نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > windows
كۆرۈۋاتقىنىڭىز [ windows ] دېگەن خەتكۈشكە مۇناسىۋەتلىك يازمىلار
رىۋايەتلەردىكى Windows 8؟ ئەجىبا كېيىنكى نەشىردىكى Windows بىر ئىنقىلاب ئېلىپ كېلەرمۇ؟

مىكروسوفت windows 7 نى بازارغا سالغاندىن باشلاپلا كېيىنكى نەشىردىكى مەشغۇلات سېستىمىسىغا بولغان ئېچىش خىزمىتىنى باشلىۋەتكەن بولۇپ، نۆۋەتتە يېڭى نەشىردىكى بۇ مەشغۇلات سېستىمىسىغا Windows 8 دەپ نام بېرىلگەن. بىراق توردا ئاشكارىلانغان بىر قىسىم ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، يېڭى بىر ئەۋلاد بۇ مەشغۇلات سېستىمىسىنىڭ يەنە Windows 2013 دېگەن ئاتىلىشى بولۇپ، يېڭى بىر ئەۋلاد …..

ھازىرغىچە 8,903 قېتىم كۆرۈلدى
كىچىك تېخنىكا: Windows 7 دە ۋەزىپە ستونىدا قانداق قىلىپ ھەپتە كۈن نامىنى كۆرسىتىمىز؟

windows 7 دىكى ۋەزىپە ستونىنىڭ ئوڭ بۇلۇڭىدا كۆرۈنىدىغان ۋاقىتنىڭ سۈكۈت قىممىتى يىل، ئاي، كۈن ۋە نۆۋەتتىكى ۋاقىتنىلا كۆرسىتىپ بېرىدىغان بولۇپ، شۇ كۈننىڭ ھەپتىنىڭ قايسى كۈنى ئىكەنلىكى كۆرۈنمەيدۇ. نۇرغۇن ئىشلەتكۈچىلەرگە نىسبەتەن، ھەپتە كۈن نامى كۆرۈنۈپ تۇرسا تېخىمۇ قولايلىق بولۇشى مۇمكىن، بۈگۈن دەل مۇشۇ كىچىك تېخنىكا بىلەن تونۇشۇپ ئۆتىمىز!

ھازىرغىچە 5,564 قېتىم كۆرۈلدى
Windows 7 دە XP دىكىگە ئوخشاش كلاسسىك باشلاش تىزىملىكىنى ئىشلىتىش – Classic Shell

Vista دىن بۇرۇنقى نەشىردىكى windows لاردىكى باشلاش تىزىملىكى ئەزەلدىن ئۆزگىرىپ باقمىغان، نۇرغۇن كونا كومپيۇتېرلاردا باشلاش(开始) – پروگرامما(程序) نى باسساق ئېكرانغا لىققىدە كەلگۈدەك قاچىلانغان پروگراممىلارنىڭ تىزىملىكى كۆرۈنەتتى. ئەمما Windows 7 ئۆزىدە بۇ خىل كلاسسىك باشلاش تىزىملىكىنى ئېلىپ تاشلاپ، ئورنىغا ئىزدەش رامكىسى قوشۇلغان يېڭىچە باشلاش تىزىملىكىنى دەسسەتكەن، گەرچە ئىشلىتىشكە ئاسان ۋە ئىقتىدارى …..

ھازىرغىچە 4,653 قېتىم كۆرۈلدى
بىر مەشغۇلات سېستىمىسى مەستانىسىنىڭ MS-DOS 5.0 تىن پەيدىنپەي Windows 7 گە ئۆرلەش جەريانى

يېقىندا بىر مەشغۇلات سېستىمىسى مەستانىسى YouTube غا مۇنداق بىر سىننى ئېلان قىلغان. يەنى ئۇ VMWare ئارقىلىق MS-DOS 5.0 نى قاچىلىغان، ئاندىن ئۇنى windows 1.0 گە كۆتۈرگەن، ئارقىدىن Windows 2.0 گە نەشىرىنى يېڭىلىغان، مۇشۇنداق تەرتىپ بويىچە پەيدىنپەي يېڭىلاپ، 3.2، ئاندىن Win95، ئاندىن Win98، كەينىدىن Windows Me، ئۇنىڭ ئارقىدىن 2000، …..

