زۇمرەت ھەققىدە ئىككى كەلىمە
ZU MU LV 祖母绿
زۇمرەت بولسا بېرىللىي ئاليۇمىن سىلىتسى ئوكسىگىندىن تۈزۈلگەن سىلىكات مىنىرال بولۇپ ،ئۇنىڭ خمىيەلىك فورمۇلاسى Be3Al2(SiO3)6 . زۇمرەت يەنە بېرىل دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
بېرىل كىرىستالى ئالتە تەرەپلىك تۈۋرۈك شەكلىدە ئۆسىدۇ. قاتتىقلىق دەرجىسى يۇقىرى بولۇپ ئالماسقا يىقىنلىشىدۇ. ساپ بېرىل رەڭسىز بولىدۇ، بىراق كۆپ ۋاقىتلاردا ئارىلاشقان قالدۇق ئىلىمىنتلار سەۋەپلىك رەڭگى يىشىل ،كۆك،سىرىق، قىزغۇچ رەڭلەردە بولىدۇ.
بيرىلغا ئەگەر ئازراق خىروم،ياكى ۋانادى قالدۇق ئىلمىنىت سۈپىتدە ئارلاشسا بېرىلنىڭ رەڭگى كۆك بولىدۇ. بۇ خىل كۆك بېرىل دەل بىز بىلدىغان زۇمرەت تېشىنىڭ يەنە بىر خىل ئاتىلىشى. ئەگەر زۇمرەت سۈزۈك، ھىچقانداق يىرىق يوق بولسا ئۇ گۆھەر سۈپىتىدە قارىلىپ قىممىتى ھەسسىلەپ ئېشىپ كىتىدۇ.زۇمرەت ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان قىممەتلىق تاش بولۇپ ئالماس، قىزىل ياقۇت، كۆك ياقۇتلار بىلەن بىرلكتە دۇنيادىكى 4 ئەڭ قىممەتلىك گۆھەر دەپ قارىلىدۇ.
جۇڭگۇدا پەقەت تۆتلا ئۆلكىدە زۇمرەت بايقالغان بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ بىلەن يۈننەندىن بايقالغان زۇمرەتنىڭ سۈپىتى ئەڭ ياخشى. يۇرتىمىزنىڭ ئالتاي ،كۆكتوقاي ۋە قەشقەر تاشقورغان دابدال، قاراسۇ يىزىلرىدا بېرىل ۋە زۇمرەت چىقىدۇ. تاشقورغاندىكى زۇمرەت كانىنىڭ زاپىسى مول بولۇپ ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ زۇمرەت كانى بولۇشى مومكىن دەپ قارالماقتا.
تاشقورغان دابدال زۇمرەت كانىدىن بايقالغان زۇمرەتلەر . ئەڭ كىچىك بىر تال زۇمرەتنىڭ باھاسىمۇ بەلكىم 50 مىڭ دوللار ئەتراپىدا بولىشى مومكىن.
مەنبە:ئىزدىنىش تورى(تەپەككۇرچى يازمىسى)