سودىدا چۇقۇم توغرا يولدا مېڭىش كېرەك
جېجىياڭ سودىگەرلىرىنى غەلبىگە باشلىغان 22 تۈرلۈك سودا قائىدىسى
ئون توققۇزىنچى باب
تىجارەتنىڭ ئۆزىگە خاس يولى بولىدۇ، توغرا يولدا ماڭغاندىلا ئاندىن
غەلبە يولىنى تاپقىلى بولىدۇ
* سودا قىلىشتا ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىش بىلەن بىرۋاقىتتا، ئانچە – مۇنچە
ئۆزىنى كۆرسىتىشكە تايىنىش كېرەك
خۇڭدىڭلىق سودىگەر خۇشۆشى ئىلگىرى: «سودا قىلىشتا ئىش قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ئۆزىنى ئانچە – مۇنچە كۆرسىتىپ قويۇش كېرەك. سودا قىلىشتا ئۆزىگە چۇشلۇق سۆلىتى بولۇش كېرەك، سۆلەت قانچە چوڭ بولسا سودىمۇ شۇنچە ياخشى بولىدۇ.» دىگەن.
جېجىياڭلىق سودىگەرلەر «بازار ۋەزىيىتى يارىتىش» تەدبىرىنى قوللىنىشقا ناھايىتى ماھىر، ئۇلارئۆزىنىڭ ئەقىل – پاراسىتى ۋە كۈچىگە تايىنىپ ئۆزىگە پايدىلىق بولغان ۋەزىيەت،ھالەت ۋە يۆنىلىشنى يارىتىدۇ. سودا مەيدانلىرىدا «جاراڭلىق ئاۋاز ياڭرىتىپ»،رىقابەتتىكى ئەۋزەللىكىنى كۈچەيتىدۇ.
جېجىياڭ سودىگەرلىرى ئېلان – تەشۋىقات ئىشلىرىغا يۈكسەك نەزەر بىلەن قارايدىغان بولۇپ،ئۇلارچە ئېلان – تەشۋىقات مەھسۇلاتنىڭ بازارنىڭ قوبۇل قىلىشىشىغا ئېرىشىشىدىكى ماياك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
1996 –يىلى، ئوۋكاڭ گورۇھىدىكى ۋاڭ جېنبىياۋ مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى تەشۋىق قىلماقچى بوپتۇ. «ئوۋكاڭ ئاياغلىرىنى كىيىپ، ھەرتەرەپنى كىزىش» دىگەن تېمىدىكى ئېلان مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانىسسىداقويۇلغاندا، ئوۋكاڭ گورۇھىنىڭ بۇنىڭغا خەجلىگەن ئېلان چىقىمى مىليونغا يەتكەن ئىدى.
بۈگۈنكى كۈندە، ۋېنجۇنىڭ ئاياغچىلىق ۋە كىيىم – كىچەك كارخانىلىرىنىڭ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسىنىڭ ئېلان ھەققىگە خەجلەيدىغان پۇلى مىلياردقا يېقىنلىشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە جۇاڭجى ۋە باۋشىنىياۋنىڭ ئېلان چىقىمى 10 مىليوندىن ئاشىدۇ،
مېيتىس.باڭۋېينىڭ ئېلان چىقىمى 20 مىليونغا يىتىپ، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانىسسىنىڭ چوڭ ئېلان خېرىدارىغا ئايلانغان.
ۋېنجۇ رايونىغا بولغان يۈكسەك دىققەت – ئېتىبارنى چىقىش قىلىپ، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسى مەخسۇس گورۇپپا تەشكىللەپ ۋېنجۇغا كىلىپ ئېلان ئىستىراتىگىيىسى مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئېلان خېرىدارلىرىغا نىسبەتەن زىيارەت ئېلىپ بارغان.
ھازىرجېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ ئېلان بېرىشى تېخىمۇ ئەقلىيلەشتى، ئۇلار مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتىگە ئەھمىيەت بېرىپلا قالماستىن، يەنە نومۇرلارنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتىگە تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلىدىغان بولدى. قايسى نومۇرنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى يۇقىرى بولسا، ئۇلار شۇ نومۇرغا نەزىرىنى ئاغدۇراتتى؛ ئېلاننىڭ قايسى خىل قويۇلۇش شەكلىنىڭ ئۈنۈمى يۇقىرى بولسا، ئۇلار شۇ خىل قويۇلۇش شەكلىنى تاللايىتتى.
ۋېنجۇدىكى بىر كارخانىچى: «سودا قىلىشتا ئانچە – مۇنچە رەڭۋازلىقمۇ قىلىش كېرەك، <جاندىن كەچمىگۈچە جانانغا يەتكىلى بولماس> دىگەندەك، پايدا تېپىشتا ئاۋۋال ئازراق بەدەل تۆلەش كېرەك. ئىشنى ياخشى قىلغان كىشىلەرمۇ باشقىلارنىڭ بۇ ئىشنى ئۆزى قىلغانلىقىنى بىلمەي قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. شۇڭا تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ئۆزىڭىزنىڭ مەسھۇلاتىنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن، چوقۇم بازاردا ئانچە – مۇنچە سۈر كۆرسىتىپ، باشقىلارغا ئۆزىڭىزنىڭ مەۋجۇتلىقىنى بىلدۈرۈپ قويىشىڭىز كېرەك.» دىگەن.