ھازىرغىچە 6,490 قېتىم كۆرۈلدى
Windows 8 تېخى ئېلان قىلىنمىدى، بىراق Windows ھەۋەسكارلىرىمۇ قاراپ تۇرمىدى!!

windows 7 مەشغۇلات سېستىمىسى بىزگە پۈتۈنلەي يېڭىچە بولغان بىر خىل كۆرۈنمە ئۈنۈم ئېلىپ كەلدى، نەپس لايىھە لەنگەن سېستىما كۆرۈنمە يۈزىمۇ نۇرغۇن ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ XP دىن ۋاز كېچىشىنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرى. Windows 7 نىڭ كۆرۈنمە يۈزى شۇنچە كۆركەم تۇرغان يەردە، كېيىنكى ئەۋلاد Windows 8 قانداق بولۇپ كېتەر ھە؟

ھازىرغىچە 6,832 قېتىم كۆرۈلدى
مىكروسوفت Windows نىڭ ئاپتوماتىك قوزغىتىش(AutoRun) ئىقتىدارىنى پۈتۈنلەي چەكلىۋەتتى…

10 نەچچە يىللىق ئارىسالدى بولۇش نەتىجىسىدە، مىكروسوفت بۈگۈن ئاخىرى windows نىڭ بارلىق نەشىرىدىكى AutoRun( ئاپتوماتىك قوزغىلىش ) ئىقتىدارىنى چەكلىۋەتكەنلىگىنى ئېلان قىلدى. AutoRun بولسا، Windows سېستىمىسىغا قولايلىق ئەپ كېلىدىغان، ئىشلەتكۈچىلەر USB لىق ئۈسكۈنە ياكى ياكى CD دېسكىسى قاتارلىق تاشقى ئېلىمېنتلارنى كومپيۇتېرغا ئۇلىغاندا، سېستىما ئاپتوماتىك ھالدا غول مۇندەرىجىدىكى Autorun.inf ھۆججىتىنى ئوقۇش ئارقىلىق بەلگىلەنگەن …..

ھازىرغىچە 7,254 قېتىم كۆرۈلدى
بىز بىلىدىغان ئەشۇ Windows ھەققىدە رىۋايەت(3)

سودا ( windows NT) ۋە ئائىلە (Windows 9x) مەشغۇلات سىستېمىسىدىن ئىبارەت ئىككى ئۇرۇش سېپىدە بىر قاتار غەلبىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن Microsoft شەخسىي كومپيۇتېر مەشغۇلات سستېمىسىنى ئاللا بۇرۇن پىشىپ يېتىلگەن NT يادرو ئاساسىدا قۇرۇشنى ئويلىشىدۇ. ھالبۇكى بۇ قېتىملىق بۇرۇلۇش ھازىرغا قەدەر بازىرى ئەڭ ياخشى بولغان مەشغۇلات سىستېمىسى نى ئېلىپ كېلىدۇ…

ھازىرغىچە 6,609 قېتىم كۆرۈلدى
بىز بىلىدىغان ئەشۇ Windows ھەققىدە رىۋايەت(2)

Windows ھەققىدىكى رىۋايەت تېخى ئەمدىلەتىن باشلانغان بولۇپ، windows 3.5 تىن كېيىن چىققان يەنە بىر ئىنقىلاب خاراكتېرىدىكى مەشغۇلات سېستىمىسى Windows 95 دەل مۇشۇ مەزگىلدە بازارغا سېلىنغان. Windows نىڭ تا ھازىرقى قەدەر چىقىۋاتقان نەشىرلىرىدىن Windows 95 نىڭ سىماسىنى تولۇق كۆرۈۋالغىلى بولىدىغان بولۇپ، شۇ ۋاقىتتىكى كۆرۈنمە يۈز، بۈگۈنكى دەۋردىكى Windows ئۈچۈن بىر …..

ھازىرغىچە 4,287 قېتىم كۆرۈلدى
بىز بىلىدىغان ئەشۇ Windows ھەققىدە رىۋايەت(1)

50 ياشلىق Bill Gates دۇنيادىكى ئەڭ باي ئادەم، 30 ياشلىق Microsoft دۇنيادىكى ئەڭ ئۇتۇقلۇق يۇمشاق دېتال شىركىتى، 20 ياشلىق windows دۇنيادىكى ئىشلىتىلىش دائىرىسى ئەڭ كەڭ بولغان مەشغۇلات سىستېمىسى . ئۇلارنىڭ ھېكايىسى، ئۇزۇندىن بېرى كىشىلەرنىڭ ئاغىزىدىن چۈشمەيدىغان تىپىك تېما بولۇپ كەلمەكتە.

ھازىرغىچە 5,212 قېتىم كۆرۈلدى
ئەخلەت ساندۇقىدىكى ھۆججەتلەرنى ۋاقىت تەرتىۋى بويىچە تازىلاش قورالى – BinManager

بىلمىدىم كەڭ تورخۇمار دوستلار windows تىكى ئەخلەت ساندۇقى نى قانداق باشقۇرىدىكىن؟ مەن دائىم ئەخلەت ساندۇقىنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى ئۇنتۇپ قالىمەن، شۇنداق بىر كۈنى قاتتىق دېسكىنىڭ بوشلۇقى يېتىشمەي قالغاندىلا، ئاندىن ئېسىمگە كېلىپ ئەخلەت ساندۇقىغا بېرىپ قاراپ باقىمەن ۋە تېخى تازىلانمىغان نەچچە GB لىق ھۆججەتلەرنى بايقاپ قالىمەن. بۇنداق قىلىشنىڭ ئارتۇقچىلىقى، كېيىن تۇيۇقسىز …..

ھازىرغىچە 4,264 قېتىم كۆرۈلدى
Windows تىكى كۆك ئېكران بولۇۋېلىش ئەسلى مۇنداق باشلىنىپتىكەن…

گەرچە ھازىر Windows مەشغۇلات سېستىمىسىنىڭ مۇقىملىقى خېلى زور دەرىجىدە ياخشىلانغان بولسىمۇ، ئەمما ئىشىنىمەنكى، خېلى كۆپ ساندىكى windows ئىشلەتكۈچىلەر چوقۇم Windows تىكى كۆك ئېكران ھادىسىسىنىڭ تەمىنى چوقۇم تېتىپ باققان، بۇ بولسا ئەينى يىلى ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق Windows 98 نى ئېلان قىلىش يىغىنى بولۇپ، يىغىندا بىلگەيتىس Win98 نىڭ USB ئىقتىدارىنى سىناپ كۆرسەتمەكچى بولغاندا، ئويلىمىغان يەردىن كۆك ئېكران(Blue Screen) …..

ھازىرغىچە 7,749 قېتىم كۆرۈلدى
Windows سېستىما خەت نۇسخىسىنى ئۆزىمىز خالىغانچە بەلگىلەش قورالى – Microangelo On Display

ھازىر بىر قىسىم يۇمشاق دېتال ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان پىدائىيلىرىمىزنىڭ تىرىشىشى نەتىجىسىدە، ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان يۇمشاق دېتاللار خېلى كۆپ ساننى ئىگىلەپ قالدى. بىراق windows نىڭ كۆڭۈلدىكى سېستىما خەت نۇسخىسى ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىغا تەڭشەلمىگەن بولغاچ، بۇ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان يۇمشاق دېتاللارنى Windows تا ئىجرا قىلغىنىمىزدا، خەت نۇسخىسى نورمال كۆرۈنمەيدىغان ياكى ئەرەپچىدەك كۆرۈنىۋالىدىغان ئەھۋال مەۋجۇد. ئادەتتە …..

ھازىرغىچە 11,922 قېتىم كۆرۈلدى

无觅相关文章插件,快速提升流量