![]() ياسىن زىلال ) “تارىم” ژۇرنىلى نەشرىياتىنىڭ باشلىقى، باش مۇھەررىر، شائىر): ھۆرمەتلىك يىغىن ئەھلى ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خۇاڭ يۇڭجۈن ئەپەندىنىڭ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى، رەئىسىمىز ئازات سۇلتان ئەپەندىمنىڭ بىۋاسىتە قاتنىشىشى بىلەن بۈگۈنكى بۇ يىغىن ئېچىلدى. بۈگۈنكى بۇ يىغىن “تارىم” ژۇرنىلىنىڭ تەھرىر ھەيئەتلەر كېڭەيتىلگەن يىغىنى بولۇپ، مەزمۇنى نۇقتىلىق ھالدا ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىگە قانداق ۋەكىللىك قىلىش، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت، كۆز ئالدىمىزدىكى ئەھۋاللارغا قانداق مۇئامىلە قىلىش، قانداق قىلىپ خەلقىمىزنى ئىلغار مەدەنىيەت بىلەن يېتەكلەش ۋە تەربىيەلەش، خۇراپاتلىق بىلەن ئىلغارلىقنى پەرقلەندۈرۈش، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ خاتىرجەم، ئىناق تۇرمۇش كەچۈرۈشى ۋە ئۇلارنىڭ ئاسايىشلىقى ئۈچۈن ئەدەبىيات - سەنئەت خادىملىرى دەۋرنىڭ چاقىرىقى، تەلىپىنى قانداق تەشەببۇس قىلىش، بىر ئەدەبىيات - سەنئەت خادىمى، بىر يازغۇچى، شائىر، سەنئەتكار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتكە قانداق ماسلىشىش، خەلقىمىزنى قانداق يېتەكلەش قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. ھازىر ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە، مەملىكىتىمىز بويىچە ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، شىنجاڭنىڭ مۇرەككەپ ۋەزىيىتىنى توغرا تەھلىل قىلىش، خەلقنى توغرا يېتەكلەش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ناھايىتى كۆپ خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. “تارىم” ژۇرنىلى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بايراقدارى ۋە پاراۋۇزى بولۇش سۈپىتى بىلەن پارتىيە، ھۆكۈمىتىمىزنىڭكى بىزدىن كۈتكەن تەلىپى ۋە ھازىرقى ئىجتىمائىي ھالەتلەرگە بولغان پوزىتسىيەسى قاتارلىق جەھەتلەردە، بىر قەدەم ئالدىدا مېڭىشى زۆرۈر. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن بىز ئۇستازلىرىمىزنى، قەلەمكەش دوستلىرىمىزنى بۇ يەرگە چاقىرىپ، سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈشنى ئويلاشتۇق. ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسى، بولۇپمۇ خۇاڭ يۇڭجۈن شۇجى، ئازات سۇلتان رەئىس ناھايىتى كۆڭۈل بۆلدى. بۇ قانداقتۇر “تارىم” ژۇرنىلىنىڭ ئادەتتىكى يىغىنى بولۇپلا قالماي، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭمۇ يىغىنى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا يولداشلار كەڭ - كۇشادە ئۆزىنىڭ پىكىرلىرىنى، نۆۋەتتىكى ئەھۋاللارغا قارىتا كۆز قاراشلىرىنى، خەلقىمىزنى قانداق قىلىپ مەدەنىي دۇنياغا، ئىلغار بىر جەمئىيەتكە باشلاش، قالاق، خۇراپىي، بىدئەت، ئاللىقاچان تارىخنىڭ سىناقلىرىدىن شاللىنىپ كەتكەن نەرسىلەرنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشىگە يول قويماسلىق قاتارلىق جەھەتلەردە ئويلىغانلىرىنى دەپ باقسا. تۆۋەندە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبيات - سەنەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، ئۇستازىمىز ئازات سۇلتان ئەپەندىنى بىر - ئىككى ئېغىز سۆز قىلىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلساق. |