نادىر ئەسەرلەر بىلەن خەلقنى ئىلغارلىققا يېتەكلەيلى(8)

يوللانغان ۋاقتى:07-01-2014   مەنبە: Tarimweb.com   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 9 پارچە
ئەنۋەر ئابدۇرېھىم (تارىم ژۇرنىلىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى، ئەدەبىي ئوبزورچى): مۇشۇنداق يىغىنلارنى ئېچى

ئەنۋەر ئابدۇرېھىم (“تارىم” ژۇرنىلىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى، ئەدەبىي ئوبزورچى):
مۇشۇنداق يىغىنلارنى ئېچىپ تۇرغاننىڭ پايدىسى باركەن، دەپ ئويلاپ قالدىم. ئۆتكەندە ئىدارىدە بىر قېتىم مۇشۇنداق يىغىن ئېچىلغان، ئۇ يەردە مەن كۆز قاراشلىرىمنى دېگەن. شۇ يىغىندىن كېيىن بىر ماقالە يازغۇم كەپ قالدى، مەن ئاشۇ ئىش توغرۇلۇقلا قىسقىچە سۆزلەپ ئۆتەي. مۇشۇ ئىشلار بىزنىڭ ئىچىمىزنى تىت - تىت قىلىۋاتقانلىقى راست. مۇشۇنداق سۆھبەت يىغىنلار ئارقىلىق ھۆكۈمەتكىمۇ بەزى تەكلىپلەرنى بەرگىلى بولىدۇ. بالىلىرىمنىڭ بىر شىركىتى بارتى، بىر قىز بالىنى يۆلەپ قويايلى، تۇغقانلارنىڭ قىزىكەن، تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتكۈزۈپ ئۆيدە ئولتۇرۇپ قاپتۇ دەپ بالىلىرىم غۇلجىدىن ئېلىپ كەلدى. بۇ قىز كۆزىدىن باشقا ھەممە يېرىنى ئورۇۋاپتۇ. بىر ھەپتە خىزمەت ئىشلىگەندىن كېيىن يۈزىنى ئازراق ئاچتى. بۇ قىز بىز بىلەن تېلېۋىزور كۆرمەيدۇ. دەسلەپ دىققەت قىلماپتىمەن، ئارىدىن خېلى ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، قىزىم نېمىشقا تېلېۋىزور كۆرمەيسىز دېسەم، ئاللا راۋا كۆرمەيدۇ، يامان بولىدۇ دېدى. ھەيران قالدۇق، بارا - بارا يەنە مۇنداق ئىشلىرىمۇ مەلۇم بولدى: تورغا چىقسىمۇ يامان بولىدۇ، ناخشا ئېيتسىمۇ يامان بولىدۇ، ساز ئاڭلىسىمۇ يامان بولىدۇ، ساز چالسىمۇ يامان بولىدۇ دېگەندەك. شۇنىڭدىن كېيىن بىر ئاينى ئاران توشقۇزۇپ، غۇلجىغا يولغا سېلىپ قويدۇق. مۇشۇ ئىشتىن كېيىن بىر ماقالە يازغۇم كەپ قالدى. ھازىر مۇشۇ جەمئىيەتتە ھەقىقەتەن تەرەققىياتقا قارشى، يېڭىلىققا قارشى، ياشلارنى قاراڭغۇلۇققا، نادانلىققا تارتىدىغان مۇشۇنداق بىر تەتۈر ئېقىم بار ئىكەن. كىيىم - كېچەكمۇ شۇنىڭغا چېتىلىدۇ. مۇشۇ جەھەتتە مەن مۇنداق ئىشلارنىمۇ ھېس قىلىپ قالدىم. “5 - ئىيۇل