نامراتلار رىقابەتچىنى يوقىتىشنى ئويلايدۇ، بايلار رىقابەتچىنىڭ ئارتۇقچىلىقىدىن پايدىلىنىشنى ئويلايدۇ
نامراتلار قوي تەبىئەتلىك،بايلار بۆرە تەبىئەتلىك بولىدۇ
( بىرىنچى كىتاپ )
6-باپ 9-پارىگىراپ
نامراتلار قانداق قىلىپ رىقابەتچىنى يوقىتىشنى ئويلايدۇ، بايلار قانداق قىلىپ رىقابەتچىنىڭ ئارتۇقچىلىقىدىن
پايدىلىنىشنى ئويلايدۇ
سىز قانداق پوزىتسىيە بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ رىقابەتچىسىگە مۇئامىلە قىلىسىز؟
چىشىڭىزنى بىلەپ، ئۆچمەنلىك بىلەن ھەر ئاماللارنى ئويلاپ ئۇنى يوقىتىۋىتەمسىز ياكى سەمىمىيلىك ۋە كەمتەرلىك بىلەن ئۇنىڭ سىزدە بولمىغان ئارتۇقچىلىقىنى ئۆگىنەمسىز؟
نامراتلاربىلەن بايلارنىڭ بۇنىڭغا تۇتقان پوزىتسىيىسى ئېنىقلا ئوخشىمايدۇ. ئومۇمەن قىلىپ ئېيىتقاندا، نامراتلار ئۆزىنىڭ رىقابەتچىسىگە قارىتا بىر خىل دۈشمەنلىك، سوغۇق ۋە ئېھتىيات قىلغان رەۋىشتە مۇئامىلە قىلىدۇ. ئۇلار رىقابەتچىسىنىڭ ئۆزلىرىدىن ياخشى،ئۆزلىرىدىن كۈچلۈك بولۇشىنى كۆرەلمەيدۇ، پەقەت ئۆزىنىڭ رىقابەتچىسىگە يەتمەيدىغان تەرەپلىرىنى بايقىسىلا پۇرسەت تېپىپ رىقابەتچىسىنى يوقىتىشنى ئويلايدۇ، «سەن ئۆل،مەن تىرىلەي» دىگەن پوزىتسىيەدە رىقابەتچىسىگە يۈزلىنىدۇ. نامراتلارنىڭ ئۆزىنىڭ رىقابەتچىسىگە ئىللىق كۈلۈمسىرىشى، ئۇلار بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشىشى ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس.
بايلار قەتئىي ئوخشىمايدۇ. ئۇلار رىقابەتچىسىنى يوقىتىۋەتكەندە ئۆزىنىڭ يولىنى توسۇپ قويىدىغانلىقىنى، ئۆزىگە پايدا ئەكىلەلمەيلا قالماستىن، يەنە ھەر ئىككىلا تەرەپنىڭ مەغلۇب بولۇشىدەك ئېچىنىشلىق ئەھۋالنىڭ كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ھەر ئىككى تەرەپنىڭ مەغلۇب بولغىنىدىن كۆرە، رىقابەتچىسى بىلەن ياخشى، ئىناق ئۆتۈش،كەمتەرلىك بىلەن ئۇلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت تەجىرىبىلىرى ۋە مەغلۇبىيەت ساۋاقلىرىنى ئۆگەنگەن ئەۋزەل، پەقەت شۇنداق قىلغاندىلا، ئۆزىمىز ئوزۇن مەزگىللىك تەرەققىياتقا ئېرىشەلەيمىز.
قەدىمدىن –ھازىرغىچە بولغان تارىختىكى ئەڭ ئاخىرىدا ئۇتۇپ چىققان تەرەپ جەزمەن رىقابەتچىسىدىن ئۆگىنىشكە ماھىر تەرەپ. بىز بۇ يەردە ھارلىي شىركىتى بىلەن ئۇنىڭ رىقابەتچىسى خوندا شىركىتى ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەت ئەندىزىسىنى كۆرۈپ باقايلى.
