك كۈچى تەننەرخىنىڭ ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىگە بولغان نىسبىتىمۇ تۆۋەنلەيدۇ » دىگەن.
ئۇنىڭ قارىشىچە، شىركەتنىڭ ھەرقايسى بۆلۈملىرىدىكى خىزمەت فۇنكىسىيىسىنىڭ تەكرارلىنىپ كېتىش ھادىسىسىنىڭ بار – يوقلۇقىنى تەكشۈرۈپ تەڭشەپ چىقىشقا، بۇ ئارقىلىق ئەمگەك كۈچى تەننەرخىنىڭ ئىسراپ بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولىدۇ. تەكرارلىنىپ كەتكەن خىزمەت فۇنكىسىيىلىرىنى ئۆز ئارا بىرىكتۈرگەندە، ئورتاق بەھىرلىنىدىغان مەشغۇلات ياكى مۇلازىمەت ئارقىلىق ئەمگەك كۈچى تەننەرخىنى چۈشۈرگىلى بولىدۇ.
تىجارەت جەريانىدا جېجىياڭ سودىگەرلىرىگە ئوخشاش تەننەرخنى كونترول قىلىشنى بىلىش كېرەك. نەزىرىمىزنى يىراقلارغا تىكىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىر تىيىن پايدىغىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ. ھەربىر ھالقىدىكى تەننەرخنى تېجىگەندە، ئۆزىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنى تېخىمۇ تېجەپ قالغىلى بولىدۇ.
***كىچىك ھېساباتلارنى قىلالمىغاندا، كىچىك پايدىغىمۇ ئېرىشكىلى بولمايدۇ
سودا مەيدانلىرىدا تىجارەت قىلىشنىڭ مەقسىدى پۇل تېپىش، بىر تىيىن بولسىمۇ تېپىش كېرەك. كىچىك ھېساباتلارنى قىلالىغاندا، كىچىك پايدىلار ئارقىلىق بازارنى چوڭايىتقىلى، بايلىققا ئېرىشكىلى بولىدۇ.
ئىسپانىيەدىكى ۋېنجۇ يۇرتداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لى شىنتۇ: «ھەرقانداق ئىشنى قىلىشتا كىچىكتىن باشلاش كېرەك. بىر قەدەمدە ئاسمانغا چىقىش مۇمكىن ئەمەس» دىگەن.ۋېنجۇلۇقلار بۇ پىرىنسىپنى سودىدا ئىشلىتىپ «كىچىككىنە پايدىنىمۇ كۆزلەش» تىن ئىبارەت قائىدىنى يەكۈنلەپ چىققان.
«كىچىككىنە پايدىنى كۆزلەش» بولسا ئوزۇن مەزگىللىك بايلىق يولى. جېجىياڭ شۇاڭتوڭ شۈمۈرگە شىركىتىنىڭ لېدىرى جاڭ گوجۈن : «تەننەرخ رىقابىتىدە پايدىنى كۆزلەش كېرەك. سودىگەرلەر پۇل تېپىشتا، تەننەرخنى چۈشۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاز پايدا ئېلىپ ،كۆپ سېتىشقا، ئاز – ئازدىن بايلىق توپلاشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك » دىگەن.
يىۋۇ شەھەرلىك شۇاڭتوڭ شۈمۈرگە شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش لېدىرى جاڭ گوجۈن مۇنداق دەيدۇ: «شىركەت بەش يىل بۇرۇنلا ئېكىسپورت سودىسى بىلەن شۇغۇللىناتتى، ھازىرمۇ %90 تىن كۆپرەك شۈمۈرگىنى سىرتلارغا سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ،بىر يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى پۈتۈن يەر شارى شۈمۈرگە ئېھتىياجىنىڭ %25 دىن كۆپرەكىنى ئىگەللىگەن بولۇپ، شۇاڭ توڭ ماركىسىدىكى شۈمۈرگە (نەيچە )لەر دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئىشلىتىلمەكتە» .
جاڭ گوجۈن بىر ھېساباتنى ھېسابلاپ:«شۈمۈرگىنىڭ ئوتتۇرىچە سېتىلىش باھاسى ھەر بىرى 8.5 – 8 تىيىنغىچە بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە خام ئەشيا تەننەرخى %50، ئەمگەك كۈچى تەننەرخى %20 - %15، ئەسۋابلارنىڭ ئۇپراش ھەققى قاتارلىقلار %15، ساپ پايدا %10 بولىدۇ، يەنى بىر شۈمۈرگىنىڭ ساپ پايدانىسبىتى 0.85 – 0.8 تىيىن ئارلىقىدا بولىدۇ.» دىگەن.
تەننەرخنى تېجەش ئۈچۈن شىركەت ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ھەربىر ھالقىسىدا ناھايىتى ئېھتىيات قىلىدۇ. مەسىلەن: توك تەننەرخىنى تېجەش ئۈچۈن، شىركەت توك خورىشى يۇقىرى بولغان ئاقما لىنىيىنى كېچىدە ئىشلىتىدۇ؛ شۈمۈرگە ئىشلەپچىقىرىش ھۈنەر – سەنئىتى سوۋۇتۇشقا مۇھتاج بولغاچقا،ئىشلەپچىقىرىش لىنىيىسى تۇربا سۈيىدىن پايدىلىنىپ سوۋۇتۇش ئۇسۇلىنى لايىھەلىگەن...بۇنداق شارائىت ئاستىدا، ئۇلار ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتىدە قىلچە تۆۋەنلەش كۆرۈلمىگەن.
جاڭ گوجۈن: «مۇشۇنداق قىلماقتىن باشقا ئامال يوق. ھېساباتنى كىچىكتىن باشلاپ قىلمىساق، بىز كىچىك پايدىغىمۇ ئېرىشەلمەيمىز.» دىگەن. باشقىلار كىچىك مەھسۇلاتنى نەزىرىگە ئالمايدۇ، ئەكسىچە«شۇاڭتوڭ» شىركىتى كىچىك مەھسۇلاتتىن چوڭ كىرىم قىلدى! بۈگۈنكى كۈندە شىركەت ھەر كۈنى ئۆلچەملىك ئىككى تاموژنا ساندۇقىدا تەخمىنەن سەككىز توننا مەھسۇلاتنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ماڭدۇرىدۇ.
سەككىز توننا مەھسۇلاتنى قانداق چۈشىنىمىز؟ شىركەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرى: «بۇ تەخمىنەن 15 مىليون دانىدىن كۆپرەك شۈمۈرگە بولىدۇ.» دىگەن. بىزنىڭ مۆلچەرىمىزگە ئاساسلانغاندا، شۈمۈرگە شىركىتىنىڭ ھەرئايلىق پايدىسى 400 مىڭ يۈەن بولۇپ، بازىرىمۇ ناھايىتى مۇقىم بولغان. ھازىر«شۇاڭتوڭ» شىركىتى سۇلياۋ ئىستاكان قاتارلىق كۆزگە ئىلىنىپ كەتمەيدىغان ساھەلەرگە يۈزلەندى. تىجارىتى ئوخشاشلا ناھايىتى راۋان بولماقتا.
نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقى شۇاڭتوڭ شىركىتىدىن ئېشىپ كەتكەن. ھالبۇكى مالىيە باشقۇرۇش سەۋىيىسىنىڭ تۆۋەن بولۇشى سەۋەبىدىن ناھايىتى تۆۋەن بولغان تەرەققىيات بوشلۇقىغىمۇ كاپالەتلىك قىلالمىغان.
ۋېنجۇلۇقلارنىڭ قارىشىچە، پۇلنى ئازتېپىشتىن قورقماسلىق، تاپالماسلىقتىن قورقۇش كېرەك. پەقەت ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، بىرقەدەم – بىر قەدەمدىن تاپقاندا، تېپىلغان پۇلمۇ بارغانسىرى كۆپىيىپ بارىدۇ.«كىچىككىنە پايدىنىمۇ كۆزلەش» بولسا نۇرغۇنلىغان ۋېنجۇلۇقلارنىڭ پۇل تېپىش شەكلى.
ۋېنجۇدا «تەلىم ئالغان» شاڭخەيلىك خوجايىن: «ۋېنجۇدىكى بىر خوجايىنغا يېرىم كۈن ئىش قىلىپ بەردىم، مەن ئۇنىڭ نەچچەمىڭ يۈەنلىك توپ سودىنىمۇ قىلىدىغانلىقىنى، نەچچە يۈەنلىك سودىنىمۇ قولدىن چىقارمايدىغانلىقىنى بايقىدىم، ئۇ نەچچە يۈئەنلىك بۇ سودىدىمۇ توپ باھادا مال بېرەتتى. خوجايىننىڭ قارىشىچە، سودا كىچىك بولسىمۇ، سودا بولمىغانغا قارىغاندا ياخشى ئىدى.» دىگەن. ئۇھاياجانلانغان ھالدا، ئىلگىرى ئۆزىنىڭمۇ كىچىك تاۋارلارنىڭ توپ سودىسىنى قىلىپ باققانلىقىنى، توپ ئالغان «چوڭ خېرىدار» لارغا ناھايىتى قىزغىن بولۇپ، پەقەت «مال ئىلغاش» نى بىلىدىغان كىچىك خېرىدارلارغا ئېرەن قىلىپ كەتمەيدىغانلىقىنى، ئۇ ۋاقىتتا كۆڭلىدە ئۆزىنىڭ جاپا تارتىپ شۇنچە يىراقتىن ئېلىپ كەلگەن ماللىرىنى تۆۋەن باھادا سېتىۋەتسە ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدۇ دەپ ئويلايدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن. ئۇيەنە ھازىر كاللامدىن ئۆتتى، چوڭ سودىلارنىڭمۇ نۇرغۇنلىغان كىچىك سودىلاردىن بارلىققا كەلگەنلىكىنى بىلىۋالدىم. چوڭ سودىنىڭ كېلىشىنى ساقلاپ تۇرغاندىن كۆرە،ۋېنجۇلۇق سودىگەرلەرگە ئوخشاش ھېسابنى تەپسىلىي قىلىپ، كىچىك سودىنى كەتكۈزمەي،كىچىككىنە پايدىنىمۇ قولدىن بەرمىگەن تۈزۈك.
****سودىدا -مېھنەت قىلىش ۋە تېجەشچان بولۇشنىڭ بىرى كەم بولسا بولمايدۇ
جېجىياڭ خاڭجۇ ۋاخاخا شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى زوڭ چىڭخۇ مېھنەت قىلىش ۋە تېجەشچان بولۇش ھەققىدە توختىلىپ: «ئەمەلىيەتتەناھايىتى ئاسان، ‹ئائىلە ئىقتىسادچىللىق بىلەن گۈللەپ – ياشنايدۇ›، بىراق ئۇنى قىلىش ناھايىتى تەس.» دىگەن.
جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ تېجەشچانلىقى پۈتۈن جۇڭگوغا داڭلىق. ھەرقايسى جايلاردا تىجارەت قىلىپ، ئىگىلىك تىكلىگەن جېجاڭلىقلار ھەمىشە ناھايىتى تېجەشلىك. ئىلگىرى بەزىلەر بۇ توغرىسىدا ئەجەپلىنىپ:«ئۇلارغا ئوخشاش بىر تۈرگە سالغان مەبلىغىلا نەچچە ئون مىليونغا يېتىدىغان كارخانىچىلار يەپ – ئىچىشكە ئەھمىيەت بېرىشتە بىزنىڭ بۇ كىچىك يەردىكى ئادەتتىكى كىشىلەرگىمۇ يەتمەيدىكەن، شۇنچە پۇلى تۇرۇپ، ئىشچىلارغا ئوخشاش تاماق يەيدىكەن، ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەيدىكەن. خام ئەشيا، ئەسۋاب ۋە ئادەم كۈچىنىمۇ ناھايىتى تەپسىلىي ھېسابلايدىكەن.» دىگەن.
تېجەشلىك بولۇپ، تىرىشىپ ئىشلەش بولسا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان ھازىرقى زامان ئىقتىسادىدىكى كەسكىن رىقابەت مۇھىتىدا تۇرىۋاتقان ئوقەتچىلەردە كەم بولسا بولمايدىغان ساپا. يەنە جېجىياڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدىكى رىئايە قىلىنىدىغان گۈزەل ئەخلاقنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ئۈستىگە تېجەش ۋە تىرىشىش ئەزەلدىن بىر – بىرىدىن ئايرىلمايدۇ، ئەگەر بىر ئادەم پۇل تېپىشنىڭ جاپا – مۇشەققىتىنى ھەقىقىي ھېس قىلىپ باقمىغان بولسا، ئېھتىمال پۇل تېجەشنى ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىشى ناھايىتى تەس بولۇشى مۇمكىن.
فېيۋو گورۇھىنىڭ باش مۇدىرى شى جىباۋ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ھازىرغىچە شىركەتنىڭ ئامبىرىدا تۇرىدۇ. كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە بۇ بىر ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان ئىش. ھالبۇكى شى جىباۋ بۇنىڭغا ئىپادە بىلدۈرۈپ: «ياش ۋاقتىمدا پۇل تېپىپ قەدىر ئەھۋال ياشاش ئۈچۈن، مەن ۋېلسىپىتتە كىراكەشلىك قىلاتتىم، يەنە بېيجىڭدا ئۈچ يىل ئاياغ يامىدىم. ئەمماھازىرچۇ؟ پۇل ماڭا نىسبەتەن ئېيىتقاندا پەقەتلا بىر بەلگە، بىر سان خالاس، باشقاھېچقانداق مەنىسى يوق. مېنىڭ ھازىرقى پۈتۈن خىيالىم دۇنياۋى ئىلغار سەۋىيەدىكى تىكىش ماشىنىسى ياساش كارخانىسىنى تېز سۈرئەتتە قۇرۇپ چىقىش بولۇپ، ماددى ھەشەمەتتىن ھوزۇرلىنىشقا قەتئىي ۋاقتىم يوق. تاماق يىيىشمۇ قورساقنى تويغۇزۇش ئۈچۈن، ئۇخلاشمۇچارچىغان نېرۋىلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن خالاس. بۇ نوقتىدا نامراتلار ۋەبايلارنىڭ پەرقى يوق.» دىگەن.
لۇ گۇەنچىيۇنىڭ ئۆزىگە قويغان تەلپى بولسا: مېماندارچىلىققا بارماسلىق، سىرتلاردا قونماسلىق. كۈندۈزى خوجايىن بولۇش ،كەچتە قاتتىق كارۋاتتا ئۇخلاش. بۇلارنىڭ ھەممىسى جېجىياڭلىق چوڭ بايلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ھەقىقىي تەسۋىرى.
تېجەشنى بىلىدىغان ئادەم توختىماستىن بايلىق توپلىيالايدۇ، تېجەشنى بىلمەيدىغان ئادەمنىڭ ۋاقتىنچە بايلىقى كۆپ بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ بايلىقى ئاستا – ئاستا غايىپ بولىدۇ. ئىگىلىك تىكلەش تەس،ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تېخىمۇ تەس. ئىگىلىك تىكلەپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنى ئويلايدىغان ئادەم چوقۇم «ئۇجۇر – بۇجۇرىگىچە ھېساب قىلىش» نى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك.بىز دائىم ئازراقلا نەتىجە قازانسا «چوڭىيىپ ئىشتىنىغا پاتماي قالىدىغان» كىشىلەرنى ئۇچرىتىمىز، ئۇلار ئوزۇن ئۆتمەستىنلا ئەسلىدىكى ھالىتىگە قايتىدۇ. جېجىياڭلىق بىر سودىگەر دائىم خىزمەتچىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دەيدىكەن: جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ سودا دۇنياسىدا پۇت دەسسپ تۇرالىشىدىكى سەۋەب، ئۇلار ئىزچىل مال – دۇنيانى ئۆتكۈنچى نەرسە قاتارىدا كۆرۈپ، تېجەشلىك بولۇشنى ئىگىلىك تىكلەشتىكى گۆھەر قاتارىدا كۆرىدۇ.
*****ئىقتىسادچانلىق ئىنچىكە ھالقىلاردا ئىپادىلىنىدۇ
ۋاخاخا شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى زوڭ چىڭخۇ: «ئەگەر سەن ئەمەل قىلمىساڭ ئىقتىسادچان بولۇش ،دىگەن بۇ سۆز پەقەتلا بىر شۇئار خالاس. ئىقتىسادچانلىق ھەمىشە نۇرغۇنلىغان كىچىك ئىشلاردا ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ. ھەر كۈنى ئەيىش – ئىشرەتكە پۇل خەجلەيدىغان سودىگەرنىڭ كۈنلىرى چوقۇم ئوزۇنغا بارمايدۇ. ھەقىقىي خوجايىنلارنىڭ ھەممىسى ئىقتىسادچىل،ئاددى – ساددا كېلىدۇ.» دىگەن.
زوڭ چىڭخۇ ئىگىلىك تىكلەشنى باشلىغان ۋاقىتتا، شىركەتنىڭ ماشىنا كىرا چىقىمىنى تېجەش ئۈچۈن، دائىم ئۈچ چاقلىق ۋېلسىپىتنى مىنىپ، كېچىنى كېچە، كۈندۈزنى كۈندۈز دىمەستىن مەكتەپلەرگە مال يەتكۈزەتتى. دەل مۇشۇنداق بىر تىيىن – بىر تىيىندىن تېجەش بولغاچقا، ۋاخاخانىڭ بۈگۈنكى ھەيۋەتلىك بىنالىرى ۋە زاۋۇت ئۆيلىرى بولغان. ئۇ ئۆزىنىڭ خىزمەتچىلىرىگە:«ۋاخاخانى ئىلگىرىكىلەر بىزگە قالدۇرمىغان، ئۇنى بىز ئۆزىمىز بىر جۈپ بىلكىمىزگە تايىنىپ قۇرۇپ چىققان. ئون دانە سۈپۈرگە سېتىۋالماقچى بولساق ئەرزان ئېلىش ئۈچۈن توپ تارقىتىش بازىرىغا بېرىپ، بىر ساندۇق چوكا مۇز ساتساق بىر تىيىندىن پايدا ئېلىپ قۇرۇپ چىققان.» دەيدۇ.
ھەقىقەتەن، تىجارەتتە ھەر بىر تىيىن پۇلنى چىڭ تۇتۇش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا ئاندىن پۇلنى كۆپ تاپقىلى بولىدۇ، بۇ بايلىققا تۇتىشىدىغان يول. جېجىياڭ سودىگەرلىرى دەل بۇ خىل ئىقتىسادچىل بولۇپ،تىرىشىپ ئىشلەشكە تايىنىپ بۈگۈنكى غەلبىنى قولغا كەلتۈرگەن.
ۋاڭ يوڭچىڭنىڭ گەرچە مىلياردلاپ پۇلى بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئۆمرى ئاددى – ساددىلىق ئىچىدە ئۆتكەن، ئەزەلدىن پۇل – مالنى بۇزۇپ چاچمىغان. ئۇ گۈرۈچ دۇكىنى تىجارىتىنى ئەمدىلا باشلىغان ۋاقىتتا، ھەر كۈنى ئىشتىن چۈشكەندە پۈتۈن بەدىنى مەينەت بولۇپ كېتەتتى، باشقىلار ئىسسىق سۇدايۇيۇنۇش ئۈچۈن ئۈچ تىيىن خەجلىسە، ئۇ قىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر سوغۇق سۇدا يۇيۇناتتى،بۇ ئۇنىڭ باشقىلارغا قارىغاندا ئۈچ كۈرە گۈرۈچنى كۆپ ساتقىنىغا باراۋەر ئىدى.ئۇنىڭ ئاز ئازدىن ئىقتىساد چۇغلايدىغان روھى ئۇنى بۈگۈنكى بايلىققا ئېرىشتۈرگەن.
ھازىر ئۇ ئىسمى – جىسمىغا لايىق بايغا ئايلانغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ناھايىتى ئىقتىسادچىل، ئاددى – ساددا. ۋاڭ يوڭچىڭ ھەر ھەپتىدە دىگۈدەك پەرزەنتلىرىگە خەت يازىدۇ. پوچتا ھەققىنى تىجەش ئۈچۈن، ئۇ بىرخىل ناھايىتى نىپىز بولغان قەغەزنى ئىشلىتىپ، قەغەزنىڭ ئالدى – كەينى يۈزىنى ئۇششاق خەتلەر بىلەن تولدۇرىدۇ. ئۇ ھەر قېتىم قارىمىقىدىكى مېھمانساراي،مېھمانخانا ۋە كارخانىلارنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە بارغاندا، چوقۇم قول يۇيۇش ئۆيىگە بېرىپ ئىچىدىكى ئەخلەت ساندۇقىدا ئىشلىتىپ بولماي تۇرۇپلا تاشلىۋەتكەن سوپۇن پارچىلىرىنىڭ بار – يوقلۇقىغا قارايدۇ. ئەگەر بولسا ئادەم چاقىرىپ سوپۇن پارچىلىرىنى ئالغۇزۇپ، ئۇلارنى بىر قىلىپ داۋاملىق ئىشلىتىدۇ. قەھۋە ئىچكەن ۋاقىتتا، ئۇ سۈت پاراشوكىنى قەھۋەگە تۆككەندىن كىيىن، سۈت پاراشوكى قېپىنىڭ ئىچىگەئازراق قەھۋە تۆكۈپ سۈت پاراشوكىنىڭ قالدۇقلىرىنى قايتا ئېلىشتۇرۇپ قەھۋەگە تۆكۈپ،ئسراپ بولمىغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەندىن كىيىن ئاندىن قەھۋەدىن ھوزۇرلىنىشقا باشلايدۇ.
ۋاڭ يوڭچىڭ ئۆزى ئىقتىسادچىل بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ پۇل خەجلىگەندە بەتخەجلىك قىلماسلىقىنى تەلەپ قىلىدۇ. بىر قېتىم ۋاڭ يوڭچىڭنىڭ كىچىك قېيىن ئاغىسى شاڭگاڭدىن ئېلىپ كەلگەن ئىككى دانە گالىستۇكىنى ئۇنىڭغا ھەدىيە قىپتۇ. گالىستۇكنىڭ ئەسلى باھاسى 1200 يۈەن بولۇپ، ئۇ ۋاڭ يوڭچىڭنىڭ ئىسراپ قىپسەن دەپ تىللىشىدىن قورقۇپ،باھاسىنى يالغاندىن 120 يۈەن دەپ قويۇپتۇ. ئويلىمىغان يەردىن بىر كۈن ئۆتۈپ بىرئەتىگەنلىكى ۋاڭ يوڭچىڭ قېيىن ئاغىسىنى ئىشخانىغا چاقىرتىپ گۇمان بىلەن: «جەنۇبىي ئاسىيادا ئىشلەنگەن گالىستۇكنىڭ بىرى ئارانلا 40 يۈەن، نېمىشقا شاڭگاڭدىن 120يۈەنگە ئەكىلىسەن؟» دەپ يېرىم سائەتتىن كۆپرەك سۆزلەپتۇ.
تەيسۇ گورۇھىنىڭ قارىمىقىدىكى كارخانا، زاۋۇتلارمۇ ۋاڭ يوڭچىڭنىڭ ئىقتىسادچىل ئىستىلىدىن ئۆرنەك ئالغان. ھەر بىر پارچە قەغەزنىمۇ قالايمىغان تاشلىۋېتىشكە بولمايدۇ، ئالدى – ئارقا ئىككى تەرەپنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن تاشلىۋىتىشكە بولىدۇ. ئىشچىلار كەيگەن پەلەينىمۇ كۆپ قېتىم ئىشلىتىش كېرەك. بىر قېتىم، شىركەتتىكى بىر ئالىي باشقۇرغۇچى ۋاڭ يوڭچىڭنىڭ ئىشخانىسىدىكى گېلەمنىڭ ناھايىتى كونىراپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، 1000ئامېرىكا دوللىرى خەجلەپ يېڭىغا ئالماشتۇرۇپتۇ. نەتىجىدە ۋاڭ يوڭچىڭ كۆرگەندىن كىيىن ناھايىتى تىرىكىپ، ئىزچىل باشقىلارغا مۇلايىم مۇئامىلە قىلىدىغان ۋاڭ يوڭچىڭ بۇ باشقۇرغۇچىغا ئاچچىقلانغىلى تاسلا قاپتۇ.
جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ ئىقتىسادچىل بولۇپ، تىرىشىپ ئىشلىشى پۇلنىڭ يوقلۇقىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ پۇلنىڭ قانچىلىك جاپا – مۇشەققەتتە تېپىلدىغانلىقىنى بىلگەنلىكىدە. باۋيۈگاڭنىڭ يېنىدا ئوزۇن مەزگىل خىزمەت قىلغان بىر يۇقىرى دەرىجىلىك خىزمەتچى ئۇنىڭغا باھا بېرىپ: «مەن ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلغان كۈنلەردە، ئۇ ماڭا بەرگەن خىزمەت كۆرسەتمىلىرىنىڭ ھەممىسى قەغەزگە قولدا يېزىلىپ ئەۋەتىلگەن. بۇ قەغەزلەرنىڭ ھەممىسى سۈپىتى ناچار، نىپىز بولغان ئاق قەغەز بولۇپ، ئەگەر بىر قۇر خەت يېزىلغان بىر كىچىك قەغەزچە بولسا، ئۇ يېزىلغان خەتلەرنى تېخىمۇ كىچىك پۈتۈكچە ھالەتتە يىرتىپ چىقىرىۋەتكەن. بۇنداق بولغاندا، بىر سالام خەت قەغىزى چوڭلۇقتىكى ئاق قەغەزگە ئۈچ – تۆت پارچە ‹ئەڭ يۇقىرى كۆرسەتمە›يازغىلى بولاتتى.» دىگەن.
شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەر كۈنى ئازراقتىن تېجەۋاتقان كىشىلەرگە نىسبەتەن ھەرگىز تەرىمىزنى تۈرۈپ مۇئامىلە قىلماسلىقىمىزكېرەك، چۈنكى ئاشۇ «كىچىك» پۇللار جۇغلانسا، چوقۇم «چوڭ» پۇلغا ئايلىنىدۇ –دە،سىزنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىڭىز ئۈچۈن سەل قارىغىلى بولمايدىغان رول ئوينايدۇ.
باي بولۇشنى ئويلايدىغان ھەر بىرئادەم چوقۇم بايلارنىڭ پۇل تېجەش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىش كېرەك، ھەمدە ئۇنى ئەمەلىي ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرىشى لازىم، شۇندىلا ئۇ چوقۇم ئەڭ ئاخىرقى غالبىيەتچىگە ئايلىنالايدۇ.
***************************************
تەرجىمە قىلغۇچى:ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى
تەرجىمان:ئابدۇللا ئۆمەر
تەرجىمە تەھرىرى:رەيھانگۈل نىزام
مەنبە:بېيجىڭ سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋىرستىتى2013-يىلى 6-ئايدا نەشىر قىلغان خەنچە ‹‹ جېجاڭ سودىگەرلىرىنى غەلبىگە باشلىغان 22 تۈرلۈك سودا قائىدىسى››ناملىق كىتاب
2014-يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى
جىياڭسۇ ئۆلكىسى ۋۇشى شەھىرى
تۈگىدى