ۋەقەسى”دىن كېيىن ھۆكۈمەت غۇلجىدىن بىزنىڭ بىر تۇغقانلارنىڭ قىزىنى ئەكىلىپ بەيگە مەيدانى ساقچىخانىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى. بۇ قىز بەزى كۈنى كېلىپ مۇنداق دەيدۇ: “ۋاي، بىز بۈگۈن روپاش خوتۇنلاردىن 15نى قامىدۇق”. راست، مېنىڭمۇ ھەقىقەتەن ئىچىم تىتىلدايدۇ مۇشۇ ئىشلارغا، لېكىن قوپاللىق قىلىپ ئۇنى تارتىپ، قاماپ قويىدىغان مۇنداق ئىشنى قىلساڭ بولمايدۇ، ئۇنداق قىلساڭ تېخىمۇ ئەۋج ئېلىپ كېتىدۇ، ئۇنداق قىلماڭلار دەپ قويدۇم. يەنە ساقال توغرۇلۇق بىر گەپ ئاڭلاپ قالدىم. يېقىندا ئالتايلىق بالىلارنىڭ بىر مەسلىھەت چېيىغا بارسام، جەنۇبقا بېرىپ كەلگەن بىر بالا، يېزا باشلىقلىرىغا پايدا بولدى مۇشۇ ساقال مەسىلىسى، دەيدۇ. قانداق دېسەم، شۇ ساقاللىقلارنى تۇتۇپ قاماپ قويىدىكەن، قامىغاندىن كېيىن ساقىلىنى ئېلىۋېتىدىكەن، 500 يۈەن جەرىمانە قويىدىكەن. بۇ جەرىمانىنى ھۆكۈمەتكە بەرمەي كادىرلار ئۆزى ئالىدىكەن. بېيىيدىغاننىڭ يېڭى بىر يولى چىقتى دەپ مەسخىرە قىلىپ كەتتى. شۇڭا مېنىڭچە بىز مۇشۇنداق بەزى نەرسىلەرنى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا ئىنكاس قىلىپ قويمىساق بولمايدۇ، بۇمۇ بىر خىل مەسئۇلىيەت. مېنىڭچە نورمال، ساغلام دىنىي ئېتىقادنى قوغدىمىساق، ئۇنىڭغا زەربە بەرسەك ياكى قوپاللىق قىلساق، قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەت ئەۋجىگە چىقىدۇ، يامان نىيەتلىك كىشىلەر پايدىلىنىپ كېتىدۇ. شۇڭا ئەمدى بۇ جەھەتتە پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭمۇ، بىزنىڭمۇ مەسئۇلىيىتىمىز بار، ئەدەبىي ئەسەرلەردە، ماقالىلەردە ئىككىلا نۇقتىدىن يورۇتۇشقا ئەھمىيەت بەرگىنىمىز ياخشى. شۇنداق قىلغان ۋاقتىدا گېپىمىزنىڭ قايىل قىلىش كۈچى بولىدۇ، ئۈنۈمى بولىدۇ. ئاشۇنداق خۇراپىي، قالاق، نادان نەرسىلەر تۈپەيلى كېلىپ چىققان مەسىلىلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
ياسىن زىلال:
يولداشلار، يىغىنىمىز ناھايىتى ياخشى بولۇۋاتىدۇ، پىكرىمىز سەل چېچىلىپ قالدى، ئازراق دىققىتىمىزنى مەركەزلەشتۈرسەك. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن پىروفېسسورلار يىغىنغا كەپتۇ، شۇلارنى سۆزگە تەكلىپ قىلساق.