ھارلىي بىلەن خوندا ئىككىسى دۇنياغا داڭلىق ماركىلار. 1982 – يىلى، ياپونىيە خوندا شىركىتىنىڭ ئامېرىكا ئېغىر تىپتىكى موتوسىكىلىت بازىرىدىكى بازار ئىگەللەش نىسبىتى%40 گە يەتكەن بولۇپ، ھارلىي شىركىتىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك رىقابەتچىسى ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا، موتوسىكىلىت ھەۋەسكارلىرىنىڭ نەزىرىدە ياپونىيەنىڭ خوندا موتوسىكىلىتلىرىنىڭ ياسىلىشى سىپتا، باھاسى ئەرزان بولۇپلا قالماستىن، يەنە سۈپىتىمۇ ھارلىي موتوسىىلىتىدىن ناچار ئەمەس ئىدى.
بۇ خىل رىقابەتكە ئۇچرىغان ھارلىي شىركىتى دائىم يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر ئۇچرىشىش يىغىنى ئاچاتتى. خوندادىن ئىبارەت بۇ رىقابەتچىسىنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالىنى بىلىش،ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن، ھارلىي شىركىتى بىر ئاساسلىق باشقۇرغۇچىنى خوندا شىركىتىنىڭ ئامېرىكىدىكى زاۋۇتىغا زىيارەتكە ئەۋەتىدۇ. بۇ باشقۇرغۇچىنى ھەيران قالدۇرغىنى، ئۇ بۇ زاۋۇتتا كومپيۇتېرنىمۇ، ماشىنا ئادەمنىمۇ كۆرەلمەيدۇ،بارلىق ئىشلارنىڭ قەغەزگە خاتىرىلىنىدىغانلىقىنى بايقايدۇ.
تەپسىلىي تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ مەسئۇل خادىم مۇنداق چوڭ پەرىقنى بايقىغان :خوندا موتوسىكىلىتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش لېنىيىسىدە لاياقەتسىز بولۇش نىسبىتى ئارانلا %5 ئىدى، ئەمما ھارلىي شىركىتىنىڭ موتوسىكىلىتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش لېنىيىسىدە لاياقەتسىز بولۇش نىسبىتى %60 - %50ئىدى، لاياقەتسىز بولۇشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى موتوسىكىلىتنىڭ زاپچاسلىرى ئامباردا ئوزۇن ساقلىنىپ داتلىشىپ كەتكەنلىكىدە ئىدى.
بىر بۆلەك تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ھارلىي شىركىتى ئاخىرى ئۆزىنىڭ رىقابەت جەريانىدىكى ئاجىزلىقىنى بايقاپتۇ. ھارلىي شىركىتى زر تۈركۈمدىكى زاپچاسلارنى ئىشلەپچىقىراتتى، ئاندىن ئۇنى ئامباردا ساقلاپ قوياتتى. ئەمما خوندا شىركىتى كۈندىلىك كېرەكلىك زاپچاسلارنى كۈندە ئىشلەپ چىقىراتتى، ئىشلەپ چىقارغانلىرىنى شۇ ۋاقىتتىلا ئىشلىتەتتى، بۇ خىل «ۋاقتىدا» ئىشلىتىش ئۇسۇلى خوندا شىركىتىنى كۆپ نەپكە ئېرىشتۈرگەن ئىدى، ھەم ساقلاش تەننەرخىنى تىجەپلا قالماستىن، يەنە زاپچاسنىڭ ئوزۇن ساقلىنىپ داتلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولاتتى. ھارلىي شىركىتى كومپيۇتېرئارقىلىق پۈتكۈل ئىشلەپچىقىرىش لېنىيىسىنى كونترول قىلىپ، ناھايىتى ئىلغار تېخنىكا ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ، بىراق بىر تۈركۈم ئەخلەتلەرنى ئىشلەپچىقىراتتى.
مەسىلىنىڭ نېگىزنى تاپقاندىن كىيىن، ھارلىي شىركىتى خوندا شىركىتىنىڭ ئامبار باشقۇرۇش سىستېمىسىنى كىرگۈزۈپ، خىزمەتچىلەر كومپىيوتىردا ئەمەس قولدا ئىشلەش ئارقىلىق سانلىق مەلۇماتلارنى سىتاتسىتكا قىلىشنى سۈپەتنىڭ ئاساسى قىپتۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ھارلىي شىركىتى يەنە ئامېرىكا تۇپرىقىغا يىلتىز تارتىپ، ئامېرىكىلىقلارنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىكى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئامېرىكىلىقلارغا ماس كېلىدىغان موتوسىكىلىتلارنى ئىشلەپ چىقىرىپتۇ،يەنە ئىلمىي بولغان ئادەم باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ئۆزىنى قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلدۇرۇپتۇ.
بەش يىلدىن كىيىن، ھارلىي موتوسىكىلىتلىرىنىڭ ئامېرىكا بازىرىنى ئىگەللەش نىسبىتى %46 گە يىتىپ، سېتىش سوممىسى 17 مىليون 700 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يىتىپتۇ.
يۇقىرىدىكى مىسالدىن بىلەلەيمىزكى، ھارلىي شىركىتىنىڭ خوندا بىلەن بولغان رىقابەتتە ئۇتۇپ چىقىپ ئامېرىكا موتوسىكىلىت بازىرىنى يىتەكلىيەلىشىدىكى سەۋەب، ئاساسلىقى ئۇ رىقابەتچىسىدىن ئۆگىنىشكە ماھىر بولغان، ھارلىي شىركىتى خوندا موتوسىكىلىتلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت تەجىرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ، ئۆز مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقى بىلەن بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق، ئاخىرى سېتىشتىكى قىيىن ئۆتكەلدىن قۇتۇلۇپ، دۇنياۋى خاراكتېرلىك موتوسىكىلىت ماركىسىغا ئايلانغان.
ئەگەرھارلىي شىركىتى قىيىن ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقان چاغدا، سوغۇققانلىق بىلەن خوندا شىركىتىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى تەھلىل قىلماي ۋە ۋاقتىدا خوندا شىركىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت تەجىرىبىلىرىنى يەكۈنلىمەي، ئەكسىچە خوندا شىركىتىنى يوقىتىشنى،يامان غەرەزلىك رىقابەت ۋە قانۇنسىز ۋاستىلەر ئارقىلىق خوندا شىركىتىنى زىيانغا ئۇچرىتىشنى ئويلىغان بولسا، ئۇنداقتا ھارلىي شىركىتىنىڭ ئىلگىرىلەش يولى ئۈزۈلۈپ قالغان، ھەتتا پۈتۈنلەي گۇمران بولغان بولاتتى.
شىركەت بىلەن شىركەت ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتكە ئوخشاش، بايلىق قوغلىشىش يولىدا ئادەم بىلەن ئادەم ئوتۇرىسىدىكى رىقابەتمۇ بۇ قائىدىگە بويسۇنۇشى كېرەك. ماقال – تەمسىللەردە:«ئۆزۈڭنى ئەر چاغلىساڭ، ئۆزگىنى شىر چاغلا» دىيىلگەن. ھەربىر ئادەمنىڭ ئىقتىدارى چەكلىك بولىدۇ، ھەمدە ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بولىدۇ، پەقەت ئاكتىپلىق بىلەن رىقابەتچىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت تەجىرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ، مەغلۇبىيەت ساۋاقلىرىنى يەكۈنلىگەندىلا، ئاندىن بايلىق يولىدا تېخىمۇ يىراققا بارغىلى بولىدۇ.
نۇرغۇنلىغان بايلار بۇ نۇقتىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان. جۇڭگولۇق مۇھاجىر باي لى جىياچېڭ ئۆزىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت تەجىرىبىلىرىنى يەكۈنلىگەن ۋاقىتتا، كىشىلەرنى رىقابەتچىدىن ئۆگىنىشكە ماھىر بولۇشقا، ئۇلارنى يوقىتىشنىلا ئويلىماسلىققا، ئۇلارنىڭ چىقىش يولىنى ئۈزۈپ قويماسلىققا چاقىرغان. ئۇنىڭدىن باشقا، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى بىرىنچى باي خۇشۆشىمۇ ھەرخىل ئاماللار بىلەن رىقابەتچىنى يوقىتىشتەك ئىدىيە ۋە ئۇسۇلغا قارىشى تۇرۇپ، رىقابەتچىنىڭ ھامان ئۆگىنىشكە تېگىشلىك تەرەپلىرى بارلىقىغا ئىشەنگەن.
قەدىمكىلەرنىڭ ئەقىل – پاراسەت خۇلاسىلانمىلىرىدىمۇ «تۆت قىلماسلىق»پىرىنسىپى گەۋدىلەندۈرۈلگەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرى دەل «ئەزىمەت يول بېرىشنى بىلىدۇ،» دىگەن ھېكمەت بولۇپ ،مەنىسى رىقابەتچىگە يۈزلەنگەندە ھەرگىزمۇ قىستاشقا، ئۇنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇشقا بولمايدۇ، رىقابەتچىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنغان ھامان، رىقابەتچىمۇ «قانغا قان، جانغا جان» ئالىدۇ – دە، ئاقىۋەتتە ھەر ئىككى تەرەپ زىيان تارتىدۇ.
بۇنىڭدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، رىقابەتتە ئۆز رىقابەتچىسىگە قانداق يۈزلىنىشمۇ بىزدىن ئۆگىنىشنى تەلەپ قىلىدىغان ئىلىم، ھەمدە رىقابەتچىگە مۇئامىلە قىلغاندىكى ئوخشىمايدىغان مۇئامىلىڭىز سىزنىڭ نامرات بولۇشىڭىز ياكى باي بولۇشىڭىزنى بەلگىلەيدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ باي بولماقچى بولغان دوستۇم، بايلارنىڭ رىقابەتچىسىدىن ئۆگىنىشكە ماھىر خاراكتېرىنى سىزمۇ ئۆگىنىۋېلىڭ! كەسكىن رىقابەتتىكى سىزنىڭ رىقابەتچىڭىز دەل سىز ئۆگىنىشكە تىگىشلىك ئوبيېكىت، چۈنكى ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىق ۋە ئەۋزەللىكى دەل سىزدە كەم بولغان جاي، سىز چوقۇم تولۇقلاشقا تىگىشلىك جاي. پەقەت كەمتەرلىك بىلەن رىقابەتچىدىن ئۆگىنىپ، ئۆزىڭىزنىڭ ئەۋزەللىكى بىلەن بىرلەشتۈرگەندىلا، سىز چوقۇم بايلىق رىقابىتىدە ئۇتۇپ چىقالايسىز.
بايلىقنىڭ بايانى:
بىر ھەقىقىي باي ناھايىتى ئەقىللىق ۋە ئۆتكۈر كېلىدۇ، ئۇنىڭ كۆڭلى – كۆكسى كەڭ بولۇپ، ھەرگىزمۇ دۈشمەنلىك نەزەردە رىقابەتچىسىگە يۈزلەنمەيدۇ، ھەمدە قانداق قىلىپ رىقابەتچىسىنى يوقىتىشنىمۇ ئويلىمايدۇ، ئەكسىچە ئۇلار تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت ۋە زېھنىنى قانداق قىلىپ رىقابەتچىسىدىن ئۆگىنىشكە قارىتىدۇ. ئۇلار رىقابەتچىسنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى ئۆزىنىڭ ھەقسىز دەرسلىكىگە ئايلاندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ مەغلۇبىيەت ساۋاقلىرىدىن ئېبىرەت ئالالايدۇ.
**************************************
مەنبە:خاربىن نەشىرياتى 2011-يىلى نەشىر قىلغان
<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك>> ناملىق كىتاب
تەرجىمە قىلغۇچى:ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى -ئويغۇر قاشتېشى تورى
WWW.UYHQT.CN
تەرجىمان:ئابدۇللا ئۆمەر
تەرجىمە تەھرىرى: رەيھانگۈل نىزام
2014-يىلى .جىياڭسۇ ئۆلكىسى ۋۇشى شەھىرى