مېيتىس.باڭۋېي گورۇھىنىڭ باش مۇدىرى قوشۇمچە باش لېدىرى جوۋچېڭجىيەن ئىلگىرى: «ئۆيدىكى ئالتۇنلارنى تەشۋىق قىلمىسىڭىز، باشقىلار بۇنى بىلمەيدۇ؛ ئۆيدە تاش بولۇپ، بۇنى ئالتۇن دەپ ئېلان بەرسىڭىز، بۇ چوقۇم ئەكىس تەسىر ئەكېلىدۇ.» دىگەن.
جوۋچېڭجىيەن بولسا بىر ئۆزىنى كۆرسىتىش مۇتەخەسسىسى. مېيتىس. باڭۋېي ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشكەن دەسلەپكى مەزگىلدە، بازارنىڭ ئېچىلىشى ناھايىتى كىچىككەن. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا،باش مۇدىر جوۋچېڭجىيەن سېتىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، كارخانىنىڭ سۈرىنى ئانچە –مۇنچە كۆرسىتىپ قويىدىغان ئامالنى ئويلاپ چىققان. بۇ خىلدىكى تەشۋىقات شەكلىگە تايىنىپ، مېيتىس. باڭۋېينىڭ سېتىش بازىرى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، ئاستا – ئاستا دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق ئازادە كىيىم ماركىسى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.
ئېلان –تەشۋىقاتنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، مېيتىس. باڭۋېي مەخسۇس 10 مېتىر ئوزۇنلۇقتىكى شاماللىق كىيىمىنى تىكىپ چىققان. بۇ شاماللىق كىيىم يەرلىكتىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىنى جەلپ قىلىپلا قالماستىن، يەنە ئۆلكە – شەھەرلەردىكى تېلېۋىزىيە ئىستانىسسى،گېزىتخانىلاردىكى مۇخبىرلارنىڭ كۆزىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان، ھەتتا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانىسسى «شەرقتكى زامان ۋە ماكان» پروگراممىسىمۇ كېلىپ مەخسۇس زىيارەت ئېلىپ بارغان. شۇنداق قىلىپ 10 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى شاماللىق كىيىم ۋەمېيتىس. باڭۋېي گورۇھىنىڭ باش مۇدىرى جوۋچېڭجىيەن بىرلىكتە تېلېۋىزور ئېكرانىدا پەيدا بولغان.
ئەڭ ئاخىرىدا بۇ شاماللىق كىيم «شاڭخەي دۇنيا جىنىس رىكورتى» قامۇسىغا كىرگۈزۈلۈپ،«ئۆزىنى كۆرسىتىش» كە ماھىر جوۋ چېڭجىيەنمۇ نامى چىققان «شاماللىق كىيىم پادىشاھى»غا ئايلانغان. بۇ ئېلاننىڭ تەسىرى مېيتىس. باڭۋېيغا نۇرغۇن ئىقتىسادىي كىرىم يارىتىپلا قالماستىن، يەنە بۇ كارخانىنىڭ بازاردىكى ئوبرازىنى يۇقىرى كۆتۈردى.
خۇددى جېجىياڭ سودىگەرلىرى قىلغانغا ئوخشاش، ئىشنى ياخشى قىلغانلارمۇ باشقىلارنىڭ ئۆزىنى بىلمەي قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. تىجارەتتە ھەرگىز ئۈن – تىنسىز بولۇشقا بولمايدۇ،مۇۋاپىق پەيتتە ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، ئىستىمالچىلارنىڭ سېتىۋېلىش ئىستىكىنى قوزغاش ناھايىتى مۇھىم.
باشقىچە ئېيىتقاندا، ئەگەر مەھسۇلاتنىڭ ئېلانى ھەقىقىي بولمىسا، چوقۇم ياخشى بولمىغان تەسىر ئەكىلىدۇ.مەھسۇلات سۈپىتىنىڭ ئەلا بولۇشى داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلاتلارنىڭ تۈپكى كاپالىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر بىر مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتى لاياقەتسىز ياكى مۇقىم بولمىسا، تەشۋىقاتقا خەجلىگەن پۇلمۇ بېكارغا كېتىدۇ. خېرىدار ئەڭ ياخشى باھا بەرگۈچى. سىزنىڭ مەھسۇلاتىڭىزنىڭ سۈپىتى ياخشى بولسا، ئىستىمالچى سىزنى يۈكسەلدۈرەلەيدۇ؛ ئەگەر مەھسۇلاتىڭىزنىڭ سۈپىتى ناچار بولسا، خېرىدار يەنە سىزنى ۋەيران قىلىۋىتەلەيدۇ.
**زىيان تارتىش قورقۇنچلۇق ئەمەس، قورقۇنچلىقى توختاپ قېلىش
جېجىياڭ خەيلىياڭ گورۇھىنىڭ مۇدىرىيەت رەئىسى ئىلگىرى: «جېجىياڭ سودىگەرلىرى زىيان تارتىشتىن قورقمايدۇ، سودا قىلىشتا دائىم زىيان تارتىش بولۇپ تۇرىدۇ. بىزنىڭ قورقىدىغىنىمىز بولسا سەرمايىنىڭ يۈرۈشمەسلىكى، توختاپ قالساقلا تۈگەشكىنىمىز شۇ!»دىگەن.
جېجىياڭلىقلار تىجارەت قىلغاندا، ئۆزىنىڭ سەرمايىسىنى توختىماستىن يۈرۈشتۈرۈش، جانلىق ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، ۋاقىتلىق زىيان چىقىدىغان ئىش بولسىمۇ، قولىدىكى سودىنى توختاتمايدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، زىيان چىقسا يەنە ئورنىنى تولدۇرۋالغىلى بولىدۇ، بىراق تىجارەت توختاپلا قالسا پۇل تاپىدىغان پۇرسەتكىمۇ ئېرىشكىلى بولمايدۇ.
جېجىياڭ ۋېنجۇدىكى خۇ لىمىڭ بولسا ئەڭ بۇرۇن جەنۇبى ئافرىقا بازىرىنى ئاچقان جېجىياڭلىق سودىگەر .ئۇ ئەينى ۋاقىتتا جۇڭخۇامېن سودا بازىرىنى جەنۇبى ئافرىقىغا ئېلىپ كىرگەن. گەرچە ئۇ ۋاقىتتا جۇڭخۇامېن سودا بازىرى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاياغلاشقان بولسىمۇ، بىراق خۇلىمىڭ قەتئىي توختاپ قالمىغان.
خۇلىمىڭ:«پۇل يوق ۋاقىتتا جان تىكىپ پۇل تېپىش كېرەك، پۇل بولغاندىن كىيىن قېرىنداشلار ئۈچۈن ئازراق ياخشى ئىش قىلىپ بېرىش كېرەك.» دەيدۇ. خۇلىمىڭ ۋېنجۇ سودىگەرلىرىنىڭ«زىيان تارتسىمۇ، توختاپ قالماسلىق» دىگەن ئىدىيىسى بۇيىچە، جەنۇبى ئافرىقىدا توختىماستىن سودا پۇرسىتى ئىزدىدى ھەمدە زور غەلبىگە ئېرىشتى.
ئەينى ۋاقىتتا، ئۇلار ئافرىقا بازارلىرىدا باش كۆتۈرۈپ چىقماقچى بولغان، بىراق ئويلىمىغان يەردىن ئىش ئۇلار ئويلىغاندەك ئاسان بولمىغان. ئەينى ۋاقىتتا ئۇ جەنۇبى ئافرىقا بازىرىنى چۈشەنمىگەچكە، ھەمدە باشقۇرۇش تەجىرىبىسىنىڭ كەمچىللىكى قوشۇلۇپ،جۇڭخۇامېن سودا شەھەرچىسىنىڭ روناق تاپالماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۇ جاپا –مۇشەققەتتە جۇغلىغان مىليوندىن ئارتۇق مەبلىغىمۇ كەلمەسكە كەتكەن.
خۇلىمىڭ:«بىز زىيان تارتىشتىن قورقمايمىز. جېجىياڭدا بىر قەدىمىي ئىبارە بولۇپ، بىز سودىگەرلەر زىيان تارتىشتىن قورقمايمىز، پەقەت توختاپ قېلىشتىن قورقىمىز. توختاپ قالساقلا تۈگىشىمىز، زىيان تارتساق يەنە سودا پۇرسىتىنى ئىزدىسەك بولىدۇ» دىگەن.
بىر يىلدىن كىيىن ئۇتتۇرغىنىغا تەن بەرمەيدىغان خۇلىمىڭ ۋە يەنە بىر توپ كۆرەشچان جېجىياڭ سودىگەرلىرى بىرلىكتە، شەھەر مەركىزىدىن نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا يەنە بىرجۇڭگو توپ ۋە پارچە سېتىش بازىرىنى قۇرۇپ چىققان. بازار تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاچقا،سودىسىمۇ ناھايىتى ياخشى بولغان.
ئۇلارنىڭ يىتەكلىشى ئارقىسىدا بىر توپ جېجىياڭ سودىگەرلىرى جەنۇبى ئارفرىقىغا كىلىپ سودا قىلىشنى باشلىغان. نۆۋەتتە جەنۇبى ئافرىقىدا تەخمىنەن بەش مىڭچە جېجىياڭلىق سودىگەر بولۇپ، كۆپ قىسىمى ئاياغچىلىق،كىيىم – كىچەك ۋە تۈرلى ماللار سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
جېجىياڭلىقلارنىڭ كارخانىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۇسۇلى دەل مۇشۇنداق، گەرچە ۋاقتىنچە ئۇلارنىڭ سودىسى تازا ياخشى بولمىسىمۇ، بىراق ئۇلار ھەرگىز ئۆزىنىڭ زاۋۇتى ۋە كارخانىلىرىنى ئىشتىن توختىتىپ قويمايدۇ. ئەقىللىق جېجىياڭ سودىگەرلىرى شۇنى بىلىدۇكى، ئەگەر ئىشتىن توختاپلا قالسا، قول ئاستىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ كەيپىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا ئۇلار زىيان تارتسىمۇ ئىشلەپچىقىرىشنى توختاتمايدۇ.
جېجىياڭ نىڭبودىكى بىر كارخانىچى ئىلگىرى: «بىز جېجىياڭلىقلارنىڭ ئىشلىرىنىڭ شۇنچىلىك روناق تېپىشىدىكى سەۋەب، جاپا – مۇشەققەتتىن قورقمايدىغانلىقىمىزدىن باشقا، يەنە بىزنىڭ قېنىمىزدىكى چىدامچانلىق، ئىزچىللىقتىن ئىبارەت.» دىگەن.
ۋەنكې گورۇھىنىڭ باش مۇدىرى ۋاڭ شىسېڭ ئىزچىللىقنىڭ مۇھىملىقىنى مۇنداق تەسۋىرلىگەن:«تاغقا چىقىش مەلۇم جەھەتتىن بۇ ھاياتنىڭ قىسقارتىلمىسى ۋە ئوخشىشى. باشلانغاندا دائىم نىشان ئۇزاق، مۇشەققەتلىك بىلىنىدۇ، چۈنكى تاغقا چىقىش جەريانى ناھايىتى جاپالىق، مەنىسىز، سىز ھەردائىم ۋاز كېچىشنى ئويلايسىز. تاغقا چىقىشتىكى ئەڭ مۇھىم ھالقا ئىزچىللىق. تۇرمۇشمۇ دەل شۇنداق، نۇرغۇنلىغان ئىشلاردا بىز ئىزچىللىق بىلەن داۋاملاشتۇرالمايمىز، مۇۋەپپەقىيەت ۋە مەغلۇبىيەت پۈتۈنلەي تۇرمۇشقا تەڭداش ئەمەس.تاغقا چىقىشتىكى نىشانمۇ ناھايىتى ئاددى، يەنى چىقالمىساق چۈشىشىمىز لازىم. بىراق تۇرمۇش ئوخشىمايدۇ، ئۇنىڭدا نۇرغۇنلىغان تاللاش بار، ئېزىتقۇلارمۇ كۆپ، بۇ دەل كىشىلىك ھاياتنىڭ قىسقارتىلىشى.» دىگەن.
ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئۆزى غەلبە. بىراق ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرالايدىغان كىشىلەر ناھايىتى ئاز. شۇ سەۋەبتىن، پەقەت ئاز ساندىكى كىشىلەرلا غەلبە قازىنالايدۇ، كۆپ قىسىم كىشىلەر مەغلۇبىيەت بىلەن ھاياتىنى تۈگەللەيدۇ. جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ تەپەككۇرىدا، شىجائەت ئاللىقاچان ئۇلارنىڭ پوزىتسىيىسىگە ۋە تۇرمۇش شەكلىگە ئايلىنىپ كەتكەن.ئۇلار ئۆز كارخانىسىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى بىلىدۇ، بىراق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، جاسارەت بىلەن مەسلىنى ھەل قىلىشنى خالايدۇ.
نىڭبو بوداۋ پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى قوشۇمچە باش لېدىرى تۇلىخۇا: «مېنىڭ ھەرقانداق ئادەمدىن كۈچلۈك بولۇشۇم ناتايىن، بىراق مەلۇم جەھەتتە ئىزچىللىقىم باشقىلارنىڭكىدىن ئوزۇن بولۇشى مۇمكىن، بەلكى بۇ مېنىڭ غالىبلاردىن بولۇشۇمنىڭ سەۋەبى» دىگەن.
تىجارەت قىلىش جەريانى ئەمەلىيەتتە جاسارەت ۋە شىجائەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش جەريانى.ئەمەلىيەتتە تىجارەتتە ھېچقانداق مەخپىيەتلىك يوق، پەقەت ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش،ھەرگىز توختاپ قالماسلىق كېرەك. ۋاقىتلىق زىيانلارغا ئېرەن قىلماسلىق كېرەك،شۇندىلا تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
***بازار چاققاننىڭ، شۇڭا يولنى تىزراق مېڭىش كېرەك
كاڭنەي گورۇھىنىڭ باش مۇدىرى جېڭ شىيۇكاڭ ئىلگىرى: «سودا قىلشتا مۆلچەر توغرا، قول سېلىش تىز بولۇشى، ھەممە ئىشتا ئالدىدا مېڭىشقا جۈرئەت قىلىش، كونكرىت بولۇپ، ھەربىر قەدەمنى پۇختا بېسىش، ئېھتىياج بەرپا قىلىپ، جەمئىيەتكە بەخت يارىتىش كېرەك» دىگەن.
كۆپچىلىك ھەممىسى «چوڭ بېلىق كىچىك بېلىقنى يەيدۇ» نىڭ بازار رىقابىتىدىكى ئومۇمىي قائىدىسى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. ھالبۇكى، بازاردىكى تىجارەت يولىنى چوڭقۇر چۈشەنگەن جېجىياڭ سودىگەرلىرى بىر يېڭى بازار ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويغان:
بۈگۈنكى ئىقتىساد دەۋرىدىكى رىقابەت ‹چوڭ بېلىقنىڭ كىچىك بېلىقنى يىيىشى›دە ئەمەس، بەلكى ‹تىز بېلىقنىڭ ئاستا بېلىقنى يەيدىغان›لىقىدا. جېجىياڭلىقلاردا دەل مۇشۇ خىل «تىز بېلىق» روھى بولغاچقا، ئۇلار جېجىياڭنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتىنى ياراتقان.
جېجىياڭ خوڭيۈەنۋۇ توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جۇ شىيۇرېننىڭ مۇنداق بىركەچۈرمىشى بولغان. بىر قېتىم ئۇ لىشۈي شەھىرىنىڭ سودىگەر چاقىرىش ئۆمىكىگە ئۇچراپ قاپتۇ، ئۇ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى خىزمەتچى خادىمدىن: «ئەگەر مەن لىشۈيگە بېرىپ كارخانا قۇرسام، تەكشۈرۈش – تەستىقلىتىشقا قانچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ؟» دەپ سوراپتۇ.
خىزمەتچى خادىم ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: «قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا سىزنىڭ كارخانىڭىزنىڭ تەكشۈرۈش –تەستىقلاش ئىشلىرىنى تۈگەتكىلى بولىدۇ، سىز بىر تەرەپتىن تەكشۈرتۈپ، بىر تەرەپتىن زاۋۇت ئۆيلىرىنى سالسىڭىز بولىدۇ.» دەپتۇ.
جۇ شىيۇرېن ئۇلاردىن يەنە: «ئەگەر كارخانىدا مەبلەغ يېتىشمەي ئىشلەپچىقىرىشقا ئامالسىز قالسا،قانچىلىك ۋاقىتتا ھەل قىلغىلى بولىدۇ؟» دەپ سوراپتۇ.
«دەرھال ھەل قىلغىلى بولىدۇ!»
ياخشى!سىلەرنىڭ ئىش بېجىرىش سۈرئىتىڭلار مېنى قانائەتلەندۈردى. مەن جېجىياڭ ۋېنجۇلۇق،بىز ئىشلارنى تىزرەك بېجىرىشنى، ‹ۋېنجۇ سۈرئىتى›نى تەكىتلەيمىز، ھەرگىزمۇ ۋاقىتنى سوزمايمىز! مەن سىلەرنىڭ ئۇ جايغا بېرىپ كارخانا قۇرىمەن، دەرھال ماڭا 60 مو يەربېرىڭلار!» دەپتۇ.
دەرھال ئىشنى باشلاش كېرەك. ئۇ كۈدە – كۆرپىسى ۋە شىركەتتىكى بىر قىسىم كىشىلەرنى باشلاپ تىزلىكتە لىشۈي شەھەرلىك ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ شۈيگې سانائەت رايونىغا كىرىپ ئورۇنلىشىپتۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ خىزمەتچىلىرىگە «ماماتلىق بۇيرۇقى» چۈشۈرۈپ: «بىزچوقۇم ‹ۋېنجۇ›سۈرئىتىنى لىشۈيگە ئېلىپ بېرىشىمىز، ئالتە ئاينىڭ ئىچىدە سېمونت –خىش قۇرۇلمىلىق زاۋۇت ئۆيىنى پۈتكۈزۈپ، شۈيگې سانائەت رايونىدىكى باشقا كارخانىلاردىن بۇرۇن ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشىشىمىز كېرەك.» دەپتۇ.
قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان مەزگىلدە، ئۇ ھەر كۈنى قۇرۇلۇش خىزمەتچىلىرى بىلەن ياتاق – تاماق،ئەمگەكتە بىرگە بولۇپ ناھايىتى ئالدىراش بولىدىكەن.
ئۇ ئۆزىنىڭ خىزمەتچىلىرىگە: «كارخانا بىر كۈن ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشسە، بىر كۈن بۇرۇن ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىدۇ، بىر كۈن ۋاقىتنى زايە قىلىش پۇلنى ئىسراپ قىلغانلىققا باراۋەر! بىر كارخانىنىڭ يېرىم يىل بالدۇر ئىشقا كىرىشكىنى بىلەن بىر يىل كىيىن ئىشقا كىرىشكىنىنىڭ ئاسمان – زىمىن پەرقى بار. بىز ۋېنجۇلۇقلار چوقۇم ‹ۋېنجۇ سۈرئىتى›نى لىشۈيگە ئەكىلىشىمىز، ئىش قوشۇپ ئىشلەپ، بارلىق ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ زاۋۇت ئۆيىنى بالدۇر پۈتتۈرۈپ چىقىشىمىز كېرەك...» دىگەن.
قىش مەزگىلىدە لىشۈينىڭ ھاۋاسى ناھايىتى سوغۇق ئىدى. قۇرۇلۇش خىزمىتىنىڭ يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، جۇ شىيۇرېن ھەر كۈنى ناھايىتى سەھەر ئورنىدىن تۇرۇپ يىغىلىپ قالغان قارنى تازىلايىتتى. 2003 – يىل 4 – ئاينىڭ بېشىدا، زاۋۇت ئۆيىنىڭ ئۆگزىسى تېخى پۈتمەستىنلا، ئۇ ئىشچىلارغا يىتەكچىلىك قىلىپ زاۋۇت ئۆيىگە كىرىپ زاۋۇت ماشىنىلىرىنى قۇراشتۇرۇشقا باشلايدۇ. ئۇ ۋاقىتتا دەل سىم – سىم يامغۇرلىق كۈن بولۇپ، ئۇ ۋە ئىشچىلار يامغۇرنى كۆرگەندىن كىيىن ئالدىراپ قۇراشتۇرۇشقا باشلىدى. ئەگەر يامغۇر چوڭىيىپ قوراشتۇرۇشقا ئامال بولمىسا، ئۇلار ماشىنا –ئۈسكۈنىلەرنى يېپىپ قويۇپ، باشقا ئىشلارنى قىلاتتى.
ئوزۇن ئۆتمەستىن زاۋۇت قۇرۇلۇشى پۈتتى. لىشۈي شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى جېن رېنتاڭ جېجىياڭ خۇڭيۈەنۋۇ توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشقان. ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا جۇشىيۇرېننىڭ قولىنى سىقىپ: «ناھايىتى قالتىس!سىلەر بەش ئايدىلا زاۋۇت ئۆيىنى پۈتتۈردۈڭلار، ھەقىقەتەن ئسمى – جىسمىغا لايىق‹ۋېنجۇ سۈرئىتى›ئىكەن.» دىگەن.
جېجىياڭ ۋېنجۇدىكى بىر كارخانىچى: «تىز بېلىققا ئايلىنىشتا، چوقۇم ئىدىيىنى تازىلاش،پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، مۇھىم نۇقتىنى تۇتقا قىلىش، خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشقا،خاتالىق ئۆتكۈزۈشكە جۈرئەت قىلىش لازىم. رىقابەت دەۋرىدە رىقابەتنىڭ چېگراسى ئاستا– ئاستا يوقىلىدۇ، سودا مەيدانى سودا دېڭىزىغا ئايلىنىدۇ، جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ كەلگۈسى ئۇلارنىڭ ‹تىز بېلىق ئاستا بېلىقنى يەيدىغان›رىقابەت مۇھىتىدا غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈش – كەلتۈرەلمەسلىكىگە باغلىق.» دىگەن.
ھەرىكەتلىنىش ھاياتلىقنى ساقلىغانغا باراۋەر، تىز سۈرئەتتە ھەرىكەتلىنىش ھاياتلىقنى پۈتۈنلەي ساقلىغانغا باراۋەر. ئەگەر سىزنىڭ سۈرئىتىڭىز تىز بولمىسا،ھەمدە ئۆزگىرىشكە ماسلىشالمىسا، ئۇ ھالدا سىز چوقۇم ئاجىزلاردىن بولىسىز. دۇنياداھەر بىر دۆلەتتىكى ھەر بىر كارخانىغا نىسبەتەن بۇ مۇتلەق توغرىدۇر.
جېجىياڭ سودىگەرلىرى ئەقىدە قىلىۋاتقان ئىدىيە ئىزچىل «بىر قەدەمنى ئاۋۋال ئالسا،مەغرىبتىن – مەشرىققىچە كەزگىلى بولىدۇ. بىر قەدەم ئارقىدا قالسا، ئازراقمۇ ئىلگىرى باسالمايدۇ»دىگەن قاراشتىن ئىبارەت. جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ يۈرۈش – تۇرۇشى، گەپ – سۆزلىرىدىن بىر خىل «تىز سۈرئەت» ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ.
«شۇاڭشىڭ دادىلار كىيىمى»، «شۇاڭشىڭ ئانىلار كىيىمى» 2002 – يىللىرى دۆلەت ئىچىدە خېلى چوڭ بازارنى ئىگەللىگەن. باشقا ئاياغ تىكىش كارخانىلىرى ئوخشاش مەھسۇلاتلارنىڭ ماركىسىدا ياخشى ئىسىملارنى ئاۋۋال ئالالمىغان ۋاقىتتا، شۇاڭشىڭ ئۆزىنىڭ خۇرۇم ئاياغلىرىغا «ياخشى دادىلار ئايىغى»، «ياخشى ئانىلار ئايىغى» قاتارلىق ئىسىملارنى قويۇپ بازاردىكى ئورنىنى مۇقىملاشتۇرغان، دەل مۇشۇ خىلدىكى «ئاۋۋال قول سېلىش»بولغاچقا، ئۇلار بىر قەدەر چوڭ بازارغا ئېرىشىپ، مۆلچەرلىگىنىدىنمۇ كۆپرەك پايدىغا ئېرىشكەن.
ئاۋۋال قول سېلىش ئىستىراتىگىيىسىنىڭ مەنىسى «ئاۋۋال» دا، قىممەتلىك يېرى بولسا «قول سېلىش»تا، چۈنكى سودا پۇرسىتى ۋاقىتلىق، چەكلىك بولىدۇ، بەزىدە ھەتتا كۆزنى يۇمۇپ –ئاچقۇچە يوقىلىپ كېتىدۇ.
ئاۋۋال بىرقەدەم ئالغاندا، باشقىلارنىڭ ئالدىغا نۇرغۇن قەدەم ئۆتكىلى بولىدۇ؛ ئاۋۋال بىرقەدەم ئالغاندا، پۇلنىمۇ ئاۋۋال تاپقىلى بولىدۇ. ھازىرقى زامان سودىسى سۈرئەتكە ناھاىيتى ئېتىبار بېرىدۇ، تىز سۈرئەتتە ھەرىكەتلىنىپ باشقىلارنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان ئۇسۇل ھەرگىزمۇ دەۋر تەرىپىدىن تاشلىنىپ قالمايدۇ.
بىر داڭلىق كارخانىچى ئىلگىرى: «سودىنىڭ سۈرئىتى ئۇچۇر تارقىلىش مۇھىتىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ. بىراق رەقەملىك ئەسۋابلارنى ئىشلىتىپ بۇ ئۇچۇرلارنى نۇر تىزلىكىدە يەتكۈزگەندە، بىردىنبىر چەكلىمىلىك سىزنىڭ ئۆز بىلىمىڭىزدىن قانداق پايدىلىنىش،يۈز بەرگەن ئىشلارغا نىسبەتەن بولغان ئىنكاسىڭىزدا كۆرۈلىدۇ. سىز چوقۇم ئۆزىڭىزنىڭ بارلىق ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ توغرا ئۇسۇل بىلەن يېڭى مەھسۇلات لايىھەلىگەنلىكىڭىزگە كاپالەتلىك قىلىشىڭىز كېرەك>>دىگەن ئىدى.
«تېز بېلىق ئۇسۇلى» جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ غەلبە قازىنىشىدا كەم بولسا بولمايدىغان تىجارەت ۋاستىسى، ئۇلارنىڭ بازار رىقابىتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى غالىپ بولۇشىدىكى مۇھىم ئالدىنقى شەرت.
****تەجىرىبە – پۇل تېپىشتىكى «تۇزاق»
جېجىياڭ سودىگەرلىرى تىجارەتتە تەجىرىبىگە ناھايىتى ئېتىبار بېرىدۇ. تارىختىن بۇيان جېجىياڭ سودىگەرلىرى ناھايىتى قوللىنىشچان سودا ماقال – تەمسىللىرى ۋە تەجىرىبىلىرىنى خۇلاسىلەپ چىققان، بۇ تەجىرىبىلەر پۈتۈنلەي جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزۈشى ئارقىلىق ئېرىشىلگەن. بۇ قىممەتلىك تەجىرىبىلەر سودىگەرلەرنى يول تېپىشقا ۋە ئاۋارىچىلىقتىن ساقلىنىشقا يىتەكلەپ تۇرىدۇ.
بىراق جېجىياڭ سودىگەرلىرى بۇ تەجىرىبىلەرگە ھەددىدىن زىيادە تايىنىۋالمايدۇ، ئۇلار كونا قائىدىلەرگە ئېسىلىۋالماسلىق توغرىسىدىكى قائىدىلەرنى بىلىدۇ. جېجىياڭلىق بىركارخانىچى ئىلگىرى: «سودىگەرلەر بازارنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىشكە ماھىر بولۇشى، پۇرسەتنى ئالدىن ئىگەللەشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك. ئۆزگىرىش يۈز بېرىشتىن بۇرۇن ھۇشىيارلىق بىلەن ئىشنىڭ تەرەققىيات يۆلىنىشىنى ئىگەللەپ، باشقىلاردىن بىرقەدەم بۇرۇن تەييارلىق قىلىش كېرەك. تەجىرىبىگە قارىغۇلارچە تايىنىۋېلىش ئاقىلانىلىك ئەمەس، تەجىرىبىمۇ بەزىدە تىجارەتتىكى قىلتاققا ئايلىنىپ قالىدۇ.»دىگەن.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاياللارنىڭ بىزەك بۇيۇملىرى دۇكىنى ئىستىمالچىلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى، بازاردىمۇ ناھايىتى چوڭ تەرەققىيات بوشلۇقى بارئىدى. ئەمما جېجىياڭدىكى ئايالچە ئىسىم قويۇلغان فۇشۆگاڭدا بىرەيلەن مەخسۇس ئەرەنچە بىزەك بۇيۇملىرى دۇكىنى ئاچتى.
دۇكان ئىگىسىنىڭ قارىشىچە، ئەرەنچە بىزەك بۇيۇملىرىنىڭ تىجارەت بوشلۇقى تېخىمۇ چوڭكەن.ئىلگىرى نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئۆزىنىڭ تىجارەتتىكى تەجىرىبىسىگە تايىنىپ تۈرلەرنى تەرەققىي قىلدۇرغان بولۇپ، تەجىرىبە بولسىلا تۈر ئېچىشتا ناھايىتى ئاسان غەلبە قىلغىلى بولىدۇ دەپ قارايدىكەن. دەل مۇشۇ خىلدىكى تەجىرىبىلەرنىڭ چەكلىمىلىكى تۈپەيلىدىن دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىيەلمەي، تىجارەت كۆز – قارىشىنى يېڭىلىماسلىقنىڭ زىينى ناھايىتى چوڭ ئىكەن.
بىر يېرىم ئايلىق تىجارەت ئارقىلىق، بۇ كىچىك دۇكاننىڭ بىر قىسىم چۆپقەتلىرىمۇ پەيدا بوپتۇ،ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە نۇرغۇنلىغان ئاياللار دۇكانغا كېلىپ سوۋغاتلىق ئەرەنچە بىزەك بۇيۇملىرىنى سېتىۋالىدىغان بوپتۇ. دۇكان ئىگىسى: «مېنىڭ ھازىر ئىشەنچەم ئاشتى،ئەمدى مۇۋاپىق بىر سودا سارىيىدىن مەخسۇس دۇكان ئېلىشنى ئويلىشىۋاتىمەن،ئىشقىلىپ ھازىر بۇ كەسىپنى قىلىدىغانلار كۆپ ئەمەس.» دىگەن.
نۇرغۇنلىغان سودىگەرلەر ئاياللار ۋە بالىلار مەھسۇلاتلىرى سودىسىدا پۇلنى ئاسان تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى بىلگەچكە، كۆپ قىسىم تىجارەتچىلەر مۇشۇ ئىككى خىل ئادەمنى ئاساس قىلىپ ئىش باشلايدۇ. بىراق بۇ خىل سودىنى قىلىدىغانلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ،بازارمۇ تويۇنۇپ كەتكەن. تىجارەتچىلەر كۆپ بولسا، پايدىمۇ ئازىيىپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەقىللىق دۇكان خوجايىنى يېڭى چىقىش يولى ئىزدەپ، ئەر ئىستىمالچىلار توپىغا دىققەت – نەزىرىنى ئاغدۇرغان، چۈنكى ئەرلەر ئائىلە ئىقتىسادىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەسى. ئەرلەر تاۋار تاللىغاندا ناھايىتى ئەقلىي بولىدۇ، ئۇلار «ئاز بولۇش، ساز بولۇش پىرىنسىپى» ئاساسىدا تاۋار سېتىۋالىدۇ. بۇ نوقتا ئەقىللىق سودىگەرلەرنى «قول سېلىش نوقتىسى» بىلەن تەمىنلىگەن، يەنى ئۇلار سۈپىتى ياخشى، يۇقىرى باھالىق مەھسۇلاتلارنى كىرگۈزگەن.
بۇنداقتا،گەرچە ئەر ئىستىمالچىلار سان جەھەتتە ئايال ئىستىمالچىلارغا يەتمىسىمۇ، بىراق بىرلىك تاۋارنىڭ پايدىسى ناھايىتى يۇقىرى ئىدى. بۇ دۇكان خوجايىنىنىڭ ئۆزگىچە تەپەككۇر شەكلىنى ئىپادىلەپ بەرگەن.
«قولۋاققا بەلگە سېلىپ خەنجەر ئىزدەش» قائىدىسنى ھەممەيلەن بىلىدۇ، زامان ۋە ماكاننىڭ ئۆزگىرىشى شەكىل ۋە ئىشلارنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. سودا قىلىشتىمۇ ئوخشاشلا پىرىنسىپ، يەنى شەكىل ۋە ئىشلارنىڭ ئۆزگىرىش شەرتى ئاستىدا، ئەسلىدىكى ئۇسۇل بۇيىچە ھەل قىلىش چارىسىنى ئىزدەش، قانچىلىك ياخشى ئامال بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئادەمنىڭ كۈچىنى خورىتىدۇ، ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىدۇ.
جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ قارىشىچە، تىجارەتتە تەجىرىبىگە تايانغاندا ئۆزىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ، بىراق سودىنىڭ قائىدىسى دائىم ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، بۇرۇنقى تەجىرىبىلەر ئېھتىمال بۈگۈنكى جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلاشماسلىقى مۇمكىن. بۈگۈنكى كۈندە، «ئاستىلاپ، بىر قاراش، ئاندىن ئۆتۈش» تەك سودا ئۇسۇلىنى قايتا قوللىنىشقا بولمايدۇ. جېجىياڭ سودىگەرلىرى تەجىرىبىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ، بىراق قائىدىلەرگە ئېسىلىۋالمايدۇ، مۇۋاپىق دەرىجىدىكى «بۆسۈپ ئۆتۈش»ئۇلارنىڭ غەلبە قازىنىشتىكى چارىلىرىنىڭ بىرى.
جوۋ دافۇ ئۈنچە – مەرۋايىت چەكلىك شىركىتىنىڭ رەئىسى جېڭ يۈتوڭ ئىلگىرى: «تەجىرىبە سودىدا غەلبە قازىنىشتىكى بىر ئەڭگۈشتەر. بىراق ئۇنىڭغا قارىغۇلارچە تايىنىشقا بولمايدۇ،چۈنكى تەجىرىبىمۇ سودىدىكى قىلتاققا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. باشقۇرغۇچىلارنىڭ تەدبىر بەلگىلىشى كۆپ سانلىق كىشىلەرنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاش، ئاز سانلىق كىشىلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىش ۋە ئۆزى قارار قىلىش ئارقىلىق شەكىللەنگەن» دىگەن.
ئەقىللىق جېجىياڭ سودىگەرلىرى تەجىرىبىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ، بىراق تەجىرىبىگە تايىنىۋالمايدۇ. ئۇلار تەجىرىبىدىن بۆسۈپ ئۆتۈشكە جۈرئەت قىلىپ، بازار ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ تەجىرىبىگە قارىتا تەڭشەش ئېلىپ بېرىشقا ماھىر كېلىدۇ.
*****************************
تەرجىمە قىلغۇچى:ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى
تەرجىمان:ئابدۇللا ئۆمەر
تەرجىمە تەھرىرى:رەيھانگۈل نىزام
مەنبە:بېيجىڭ سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋىرستىتى2013-يىلى 6-ئايدا نەشىر قىلغان خەنچە ‹‹ جېجاڭ سودىگەرلىرىنى غەلبىگە باشلىغان 22 تۈرلۈك سودا قائىدىسى››ناملىق كىتاب
2015-يىلى 4-ئاي