ئوسمان ئىسمائىل تارىم (شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى):
مەن بىر - ئىككى ئېغىز گەپ قىلاي، ھازىرقى بىزنىڭ بۇ يەردە ئاساسىي مۇھاكىمە قىلىۋاتقان مەسىلىمىز ئىسلام ئەسەبىي ئىدىيەسىنىڭ شىنجاڭدىكى تەسىرى مەسىلىسى، بۇ مەسىلە ئۈچ - تۆت يىلدىن بۇيان گەۋدىلىنىپ قالدى. مەن ئۆتكەن يىلى 5 - ئايدا قومۇلغا بارغان. قارا دۆۋىگە چىقتىم، ئەلنەغمىچىلەر مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە يامان تەستە توپلاندى. ئۇلار بىزگە ئىشىكنى مەھكەم تاقاپ ئازراق نەغمە قىلىپ بەردى. نېمە بولدى دەپ سورىسام، ئۇلار ناخشا ئېيتىش، ساز چېلىش بىزنىڭ بۇ يەردە ئومۇميۈزلۈك مەنئى قىلىنغان ھەرىكەت، ئەتە - ئۆگۈن بىزگە گەپ بولىدۇ دېدى. كېيىن ئۇقتۇم، قارا دۆۋىدە شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە تېلېۋىزور ئومۇميۈزلۈك مەنئى قىلىنغانىكەن، بەزىلەر كېچىسى ئورنىدىن قوپۇپ تېلېۋىزور كۆرسە، شۇنىمۇ باشقىلار بىلىپ قېلىپ، تېلېۋىزورنىڭ سىمىنى كېسىۋېتىدىكەن. پۈتۈن قارادۆۋە بويىچە تېلېۋىزور يوقكەن، ئاڭلىسام يېقىندا ھۆكۈمەت تەدبىر قوللانغاچقا، قايتىدىن تېلېۋىزور كۆرىدىغان بوپتىمىش. بۇ ئەھۋال ماڭا ناھايىتى تەسىر قىلدى. قومۇلدا مۇشۇنداق بوپ كېتىۋاتسا، باشقا جايدا قانداق بوپ كېتىدۇ؟ بۇ مەسىلە مېنى ناھايىتى قاتتىق ئويلاندۇردى. مەن 7 -، 8 - ئايلاردا تۆت نەپەر ئاسپىرانتىمنى باشلاپ قەشقەر، خوتەن رايونلىرىغا بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولدۇم. تەكشۈرگەندىن كېيىن مەسىلىنىڭ ھەقىقەتەن ئېغىرلىقىنى، ئىسلام رادىكال ئىدىيەسىنىڭ بىزگە كۆرسەتكەن تەسىرىنىڭ ئىنتايىن يامان ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم، مەن تەكشۈرۈش جەريانىدا ئىسلام رادىكال ئىدىيەسىنىڭ بىزگە ئېلىپ كەلگەن زىيانلىرى مۇنداق تۆت تەرەپتە ئىپادىلىنىدىكەن دەپ قارىدىم. بىرى، جەمئىيەتنىڭ ئامانلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش مەسىلىسى؛ ئىككىنچىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت، زامانىۋى مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىش مەسىلىسى. زامانىۋى مەدەنىيەت، تەرەققىياتنى چەكلەش، بۇ جەھەتتىكى مەسىلىمۇ ئىنتايىن ئېغىر. بالىلارنى مەكتەپلەرگە ئەۋەتمەسلىك، پەننىي مەكتەپلەرگە قارشى تۇرۇش ناھايىتى ئېغىر. ئۇلار پەننىي مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسى يات دىندىكىلەرنىڭ مەكتىپى، بۇ مەكتەپكە بالىلىرىمىزنى بەرگەنسېرى دىنسىزلىشىپ كېتىدۇ دەيدۇ. مانا مۇشۇنداق تەشۋىقاتنىڭ تۈرتكىسى بىلەن نۇرغۇن جايلاردا بالىلىرىنى مەكتەپتىن قاچۇرۇۋېلىپ نادان قالدۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاساسلىق دەۋاتقان شوئارى ياكى كۆر قارىشى: تېلېۋىزور شەيتاننىڭ سىمۋولى، بۇنى كۆرۈشكە بولمايدۇ، مەنئى قىلىنغان دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يات دىندىكىلەر ياسىغان نەرسىنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. بۇنداق بولغان ۋاقتىدا بىر مۇنچە زامانىۋى تۇرمۇش قوراللىرى، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىغا قارشى تۇرىدۇ. يات دىندىكىلەر ياسىغان ماشىنىدا ئولتۇرۇشقا بولمايدۇ، ئايروپىلاندا ئۇچۇشقا بولمايدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭدا مەن بىلىدىغان بىر - ئىككى ئائىلىلىك بار، بۇ ئىككى ئائىلىلىك يىراق جايغا ئۆي سېلىپ ئولتۇرىدۇ. بۇلار ھازىر بازارغا بارمايدۇ، ھۆكۈمەت ياسىغان ئاسفالت يولدا ماڭمايدۇ. ئۇلارنىڭ ماڭىدىغان يولى نېمە دېگەندە، ئۆيى بىلەن دېھقانچىلىق قىلىدىغان يەرگە بىر چىغىر يول ياسىۋاپتۇ، شۇ يولدا ماڭىدىكەن. ئۆزى ئاشلىقنى تېرىپ، ئۆزى بېرىپ تۈگمەندە ئۇن تارتىپ ئەكىلىپ يەيدىكەن. ئۇ ئۆيدە ئېلېكتىر چىراغ يوق، تېلېۋىزور يوق، بۇلار مانا مۇشۇنداق ھايات كەچۈرىدۇ. نېمىشقا؟ ئاۋۇلارنىڭ ھەممىسى يات دىندىكىلەرنىڭ نەرسىسى دەپ قارىغاچقا، بۇ ئويلىنىدىغان مەسىلە؛ ئىككىنچىسى، ئىسلام ئەسەبىي ئىدىيەسىدىكىلەر بىزنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىمىزگە ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ. بۇ جەھەتتىكى ئەھۋالمۇ ئىنتايىن ئېغىر. بۇنىڭ ئىچىدە تىپىك مەسىلە سەنئەتكە قارشى تۇرۇش. جەنۇبىي شىنجاڭ، بولۇپمۇ قەشقەر، خوتەننىڭ بىر قىسىم رايونلىرىدا ناخشا ئېيتىشقا، ئۇسسۇل ئويناشقا ئومۇميۈزلۈك رۇخسەت قىلىنمايدۇ. مەشرەپ ئۆتكۈزۈشكە بولمايدۇ، مەن ئاشۇنداق كۆز قاراشتىكىلەر بىلەنمۇ سۆزلەشتىم. نېمە ئۈچۈن مەشرەپ ئۆتكۈزۈشكە بولمايدۇ، نېمە ئۈچۈن ناخشا ئېيتىش، ئۇسسۇل ئويناشقا بولمايدۇ؟ ئۇلارنىڭ دەۋاتقىنى ناخشا - ئۇسسۇل، بولۇپمۇ ناخشىدا كۆپرەك مۇھەببەت مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ، مۇھەببەت قىز - ئاياللارنى گۇناھ ئۆتكۈزۈشكە يېتەكلەيدىغان نەرسە، شۇڭا بۇنى ئېيتىشقا بولمايدۇ. مەشرەپ بولسا بۇ ئەر - ئايال ئىككەيلەن ئوتتۇرىغا چۈشۈپ، بىر - بىرىگە بېقىشىپ ئۇسسۇل ئوينايدىغان نەرسە، باشقا بىر ئادەمنىڭ خوتۇنى بىلەن باشقا بىر ئادەمنىڭ ئېرى ئىككىسى بىر - بىرىگە بېقىشىپ ئۇسسۇل ئوينىسا بۇ بولمايدۇ، شۇڭا بۇ مەشرەپنىڭ ئۆزى قائىدىگە چۈشمەيدۇ دېيىشىدۇ. ئۇلار توينى مەسچىتتە ئۆتكۈزۈشنى تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ. مەسچىتتە نىكاھ ئوقۇش كېرەك، مەسچىتنىڭ ئۆزىدە قازان ئېسىش كېرەك دېگەننى تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ. بىر قىسىم رەسساملىرىمىز، ھەيكەلتىراشلىرىمىزغا ھۇجۇم قىلىۋاتقانلار بار. ئەنئەنىۋى پائالىيىتىمىزدىن نورۇزغا قارشى تۇرىدۇ. نورۇز دېگەن ئاتەشپەرەسلىك دىنىنىڭ قائىدىسى، بۇ ئىسلام دىنىدا يوق، بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزگەنلەر كاپىر، كىم ئۆتكۈزەلەيدىكەن قېنى... دەپ تەھدىت سالغانلار بار. ئاياللارنىڭ چىرايلىق ئەتلەس كىيىملىرى، دوپپىسى چەكلىنىۋاتىدۇ. “ئىسلام دىنىنىڭ قائىدىسىگە بۇ ئەتلەس كۆڭلەك، دوپپىلار بولمايدۇ” دەپ قارىلىۋاتىدۇ. دېمەك، ھازىر كىيىم - كېچەك مەدەنىيىتىمىزگىمۇ، نەزىر - چىراغ، ناخشا - ئۇسسۇل پائالىيىتىمىزگىمۇ قارشى چىقىدىغان ئەھۋال كۆپىيىپ قالدى؛ تۆتىنچىسى كىشىلىك ئەركىنلىككە، كىشىلىك ھوقۇققا قارشى تۇرىدىغان ئەھۋال بار، ئۇنى قىلساڭمۇ يامان بولىدۇ، بۇنى قىلساڭمۇ يامان بولىدۇ، دەپ نۇرغۇن ئادەمنىڭ كىشىلىك ئەركىنلىكىنى بوغۇۋاتىدۇ. بولۇپمۇ بۇ يەردە ئاياللار مەسىلىسى گەۋدىلىك، ئاياللار جەمئىيەتتە خىزمەت قىلسا بولمايدۇ، ئاشكارا سورۇنلارغا بارسا بولمايدۇ، ئۇنىڭ ۋەزىپىسى بالا بېقىش، ئېرىنى كۈتۈش دەپ ئاياللارنى ئۆيگە سولاپ قويىدىغان ئەھۋاللار بار. بىر قىسىم رايونلاردا ئاياللارنى خىزمەت قىلىشتىن چەكلەۋاتىدۇ. مېنىڭ ئاخىرىدا دېمەكچى بولغىنىم: بىز ئۇيغۇرلارنىڭ زىيالىيلىرى، يازغۇچىلار، تەتقىقاتچىلار، نەشرىيات خادىملىرى. مەن سىياسىي نۇقتىدىن ھېچنېمىنى ئويلىمىدىم، ئۇنى ئويلايدىغان سىياسەتچىلەر بار، ھۆكۈمەت بار، مەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت نۇقتىسىدىن ئويلاۋاتىمەن، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىيات نۇقتىسىدىن ئويلاۋاتىمەن. بىز يېڭى مەدەنىيەتكە قەدەم قويغىلى 100 يىل بولدى، ئابدۇقادىر داموللا باشچىلىقىدىكى قەشقەردىكى يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتى بىزگە نۇرغۇن يېڭىلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. شۇنىڭدىن كېيىن پەننىي مەكتەپلەر ئومۇملاشتى، زامانىۋى مەدەنىيەت بىلەن ئۇچراشتۇق. 100 يىلدىن بۇيان مۇشۇنداق تەرەققىياتلارنى بېسىپ ئۆتتۇق. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، بىز يەنە 100 يىل بۇرۇنقى ئاشۇ جەمئىيەتكە قايتامدۇق؟ بىز سۈكۈت قىلىپ ئولتۇرۇۋېرەمدۇق؟ بىز بىر زىيالىي بولغان ئىكەنمىز ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئويلانمامدۇق؟ بىز ھەرقانداق مەسىلە ئالدىمىزغا كەلگەن ۋاقتىدا، مۇشۇ ئىش ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۇيغۇنمۇ ئۇيغۇن ئەمەسمۇ دەپ ئويلىشىمىز كېرەك. ئەگەر ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا پۇتلىكاشاڭ بولسا، بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بولسا، ئۇنداق ئىدىيەنىڭ بىزگە كېرىكى يوق. بىز ئەمدى سۈكۈت قىلىپ ئولتۇرۇۋەرسەك بولمايدۇ. ھەممىمىز تەڭ ھەرىكەتكە كېلىپ، بۇنىڭدىن 100 يىل بۇرۇن قوزغالغان ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئويغىنىش ھەرىكىتىنى، نەتىجىلىرىنى قوغداپ قالايلى.



ھالقىلىق سۆزلەر : تارىم، مەدەنىيەت، سۆھبەت


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار